پۇرىغان جەسەت (پوۋسىت) 4 - قىسىم - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 

پۇرىغان جەسەت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( پوۋسىت  )4 - قىسىم 


  شۇنىڭدىن كىيىنلا شۇنچىلىك تەمبەل كەلگەن ھاشىم ئاكا بىر نەچچە ياش قىرىپ كەتتى ، ئۇ ئاز كەلگەندەك يۈرەك كىسىلى ئۇنى قىناۋاتاتتى .

شۇ ئىشتىن كىيىن سانىخان ھەدە ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغىلى بىر نەچچە كۈن بولغان ۋاقىت ، سۇپا ئۈستىدە سانىخان ھەدە سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ يىنىدا رازىيە  يىغلامسىراپ ئولتۇراتتى ، بۇ بىر نەچچە كۈندە بۇ ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىپ باقمىغان بولسۇمۇ بۇ بىر ئائىلىلىكنىڭ يەيدىغان ، ئىچىدىغىنىنى قۇلۇم ـ قوشنىلىرى ئەكىرىپ بىرىۋاتقان بولۇپ بۇ بەخىتسىزقوشنىسىغا قوشنىلىق مېھرىنى ھەق دابىغا يەتكۈزۈپ ھىس قىلدۇرغان شۇ سەۋەپ ھەر قىتىم قوشنىلار ئۇنى ـ بۇنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە بولسا سانىخان ھەدە مىننەتتارلىقتىمۇ ، ياكى خىجىللىق تۈپەيلىمۇ بىر يانغا قاراپ يىتىۋالاتتى. قوشنىلار بولسا كىرىپ ئەھۋال سوراپ ، ئەكىرگەنلىرىنى رازىيەگە بىرىپ ، بۇ ئۇزۇن يىللىق مېھرىبان  قوشنىسىغا ، ئۇنىڭ بىشىغا كەلگەن بۇ كىلىشمەسلىككە قاراپ ئىغىر تىنىپ قوياتتى دە ، چىقىپ كىتەتتى .

  دىمىسىمۇ ، سانىخان ھەدە بۇ ئائىلىگە كىلىن بوپ كەلگەندىن باشلاپ بۇئۆينىڭ گۈل گۈللىرىنى دەل جايىغا قوندۇرۇپ ، ئۇنىڭ غۇنچىلىنى ئۆز كۆڭۈل شەربەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ كىلىۋەتقان ، ھەتتا مەھەلىدىكى شۇ قۇلۇم ـ قوشنىلارنىڭ كۆڭۈل باغلىرىغا ئىناقلىق ،  شاتلىق ، مېھرىبانلىق ئۇرۇقلىرىنى چىچىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . شۇڭىلاشقا سانىخان ھەدە ئۆزىنىڭ جانلىقلىقى ، ئىشچانلىقى ، مىھنەتكەشلىكى بىلەن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنەتتى .  مانا ، رەھىمجان يوقاپ كەتكەندىن كىيىن بو ئائىلە ، بۇ ئىللىق بىر باغچە بىر قىتىملىق بوران ـ چاپقۇندا توزۇپ ، قۇرۇپ قاقشال بوپ كەتكەن گۈل بەرگىلىرى سەرسان بولۇپ كەتكەن بىر قۇرۇق كۆچەتلىك باغدەك تۇيغۇ بىرەتتى . بۇ قىتىملىق قارا بوراندىن كىيىن بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالى باشقىچە ھاشىم ئاكا بۇئائىلېنىڭ بارلىق ئىغىر ـ يىنىك ئىشلىرىنى ئۆز زىمىسىگە ئالغان بولۇپ كۈندىن ـ كۈنگە كەم سۆز ، ئويچان بولۇپ قالغان ئىدى .

رازىيە بولسا ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ئاكىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن دائىم يىغا ـ زارە بىلەن ئۆتىدىغان ، كىسەلجان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ، قۇرۇبىنىڭ يىتىشىچە ئۆيلەرنى سىرىپ ـ سۈپۈرۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى تولا يىغلىغانلىق تۈپەيلىدىنمۇ ئىشىپ كەتكەن ئىدى .

  بۇگۈن ئاسىخان ھەدە خىلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى . ئۇ بۈگۈن ئۆزى مىڭىپ يۈرۈپ رازىيە بىلەن ھاشىم تاغىنى خىلى خۇش قىلىۋەتتى .

