قاراڭغۇ ئورمان 1- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 1- قىسىم ۋەھىمىلىك

ھىكايە ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

دۇنيا بىر قارىساق شۇنچىلىك كىچىك ، كىچىكلىگىدە قولىمىزدىكى تىلفۇندىن، ياكى ئۈيۈمىزدىكى ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىپلا پۈتۈن دۇنيانى بىردەمدە كىزەلەيمىز ، ۋەزىيەت ، ھاۋارايى ، قىزىق نوقتىلارنى، كۈندە بولىۋاتقان يېڭىلىقلارنى بىلىپ تۇرىمىز . بىر قارىساق شۇنداق چوڭ ، چوڭلىغىدىن نۇرغۇن سىرلارنى چۈشىنەلمەيلا يېڭى سىرلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ ، ھەتتا ئەتىراپىمىزدىلا قانداق ئىشلارنىڭ ، قانداق ۋەقەلەرنىڭ ، قانداق سىرلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنىمۇ بىلمەيلا قالىمىز…

 كىچىچە بىر دىلونى سوراق قىلىپ ، ئۇنىڭ ماتىرياللىرىنى ئىشلەپ تاڭغا يېقىن ئۇخلىغاچقا بەكلا قاتتىق ئۇخلاپ كىتىپتىمەن ، قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن يان تىلفۇنۇمنىڭ مۇزىكىسى ئىككىنجى قېتىم باشلانغاندەك قىلدى شۇندىلا ئىسىمگە كىلىپ بېشىمنى كۆتەردىم ، تاڭ ئاللىقاچان ئاتقان بولۇپ ھەتتا قوياشمۇ ئىككى دەرەخ بويى ئۆرلەپ بولغان ئىدى ، كۆزۈمنىڭ ئاچچىغى چىقمىغاچقا ئۇۋۇلغاچ ، تىلفۇننى ئېلىپ نومۇرىغا قارىدىم ، تىلفۇن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ئەخمەت ئاكىدىن كەلگەن ئىدى ، ئالدىراپ تىلفۇننى ئالدىم ، چۈنكى مۇھىم ۋەزىپە ، ياكى دىلو بولمىسا بۇنداق چاغدا بۇنچە ئۇزۇن تىلفۇن قىلمايتتى .

- ۋەي جۈيجاڭ ئاكا ، كەچۈرسىلە ئۇيقۇچىلىقتا ئاڭلىماپتىمەن ،- گەپنى چاقچاققا يۆلىدىم.

 ئەخمەت ئاكا مىجەزى كەسكىن ، سۈرلۈك كۆرىنىدىغان ئادەم بولسىمۇ ،لېكىن بىزدەك جاپالىق، خەتەرلىك ۋەزىيپىلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ،شۇڭا بىزنى نىمىلا دىسىمۇ قورىقماي چاقچاق قىلىپ قوياتتۇق.

- كۈن چۈش بولدىغۇ ،- ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىۋاتاتتى ، بۇ ئۇنىڭ ئاغزىدا بىزگە ھەيۋە قىلىپ قويغىنى ئىدى ،- نىمە ھازىرغىچە تۇرمىدىڭما ھە ، دىلو تاغدەك دۆۋلىنىپ كىتىپتۇ ، گۇرۇپپاڭلار ئۇخلاشتىن باشقا نىمە ئىش قىلۋاتىدۇ،  تىزدىن ئىشخانامغا كىر ، ئالدىمدا تۇرغۇزۇپ خىزمىتىڭلارنىڭ دوكىلاتىنى بىر ئاڭلىمىسام بولمىدى ، بولمىسا ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كىتىۋاتىسىلەر !

ئۇنىڭ بۇ مىجەزىگە بىز كۆنۈك بولغاچقا قىسقىلا جاۋاپ بەردىم :

 - ماقۇل باشلىق ، ناشتا قىلىۋېلىپلا كىرەي ،- غەرىزىم ئۇنى يەنە بىر ئاز تىرىكتۈرۈپ قويۇش ئىدى.  ئۇنىڭ ئاۋازى قۇلاقنى يارغۇدەك ئاڭلاندى :

- بۇ ھەپتىلىك ھاردۇقىڭنى يوق قىلىپ قويايمۇ ، تىز كىرە!!!

