قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 8- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 8- قىسىم
www.yazghuqilar.com


باشقىلار تايىرنىڭ بۇ پىلانىغا دەرھال قوشۇلالمىدى ، قوشۇلمايمۇ قالمىدى ، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ قېتىم بارىمىز دىگەن يىرى ئىلگىركىدىنمۇ يىراق ، خەتەرلىك ، ئېنىقسىز جاي ، تەۋەككۈلچىلىك دىگەن تەقدىردىمۇ ، پەرەز ، مۇلاھىزىلەر بىلەنلا بېكىتىپ قويغان جايدە !
 تايىر قارارىدا چىڭ تۇرۇپ ئاغىنىلىرىگە قارىدى ، ئۇلار ئۈن - تىنسىز ئويغا چۆمگەنتى ، قىزلارغا قارىدى قىزلارمۇ بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى  قوبۇل قىلالمايۋاتاتتى .
- سىلەر زادى نىمە بولدۇڭلار ؟- تايىر ئىچى تىتىلداپ بولالمىغاندا سورىدى ،- سىلەرچە سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئامالىڭلار بارمۇ؟
- قىززىقكەنسەن ئاداش !- دىدى تۇرغۇن تايىرنىڭ تاقەتسىـز ھالىتىگە قاراپ ،- سېنىڭ بارىمىز دىگەن ئۇ يىرىڭ مۇنداقلا يېققىن بىر يەر بولمىسا يە ،ئۇ دىگەن چۆل جەزىرىكەن چۆل جەزىرە!  بارساق نىشانسىز بارىمىز ھايات كىلەلەمدۇق يوق بىلمەيمىز ، ئويلاپ باقە ئۇ جاي قۇملۇقكەن ، بۇ ئىسسىقتا قۇملۇققا كىرىش دەۋزەخكە كىرگەنلىك !!!
- ھە شۇ ،- دەپ دەرھال تۇرغۇننىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى سەمەت ،- راسلا بۇ تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىش ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇ يەرگە بارساقمۇ ، ئۇ بۇۋاينى تاپساقمۇ، بۇۋاي بىزگە راستىنلا ياردەم قىلىپ بۇ جىنلاردىن بىزنى قۇتقۇزۇپ قويالارمۇ؟
تايىر بۇلارنىڭ بۇ سەپەر ئۈچۈن قورقۇنچاقلىق قىلىۋاتقىنىغا ئاچچىغى كەلدى :
- نىمە بولدۇڭلار ؟ بۇ قېتىم ئەجەپ قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىڭلارغۇ ؟ ئىلگىركى سىرلىق رايونغا ماڭغان جاسارىتىڭلار قېنى؟ سىلەر سىرلىق رايوندەك شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ، چەكلەنگەن رايونغا بېرىشتا بۇنداق ئىككىلىنىپ ، قورقۇپ كەتمىگەنتىڭلار ، ئەمدى سىلەردە قىلچە جۈرئەت قالماپتىغۇ؟
- ئۇنداقمۇ ئەمەس دوستۇم ،- دىدى ئىسكەندەر ئارىغا چۈشۈپ ،- بىز سىرلىق رايونغا بارغاندا بۇنداق جىن - ئالۋاستى دىگەننى كۆرۈش تۇرماق ھەتتا مەۋجۇتلىغىغىمۇ ئىشەنمەيتتۇق ،ھازىرچۇ ، ئۇ نەرسىلەر بېشىمىزدىلا ئەگىپ يۈرىيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم  بارىدىغان يەر ئۇنىڭدىنمۇ خېلى يىراقتىكەن ، ئون نەچچە كۈن ئاۋال بۇ نەچچىمىز ئىشلىگىلى بارىمىز دەپ ئۆيدىكىلەرنى ئالداپ قويۇپ  نەچچە كۈن يوقاپ كەتتۇق ، كەلگەن ھالىمىز بەتتەر ، ئەمدى يەنە يوقاپ كەتسەك ئۇلارنى ئەنسىرتىپ ياكى گۇمانلاندۇرۇپ قويىشىمىز مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قىزلار بىز بىلەن شۇ قۇملۇقلارغا بارالامدۇ ؟ ئۇلار ئۈيىدىكىلەرگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ؟
- قىزلار بارمايدۇ!- ئىسكەندەرنىڭ سۆزى تۈگىشىگە تايىر كەسكىنلا قىزلارنىڭ بېرىشىنى رەت قىلدى ،- بىز تۆتۈيلەنلا بارساق بولدى .
