يىتىمنىڭ كۆڭلى(ھىكايە) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 يىتىمنىڭ كۆڭلى
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ھىكايە 


ئۇنىڭ ئايالى كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە قازا قىلىپ كەتكىنىگە تۆت يىلچە بولۇپ قالدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ئاتىلىق ھەم ئانىلىق رولىنى ياخشى ئوينىيالمىغانلىقىدىن كۆڭلى غەش …
بىركۈنى كەچتە ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بالىسى بىلەن ئاددىي سالاملىشىپ بولۇپ، تاماقمۇ يېمەي كاستۇمىنى سېلىپ كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا  قىزل رەڭلىك شورپا ۋە تەييارچۆپ كىرلىكلەرنى بۇلغۇۋەتتى. ئەسلىدە يوتقان قېتىغا تەييار چۆپ تىقىپ قويۇلغان ئىكەن .ئۇ كىيىم ئاسقۇچنى كۆتۈرگىنىچە  چىقىپ ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ئوغلىنى ئۇردى.

ئوغلى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا :”قازاندىكى تاماقنى ئەتىگەنلا يەپ بولغان. ئاشخانىنىڭ ئىشكابىدا تەييار چۆپ بارلىقىنى كۆرۈپ ، تەييار چۆپ ئىچەي دېگەن بىراق سىزنىڭ«گاز ئوچاقنى قالايمىقان ئىشلەتمە» دېگەن گېپىڭىز ئېسىمگە كېلىپ مۇنچىنىڭ ئىسىق سۈيدە تەييار چۆپ چىلىدىم. بىرنى ئۆزۈم يەپ بىرىنى سىزگە ئېلىپ قوياي دەپ، سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يوتقانغا تىقىپ قويغان ئىدىم. سىز قايتىپ كەلگەندىن ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن“
ئۇ ئوغلىغا  ئۆزىنىڭ  يىغىسىنى كۆرسەتمەسلىك  ئۈچۈن سۇخانىغا كىرىپ، جۈمەكنى ئېچىپ قويۇپ راسا بىر يىغلىدى …خېلى ۋاقىتتىن كېيىن چىقىپ ئوغلىنىڭ كۆزلىرىدە ياش پېتى ئاپسىنىڭ رەسىمىنى قۇچاقالاپ ئۇخلاپ قالغىنىنى كۆردى.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئوغلىغا تېخمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بىر قېتىم ئوغلىنى ئۇردى.

ئۇ كۈنى ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئوغلىنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىزدىمىگەن يېرى قالمىدى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇ ئوغلىنى بىر دۇككان ئالدىدىكى ئېلىكتۇرونلۇق ئويۇنچۇق ئالدىدىن تېپىپ، قاتتىق ئاچىقى بىلەن ئۇردى. ئوغلى كەچۈرۈم سوراشتىن باشقا ئارتۇق چۈشەنچە بەرمىدى .