 بىردىنلا ئەنسىرەپ قالدىم ، باشلىق بىلەن ئويناشقىلى بولاتتىمۇ ، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرى چاقچاقمۇ ، يا بۇيرۇقمۇ بىلگىلىمۇ بولمىسا ، ئۇلار خالىسا بۇ گەپلەر چاقچاق ، خالىسا بۇيرۇقتە ، شۇنىڭ بىلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ھاردۇقۇمدىن ئەنسىرەپ، يۈز - كۆزىمنى چالا - پۇلا يۇيۇپ ، چىشىمنى بارماقلىرىم بىلەنلا چوتكىلۋېتىپ جۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا يۈگەردىم .

- كىرە !

 ئىشىكنى ئاۋايلاپ چىكىشىمدىن ئەخمەت ئاكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشخانىغا كىردىم، ئىشخانىدا سۈرلۈك چىراي ئەخمەت ئاكا بىلەن يەنە لاتاپەتلىك، چىراي - تۇرقىدىن ئەخمەت ئاكا بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر ئايال كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى، قارىماققىلا ئۇ ئايالمۇ بىرەر ئورۇننىڭ باشلىغىدەك كۆرىنەتتى ، ئۇ مېنى كۆرۈپ :

 - بۇ يىگىت ئىدارىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار دىلو گۇرۇپىسىدىن، ئىسمى ئەركىنجان ، بايا سىزگە سۆزىنى قىلىپ بەرگەن ھېلقى ياغاچ قۇلاق يىگىت موشۇ شۇ ،- ئەزەلدىن كۈلمەيدىغان بۇ باشلىغىم ھازىر ھېلقى ئايالنىڭ ئالدىدا خۇشخۇي ، تەككەللۇپ بىلەن ئۆرە تۇراتتى، ئۇ ئايالغا مېنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ ، ئايالنى تونۇشتۇردى : - بۇ ھەدەڭنىڭ ئىسمى ئامىنە ، ئارخولوگىيىلىك قېدىرىپ - تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بىلەن بىزدىن ياردەم سوراپ كەپتۇ ، سەن ئاۋال ھەدەڭنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى ياخشى خاتىرلەپ، ئەھۋاللار بىلەن تونۇشىۋال ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ھازىردىن باشلاپ موشۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش، قانداق تەلىپىڭ بولسا ماڭا دە، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىمەن .

 باشلىقنىڭ بۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىشىدىن، بۇ ۋەزىپىنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپە ئەمەسلىگىنى سەزگەندەك بولدۇم. باشلىق ماڭا شۇلارنى دىگەندىن كىيىن ئامىنە ھەدىگە قاراپ :

- ساۋاقدىشىم، ئەمدى بايا ماڭا دىگەنلىرىڭىزنى بۇ يىگىتكە يەنە بىر قېتىم دەپ بىرىڭ ، خاتىرلىۋالسۇن ،- دىدى كۈلۈمسىرەپ .

 مەن دەرھال يانچۇغۇمدىن خاتىرەمنى چىقىرىپ قەلەمنى تەقلەپ ئامىنە ھەدىگە قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇ ماڭا قاراپ يىنىككىنە بىر كۈلۈمسىرەپ قويۇپ سۆزىنى باشلىدى :

- مۇنداق ئىشتى ئۇكام ، ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىدارىمىز بىر قەدىمىي قەبىرىستانلىقنى قېزىش ، رەتلەش خىزمىتى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئادىمىمىزنى توغراق يېزىسىغا ئەۋەتكەنتۇق، ئۇلار بىر ئايدىن كۆپەرەك ئىشلەپ، خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كىلىدىغان چاغدا خىزمەتچىلىرىمىزدىن ئىككى قىز يوقاپ كەتتى .

 - يوقاپ كەتتى؟- ھەيران بولۇپ سورىدىم .

- ھەئە ، ئۇلار قايتىدىغان كۈندىن ئىككى كۈن ئاۋال يەرلىكلەردىن يېزىدىن چەت بىر جايدا بىر قەدىمى قەبىرە بارلىغىنى ئاڭلاپ قىزىقىپ قاپتىكەن، يەرلىك بىر يولباشلىغۇچىنىڭ باشلاپ مېڭىشى بىلەن بىزنىمۇ خەۋەرلەندۈرمەي كىتىپتۇ ، باشقىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئىز - دىرىكى بولماپتۇ، بولماي ئىدارىمىزدىن ھەم شۇ جايدىكى ھۆكۆمەت دائىرلىرى ، ساقچىخانىلار نۇرغۇن ئادەم كۈچى چىقىرىپ ئىزلىدۇق، لېكىن يەنىلا ھېچقانداق ئىز دىرىكىنى ئالالمىدۇق .

 - قىزلارنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ماڭا ئۇلارنىڭ ئارخىپى كىرەكتى ،- دىدىم خاتىرەمنى يىغىشتۇرغاچ .

