ئۇ كەلدى!!! 2-بۆلەك

ئۇ كەلدى!!!   2-بۆلەك

 

كەترەن

 

3 .قاباھەت

 

مۇرات مۇئەللىم چېدىرغا يىنىپ كىردى... ئۇنىڭ تىخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ كۆپچىلىك تىخىمۇ ساراسىمىگە چۈشتى. ــــ قانداق بولدى؟؟؟ مۇرات مۇئەللىم ئۈندىمىدى.. جۇشقۇن يەنە ئېتىلىپ كىلىپ مۇرات مۇئەللىم ياقسىنى سىققىنچە ۋارقىرىدى، ــــ قانداق بولدى؟ دىگىنە،!!! قانداق بولدى؟؟ ئۇنىڭ ئاۋازلىرى يەنە بوغۇق، يىغلامسىراپ چىقىۋاتاتتى.. مۇرات مۇئەللىم تىخىمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنچە ئاستا سۆزلىدى: ـــ ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۈگۈنكى بوران تىخىمۇ كۈچىيىدىكەن..... شۇڭا بۇ يەرگە بۈگۈنچە ماشىنا ئەۋەتەلمەيدىكەن...ئەگەر پىيادە ماڭساق، يولنى بىلگەن تەقدىردىمۇ قۇم بوراندا يولدىن ئېزىپ قىلىشىمىز مۇمكىن... ئېزىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ بۇ يەردىن قوشنا مەھەللىگە بىر كۈندە ئاران بارالايمىز....شۇڭا .... ــــ شۇڭا نىمە؟؟ جۇشقۇن ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى مۇرات مۇئەللىمگە تىكتى . ـــ شۇڭا بۇيەردە بىركۈن پاناھلىنىپ ئەتىكى ماشىنىنى كۈتمەي ئامال يوق... ــــ مانا ساڭا پاناھلىق ... جۇشقۇن مۇرات مۇئەللىم ئىتترىپ يىقىتماقچى بولىۋىدى لىكىن ئۆزى تۇيۇقسىز تەگگەن مۇشت دەستىدىن يەرگە يىقىلدى... ــــ ھۇ يارىماس، ــــ ئابدۇللا جۇشقۇنغا قوللىرىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى، ــــ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تەڭ تاقابىل تۇرماقتا يوق، تىخى يەنە ئۆز ئىچىمىزدىن توپىلاڭ كۆتۈرمەكچىما؟؟ جۇشقۇن ئاچچىق كۈلدى: ـــ ھاھاھا... تاقابىل تۇرۇش؟؟؟ ھاھا... ياق ياق... بىز ئۈلۈپ كىتىمىز... ئۇ قان شورىغۇچ بىزنىڭ قېنىمىزنى شوراپ تۈگىتىدۇ، ماشىنا بىزنى قۇتقۇزغىلى كەلمەيدۇ... بىز ئۈلۈپ كىتىمىز ... بىز ئۈلۈپ كىتىمىز.... جۇشقۇن بىر تۇرۇپ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.. كۆپچىلكنىڭ يۈرىكى تىخىمۇ دەككە دۈككىگە چۈشتى.... ــــ قان شورىغۇچ ؟؟ قېنى ئۇ قان شورىغۇچ؟ مۇئەللىم دىدى... ئۇ پەقەت رىۋايەت ... پەقەت رىۋايەت...ئۇ كەلمەيدۇ... بەلكىم ئەنۋەر باشقا بىر كىلىشمەسلىككە يولۇققاندۇ ... ئابدۇللا ھودۇقسىمۇ لىكىن باشقىلاردىن تەمكىنرەك تۇرۇپ سۆزلىدى . جۇشقۇن يەنە كۈلۈشكە باشلىدى: ـــ ھاھا، باشقا بىر كېلىشمەسلىك؟؟ بۇ نەس باسقۇر جايدا بىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا ...مەخلۇق بولماي نىمە؟؟... ياق... مەن كېتىمەن... ئۇ شۇنداق دەپلا سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلدى... لىكىن كۆپچىلىك تەڭلا ئۇنى تۇتىۋالدى ... خالىدە قورقۇپ تۇرسىمۇ يەنە جۇشقۇننى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋالدى.. ئۇنىڭ كالتە قىرقىم چېچى ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرىدىن نەچچە تامچە ياش پىلىلداپ قالغانىدى، ـــ جۇشقۇن... ئۇنداق قىلماڭ... بىر كۈن بۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرايلى ... جۇشقۇن ھېچكىمنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىدى... ئەكىسىچە ھەممىسىنى ئىتتىرۋىتىپ يۈگۈرگەن پىتى چېدىردىن چىقىپ كەتتى.. بۇ چاغدا ئاللىقاچان شامال گۈركىرەپ قۇملارنى ئۇچۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ جۇشقۇننىڭ قاۋۇل گەۋدسى قىسقىغىنا نەچچە سىكۇنتقا بارمايلا چاڭ توزان ئارىسىدا غايىپ بولدى... كۆپچىلىكنىڭ يۈرىكىدىكى قورقۇنچ تىخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.. ئۇلار چېدىرغا كىرىپ ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇشتى...بۇ تىنىچلىق تىخىمۇ ۋەھىمىلىك پەيدا قىلاتتى.. ئارزۇگۈل بولسا خالىدەنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆزىنى يۇمۇۋالغانىدى ... ـــــ ياق... بىز جۇشقۇننى قايتۇرۇپ كىلەيلى..ئۇ قۇم بوراندا ھالاك بولىدۇ، ــــ دىدى مۇرات مۇئەللىم تۇيۇقسىز. كۆپچىلىك دەرھال مۇرات مۇئەللىمگە قاراشتى. مۇئەللىم بېشىنى لىڭشىتتى: ــ دەرھاللا.. ئۇنىڭ سومكىسى بار.. ھازر كۆرۈش ئارلىقى ئىنتايىن كىچىك...تىخى بەك يىراقلاپ بولمىدى... بۆلۈنۈپ ئىزدەپ يېتىشىۋالايلى.. كۆپچىلىك دىققەت. پەقەت ئەڭ يىراق بولغاندا بىر كىلومىتىر ماڭىمىز... خالىدە بىلەن ئابدۇللا بىر گۇرۇپپا..