يوقالغان قوشۇن -11- قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن


(11-قىسىم)

metro


قوشۇن ئۇ مەخلۇقلار يەيدىغاننى يەپ بولۇپ قايىتقۇچە شۇ يەردە مۈكۈنۈپ يېتىشتى ، ھەممىسى ئاچارچىلىق ، ئۇسسۇزلۇق ، قورقۇنۇچ ئىچىدە شۇنداق ھارغىن ھەم مەيۈس كۆرىنەتتى. مەخلۇقلار ئىرەنچەكلىك بىلەن مېڭىپ كۆزدىن يۈتىشىگە خو قۇماندان بىلەن قاسىمبەگ چىدىيالماي قونالغۇغا قاراپ پالاقشىپ يۈگەردى ، كەينىدىكىلەرمۇ ئەنسىرگىنىچە تىزدىن ئەگەشتى. ئۇلار بېرىپ كۆرگىنى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىرە بولۇپ تۆگە ، ئىشەك ، ھەم بەزى ئادەملەرنىڭ ئىسكىلىتلىرى قىپقىزىل قان ئىچىدە پاچىلىنىپ تۇراتتى. تۆگە ئىسكىلىتلىرى يېنىدا ئالتۇن - كۆمۈشلەر يىرتىلغان يۈك تاقلار، سۇنغان ساندۇقلار ئىچىدە پارقىراپ چېچىلىپ تۇراتتى .

- يىمەكلىك ، ئوزۇق- تۈلۈكلەر قېنى ؟ ۋاقىردى خو قۇماندان ئەتىراپقا قاراپ تېڭىرقىغىنىچە. ھەممىسى بۇ مەنزىرلەردىنلا ئەمەس. ئوزۇق - تۈلۈكسىز قالغىنىدىن تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قېلىشتى.

- ئوزۇقلىرىمىزنىمۇ ئۇ مەخلوقلار يەپ كىتىپتۇ ، - قاسىمبەگ يىغلامسىراپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئامىنە بىلەن گۈلنەزەر دادىسىنى يۆلىدى ،- موشۇ يەردە ئۆلەمدۇق ئەمدى ،ئاھ خۇدا !!! قاسىمبەگنىڭ ئاۋازى شۇنداق چىقتىكىن ئۇ بارلىق ئۈمۈدىدىن ئايرىلغان ئۈلۈمنى كۆرۈپ ئۇھسىنغان ھەسىرەتلىك ئاۋاز ئىدى .

- نان - ئوزۇق ئارتىلغان تۆگىنىڭ ئىسكىلىتىمۇ يوققۇ ؟- دىدى خو قۇماندان بىر قۇر ئايلىنىپ كىلىپ .

- يىرتقۇچلار پۈتۈن يەۋەتكەندۇ ، - دەپ پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردى قاسىمبەگ.

بۇ چاغدا سادىر بۇۋاي ئوتتۇرغا چىقتى :

- بۇ يەردە بۇنى تالىشىپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ، قورال بولغاندىكىن ھېچ بولمىسا ئوۋۇلاپ يىگۈدەك بىرەر نەرسە چىقار ، ھازىرقى مەسىلە سۇ تېپىش. بولمىسا جاھان قىزىغانچە سۇسىراپ ھالاك بولىمىز. ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىسگە كەلگەندەك بولۇشتى، بېرىپ ئالتۇن كۆمۈشلەرنى ، قىممەتلىك مال - مۈلۈكلەرنى ئەسكەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ كۆتەرتكۈزدى ، قوراللاردىن ھەر - بىرۈيلەن بىردىن ، ئوق ، بومبىلاردىن نەچچە تالدىن ئېلىشتى ، ئاشقان نەرسىلەر شۇ يەرگە تاشلىۋېتىلدى .

- ئاتلىنايلى ! خو قۇماندان ئارانلا شۇنداق دىيەلىدى ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى دەددەبىلىك ۋاقىرايدىغان ، ھاكاۋۇر ھالىتىدىن ئەسىرمۇ يوق ئىدى. قوياش جاھاننى قىزىتماقتا ئىدى ، قوشۇن بۇ ياردەنلىك ئارسىدىن ئەرۋاھلاردەك باشلىرىنى ساڭگىلاتقان پېتى ،مىلتىقلىرىنى سۆرەشكەنچە كىتىپ بېرىشاتتى،ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ، چارچاش ئۇلارنى بىرەر شامال كەلسىمۇ ئۇچۇرۇپ كەتكۈدەك ھالەتتە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.

