قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 29- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 29- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


- قانداق قىلىمىز ،- دىدى ئىسكەندەر ،- ئايلىنىپ باشقا يولغا ماڭايلىمۇ ؟

- ياق ،- دەپ كەسكىنلا جاۋاپ بەردى تايىر قەتئىيلىك بىلەن،- ھۇجۇم قىلايلى!

ئۇلار قورقۇنىچ دىگەنلەرنى ئۇنتۇپ قېلىچ ، نەيزە ، شەمشەرلەرنى رۇسلىغىنىچە ئالغا ئېتىلدى، بۇ چاغدا ئىسكىلىتلارمۇ قولىدىكى قېلىچلارنى كۆتۈرشۈپ ئۇلارغا ئېتىلىندى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا جەڭ باشلاندى ، تايىر كەلگەن پېتى ئالدىدا كەلگەن ئىسكىلىت ئالۋاستىنىڭ چاپقان قېلىچىنى شەمشەر بىلەن توسىدى.بۇ پۇرسەتتە ئىسكەندەر ئىسكىلىتنىڭ ئېچىلىپ تۇرغان قوۋۇرغىلىرى ئارسىغا نەيزىنى تىقتى ، ئەپسۇن ئوقۇلغان نەيزە كۆچىنى كۆرسەتتى بولغاي ئىسكىلىت بىردىنلا بوشاپ چىقىراق ئاۋازدا يەرگە يىقىلدى - دە كۈلگە ئايلىنىپ توزۇپ كەتتى، تۇرغۇن يەنە بىر ئىسكىلىتقا شەمشەر ئۇردى، شەمشەر تەگدى دىگۈچە ئۇمۇ بايقى ئىسكىلىتتەك توزۇپ كەتتى، ئىسكىلىتلار باستۇرۇپلا كەلدى ، تايىرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن چېپىشقا باشلىدى، ئەپسۇن ئوقۇلغان قوراللاردا چېپىلغىنى يوقالسا ئادەتتىكى قېلىچ تەككەنلەر پارچىلىنىپ يەرگە چۈشەتتى - دە شۇ پارچىلانغان سۆڭەك پارچىلىرىمۇ ئۆمۈلەپ ، ھەركەت قىلىپ تايىرلارغا قاراپ ئىلگىرلەشكە باشلىدى. جەڭ شىددەتلىك بولۋاتاتتى، تۇيۇقسىز بىر ئىسكىلىتنىڭ قولىدىكى قېلىچ شىددەت بىلەن كىلىپ تايىرنىڭ بوينىغا تىگىدىغان چاغدا گۈزەلنۇر چاققانلىق بىلەن قالقان بىلەن ئۇنى قوغدىدى ، يەنە بىر ئىسكىلىتنىڭ قېلىچى قالايماقانچىلىقتا گۈزەلنۇرنىڭ بىلىكىنى جاراھەتلەندۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى. گۈزەلنۇر «ۋايجان » دەپلا قالقاننى تاشلىدى، سەمەت تىزلىك بىلەن ئۇ ئالۋاستىغا شەمشەر ئۇردى . بۇ يول ئاشۇنداق ۋار - ۋۇرلار ئىچىدە جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، جەڭ تازا قىزىۋاتقاندا تۇرغۇن بىر نەرسىنىڭ پۇتىنى قاماللاپ تۇتىۋالغىنىنى سەزدى دە ، پۇتىدا ئىككى ئىسكىلىت قولنىڭ چاڭگاللاپ تۇتىۋالغىنىنى كۆردى ، ئۇ ئىسكىلىت قوللارنى دەرھال ئېلىپ تاشلىماقچى بولدى ، لېكىن قوللار ئۇنداق ئاسان ئاجىرمىدى، ئۇ قولىدىكى شەمشەرنى ئۇ قوللارغا سانجىۋېدىلا ئاندىن قول كۈلگە ئايلاندى ، گۈزەلنۇر بىلىكىدىن چىققان قاننى تېڭىش بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقان پەيىتتە بىر ئۈزۈلۈپ چۈشكەن قۇرۇق كاللا يەرگە تامغان قاننى غاجاشقا باشلىغان، ئىككى ئالۋاستى قاننى پۇراپ گۈەلنۇرنىڭ ئەتىراپىنى تىمىسقىلاشقا باشلىغانتى، گۈزەلنۇر بۇلاردىن قورقۇپ كەينىگە داجىدى. بۇ چاغدا ئىسكەندەر ئۇ ئىككىسىگە نەيزە ئۇردى، ئۇ ئەمدىلا گۈزەلنۇرنى تۇرغۇزۇپ تۇرىشىغا بىر ئىسكىلىت ئۇنىڭ كەينىدىن قۇچاقلىۋالدى ، بۇ چاغدا گۈزەلنۇر ئۇنى قالقان بىلەن ئۇرۇپ ۋەيران قىلدى ، شۇنداق ماسلىشىش جەريانىدا ئىسكىلىتلارنىڭ خېلى بىر قىسمى كۈلگە ئايلاندى. ئاز قالغان ئىسكىلىتلار غالجىرلاشتى -دە توپلىنىپ ئېتىلىندى، بىر ئادەمگە ئۈچتىن، تۆتتىن تەڭ يۇپۇرۇلدى. شەمشەر ، قېلىچلار بىر - بىرگە غەزەپ بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى، ھەتتا زەپ بىلەن ئۇرۇلغان قېلىچ ، شەمشەرلەر قولدىن ئېتىنلىپ چىقىپ كىتىپ قۇچاقلاشما جەڭمۇ باشلاندى. جەڭ ھالقىلىق ھالقىلىق پەيىتكە كەلگەندە تايىر ئىسكىلىتلاردىن داجىيمەن دەپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۈچ ئىسكىلىت ئۇنى باسماقچى بولۇپ ئېتىنلىۋېدى. ئۇلار تايىرنىڭ بەدىنىگە تىگىشىگە كۈل بولۇپ توزۇشقا باشلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ھەيران بولغان تايىر بەدىنىنى سىلاپ بېقىپ مۇقەددەس كىتاپنىڭ ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىغىنى سەزدى، بۇ چاغدا گۈزەلنۇر ئىسكىلىتلارنىڭ ئۆزى بىلەن كارى يوق ھەمىرالىرىغىلا ھۇجۇم قىلىۋاتقىنىنى بىلدى، شۇندىلا ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى بوينىدىكى تۇمارنىڭ خاسىيىتى ئىكەنلىگىنى چۈشەندى. ئۇ بىردىنلا ئۇيغانغاندەك قالقاننى ئالدى-دە بارغان پېتى ئىسكەندەرنىڭ ئۈستىدە ئۇنى غاجىماق بولىۋاتقان ئىسكىلىتلارغا قالقا ئۇردى، ئىسكەندەر قۇتۇلۇپ قالدى .

