قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 13- قىسىم
www.yazghuqilar.com
تايىرلار قۇملۇق ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىچە مېڭىش تەسلەشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۈن ماڭغان سەپەر ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۈتكىگىدەكمۇ دەرمانىنى قويمىغان ئىدى . گۈزەلنۇر ئۇلارغا قوشۇلماي دىگەندەك ئالدىدا كىتىپ باراتتى ، دىلبەر چاقىرسىمۇ كارى بولماي ، يا يىگىتلەرنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنىت قىلماي ، يا ئۇلارنى يىتشتۈرمەي خۇددى ئۇ بۇ قۇملۇقنىڭ يولىنى بىلىدىغاندەك ، ئۇلارنى مەلوم بىر جايغا باشلاۋاتقاندەكلا ، شۇنچە ماڭسىمۇ قىلچىمۇ ھېرىپ - چارچىمىغاندەك كىتىپ باراتتى . ئۇنىڭ بۇ سىرلىق ھالىتى ئەمدى ھەممىسىنى گۇمانلاندۇرغان ئىدى ، بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىماي قالغان بۇ گۈزەلنۇرنىڭ قىلىقلىرى ئەمدى تۇرغۇننىڭ چىدىغۇچىلىغىنى قويمىدى .
- ھەي سىز !!!
ئۇ گۈزەلنۇرغا قاتتىقلا ۋاقىردى ،- سىز كىمۇ ؟-
گۈزەلنۇر جايىدا « شىپپىدە» توختاپ كەينىگە قارىدى .
- سىز بىز تونىيدىغان گۈزەلنۇر ئەمەس ، ئۇ سىزدەك ئۇنداق قوپال ، ھاكاۋۇر ئەمەستى ، سىز زادى كىم ؟
گۈزەلنۇرنىڭ كۆزلىرى ئادەمنىڭ قورۇققىسى كەلگۈدەك بىر خىل نۇرسىز ھالەتنى يالىت قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتتى ، بۇنى پەقەت تايىرلا كۆرۈپ قالدى . ئۇ باشقىچىلا بىر خىل ئاھاڭدا ئاسمانغا قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈپ تاشلاپ ، تۇرغۇندىن سوغاقلا سۇئال سورىدى :
- قىززىق گەپ ، مەن گۈزەلنۇر تۇرۇپتىمەنغۇ ! مەن گۈزەلنۇر بولمىسام كىم ئەمىسە؟
- سىز گۈزەلنۇر بولسىڭىزمۇ مەن تونۇيدىغان گۈزەلنۇر ئەمەس ، ئۇ سىزدەك ھاكاۋۇر ، قوپال ، مۇز چىراي ئەمەستى ، نىمە قىلدۇق سىز بىزدىن شۇنچىلىك قىيدىغۇدەك ، سەۋەبىنى دەڭ ؟ «ئىچىمدىكىنى تاپ» دەپ بۇنداق خۇي قىلىپ ماڭىۋەرسىڭىز سىزگە بىلىنمىگەن بىلەن بىز زىرىكتۇق !
تۇرغۇن ئاچچىغىنى باسالماي قايناپ قالغانتى ، ئۇنىڭ ئېغىر گەپلىرىدىن گۈزەلنۇرنىڭ ئەلپازىدىن ئىككىسىنىڭ جىدەللىشىپ قىلىش ئىھتىماللىغىنى ھېس قىلغان ئوغۇللار ئۇنى باستى :
- بولدى قىلە تۇرغۇن ! بەلكىم گۈزەلنۇرنىڭمۇ بۇنداق غەش يۈرۈشىدە بىرەر سەۋەبى باردۇ ، ئۇنى ئۇنداق دىسەڭ قانداق بولىدۇ ؟- دەپ جىدەلنى پەسەيتمەكچى بولدى سەمەت .