بىريىلدىن كېيىن ئۇ مەھەللىسىدىكى پوچتا ئېدارىسىنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۋالدى. تېلفۇندا ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ كەپسىزلىك قىلىپ بىر مۇنچە ئادىرىسى يېزىلمىغان خەتنى پوچتا ساندۇقىغا سېلىپ قويغانلىقىنى، ھەريىلى، يىل ئاخىردا پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئوغلىنىڭ ئۇلارغا قىيىچنىلىق تۇغدۇرماسلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دەرھال پوچتىخانىغا بېرىپ ئادىرىسى يېزىلمىغان خەتلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن خەتلەرنىڭ ئوغلىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ نېمە دەپ كەپسىزلىك قىلدىغانلىقىنى سورىغاندا ، ئوغلى يىغلاپ تۇرۇپ بۇ خەتلەرنى ئاپسىغا يازغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزارغان ھالدا سوئالنى داۋاملاشتۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا بۇنچە جىق سالغىنىنى سورىغاندا ئوغلى ئۇنىڭغا :”ئىلگىرى بويۇم پاكار بولغاچقا خەت ساندۇقىغا بويۇم يەتمەيتتى، شۇڭا ھازىر بويۇم يەتكەندە ھەممىسىنى بىراقلا سېلۋەتتىم “دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .ئۇ ئوغلىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كاللىسى  قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالدۇ ھەم ئوغلىغا ئاپىسىنىڭ ھازىر ئاسماندا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن خەت  يېزىپ بولۇپ كۆيدۈرۋەتسە ئاپسىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئوغلى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ، ئۇ ئوغلىنىڭ ئاپسىغا نېملەرنى دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە خەتلەرنى ئوقۇدى. ئارىدىكى بىر پارچە خەت ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىتىرەتتى. ئۇ خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى :سۆيۈملۈك ئاپا، سىزنى بەك سېغىندىم. بۈگۈن مەكتەپتە ئانا بالىلار بىرلىكتە ئوينايدىغان پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، بىراق مەن سىز يوق بولغاچقا قاتناشمىدىم .دادامغىمۇ دېمىدىم. دادامغا دېسەم ئۇنىڭ سىزنى يەنە سېغىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم .دادام مېنى ھەممە يەردىن ئىزدەپتۇ. مەن دادامنىڭ مېنى خوشال كەيپىياتتا كۆرۈشى ئۈچۈن قەستەن ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئالدىدا ئولتۇرۋالدىم . دادام  مېنى تىللىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەۋەبىنى ئېيتمىدىم. ئاپا ، مەن ھەركۈنى دادامنىڭ سىزنىڭ رەسىمىڭىزگە قاراپ خىيال سۈرگەنلىكىنى كۆرىمەن. مېنىڭچە، داداممۇ ماڭا ئوخشاشلا سىزنى سېغىندى.

ئاپا مەن ھازىر سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاپا، چۈشۈمگە كىرسىڭىز چىرايڭىزنى يەنە بىر كۆرەي، ئاۋازىڭىزنى يەنە بىر ئاڭلاي بولامدۇ ؟

ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ رەسىمىنى قۇچاقلاپ ياتسا چۈشىگە كىرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، مەن كۈندە شۇنداق قىلساممۇ سىز نېمىشقا يەنىلا چۈشۈمگە كىرمەيسىز؟ …

بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن قاتتىق يىغلاپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلسا ئانىنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالايدىغانلىقىنى ئويلىدى …

بالىنى بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەلگىنىمىز بىزنىڭ زور مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغانلىقىمىزدىن  دېرەك بېرىدۇ. ئانا بولغان قېرىنداشلىرىمىز، ھەممىنى ئۇنتىغان ئاساستا  خىزمەتكە بېرىلىپ كەتمەڭلار، ئاتا بولغان قېرنداشلىرىمىز. ئۆزۈڭلارنى ئاسرىيالىساڭلار ئاندىن ئۇماق پەرزەنتىڭلارغا مېھرىڭلارنى بېرەلەيسىلەر. ساغلاملىقىڭلارنى ھەرگىز مال- بىساتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەڭلار ! پۇل تېپىپ بولۇپ ئۇنداق قىلىمەن، مۇنداق قىلمەن دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى بىز، ھەتتا كېيىنىكى دەقىقىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. ئاتا –ئانا بولغۇچىلار كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئاجراشماڭلار. سىللەر ئاجراشساڭلار ئەڭ زور ئازاپتا قالىدىغىنى  يەنىلا شۇ بالىلار.

     





666 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 10:29:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-19 20:02:37 دىلدىكى-ئارمان
ئاتا-ئانىلار ھەممىز ئۆز مەسئوليىتىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھالىغا،دەردىگە يىتەيلى. ئۇلار ئاتا-ئانا مىھرېگە قانسۇن ، سەبىي چاغلىرىنى خۇشال ئۈتكۈزۈشكە ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بار يازغۇچىغا رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