تەكشۈرۈش (ھىكايە) - ئالمىرە ئەخمەت

تەكشۈرۈش  
   
 ئالمىرە ئەخمەت 


    "ئىتتىرىلمەي رەتلىك تۇرۇڭلا ھە ، تىزىلىپ ، ئاكا ماۋۇ رەتكە كىرسىلە ھە . ۋوي ئۇكام توختا دىدىم سىنى قاراڭلا ماۋۇ بالا قايسىڭلانىڭ بالىسى دەيمە قولىدىن چىڭ تۇتمامسىلە بالاڭلارغا ئىگە بولۇڭلا " 25 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بېشىغا پوسمىسىنى چۆكۈرۈپ كىيگەن ئۇچىسىدا ھەربىيچە چاپان قارىماققا سوغۇقتا مۇزلاپ چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتكەندەك كۆرىنىدىغان بۇ يىگىت كەينىدىكى كىشىلەر توپىغا ھەدەپ ۋاقىراپ توۋلايتى . نىمىشلىقىنى ئانچە ئاڭقىرالمىغان بولساممۇ شۇ ئاتالمىش ئۆچىرەتنىڭ كەينىگە بېرىپ تىزىلىپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم . ئەمىليەتتە بۇنى ئۇنچە رەتلىك ئۆچرەت دىيىشكىمۇ بولمايتى .پەقەت شۇ ھېلىقى يىگىتنىڭ گاھى-گاھىدا ئارقىغا بۇرۇلۇپ سىلكىپ ۋارقىراشلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر غۇژمەك ئادەملەر توپى ئىدى . كىشىلەر ھىلىدىن ھىلىغا ئىتتىرىپ سوقۇشۇپ بىر بىرىنى قىستىشاتتى ، ئەمىليەتتە مەن بىچارە پەقەت خەلىقئارا چوڭ بازارنىڭ ئاستىدىكى كاررىفور تاللا بازىرىغا كىرىپ ئاپام بۇيرىغان نەچچە خىل نەرسىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈنلا شۇنچە رىيازەت چىكىپ ئۇرۇپ سوقۇلۇپ تاللا بازىرىغا كىرىش ئىشىكىتىدىكى پەلەمپەيسىماي لىفىتنىڭ ئالدىدا 15 مىنۇت بولدى يا چىقىپ كىتەلمەي يا تاللا بازىرىغا كىرەلمەي تۇرىۋاتقىلى .
      كىچىكىمدىن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغۇنۇم بىلەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئوقۇش ئىشلىرىم بىلەن سىرتلاردا يۈرۈپ  ئۈرۈمچىدە بازار ئايلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم ، بۇ قېتىم ئاران دىگەندە ئاپامنىڭ بالام 20 ياشلىق قىز بالىمۇ بازارغا چىقىپ تۇتۇپ ئىككى تال سودىلىق قىلىپ كىرەلمىسە قانداق بولىدۇ ، ئادەم دىگەن ئانچە مۇنچە تۇرمۇشنىڭ يولىنىمۇ بىلمىسە بولمايدۇ دىگەندەك بىر قاتار تاپا- تەنىلىرىگە چىدىماي يانۋارنىڭ بوران ئۇچۇرتۇپ تۇرىدىغان ئادەم دېڭىزى بولغان خەلىقئارا چوڭ بازارغا كەلدىم ، بازارنىڭ ئىشىكىدىن كىرىش ئۈچۈنمۇ ئالاھەزەل 15 مىنۇتلارچە ئۆچۈرەت تۇرۇپ ئىچىدە ھېچنەرسە يوق پەقەت ياڭزىغا ئېسىۋالغان سومكامنى قايتا-قايتا  3 يەردە تەكشۈرتۈپ ئاران دىگەندە تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكىگە كەلسەم مانا مۇشۇ ئىش . كىشىلەر توپىدا تۇرۇپ بولدىلا سوغۇقتا قىستالغۇچە چىقىپ مەھەللىدىكى كىچىك دۇكاندىن قىممەت بولسىمۇ ئېلىپ كىرىپ ئاپامنىڭ ئاغزىنى ئىتەي دەپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئارقىمغا بۇرۇلدۇم ، توۋا خەلقىمىزنى باشقا ئىشلاردا بۇنچە ئۇيۇشقاق ھېس قىلىپ باقمىغان  ئىدىم ، بۇ ئۆچۈرەتتە شۇنچە زىچ ئۇيۇشۇپ تۇرۇپتىكى چىقىپ كىتىشىم ئەمەس ئوڭ سولغا مىدىرلىشىممۇ مۇمكىن بولمايتى . تاس قاپتۇ بەزىلىرى ئەر - ئاياللىق پەرقى بولمىسا قۇچاقلىشىپ قالغىلى . " خالايىق يانجۇق سومكىلىرىڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار ھە ئوغرى بار ماۋۇ يەردە " ئاللا ئاللا قىستىلىپ مىجىلىپ ئاران تۇرسام قۇلۇقۇمنىڭ تۈۋىدىلا تۇرغان ياغلىقىنى چىكىسىگە قىستۇرۇپ چىگىۋالغان ئاچىمىز ئاغزىدىن شالىسىنى چاچرىتپلا شۇنداق دەپ توۋلىماسمۇ يۈركۈم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى . گەرچە سومكامنىڭ قۇپقۇرۇق ،ئوغرى ئالغۇدەك بىرەر نەرسەمنىڭ يوقلىقى كۆڭلۈمگە  ئايان بولسىمۇ ،يەنىلا قورققان يەردە جىن بار دەپ سومكامنىڭ ئاغزىنى قولۇمدا چىڭ مىجىپ ئەتراپىمغا "زادى قايسىسى ئوغرىدۇ" دىگەندەك بىر باشتىن قارايتىم . ھېچكىمنىڭ چىرايىدىنغۇ ئوغرىدەك كۆرۈنمەيتى ، مىنىڭ كۆرەلىگىنىم پەقەت شۇ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا سوغۇقتىن توڭلاپ تىترەپ كەتكەن ۋە باشلىرىنى غازدەك سوزۇپ ئالدىغا "قاچان كىرەرمەن "دىگەندەك ئىنتىلىشلىرى ئىدى خالاس . شۇنداق تۇرۇپ يەنە بۇلار نىمىشقا بىكاردىنلا ئوغرى ئوغرى دەپ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قورقۇتۇپ ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق بولغان كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرىدىغاندۇ دەپ خىيالغا چۆكۈپ كىتىپتىمەن . بىردەمدىلا ماڭدى ماڭدى دىيىشىپلا كىشىلەر ئالدىغا سىلجىغىلى تۇردى . ئىتتىرلىپ ئىتتىرلىپ مىڭىپ ھېلىقى يىگىتنىڭ ئالدىغا كىلىشىم "بولدى توختاڭلار ئالدىقى ئەللىك كىشى كىرىپ كەتتى سىلەر سەل ساقلاپ كىرىڭلار "دەپلا ئىككى قولىنى ئىچىپ لىفىتنىڭ ئىككى تۇتقۇچىنى تۇتۇپ خۇددىي ئىستولبۇدەك يولنى ئىتىپلا تۇرىۋالدى . مەن بۇ رەتنىڭ بېشى بولغاچقا كەينىمدىكىلەرنىڭ ئىتتىرىشلىرىگە ئاۋايلا ئۇچراپ تۇراتتىم . ئەمما ئالدىمدىكى ھېلىقى ئىستولبۇ يىگىت مىتمۇ قىلماي كىشىلەرگە قاراپ " ئىتتىرىشمەڭلا ، ئاستا ئاستا كىرسىلە " دىگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ۋارقىرايتى . ئاباي تېخى نىمانچە قوپال بالىدۇ بۇ . چىرايلىق گەپ قىلسا ھەممىمىز ئاڭلىق ئادەم تۇرساق دەپ ئويلىغان ئويلۇرۇم ئەمدى ماۋۇ يىگىت تېزراق ۋارقىرىسا بوپتىكەن دىيىشكە ئۆزگەرگەنىدى . چۈنكى ئۆزۈمنى زورىغا چىڭ تۇتۇپ تۇرمىسام كەينىمدىن ئىتتىرىلىۋاتقان كۈچنىڭ تەسىرىدە تاس قالاتتىم ئالدىمدىكى يىگىتكە چاپلىشىپ قالغىلى . ئاران