- ئوھوش بولدى قىلە سەن !- گۈزەلنۇرنىڭ قوپاللىق بىلەن سەمەتنى سىلكىدى ، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ھەممىسى چۆچۈپ كىتىشتى ،- ئاتىكاچىلىق قىلمىغىنە !- ئۇ نەزىرىنى بىردىنلا تۇرغۇنغا يۆتكىدى ،- سەن ئۆزەڭچە ماڭا تەنبىھ بەرمەكچىما ؟ سەن كىم ئىدىڭ ۋۇ يالاڭ تۆش ! مېنى قوپال دەپ كەتكىنىنى !
ئۇشتۇمتۇت ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان پوزىتسىيەدە گۈزەلنۇرنىڭ ئاچچىقلىغان ۋەھشىيانە چىرايى بىلەن قوپال ئاۋازى ھەممىسىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ قويدى ، ئۇلار بۇنداق بولىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغاچقا ئېغىزلىرىنى ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قېلىشقانتى ، بۇ گۈزەلنۇر ئۇلارغا نىسبەتەن قائىدىلىك ، خۇشچاقچاق ، نازۇك ، باشقىلار قاتتىق گەپ قىلسا قولىدىن يىغلاش كىلىدىكىن گەپ قايتۇرالمايدىغان جانان چىنىسى ئىدى ، ئەمدىچۇ بۇ قانداق بولغىنى ؟
ئۇ سۆزلەۋاتاتتى ،دىلبەر ئۇنىڭ بۇ ھازازۇللىغىدىن تىڭىرقىغىنىچە ئۇنى بېسىشقا ، توختاپ قېلىشقا كۆچەشكە چۈشتى ،لېكىن ئۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،ئېغىزدىن شۇنداق قاتتىق گەپلەر چىقىۋاتاتتى ئۇنىڭ بۇ ھاقارەتلىك گەپلىرى تۇرغۇننىڭ غورورىغا قاتتىق تەگدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىر - بىرىگە زەھەر چېچىشقا ، بىر - بىرىنى سۆكىدىغان سۆزلەرنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى . باشقىلار دەرھال يۈك - تاقلىرىنى تاشلاپ ئۇلارنى ئاجىرتىش ، بېسىقتۇرۇش بىلەن ھەپىلىششكە چۈشتى ، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز گۈزەلنۇر يىغلىدى ، ئۇ ھۆكۈرەپ يىغلاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا گۈزەلنۇرغا دەرت ئېيتىشقا باشلىدى :
- موشۇلارمۇ دوسىتلارمۇ ؟ مەن كەلمەيلى دىسەم باشلاپ كەلگەن سەن! ماڭ كىتىمىز ! بۇلار بىلەن ماڭمايمىز!- ئۇنىڭ ياشلىرى بىردەمدىلا يۈزىنى ھۆل قىلىپ بولدى .دىلبەر ئۇنىڭغا تەربىيە قىلغاچ بازلاشقا باشلىدى :
- نىمە دەۋاتىسەن ئاپپاق قېرىندىشىم ، بىز ھازىر يۇرتتىن بەك يىراق جاڭگال ، قۇملۇقتا ،موشۇنداق قىيداپ بۆلۈنۈپ قايتىپ كىتىشىمىز مۇمكىنمۇ ؟ كىچىككىنە ئىشنى دەپ بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېرىدىڭلار !توغىرا خاتالىق تۇرغۇندىمۇ بار ، لېكىن سېنىڭدىمۇ بار تۇرسا ، تۇرغۇننىڭمۇ باشقا مەقسىدى يوق شۇ ساڭا كۆيىنىپ ، بىزدىن ئايرىلىمىسىكەن ، ئىچىدە بىرەر ئىش پۇشىقى بولسا دىسىكەن دىگەن مەقسەتتە گەپ قىلدىغۇ ! سەنمۇ ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىنى تەتۈرىگە قايرىپ ئۇنداقمۇ قاتتىق گەپ قىلىپ ھاقارەتلەمسەن ؟
دىلبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئۇنىڭ تەتۈر مىجەزى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى :
- سەنمۇ شۇنىڭغا بولۇشۇپ مېنى سوتلاۋاتامسەن ؟ سىلەر بىرلىشىپ مېنى بوزەك قىلماقچىغۇ ؟ بولدى سىلەر بىلەن بىرگە مېڭىپ بوزەك بولغىچە ئۆزەم يالغۇز مېڭىپ قايتىپ كىتىمەن !