- قالقاننى سىز ئېلىڭ، نەيزىنى تىز ماڭا بىرىڭ ، -دىدى ئۇ ئىسكەندەرگە،-ئۇلارمېنى كۆرمەيدىكەن ، مەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاي.

ئىسكەندەر نەيزىنى ئۇنىڭغا بەردى، شۇنىڭ بىلەن گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ قوغدىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىسكىلىتلارغا بىر - بىرلەپ نەيزە سانجىشقا باشلىدى، بۇ جەڭ گۈزەلنۇرنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . ئۇلار ئىسكىلىتلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلغىنىغا ھەيران قالدى .

- بىزمۇ بوش ئەمەس ،- دىدى گۈزەلنۇر كۈلۈمسىرەپ ،- بوزەك بولىۋەرمەيمىز دە .

تايىر ئۈستى - بېشىدىكى توپا - چاڭلارنى قېقىشتۇرغاچ :

- يارايسىز ، بۇلاردىن قۇتۇلدۇق ، لېكىن ئالدىمىزدا يەنە قانچىلىگى ساقلاپ تۇرىدۇ ،سەگەك بولايلى ،- دەپ ئەسكەرتىپ قويدى .

ئۇلار يولنى بويلاپ بىر كەڭرى مەيدانغا چىقىپ قالدى ، مەيدان ئوتتۇرسىدا فىرامىدا ئۆي ئىگىز چوقچۇيۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

- كەپتۇق ، - دىدى تۇرغۇن ، ئۇ شۇ گەپنى قىلىشىغىلا ئاسماندىن نەچچە يۈز شەپەرەڭ ئۇچۇپ كىلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم باشلىدى ، شەپەرەڭلەر شۇنداق غالجىرلاشقان ئىدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر - بىر ھۇجۇمىدا گۈزەلنۇردىن باشقىلار ئۆزلىرىنى شۇنچە قوغدىسىمۇ يۈز - كۆزلىرى تىلىنىپ ، كىيىم - كىچەكلىرى يىرتىلىشقا باشلىدى، قوللىرىدىن چىققان قان ئەپسۇن ئوقۇلغان قوراللارغا تامغىنىنى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ سەزمىدى، تۇيۇقسىز قان تامغان ئەپسۇنلۇق قوراللاردىن گۈزەلنۇرنىڭ قولىدىكى نەيزىدىن باشقىلىرى تامغان قاننىڭ تەسىرىدە لايدىن ياسالغاندەك پارچىلىنىپ چۈشۈپ كىتىشتى ، شۇندىلا ئۇلار ئەرۋاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئەسكە ئېلىشتى . شەپەرەڭلەر بارغانچە ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى ، ئۇلار غالجىرلارچە تايىرلارنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئۇلارغا ئۆزىنى ئۇراتتى، ئۇرغانلا جاينى ئىلمەك تىرناقلىرى بىلەن تىلىپ تاشلايتتى. ئۇشتۇمتۇت بىر شەپەرەڭ تۇرغۇننىڭ يانچۇق تەرپىنى تىلىپ مەسچىت توپىسىغا تىگىپ كەتتى - دە چىر قىلىپ ئاۋاز چىقارغىنىچە پاررىدە سەرەڭگىدەك ئوت ئېلىپ كۆيۈپ كەتتى، تۇرغۇن ئەجەپلىنىپ توپىدىن بىر سىقىم ئېلىپ ئۇچۇپ كەلگەن شەپەرەڭگە سەپتى، تۇپا راسلا كۈچىنى كۆرسىتىپ شەپەرەڭلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنىمۇ قويمىدى .

- تىزدىن ، يانچۇقتىكى توپىدىن ئۇلارغا سىپىڭلار ،- دەپ ۋاقىردى تۇرغۇن ،- بۇ ئالۋاستىلارنى موشۇنىڭ بىلەن يوقۇتالايدىكەنمىز.

ئۇلار تۇرغۇننىڭ سۆزى بىلەن كەلگەنلىكى شەپەرەڭگە توپا سەپتى ، شەپەرەڭلەرگە توپىنىڭ بىر ئۇۋۇقى تەگسىمۇ ئوت ئېلىپ كۈل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ناھايتى تىزلا ئۇلار بۇ ئالۋاستىلارنىمۇ يوقاتتى .

- ھېلىمۇ ياخشى تۇمارىڭىز سىزنى قوغداپ كىلىۋاتىدۇ ،- دىدى تۇرغۇن يۈز - قوللىرىدىن چىققان قانلارنى سۈرۈتكەچ ،- بولمىسا چىرايلىق يۈزىڭىز تارتۇق بولۇپ قالسا سىزنى كىم ئالاتتىكىن .