- بۇلار ئۇ ئىككى قىزنىڭ ئارخىپ ماتىرياللىرى ،- ئامىنە ھەدە سومكىسىدىن بىر مۇنچە ماتىرياللارنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى.

 ماتىرياللارنى ئالدىم ، باشقا تەپسىلى ئەھۋاللارنى بۇ قىزلار يۈتكەن شۇ يېزىغا بېرىپ ئىگەللىمەكچى بولۇپ ، باشلىققا قاراپ ھىجايدىم :

- باشلىق ، ماڭا ھەمرا باردۇ؟

باشلىقمۇ مېنىڭ ھېجىيىشىمغا لايىق ھىجىيىپ :

- بار ، ماڭغاندا بىلىسەن، چىقىپ تەييارلىق قىل.

مەن يەنە باشقا گەپ قىلسام ئۆزەمگە ئىش تېپىۋالدىغىنمىنى تۇيۇپ، ئۇلار بىلەن ئاددىيلا خوشلۇشۇپ ماڭدىم ،  باشلىق كەينىمدىن ئەسكەرتىپ قويدى :

 - ئەتە ماڭىسەن- ھە !

-بىرەر كۈن ھاردۇق ئېلىۋالسام بولاتتى ،- دىدىم تۈۋەن ئاۋازدا غۇدۇرغاچ چىقىۋېتىپ .

- نىمە دىدىڭ ؟- باشلىق قەستەن سورىدى.

 ئۇنىڭ ئاڭلىغىنىنى تۇيدۇم دە يالغان كۈلۈپ «ھېچنىمە ، باشلىق » دىگىنىمچە ئىشخانىنىڭ سىرتىغا ئۈزەمنى ئاتتىم . قۇرساق ئېچىپ كەتكەچكە ئۇدۇل ئىدارە ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم، خىزمەتداشلىرىم ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلار مېنى كۆرۈپ ھەرخىل گەپلەر بىلەن چاقچاق قېلىشتى، مەنمۇ بوش كەلمەي تىگىشلىك جاۋاپ بىرىپ ئاشخانىغا يىتىپ كىردىم، ھەم ناشتا قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم، كاللامدا بولسا «چەت بىر يېزىدا قانچە كۈن يۈرەرمەن » دىگەنلەرنى ئويلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز يۈتۈپ كەتكەن قىزلارنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈپ بېقىش خىيالى بىلەن ئارخىپنى ئاچتىم، بىرىنجى قىزنىڭ ئىسمىغا قاراپلا يۈرۈگۈم تۇيۇقسىز سېلىپ كەتتى، « پەرىدە ئابدۇرشىت»، بۇ ئىسىم ماڭا ئۆز ئىسمىمدىنمۇ بەك تونۇش ئىدى، دەرھال سۈرىتى بار بەتنى ئاچتىم، دەل ئۆزى شۇ ،سۈرەتتىكى ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق كۈلۈپلا تۇرىدىغان كۆز، ئىككى زىنىقى ھەم مۇلايىم چىرايى ئىچىدە يوشۇرىنغان شوخلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم -دە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك ماڭدىم ، كىرسەم ئامىنە ھەدە كەتكەن بولۇپ باشلىق بىر مۇنچە ماتىرياللارنى تەسىتىقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارۋېتىپ ئېغىز ئاچتى .

- نىمە ، چىرايىڭ باشقىچەغۇ؟

 ھاياجىنىمنى بېسىپ تۇرۇپ ، چاندۇرماي :

- باشلىق ، مەن ئۇ قىزلارنى تاپقىلى ھازىرلا ماڭايمىكىن دەيمەن .

 - ۋوي ،- ئەخمەت ئاكا قەلەمنى قويۇپ ماڭا تىكىلدى ،- نىمە تۇيۇقسىز بۇ قارارغا كىلىپ قالدىڭ ؟

 مەن چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ جاۋاپ بەردىم .

- باشقا سەۋەپمۇ يوق باشلىق، ئىككىسىلا قىزلاركەن، ئۇلار يوقاپ كىتىپ ئائىلىسىدىكىلەر قانچىلىك ئەنسىرگەندۇ،  شۇڭا مەنمۇ ئەنسىرەپ … سۆزلىرىم قولاشمىغاندەك قىلاتتى.