بۇ تۆت قەدىناسنىڭ سۆزىلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئۈن تىنسىز تۇرغان دىلبەر تايىرنىڭ « قىزلار بارمايدۇ» دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپلا ئاچچىقتا ئوتتۇرىغا سەكىرەپ چۈشتى :
- بىز نىمىشقا بارمايمىز ، سىزنىڭچە بىز ئۇ يەرگە بېرىشقا يارىمايدىكەنمىزدە ، يە بىزنى ئېغىرچىلىغىنى سالىدۇ دەپ قورقىۋاتامسىز ؟ سىزگە شۇنى دەي تايىر! سىزنىڭ موشۇنداق قىزلارنى تاۋى نازۇك دەپ ياراتمايدىغان خاراكتىرىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ مېنىڭ بارغىنىم بارغان !
تايىر قىزلارنىڭ جاپا چىكىشىنى ، نەتىجىسى نامەلۇم سەپەردە رىيازەت تارتىپ قېلىشىنى خالىماي  تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن چىقارغان قارارىنىڭ ئەكىس تەسىر بىرىپ دىلبەرنىڭ كۆڭلىگە تىگىشىنى ئويلاپ باقمىغانتى ، شۇڭا ئۇ ئوقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ دەرھال ئېغىز ئاچتى :
- سۆزۈمنى خاتا چۈشىنۋالماڭ ، ئاۋالقى قېتىم سىلەرنى بىر مۇنچە بالاغا قويدۇق ، بۇ قېتىم قۇملۇققا كىرسەك تېخىمۇ ئېغىر جاپالارغا ئۇچۇرشىمىز ، بۇ ئالۋاستىلارنىڭ ئۆزلىكسىز ھۇجۇملىرىغا ئۇچۇرشىمىز مۇمكىن شۇڭا دىمەكچى …
- شۇڭا دىمەكچى بولغىنىڭىز بىزنى ئۇنداق جاپالارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ ،ئۇنداق جاپاغا ئوغۇللارلا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ دىمەكچىغۇ ھە؟
- ئۇنداق ئويلىۋالماڭ ، سىزنى  جاپادا قالمىسۇن دەپ …
ئۇ ئىككىسىنىڭ « قىززىق » مۇنازىرسىغا قىزىقىپ قاراپ تۇرغان گۈزەلنۇرمۇ دەرھال  دىلبەرگە بولۇشۇپ قسىلدى :
- تايىر سىز بەكلا قالماشدىكەنسىزغۇ ، سىز پەقەت دىلبەرگىلا كۆڭۈل بۆلەمسىز ؟ پەقەت شۇنى جاپا چەكمىسۇن دەپ ئويلامسىز ؟ مەن ئۇنىڭ قېرىندىشى ھەم مەنمۇ بىر قىز بالا ، ماڭىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنۇتماڭ ، دوسىتلارغا تەڭ مۇئامىلە قىلىڭ !
دىلبەر تىركىپ تۇرغىنىدا گۈزەلنۇرنىڭمۇ قىسىلىپلا ئېغىز ئېچىشى  ھەمدە بۇ سۆزلەرنىڭ يا تايىرغا ، يا ئۆزىگە قارىتىلغانلىغىنىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالدا دىيىلىشىنى ئۇنىڭ ئاچچىغىنى بىردىنلا ياندۇردى .
- سىز نىمىلا دىمەڭ مېنىڭ بارغىنىم بارغان !- دەپ قارارىنى ئۇقتۇردى دىلبەر ئاخىردا .