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يان تەرەپتىكى بىر قۇم بارخىنىنى نىشانلاپلا ماڭدى ، دىلبەر ئۇنى توسىماقچى بولۇپ ئالدىغا بېرىشىغا ، ئۇ قولىنى بىر سىلكىۋىدى بۇ زەربە دىلبەرنى نەچچە ماڭدام يەرگە ئېتىۋەتتى ،بۇنداق كۈچتىن باشقا ئوغۇللار ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى ، پەقەت تايىرلا بىر ۋەھىمىنى سەزگەندەك بولدى - دە يۈگىرەپ بىرىپ دىلبەرنى يۆلەپ تۇرغۇزدى .
- ئۇنى توسىۋېلىڭلار !- ۋاقىردى دىلبەر ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ،- ئوغۇللاردىن سەمەت بىلەن ئىسكەندەرمۇ بۇ قىزنىڭ تەرسالىق قىلىپ بىرەر ئىشقا ئۇچىراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى توسىماقچى بولۇشتى ، لېكىن گۈزەلنۇر ئۇلارنىمۇ سىلكىپ يىقىتىۋېتىپ بارخان كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى ، دىلبەر ئەنسىزلىكتە ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنىچە كەينىدىن يۈگەردى .
- ئۇ ھازىر قايتىپ كىلىدۇ، بۇ يەردە نەگىمۇ بارالايدۇ ئۇ! - دىدى تۇرغۇن ئاچچىغى يانمىغان ھالەتتە ئوغۇللارغا،- بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن قىپ - قىزىل ساراڭكەنغۇ ئۇ !
- ئۇنداق دىسەڭمۇ بولماس !- دىدى سەمەت تۇرغۇنغا كايىغاندەك قىياپەتتە ،-ئۇ ھەرقانداق بىشەملىك قىلسىمۇ يول قويۇشۇڭ كىرەك ئىدى ، ئويلاپ باق ، موشۇنداق يەرگە شۇ ئىككى قىز بىزگە ئىشەنچ قىلىپ ،ئەڭ يېققىن كۆرمىسە كىلەمدۇ ؟ سەن ئەركەك بولغاندىكىن ئاچچىغىڭنى غۇرتتىدە يۇتىۋەتسەڭ نىمە بولىدۇ ؟
- شۇ ئەمەسمۇ !- سەمەتنىڭ گېپىنى ئىسكەندەرمۇ قۇۋەتلىدى ،- بۇرۇن ئەڭ ئېغىر ،ئەڭ خەتەرلىك كۈنلەرنىمۇ جېنىنى ئاتاپ بىز بىلەن بىرگە بولغان قىزلارغۇ ! قارا دىلبەرنى بولسىمۇ ئويلاپ توختاپ قالمىدىڭ !