بۈگۈن چۈشكە يىقىن ئاسىخان ھەدىنىڭ بىر تۇققان سىڭلىسى مەرەمنىساخان خىنىم ئاچىسىنى يوقلاپ چىققان ئىدى. مەرەمنىساخان خىنىم بولسا سانىخان ھەدىنىڭ بىر تۇققان  سىڭلىسى بولۇپ ، شەھەر ئىچىدىكى ھۈسەيىن ھاجىم ئىسىملىك بىر سودىگەرگە ياتلىق بولغان ئىدى . مەرەمنىساخان خىنىم ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىقتىزادىنىڭ ياخشى بولىشىغا قارىماي ، كىبىر ـ تەمەننادىن يىراق ، ئاقكۆڭۈل ، مېھرىبان ئايال ئىدى . ھۈسەيىن ھاجىممۇ ئاتا مىراس زەرگەرچىلىك دۇكىنى ئاچىدىغان ئادەم بولۇپ ، سەمىمىي ،خۇشپىئىل، ھەم خىلى يۈز ـ ئابرويلۇق سودىگەر ئىدى. يىقىنداتىخى بۇ ئەر خوتۇنلار مەككە  مۇكەرەمگەبىرىپ ھەج قىلىپ كەلگەندىن كىيىن يۈز ئابرۇيى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى .

  بۇ ئىككى ئائىلە بۇرىندىن ئىتىبارەن ئىزدىشىپ ، ئۆزئارا بىرىش ـ كىلىش قىلاتتى .بۈگۈنمۇ مەرەمنىسا خىنىم ئاچىسىنىڭ ئامراق ئوغلى رەھىمجاننىڭ ئىچ ئاغرىقىدانىمجان بولۇپ  قالغىنىنى بىلىپ ئالاھىدە يوقلاپ چىققان ئىدى بىر تۇققان ئاچىسىى كۆرگەن ئاسىخان ھەدە خىلى روھلىنىپ قالغان ئىدى. بۈگۈن بۇئىككى ئائىلىلىك خۇشال بىر كۈنى ئۆتكۈزۇپ مەرەمنىساخان خىنىم شەھەرگە قايىتتى . بۇ ئۆيدە يەنە ھاشىم ئاكا ، رازىيە ، ئاسىخان ھەدە بىر ـ بىرىگە قاراپ ئازاپلىق تىنىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى .

  كەچ ، ھەممە قورساقلىرىنى ئەستەرلىۋالغاندىن كىيىن يىتىپ قىلىشتى . نىمىشقىكىن بۈگۈن ئاسىخان ھەدە يالغۇز يىتىشنى خالاپ قالدى دە ھاشىم ئاكا بىلەن رازىيە دالان ئۆيگە  چىقىپ ياتتى . يىرىم كىچە ، ھەممە شىرىن ئۇيقىدا ، ئاسىخان ھەدە بۇ دۇنيا بىلەن  خوشلاشتى . لېكىن بۇنى بىر ياراتقۇچى ئاللاھدىن باشقا ھىچ كىشى بىلمىدى . ئەتىگەن  رازىيە ئورنىدىن تۇرۇپ ئانىسىنىڭ تىخى تۇرمىغىنىنى بىلدى دە ، ئۇ ياتقان ئۆيگە كىرىپ  ئۇنىڭغا قارىدى . ئاسىخان ھەدە تىخىچە ئۇخلىغاندەك ياتاتتى ، رازىيە ئاستا سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە چىقىپ ئانىسىنى ئاستا مىدىراتتى دە ، قورۇقىنىدىن چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتى . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاسىخان ھەدە ئاللى بۇرۇن نەپەستىن قالغان ئىدى ....

  داۋامى بار





643 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-1 0:23:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-5 3:28:35 گۈلى
بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇدۇم، ھەممىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم،بەزىلىرىنىڭ داۋمىنى قاچان يوللايسىلەر،كۆپ جاپا چىكىپسىلەر،سىلەرنى قوللايمەن،«قەبرە ئ‍ىزدەش خاتىرسى»نىمۇ يازغان بولساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى 🎈
2017-1-4 2:05:19 murat
bu asarnig 5ji kismi yollan may yana 4kismi yollinip tugu man bu asar ni bak yahturgan emkan bolsa ahirni baldurak yollisag la
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