- مېنىڭمۇ بارغىنىم بارغان !- دىلبەرنىڭ كەينىدىنلا ۋاقىردى  شەيتانلىق قىلغاچ گۈزەلنۇر ، دىلبەر گۈزەلنۇرنىڭ ئۆزىنى قوللىغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
بۇ بىر مەيدان تىركىشىشتىن كىيىنكى قىزلارنىڭ مەردانلىق بىلەن ئوتتىرىغا سەكىرەپ چىقىشى باياتتىن بېرى تاماشا كۆرىۋاتقان يىگىتلەرنى چۆچۈتىۋەتتى .
- ۋوي - ۋوي ئاغىنىلەر !- دەۋەتتى ئىسكەندەر ،- بۇ قالماشمىدى ، بىزنىڭ قىزلارچەمۇ جۈرئەتىمىز يوقما ئەمدى ؟
- دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ موشۇ غەيرىتى ئۈچۈن بولسىمۇ بارساق باردۇق ،- دەپ تۇرغۇنمۇ قوشۇلدى .
 شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بىر ھازا تالاش - تارتىش قىلغاندىن كىيىن بىرلىككە كىلىپ ، خەرتىدىكى يۇرتنى ، تايىرنىڭ چۈشىدىكى بۇۋاينى ئىزدىمەك بولۇپ تەييارلىق قىلىشقا تارالدى ، سەپەر ۋاقتى ئەتىسى ئەتتىگەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
 - سەن شۇنداق قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇڭ ھە؟- دىدى دىلبەر قايتىۋېتىپ خۇشلۇقتا گۈزەلنۇرغا .
- پوقنى ! - دىدى گۈزەلنۇر دۇمسىيىپ ،- سېنى دىمىسەم كەتكۈم بار ئىدى ، سەن بارىمەن دىسەڭ قانداقمۇ يالغۇز ماڭغىلى قويۇپ كىتەلەيمەن ، سېنىچۇ ئۆزەم ئاپىرىپ تايىر بىلەن ئوتتۇرۇڭلاردا يۈز ۋاتلىق لامپۇچكا بولمىسام ھېساپ ئەمەس .
- بەش يۈز ۋاتلىق دىگىنە !
قىزلار سۆزلىرىدىن كۈلۈشۈپ كىتىشتى .
- پوچىلىق قىلىپ بارىمىز دەپ سەكىرەپ سالدۇق ، دىگىنە قانداق بارىمىز ،ئاپام، دادامغا نىمە دەرمىز ئەمدى؟- دىلبەر ئەمدى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىغىغا ، تايىرنىڭ ئالدىدا پو ئاتقىنىغا پۇشايمان قىلىپ قالدى ،- مېنىڭغۇ شۇنداق بارغۇم بار ، ئەگەردە دادام - ئاپام ئۇنمىسا قانداقمۇ قىلارمەن شۇ غەمدە !
- ھەممىنى قىلغان سەن ! سەن پو ئاتمىساڭ مەنمۇ ئوتتۇرغا چىقماستىم ، ئەمدى ئامالىنى ئۆزەڭ قىل !
- ئۇنداق قىلماي بىر يول كۆرسىتە ، سەل ھىلىگەر بولغاندىكىن !- دىلبەر گۈزەلنۇرغا شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ بېقىنىنى غىدىقلاشقا باشلىدى ، گۈزەلنۇر كۈلۈپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاچ ماقۇل بولدى :
- مېنىڭچە ،- دىدى ئۇ ،- سەن ئەتە مېنى شەھەرگە ئاپىرىپ قويغاچ مېنىڭ يېنىمدا نەچچە كۈن تۇرىدىغان بول ، مەن شەھەردىكى ئىشنى ئۆزەم توغۇرلايمەن .
- ۋاھ ! بۇ  ئامال بولغۇدەك !- دىلبەرنىڭ چىرايى ۋىللىدە ئېچىلدى .
- توختا ، توختا ! - دىدى بىردىنلا بىر ئىشنى يادىغا ئالغاندەك گۈزەلنۇر ،- سەن ھازىر مېنى ھىلىگەر دىدىڭما ، ئۇنداقتا مەن تۈلكىما؟
دىلبەر ۋىللىقلاپ كۈلدى :
- ھەئە سەن تۈلكە جىن !!!