ھەممىسى جېنىنى ئاران قوغداۋاتقاندا تۇرغۇننىڭ بۇ چاقچىغىدىن كۈلۈپ كىتىشتى، ئۇلار كۆڭىللىرىنى توختۇتۇپ ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ ئەمدىلا ئۆينىڭ يۇغان پولات ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بىر قۇيۇندەك بىر شامال كىلىپ ئۇنىڭدىن چىققان بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە دەسلەپتە تۇرغۇن ، ئىسكەندەر ، سەمەتلەر مولاق ئېتىپ يىقىلىپ چۈشۈشتى ، شامال بىر ئايلىنىپ كىلىپ تايىر بىلەن گۈزەلنۇرغا ئۇدۇل كەلگەندە بىردىنلا پارچىلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا بېرىپ بىرلىشىپ بىر قارا گەۋدىگە ئايلاندى، بۇ قارا گەۋدە بوينىدىن، پۇتىغىچە ئۇزۇنلۇقتا قارا پىلاش ئارتىۋالغان بولۇپ ئىگىزلىگى ئۈچ مىتىر كەلگۈدەك گىگانىت بىر مەخلۇق ئىدى.

زەربىگە ئۇچۇرغانلاردىن ئىسكەندەر بەك قاتتىق چۈشكەچكە ئورنىدىن تەستە تۇردى، ئۇنىڭ بۇرنى يەرگە سۈرۈلۈپ قان چىقىپ كەتكەنتى، تۇرغۇنمۇ بىر جەينىكىنى سىقىمدىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى ، سەمەت ھېچنىمە بولمىغاندەك تۇراتتى. ئۇلار بۇ يۇغان مەخلۇقنىڭ ئەپتىگە قاراپ قورۇقۇشتى.

دىمىسىمۇ بۇ مەخلۇق سۈرلۈك ، ھەم بەتبەشىرە ئىدى ، ئۇنىڭ بېشىدا كالىنىڭكىدەك ئۇزۇن ئىككى مۇڭگۈزى تۇراتتى، قارا چىرايىدا ئېغىزلىرى كالاچتەك يۇغان بولۇپ ئىككى ئۇزۇن چىش سىرتىغا چىقىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن ئوت يالقۇنى چىقاتتى، بۇرنى پۇچۇق ، قۇلاقلىرى يوق بولۇپ تىلى ئۇزۇن سەڭگەللەپ تۇراتتى ، پۇتىمۇ ھېچبىر پۇتقا ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆچكىنىڭ تۇيۇقىدەك ھالدا يۇغان ئىدى. قوللىرىدا يۇغان ئىككى كالتەك تۇراتتى.

ئۇنىڭغا قاراپ گۈزەلنۇر قورقۇپ ۋاقىرۋەتكىلى تاس قالدى. تايىر گۈزەلنۇرنى باشلاپلا تۇرغۇنلار تەرەپكە ئۆتتى، ئۇ پەس ئاۋازدا سورىدى :

- بىر نىمە بولمىغانسىلەر ؟

- ياق ،- دىدى ئىسكەندەر ،- بىز ھېچنىمە بولمىدۇق .

- ئەمىسە ياخشى ، بۇ ئالۋاستىغا تاقابىل تۇرماق تەستەك تۇرىدۇ . قورشاپ ھۇجۇم قىلايلى ،-دىدى - دە كەينىدىن،- گۈزەلنۇر ئۇ ئالۋاستى سىزنى كۆرەلمەيدۇ ، ئاستا بېرىپ نەيزىنى تىقىڭ ، پەخەس بولۇڭ ، سىزنى تۇتىۋالمىسۇن ،- دەپ ئەسكەرتتى.