مەن ئارزۇگۈل بىلەن بىر گۇرۇپ... 20مىنۇت ئىچىدە تاپالمىساق مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىمىز... مۇرات مۇئەللىم سومكىسىدىن نىپىز داكىنى چىقىرىپ سۆكۈپ كۆپچىلىككە كۆزىگە تېڭىۋىلىشنى ئېيتتى.. ئاندىن ھەربىرەيلەننىڭ تۇخۇمدەك تاشتىن ئوندىن ئېلىۋىلىشنى.. ھەر ئەللىك قەدەمدە بىردىن تاشلاپ تاش تۈگىگەندىمۇ جۇشقۇن تېپىلمىسا چېدىرغا قايتىپ كىلىشنى تاپلىدى... ئۇلار سىرتقا چىققاندا بوران خېلىلا كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ ئۈچ مىتىر نېرىدىكى دەرەخنىمۇ ئاران كۆرگىلى بولاتتى... ئۇلار داكىنى باشلىرىغا ئوراپ قۇم بوران ئىچىگە كىرىپ كەتتى.. ئۇلار توختىماي جۇشقۇننىڭ ئىسمىنى توۋلايتتى، لىكىن كۈچلۈك قۇم بوران ھامان ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كىتەتتى... ئارزۇگۈل ئاخىرى ماڭالماي قالدى، مۇرات مۇئەللىم ئۇنى يۆلەپ ماڭماقچى بولدى، لىكىن ئارزۇگۈل ئۇنىمىدى . ـــ مۇئەللىم، مەن بولالماي قالدىم... مەن مۇشۇ كۆتەك تۈۋىدە سىزنى ساقلاپ تۇراي... سىز يەنە ئازراق ئىزدەپ بېقىڭ... مۇرات مۇئەللىم ئارزۇگۈلنىڭ چارچاپ ماڭالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى... ھەم كۆتەك تۈۋىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماسلىقنى تاپىلاپ بىردەمدىلا غايىپ بولدى.. ئارزۇگۈل سومكىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇراتتى.. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئىللىق ئۆيى، ئاتا ئانىسى كۆرۈنۈپ بۇيەرگە كەلگىنىگە مىڭلارچە پۇشايمان قىلىپ كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلدى... تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىرىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .. ــــ مۇرات مۇئەللىم؟؟؟،!! ئارزۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى... دەل شۇ چاغدا قۇم بوراننىڭ ئارىسىدىن ئابدۇللا بىلەن خالىدە پەيدا بولدى...ئۇلار ئارزۇنى كۆرۈپ ئالاقىزادىلىك بىلەن سورىدى: ـــ مۇرات مۇئەللىمچۇ؟؟ ئارزۇ گەپ قىلماي ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى. .. خالىدە قورققىنىدىن تىلى كالۋالاشتى: ـــ ئەجىبا بايىقى ئاۋاز؟؟ ئۇلار قورقۇپ تۇرسىمۇ ئالدى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى... يۈز مىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن ئۇلار يەردە ياتقان بىرەيلەننى كۆردى.. ـــــ جۇشقۇن؟؟؟؟ ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالغانىدى... ئۇنىڭ ئوڭ قول بارماقلىرى ئۈزۈۋىتىلگەن بولۇپ دۈمبىسىدە نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكلەردىن قان چىقىۋاتقانىدى.... دەل شۇ چاغدا مۇرات مۇئەللىممۇ ھەسىرەپ ھۈمۈدەپ قۇم ئارىسىدىن پەيدا بولدى ھەم يەردە ياتقان جۇشقۇننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ــــ بۇ؟؟ بۇ؟؟ نىمىش ؟؟ ئۇلار ئۈچىسى تىخىمۇ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ مۇئەللىم ئۇلارنىڭمۇ ھىلىلا يىتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ دەرھال جۇشقۇننىڭ بەدىنىنى ئۆرۈپ قارىدى، ئۇ ئاللىقاچان ئۈلۈپ بولغانىدى ... لىكىن كۆپچىلىك ئۇنىڭ كېسىلگەن بارمىقى بىلەن يىنىدىكى تاشقا خەت يېزىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ــ ئۇ كەلدى!!!!

...تامام





1549 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-10 0:46:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-9 10:59:36 Abliz
Bak yahxi yeziliptu ahirni tizrak yolligan bolsigiz
2015-8-13 23:59:56 زىلالە
ئاخىرى ئەجەپ چىقمىدى كۈندە نەچچە قىتىم قارايمەن مۇمكىن بولسا داۋامى تىزراق يوللانسا
2015-8-13 13:26:33 心不是苹果
شۇنداق ياخشى يىزىلىپىتۇـ لىكىن ئاخىرىچۇ؟
2015-8-12 13:02:08 yigana
Dawamga taxnaman katran
2015-8-11 16:45:07 ئ‍ۈستىقۇددۇس
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ! ئ‍اخىرىنى ئ‍وقۇشقا تەشنامەن.
2015-8-10 21:45:31 كەترەن
تامام دىگەن خەت ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ... ئالدىراش بولۇپ قىلىپ تۈزۈك يازالمايۋاتىمەن... داۋامى بار...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