- ھە شۇنداق بولسىمۇ ، مەن ياخشى نىيەت بىلەن دەپ قويغان نەچچە ئېغىز گەپكە مېنى شۇنداق تىللىسا بولامدۇ ؟ ئۇ گەپلەر بىلەن سىلەرنى تىللىسىمۇ سەكىرەپ كىتەرسىلەر ! بولدىچۇ ، سىلەرمۇ شۇنىڭكىنى توغىرا قىلىپ ياخشىچاق بولماقچىغۇ ؟- ئىسكەندەر ئاغىنىلىرىنىڭ تەنقىت قىلىشىنى قوبۇل قىلماي ئاغرىنىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ دوسىتمۇ داۋلىي چۈشەندۈرشۈپ ئۆزلىرىنىڭكىنى يورغىلاتقىنىچە ۋاقىرشىشقا باشلىدى ، بۇ ۋاقىتتا بىردىن - بىر جىمجىت ئولتۇرۇپ بىر ئىش ئۈستىدە توختىماي جاۋاپ ئىزدەۋاتقان ئادەم تايىر ئىدى . ئۇ ئەتىراپىدىكى ئىشلارنى سەزمىگەندەك ، ئەتىراپىدا ھېچكىم يوقتەك بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن ئورنىدىن ئىتتىك تۇرغان پېتى قېلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا دىلبەرلەر ماڭغان تەرەپكە قاراپ يۈگەردى ، ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ھەركىتىدىن تاكالىشىۋاتقانلار نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قاراپلا قېلىشتى . دىلبەر گۈزەلنۇرنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن يۈگەرسىمۇ گۈزەلنۇرغا يىتىشەلمەي ئىككىنجى بىر قۇم بارخىنىنىڭ كەينىگە ئۆتتى ،ئۇ ،ئۇ تەرەپكە ئۆتكەندە گۈزەلنۇر جىمجىت ھالدا يەرگە قاراپ تۇراتتى ، دىلبەر ھاسىراپ - ھۈمىدەپ كەلگەن پېتى گۈزەلنۇرنىڭ كەينىدىنلا قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى :
- ۋۇ يامان …لىغاق ،ئا…را…ن تۇت …تۇمغۇ …سېنى!
- كىمنى ئاران تۇتتۇڭ ؟؟؟
گۈزەلنۇردىن شۇنچىلىك سەت ، بوم ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
دىلبەر بۇ ئاۋازدىن شۇنچىلىك قورۇقتىكىن خۇددى توك سوققاندەك چەتكە ئالدى . گۈزەلنۇر پۇتى مىدىرلىمىغان ھالدا ئاستا دىلبەر تەرەپكە بۇرۇلۇپ ، بېشىنى كۆتەردى . ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان دىلبەر سەت چىقىرۋەتتى ھەمدە كەينىگە داجىپ يىقىلىپ چۈشتى . ئۇ غادىيىپ تۇرغىنى ئەمدىلىكتە گۈزەلنۇر بولماستىن بەتبەشىرە بىر نەرسە ھىجايغىنىچە قاراپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ بايىلا رەتلىك تۇرغان چاچلىرى ئەمدىلىكتە پاخپايغان ، يۈزى تامدەك تاتاراڭغۇئۇنىڭ ئۈستىگە پۈرلىشىپ كەتكەن ، قانغا بويالغان كۆز ئالمىسى سىرتىدا ساڭگىلاپ قالغان ، چىشلىرى يۇغان ھەم رەتسىز بولۇپ ، يۇغان كەلپۈكلىرىنىڭ تىشىغا چىقىپ كەتكەن ، بوينى ئىنچىكە بولۇپ ، بېشى ھازىرلا ئۈزۈپ چۈشۈپ قالغۇدەك ، قارىماققا ئەر - ئايللىغىنىمۇ بىلمىگۈدەك بىر نەرسىگە ئۆزگۈرۈپ قالغان ئىدى .
- سەن… سەن … ئالۋاستى ! ئاپااا… قۇتقۇزۇڭلار !!!