گۈزەلنۇر مەخلۇقنىڭ يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، بۇ مەخلوق ئۆزىگە ماس كەلمىگەن ئاۋازدا چىقىراپ ئۇلارغا ئېتىلىندى، ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىن ئوت كۆيۈپ ماڭاتتى. تۇمشۇقلىردىن ئىس پۇرقىرىدى، ئۇ كەلگەن پېتى تۇرغۇننىڭ بېشىغا كالتەكنى زەپ بىلەن ئۇرۇۋېدى، تۇرغۇن شۇنداق تىزلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. توخماق يەرگە تىگىپ يەردىن بىر ئورەك پەيدا قىلدى، ئۇ يەنە بىر توخماق بىلەن سەمەتنى ئۇرىۋېدى، سەمەت كەينىگە تىزلىك بىلەن داجىدى، مەخلۇق تېخىمۇ غەزەپكە كىلىپ ئۇلارغا توخماقنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى، پۇرسەت كۆتكەن ئىسكەندەر ئېتىنلىپ بېرىپ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى، ئۇ مەخلۇقنىڭ پۇتىنى تۇتتى دىگىچە چوغنى تۇتقاندەك ئالقان ، بارماقلىرى كۆيۈپ قويىۋەتتى ، ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا يىقالغىنىنى كۆرگەن مەخلۇق توخماقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۇرىدىغانغا كۆتەردى بۇ چاغدا ئىسكەندەرگە قىچىش ئىمكانىيىتىمۇ قالمىدى ، ئۇ قولى بىلەن بېشىنى قۇچاقلاپلا ئۈلگەردى ، ھايات - ماماتلىق قىل ئۈستىدە قالغان موشۇ پەيىتتە، تايىر بىلەن تۇرغۇن تىزلىك بىلەن ئىسكەندەرنىڭ پۇتىدىن تارتىپلا ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالدى ، مەخلۇقنىڭ كالتىگى ئۇ ياتقان جايدىن بىر ئورەك پەيدا قىلدى ،مەخلۇق ئاسمانغا قاراپ بىر ھۆكۈرۋېتىپ ئۇلارغا قاراپ ئېتىلىندى. ئۇلار ئۆز جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلىدى .

- تىز نەيزىنى سانجىڭ ،- دەپ ۋاقىردى تايىر كالتەكتىن قېچىۋېتىپ ،- تىز بولۇڭ بولمىسا ھەممىمىز تۈگىشىمىز.

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا كالتەك ئۇنىڭغا سۈركۈلۈپ ئۆتتى، ئۇ بۇ زەربىدىن يىقىلىپ چۈشتى ، مەخلوق يەنە بىر كالتىگىنى غۇلاچلاپ ئېلىپ كىلىپ ئۇنى يەرگە چاپلىۋېتىدىغان چاغدا بىردىنلا توختاپ چىقىراشقا باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بەدىنىگە ئوت تۇتاشتى ، بۇ چاغ گۈزەلنۇرنىڭ تايىردىن ئەنسىرەپ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ نەيزىنى سانجىغان ۋاقتى ئىدى، مەخلوق كەينىگە نەچچە قەدەم سەنتۈرلۈپ پۈتۈن بەدىنى كۆيۈشكە باشلىدى. ھەتتا ئوت بىر مۇنچە يەرگىچە كىڭەيدى، تايىرلار ئوتتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ يىراقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇتۇشتى. ئوت بەش مىنۇتتەك كۆيگەندىن كىيىن لەپپىدە ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ غايىپ بولدى، بۇ چاغدىلا تايىرلارنىڭ « ئۇف »دەپ يۈرەكلىرى جايىغا چۈشتى.

ئۇلار بىر ئاز ئەسىلىگە كەلگەندىن كىيىن ئىشىك ئالدىغا بېرىشتى، ئىشىك تۈپ - تۈز پولات ئىشىك بولۇپ ھېچقانداق بىرەر تۇتقۇچ ياكى بىرەر ئاچقۇچ سالغۇدەك تۈشۈك يوق ئىدى .

- بۇنىڭ قۇلۇپى قەيەردە بولغىيتتى ،- دىدى تۇرغۇن ئەتىراپنى ئىزدىگەچ .