دىگەندە ماڭا كىرىشكە نۆۋەت كەلدى ، ئەمدى ئۇف دەپ كىرىشىمگە كىم بلسۇن ئىچىدە ئەر -ئايال ئايرىمىسى بويىچە تەكشۈرىدىغان چوڭ تەكشۈرۈش تۇراتتى . تاللا بازىرىغىمۇ خۇددىي ھاجەتخانىغا ئەر-ئايال ئايرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىرگەندەك مىڭ جاپادا كىرىپ ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ئۆيگە ياندىم . ئېتى تۆت تەڭگە توقىمى ئون تەڭگە دەپ ئالغان نەرسەم تايىللىق ئۆيدىن ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ئادەم چۈشتىن كىيىن سائەت 4 بولغاندا ئۆينى ئاران تېپپتىمەن . ئوتتۇرلۇقتا شۇ قۇرۇق سومكامنى 13 قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپتىمەن . يەر ئاستى مىترو قۇرۇلىشى دەپمۇ ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ ساراڭ خوتۇننىڭ چېچىدەك مالىماتاڭ قىلىۋىتىلگەن قاتناش لىنىيەلىرى ، ئالدىڭىزدىكى يول ئىتىك دەپ بىر پارچە ئەسكەرتىش تاختىسىمۇ يوق ئۇزۇندىن ئۇزۇن يوللارنىڭ ئۇچىغا چىقىپبولغاندا توككىدە ئىككى پەنەركىدە ئىتىپ قويۇلغان چىقىش ئېغىزلىرى مۇز سوغۇقتا شۇ يولنى يەنە ئوخشاش كەينىمگە  ئۆرۈلۈپ داۋاملاشتۇرۇش تولىمۇ ئېغىر كىلىپ يىغلىغۇدەك بولۇپ ئاران ئۆيگە كىرسەم ئاپامنىڭ ئەتىگەن ياقى 30 قېتىم تېلىفۇن قىلسام ئالماي دەپ قاقشاشلىرى بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى . يانفونۇم ئىسىمگە كىلىپ ئۈستى بېشىمنى ئاختۇردۇم . ئەلۋەتتە يوق ئىدى . كىم بىلىدۇ قايسى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە سومكامنى بىر ، ئۆزۈمنى بىر تەكشۈرتۈپبولغۇچە قايسى قولى ئىتتىك يانجۇقچى مىنىڭ يانجۇقۇمنى تەكشۈرۈپ بولدىكىن . ئەمدى ھېلىقى ئاچىمىزنىڭ ئوغرى بار دىگەن گىپى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى . ."خەپ ئەمدى سىرتقا سومكا ئېلىپ چىقماسمىنا ، ياق سومكا ئەمەس ئۆزۈممۇ چىقماسمىنا ھەرگىز "دەپ كۆزۈمدىكى لىق ياشنى ئاران دىگەندە ئىچىمگە يۈتۈپ تۇرسام ئاپام ئاستا كىلىپ "بالام ئاۋۇ تىلفۇن قىممەت تىلفۇنتى ھە ، بولمىسا ھېلىقى سومكىلىرىڭىزنى تەكشۈرگەن يەرگە بېرىپپاقامسىز يا، كامىراغا چۈشكەن بولسا تېپلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس "دىدى . پاڭڭىدە يىغلاپ سالدىم ، تېلفۇنۇمغىمۇ ئىچىم ئاغرىغان ئىدى ئەمما ھەممىدىن بەك 13 قېتىملىق تەكشۈرۈلگەن جايىنىڭ قايسىسىغا بېرىپ قاچان يەنە قايسىسىدا ئۆزۈمنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويۇشۇمدىن قورقۇپ قالغان ئىدىم .   





761 قېتىم كۆرۈلدى almira ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-28 20:06:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