دىلبەرنىڭ ئاۋازى ئەمدىلا چىقىشىغا، ئۇ بىر سەكىرەپلا دىلبەرنىڭ يېنىغا يىتىپ كەلدى -دە ، قۇرۇپ قالغان ئۇزۇن تىرناقلىق قوللىرى بىلەن دىلبەرنىڭ بوينىدىن بوغۇپلا ئاۋازىنى چىقىرالمايدىغان قىلىپ قويدى . دىلبەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قولىنى سۇنماقچى بولىۋىدى تۇيۇقسىزلا قول - پۇتلىرىنى بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك مىدىرلىتالماي قالدى ، ھېلقى نەرسە دىلبەرنىڭ بوينىنى تېخىمۇ كۈچەپ سىققان ھالدا دىلبەرنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۋالدى ، دىلبەر دەم ئالالماي جان تالىشىپ ھەركەت قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئامالسىز ھالدا يۈزلىرى قىزىپ كۆپۈشكەندە پەقەت كۆزىدىن ياش ئاققۇزالىدى ، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۈلۈپ كىتىدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە ، بىرنىڭ ۋاقىرغاندەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى . بايقى قول بىردىنلا بوشىدى ، دىلبەر چوڭقۇر سۇدىن لەيلەپ چىققان كىشىدەك چوڭ ،چوڭ نەپەس ئالغاچ يۆتۈلۈپ كەتتى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىمۇ ھەركەتكە كەلگەنچە ئۆمۈلەپ ئورنىدىن تۇرغاچ تايىرنىڭ قېلىچ كۆتەرگەچ يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقىنىنى كۆردى ، تايىرنىڭ بۇ چاغدىكى ئۇ ھالىتى دىلبەرگە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتى .
ئۇ شۇنچىلىك چەبدەس كىلىپ جىنغا قېلىچ شىلىتتى ، جىن دەرھال قېلىچتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاچ ئۇلاردىن سەل يىراقلىدى ، بۇنى پۇرسەت بىلگەن تايىر دەرھال دىلبەرنى كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ئۇنى قوغدىغاچ جىننىڭ ھۇجۇمىغا تەييار بولۇپ تۇردى .
- سەنمۇ قۇتۇلالمايسەن ؟ قېلىچنى تاشلا ! -دەپ ھۆكۈردى جىن .
- تاشلىمايمەن !!! - تايىرمۇ ۋاقىردى .
- ئۆتۈنۈپ قالاي قېلىچنى تاشلىساڭ !!!
ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز بىر بىچارە ، قېرى موماي پەيدا بولدى :
- مەندەك بىچارە بىر مومايغىمۇ قېلىچ كۆتىرەمسەن ؟- ئۇنىڭ ئاۋازى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك تىتىرەڭگۈ ، يىغلىغاندەك زەئىپ چىقاتتى .
تايىر يەنە :
- تاشلىمايمەن !- دەپ ۋاقىردى .
- ئاكا ! قېلىچنى تاشلىڭە ! مېنىڭدەك چىرايلىققىنە بىر قىزغىمۇ قېلىچ تەڭلەمسىز ؟
بايقى موماينىڭ ئورنىدا شۇنداق چىرايلىق ، پەرىلەردەك بىر قىز تۇراتتى .ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان بۇلاقتەك يۇغان كۆزلىرى ، ئويماقتەك لەۋلىرى ، ئاپپاق يۈزى ، زىلۋا قامىتى ،ھەم مەس قىلغۇدەك ئاۋازى تايىرنى سىھىرلەۋاتاتتى ، بۇ سىھىر تايىرنىلا ئەمەس دىلبەرنىڭمۇ ئۇ قىزغا نىسبەتەن ئىچىنى ئاغرىتىپ ، بىر جىننىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنى ئۇنۇتتۇرۋاتاتتى .
- ئاكا قېلىچتىن قورقىۋاتىمەن تاشلىۋېتىڭە ئۇنى ، ئاكاااا ! -« قىز» سىھرىنى كۈچەيتىپ ناز قىلغاچ ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى .
…
ئاخىرى بار…
1301 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-6 7:36:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-20 13:53:04 | ھىدايەت |
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن،مىترو ئەپەندى قىللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!بەك ياخشى يېزىپسىز ! |
2017-4-7 7:24:15 | ئابدۇراخمان |
سىرلىق رايۇننىڭ ئاخىرىغا بەكمۇ ئىنتىزار بولدۇم،،قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن،، |
2017-4-7 7:02:32 | پەرھاد |
ئسەرنىڭ داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمە ھەقىقەتەن ھوللىۋوتقا سىنارىيە بوغىدەك ئەسەركەن مىترو ئەپەندىم سىزگە قايىلمەن قەلىمىڭىز ھارمىغاي. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|