- مېنىڭچە بىرەر مەخپىي جايدا بولىشى مۇمكىن ئىزدەپ باقايلى ،- دىدى تايىر ئىشىكنى مۇشلاپ كۆرۈپ ،- بۇ ئىشىك بەك قېلىندەك قىلىدۇ .

ئۇلار ئەتىراپتىن قۇلۇپنى ئىزدەپ قېزىۋەتتى، لېكىن ھېچقانداق قۇلۇپ بايقالمىدى.

- قانداق قىلىمىز ،ھېچنىمە يوققۇ ،- دىدى سەمەت ، بىرەر بەلگە بولسىمۇ بولاتتى لېكىن…

شۇ چاغدا گۈزەلنۇرنىڭ تۇمارى ماگىنىتتەك ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئۇچۇشقا باشلىدى، بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن گۈزەلنۇر باشقىلارنى چاقىرىپ تۇمارنى كۆرسەتتى .

- تىز تۇمارىڭىزنى چىقىرىڭ ،- دىدى تايىر ھاياجانلىنىپ ،- چوقۇم بۇنىڭدا بىر سىر بار.

گۈزەلنۇر تۇمارنى چىقىرىپ قويۇپ بەردى، تۇمار ئۇچۇپ بېرىپ ئىشىككە چاپلىنىپ ئەتراپىنى ئىرىتىشكە باشلىدى، ئىرىگەن جاي بىر ئېيىق شەكىلگە كىردى . تايىر بۇ شەكىلدىن بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك تۇرغۇنغا قاراپ: - تىز ئاچقۇچلارنىڭ ئىچىدىن ئېيىقنى ئالە ،-دىدى ، تۇرغۇنمۇ بۇ سىرنى دەرھاللا چۈشەندى - دە ئېيىق ئاچقۇچنى ئالدى ھەمدە ئىشىكتىكى ئېيىق شەكىللىك ئورەككە سالدى ، ئېيىق شەكىللىك ئاچقۇچ ئورەككە كىرگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئىرىپ سۇيۇق ھالەتكە كەلدى دە ئورەكنىڭ بىر يوچىغىدىن ئېقىپ يوقاپ كەتتى .

- ئاجايىپ ئىش ،- دىدى تايىر ئالتۇن ئۇنداق ئاسان ئىرىمەيدىغان. ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا پولات ئىشىك غارىلداپ ئېچىلىشقا باشلىدى -دە ئۆي ئىچى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىشقا باشلىدى.

بۇلار ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتارمۇ ، ياكى ئۇنىڭغا قۇربانلىق بولارمۇ ، قىزىقسىڭىز ئاخىرقى قىسمىغا دىققەت قىلىڭ.


 





2349 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 23:54:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-4 0:38:46 Xahriyar
Man bu hikaying bir kisminimu kaldurmay kurwatkan birak 28.kisimni kuralmay kaldim ham izdap tapalmidimu yaki sila awatlmay kaldiglamu xuga minig xu kismni kuruxumgatipmxmga yardamsurayman
2015-12-8 23:00:12 bu halqam
bu yikaynig ahirini ukuxka bak takazza bop kattim hapa bolmay tezrah yollisagla boptikan
2015-12-8 22:57:05 ئ‍ايزىبا
بۇ نىڭ ئ‍اخىرى يوقما؟
2015-12-8 22:47:38 Marbiya
Dawamini yazmamsiz. .bak iqim sikildi
2015-12-8 22:21:59 imin
sir liklik rayonyon 30kiki simnikoniko gilibolmaydigukaqanqikidu
2015-12-8 20:51:57 زىلالە
زور تەققازالىق ئىلكىدە ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز
2015-12-8 18:59:53 مۇستافا
داۋامىنى قاچان يوللايسېز؟؟
2015-12-8 18:42:46 tayir
dawami ni kaqan yollaysiz?bak takazza bop kattuk
2015-12-8 10:09:22 سەيپىدىن ئ‍ېزىز
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