 ئەخمەت ئاكا بىرەر ئىشنى سەزدىمۇ ياكى ماڭا شۇنداق تۇيۇلدىمۇ باشقا گەپ قىلماي يېنىمغا كەلدى، ھەم مۈرەمگە قولىنى قويۇپ مۇلايىملىق بىلەن ئېغىز ئاچتى :

- ئەسلى بۇ ئىشقا باشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرساقمۇ ، ياكى ساقچىخانىلارنى سەپەرۋەر قىلساقمۇ بولاتتى، لېكىن ئۇ قىزلارنىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ، ھەم ئۇرۇق - تۇققانلىرى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ ئامىنە ھەدىڭىزنى بەكلا تەڭقىسلىقتا قويۇپتۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىدارىسىنىمۇ مالماتاڭ قىلغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ئامىنە ھەدەڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ ، بىز ئۇزۇن يىللىق ساۋاقداش، يەنە بىر تەرەپتىن يوقاپ كەتكەنلەر قىزلاركەن ، ئۇلارنى تېپىش بىزنىڭ مەجبورىيىتمىز ، شۇڭا سېنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالايدىغىنىڭغا ئىشىنىپ، بۇ ئىشنى ساڭا تاپشۇرغانتىم .

 - چۈشەندىم باشلىق ، مەن چوقۇم ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن، ئۇ قىزلارنى تاپالمىسام ئالدىڭىزغىمۇ كەلمەيمەن . ھاياجانلاندىممۇ ئۇقمايمەن تۇيۇقسىز چوڭ ۋەدىدىن بىرنى قىلغىنىمنى تۇيالمايلا قالدىم .

 - ياخشى ، بۇ گەپنى ئۆزەڭ قىلدىڭ ھە ، - ئۇ خوشاللىقتا كۈلىۋەتتى ، چۈنكى مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىم ئۈچۈن ، ئۆزەمگە ئۆزەم شەرت قويىۋالدىم ئەمەسمۇ . - بولدى ، چىقىپ تەييارلىق قىلىپ ماڭ ، ساڭا قاھار ھەمرا بولسۇن،  قورال ئىلىشنى ئۇنۇتماڭلار ، باشقا ئىشلارنى ساقچىخانىغا ئۇقتۇرۇپ قويىمەن .

 - رەھمەت باشلىق ،- دەۋەتتىم قاھارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ خوشاللىغىمدا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمىراھىم ئىدى. مەن باشلىق بىلەن خوشلىشىپ مېڭىشىمغا ئۇ قاھارنى چاقىرىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى، مەن قاھارنىڭ يېنىغا باردىم -دە قايغۇرغاندەك قىياپەتتە : - ھەي دوستۇم ، قاچانمۇ ئوڭشىلارسەن، يەنە قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ،  سېنى چوڭ كاتىباش چاقىرۋاتىدۇ ، بەك خاپا ، گەپ - سۆزىدىن ساقچىخانىدا چېنىقسا بولغۇدەك ، دىگەندەك قىلدى ، تىز كىرىپ باقە .

- يوق گەپ ، - ئۇ دەسلەپتە مېنى چاقچاق قىلدى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ مېنىڭ چاندۇرماي قەتئىلىك بىلەن دىگەن سۆزلىرىمدىن تېڭىرقاپ باشلىقنىڭ يېنىغا ماڭدى ، مەن ئىچىمدە تازا كۈلىۋېتىپ تەييارلىققا تۇتۇش قىلدىم .

داۋامى بار...





6107 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-17 22:29:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-19 17:24:20 ھىدايەت
بەك ياخشى يېزىپسىز،قوللىرىڭىزغابەركەت بەرسۇن! 2-قىسمىنى تاپالمىدىمغۇ؟
2016-8-19 11:40:21 nuriman
man bundak hikayilarni okuxka bak amrak
2016-7-30 10:57:54 rustam
ahere tugde esel yiziliptu likin hatemesi yizilhan busa tihimu mazmunlik tuga bulhuyti menig uylihinim
2016-5-20 9:50:39 قۇربانجان
ئ‍ىسل ئ‍ەسەركەن
2016-2-26 12:59:58 rustam
amma kino kip exliyaligan bulsa hili daglik kinu bulatti kan 《karaghu urman
2016-2-24 10:31:52 raila
hakikatan bak yahxi yezliptu dawami tezrak qiksa boptika
2016-1-22 9:39:29 mahliya
asarlar bak yahxikan kuligiz ga dartbamisun . karaggu orma nnig ahiri kaqan qikar kin man bakla kizikip kal gan tim....
2015-12-18 16:44:13 guli
dawami,baldurak,qkca,boptken
2015-12-18 15:12:11 akram
yahxikan dawamini tezrak yolliwetarsiz
2015-12-18 8:50:14 ……
yahxi baxliniptu korkunuxluk sirlik rayundak uzartiwatmassiz ha
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