- كىچە نەگە باردىڭىز؟- گۈلنەزەر پولاتقا يېقىنلاپ كىلىپ ئاستا سورىدى .

پولات بۇ سۇئالدىن چۆچۈپ كەتتى ،

- ھېچ … ھېچ يەرگە...

گۈلنەزەر ئىنچىكىلەپ سوراشنى لايىق كۆرمىدى -دە گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى:

- بىز موشۇ قۇملۇقتا ئۈلۈپ كىتەمدۇق ؟

پولات قىزنىڭ مەييۈس چىرايىغا قارىدى،

- ياق ئۇنداق بولمايدۇ ،ئۈمۈتۋار بولۇش كىرەك!

قىز كۈلۈمسىرەپ قويدى:

- بولدى كۆڭلۈمنى ياسىماڭ ، ھازىر ھېچ نەرسىمىز بولمىسا بۇ جاڭگالنىڭ يە چېتى بولمىسا قانداقمۇ ھايات قېلىشتىن ئۈمىت بولسۇن.

پولات قىزغا يەنە تەسەللىي بەرمەكچى بولدىيۇ قايتا گەپ قىلمىدى . قوشۇن غەرىپ قىزارغاندا يەنە قۇم بارخانلىرى ئىچىگە كىرىشتى. بۇ چاغدا خو قۇمانداننىڭ ئايالى يىقىلدى. يېنىدا كىتىۋاتقان خو قۇماندان ئالاقزادە بولۇپ ۋاقىردى :

- دوختۇر !!!

لېكىن دوختۇر بۇ تېنى ئاجىز سۇسىىزلىنىپ كەتكەن ئايالغا ياردەم قىلالمىدى. خو قۇماندان ئۇنىڭ ھوشسىز تېنىنى ھاپاشلاپ مېڭىپ باقتى ، لېكىن ئۇزۇن ماڭمايلا ھېرىپ يىقالدى . بولمىغاندا دەم ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشەردى ، پۈتۈن ئادەم ئورىنلىرىدىلا ھالسىزلىنىپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىشتى. ئۇزۇن كىچە ، پولات قۇتىسىدا ساقلاپ قويغان سۈيىدىن ئاتىسىنىڭ ئېغىزىغا ئازىراق تېمىتتى، قولىغا ئاز قۇيۇپ «قارا ئېيىق»نىڭ ئېغىزىغا ئازاراق تەككۈزدى، ئۆزى ئىچىشكە قىيماي قالغىنىنى ئاستا يەنە يېنىغا تىقىۋالدى ھەمدە ھېچكىمگە تۇيدۇرماي يەنە قاراڭغۇ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ تاڭغا يېقىن قايتىپ كەلدى.

ئەتىسى كۈن قىزىغى ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىدى. بۇ چاغدا خو قۇماندان ئەنسىز ئايالىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ۋاقىردى ، چۈنكى ئايالى ھوشىغا كىلەلمەيلا كىچىدىلا جان بەرگەن ئىدى. ئۇ ساراڭلاردەك چاچلىرىنى يۇلۇپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، بۇ ئۇنىڭ ئايالىغا تارتىشىپ يىغلىغىنىمۇ ياكى تەقدىرىدىن ئازاپلىنىپ يىغلىغىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى .

سەپەر يەنە باشلاندى ، قوشۇن بىر ئاش پىشىم ماڭغاندىن كىيىن كىتىۋاتقانلار بىرلەپ ، ئىككىلەپ يىقىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا خو قۇماندان ئەسەبىيلەشكەن بولۇپ يىقالغانلا ئادەمنى ۋەھشىلەرچە ئېتىۋېتىپ ماڭدى. بۇنىڭ بۇ ھايۋانلارچە ھەركىتىگە ھەممىسى غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ، ھېچكىم بىر نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.

ئۇلار كىتىۋېتىپ يىراقتىن بىر قانچە نەرسىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تىزلىك بىلەن كىلىۋاتقىنىنى كۆردى .

- ئەتىگەنكى مەخلوقلار ، تىز قاچايلى ،- ۋاقىردى قاسىمبەگ قورقۇنچۇلۇق ۋاقىراپ . ھەممىسى بۇرۇلۇپ قۇملۇق ئىچىگە يۈگۈرۈشتى. لېكىن ھالسىراپ كەتكەچكە ئارانلا بىر قۇم داۋانغا يىتىپ چىقالىدى ھەمدە قېچىشقا كۆزى يەتمەي ھەممىسى مەخلۇقلارغا ئوق ئېتىشقا باشلىدى. ئالدىدا كىلىۋاتقان كەسلەنچۈك قوشۇنغا يېقىن كەلگەندە يىقىلدى ، كەينىدىكىلەر يەنە يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا گىراناتتىن بىرى يەنە بىر مەخلۇقنى يىقاتتى .