- خەپ توختا دەيمەن !!!
قىزلار بىر - بىرىنى قوغلىشىشقا ، يىتەشكىنىدە غىدىقلىشىشقا باشلىدى ، سۈپسۈزۈك سەھرا ئاسمىنىدا بۇ ئىككى قىزنىڭ ساپ كۈلكىلىرى ئەكىس سادا بولۇپ يىراقلارغىچە تارىدى …
 ئەتىسى ئۇلارنىڭ تەلىيىگە سەپەرگە چىقىدىغانلا كۈن بولدى ، بۇ تەۋەككۈلچىلەر تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ سەپىرىنى باشلىدى ، نەچچە ۋاقىتتىن دەككە - دۈككە قىلغان قېلىچلارنىمۇ ئېلىپ ماڭدى ، ماشىنا ئۇلارغا تونۇش بولغان يولدا ئۇچقاندەك يۈرىمەكتە ئىدى ، ساپ ھاۋادىن دىماقلارغا يامغۇر ھىدى ئۇرۇلاتتى ، بۇنداق ھاۋادا يەنە جەم بولۇپ، تەۋەككۈل دىڭىزىغا شۇڭغىغان بۇ يېققىن دوسىتلار غەم - ئەندىشىلەرنى ئۇنتۇپ ، خۇشلۇقتا پاراڭنى قىزىتىۋاتاتتى .
 - كۈندە موشۇنداق سەپەرگە چىقىپلا تۇرساق قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟- دىدى گۈزەلنۇر ماشىنا دەرىزىسىدىن كىرگەن ساپ ھاۋانى بىر سۆمۈرۈپ ھاياجاندا .
- ھېلىمۇ كۈندە ماڭمىساقمۇ ئون نەچچە كۈندە بىر مېڭىۋاتىمىزغۇ ، - دىدى سەمەت.
تۇرغۇن گەپ قوشتى :
- ھەر قېتىم ماڭساق تويغا ماڭغاندەك قېن - قېنىمىزغا سىغماي ماڭىمىز ، بارغاندىن كىيىن ، يىغلاپ - قاخشاپ قايتالماي ئاران قالىمىز ھە؟ ،- ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى كۈلكە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى .
- بىزنى دەۋاتامسىز ؟- دىدى دىلبەر ماشىنا خوتىنى يۆتكىگەچ ،- گەپلىرىڭىز قىزلارغا قارىتىلغاندەكلا تۇرىدىغۇ !
- ياق ، ياق سىزنى دىيىشكە مېنىڭ بېشىم ئون ئەمەس ،- تۇرغۇن ھېجىيىپ قويدى ،- سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەككىلى بولاتتىمۇ ، چىشىڭىزغا تەكسەم ، تايىردىن چىقىرالمىغان ئاچچىغىڭىزنى مەندىن چىقىراسىز !- بالىلار كۈلۈشتى ، پەقەت تايىرلا تۇيۇقسىزلا گەپنىڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغىنىدىن قىزىرىپ قالدى .
- نىمە يەنە مېنى چىشلەپ تارتىسەن ، ئېنىقلا ئۆزەڭ قىزلارنى يىغلاڭغۇ دەپ تۇرۇپ ئۆزەڭنى ئاقلاۋاتامسەن !
- ئاداش ئۇنداق ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ مېنى خەتەرگە ئىتەرمىسەڭچۇ؟
- ھەەە ، تايىرنى ئالدىغا چىقارسام مەن قۇتۇلىمەن دىگەنمىدىڭىز ، تايىردىنغۇ ئاچچىغىمنى چىقىرىپ بولالمىدىم ، ئەمدى سىزمۇ ئاچچىغىمنى كەلتۇردىڭىز قوشۇپلا ھېساۋىنى ئالىمەن ئالدىرماڭ !