- ئاتا قارا ، - پولات مەخلۇقلار كىلىۋاتقان تەرەپنى كۆرسەتتى ، يىراقتىن نۇرغۇن كەسلەنچۈك يۇپۇرلۇپ كىلىشكە باشلىغانتى ، ئۇ كەسلەنچۈكلەرگە بۇلارنىڭ ئوق - دورىسى يەتمەيتتى ، شۇندىمۇ چىكىنىشكە يول يوق ئىدى . خو قۇماندان ئاچچىق ۋاقىردى :

- ئېتىڭلار ، راسا ئېتىڭلار ، بۇ قانخورلارنى ئېتىپ پارا - پارا قىلىڭلار !

ئوقلار شىددەت بىلەن ئېتىلىۋاتاتتى ، مىغىراپ كەلگەن كەسلەنچۈكلەر ئۆلگىنى ئۈلۈپ تىرىكلىرى قوشۇنغا بۈسۈپ كىرگىنىچە ئەسكەرلەرگە ئېغىز سېلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ چىشلىرى ئەينەك پارچىلىردەك ئۆتكۈر بولۇپ چىشلىگەنلىكى ئادەمنى بۆلۈپ ئىككى پارچە قىلىپ ئىرغىتىپ تاشلايتتى. قوشۇن پاتپاراق بولۇپ ، قىيا - چىيا ، ئوق- دورا ئاۋازىغا تولدى. بۇ چاغدا بىر تۈركۈم ئەسكەر قۇم داۋاننىڭ قارىشى تەرپىگە قېچىشقا باشلىدى ، ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقىنىنى پەملىگەن خو قۇماندان:

- تىز قېچىڭلار ! دەپ ۋاقىرغىنىچە قوم دۆڭلۈكتىن پەسكە ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن قاسىمبەگ ، سادىر بۇۋاي ، گۈلنەزەر ، ئامىنە ، پولات ھەمدە بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرمۇ پەسكە قاراپ دۇمىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. «قارا ئېيىق» جەڭ مەيدانىدىن پولاتلارنىڭ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇمۇ يۈگەردى. ھاياتلار بىر ياقتىن ئوق ئاتقاچ قاچماقتا ئىدى ، كەسلەنچۈكلەر يىتەشكەنلا ئادەمنى چىشلەپ پارا - پارە قىلۋاتاتتى. ئۇلار پەسكە چۈشۈپ ئەمدىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىغا ئالدىدا قاچقان نەچچە ئەسكەر قۇمغا پېتىشقا باشلىدى ، ئۇلار خۇددى پۇتىنى بىر نەرسە تارتىۋاتقاندەك قۇم ئىچىگە ئەتىراپتىكىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋاقىراپ - جاقىرغىنىچە چۆكۈپ كىتىۋاتاتتى.

- تىگى يوق قۇملۇقكەن ، ئۇرنىڭلاردا يېتىڭلار ، - سادىر بۇۋاي ئەتىراپتىكىلەرگە ۋاقىردى،- ئورنىڭلاردىن تۇرساڭلار يۇتۇپ كىتىدۇ ، ئۆمۈلەپ مېڭىڭلار !

بۇ چاغدا قوغلاپ كەلگەن كەسلەنچۈكلەر كەينىدە كىلىۋاتقانلارغا يىتىشىپ كىلىپ ئېغىز سېلىشقا باشلىدى ، بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ يۈگۈرشىپ كىلىپ قۇمغا پېتىپ قېلىشتى ، قۇملۇق قىيا - چىيا بىلەن تولدى ، خو قۇماندان ، قاسىمبەگ ، سادىر بۇۋاي ، پولات ، گۈلنەزەر ، ئامىنىلەر ئۆمىلەپ تىگى يوق قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرغا كىلىشكەن بولۇپ كىلىۋاتقان كەسلەنچۈكلەرمۇ قۇم ئىچىگە چۆكىۋاتاتتى. قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە قىزىقسىڭىز ، داۋامىغا دىققەت قىلىڭ ...





1885 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 19:08:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-31 17:42:51 كاپىتان
ناھايتى ياخشى يىزىۋاتىسىز تىرشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