- بىزلا ياخشىكەنمىز ھە ئاداش ،- دىدى سەمەت ئىسكەندەرنى نوقىغاچ كۈلۈپ ،- قىزلارغا كۆيىنىپ ئاچچىغىنى كەلتۇرمەي ، نىمە دىسە گېپىنى ئاڭلاپ .
- شۇڭا سىلەر بويتاق قالغان ،- ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا تۇرغۇن شۇنى دىدى ، بالىلار پاراقلاپ كۈلىشتى ، سەپەر شۇنداق كۆڭۈللۈك داۋاملىشىپ سىرلىق رايون يولىدىكى سىتىرلكا سايە تاشلايدىغان چوققىغا كەلگەندە چۈش بولدى ، ماشىنا توختىدى ، ئۇزۇن ماشىنىدا ئولتۇرغان قىز - يىگىتلەر ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى ھەركەتلەندۈرگىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈشتى .
ئۇلار بۇ ئالاھىدە «يول كۆرسەتكۈچى» چوققىنى  قانداق ياساپ چىققانلىغى توغىرسىدا پاراڭلاشقاچ چۈشلۈك تاماقنى بۇ قونالغۇدا يىيىشتى .
ئاسمان يەنىلا بۇلۇتلۇق بولۇپ ، ئاندا - ساندا يامغۇر تامچىسىمۇ چۈشۈپ قوياتتى ، ئەتىراپ كەڭ ساي ، سايلىقتا بۇ چوققىدىن باشقا بىرەر نەرسە چوخچىيىپ چىقمىغاچقا، بۇ جاي ئادەمگە يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى سىرىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى .
-  ئەتىراپىمىزدا بىزدىن باشقا بىرەر جانلىق بولمىسا ئادەمگە يەنىلا بىر خىل ۋەھىمە ھېس قىلدۇردىكەن ھە !- دىدى گۈزەلنۇر ئەتىراپقا بىر قۇر قارىۋېتىپ ،- بۇ جايدا تۇرۇپمۇ سىرلىق رايوندىكى ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق كۈنلەردىكى ئەنسىزلىك يادىمغا يىتىپ قالدى دىسە !
- بولدى ئۇ جاينى دىمىگىنە ،-دىدى دىلبەر ،- مەن ئۆلدۈم دەپ ئويلىغان ئۇ ۋاقىتتا ، مېنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغاندا نىمە بولۇپ كەتكىنىمنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر !
ئۇلار يېرىم سائەتتەك سىرلىق رايوندىكى كەچۈرمىشلىرىنى دىگەچ دەم ئېلىپ سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ، ماشىنا ئۇلار ئىلگىرى ماڭغان ئىزنى بويلاپ بىر خىل سۈرئەتتە ئىلگىرلەپ نەچچە سائەت يۈرىگەندىن كىيىن سىرلىق رايوننىڭ گۈمۈرلۈپ كەتكەن ئىشىكى ، ئۆڭكۈرگە كەلگەندە ماشىنا توختىدى ، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەينى ۋاقىتتىكى قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاپ تۇرۇپ قېلىشتى .
- ھەي ئالۋاستى ، جىنلار بىز يەنە قايتىپ كەلدۇق ، قېنى سىلەر!!!
جىمجىتلىقتا دىلبەرنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق دەپ ۋاقىرشى ھەممىسىنى چۆچۈتىۋەتتى ، گۈزەلنۇر يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئەتتى .
- ھەي ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟نىمە ئۇنداق دەپ ۋاقىراپ يۈرىيسەن ، ئۇلار راسلا كەلسە قانداق قىلىمىز؟

ئاخىرى بار…





1557 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-28 4:11:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-2 18:28:36 subihi
Sirlih rayundiki yuz bargain kurkunuxluh exlar mini huddi magnittak uziga tartiplawaldi nimidigan wahimilik ham kizzih rahmat mitru
2017-3-1 6:01:28 ئاق تىلەك
مەن بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم بارغانچە ھېكايىنىڭ ئىچىدە مەن باردەك ھېس قىۋاتمە قۇلىڭىزغا دەت بەمىسۇن جاپا چەكتىڭىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