مەھەللەمدىكى قىز - 6 -قىسىم ھىكايە

 مەھەللەمدىكى قىز 6 قىسىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  تەنھا تۇرنا


كۆزۇم ئاستا ئاستا ئۇيقۇغا كىتىۋاتاتتى،كۇن نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن ماشىنىڭ تەۋرىنىپ مىڭىشىدىن كىلىۋاتقان بولىشى ئىنىق ئىدى،ماشىنا ئەينەكلىرىنى يوغان ئىچىۋەتكەن بولساقمۇ ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ساي يولدا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان بىرەر چوڭ ئۆسۇملۇكنىڭ يوقلىقىدىن شۇنچىلىك دىمىق ئىدى، چىكىللىرىمدىن ئىقىپ چۇشكەن تەر تامچىللىرى يۇزۇمدىن سىرغىپ ماڭاتتى،ماشىنىنىڭ قويغۇچىدىن چىقىۋاتقان شوخ جۇشقۇن موزىكا قۇلاققا ياقاتتى باشقا گۇڭۇر مۇڭۇر پاراڭلار ناخشا ئاڭلاشقا تەسىر كۆرسىتەتتى.
شۇنچىلىك ئۇزۇن بىلندىكى بۇ ئەگىرى توقاي يوللار نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دەل دەرەخلەرنىڭ سىماسى غۇۋا كۆرۇندى ،ئۆزۇمگە سۆزلىدىم ھەي مۇشۇ يوللارنى بىر ئاسفالىت قىلىپ ياسىسا بىزمۇ بۇ يوللاردىن پوچى ماڭساڭ! مانا ھە ئاسفالىت باستۇرۇلغان يول بۆلىكىگىمۇ ئۇلىشىۋالدۇق شەھەرنىڭ يولىغا تۇتاش يولغا چۇشۇپ بولغانىدۇق ماشىنا سۇرئىتىنى تىزلەشتۇردى ،دىرىزە ئوچۇق بولغاچقا ھاۋامۇ ئالماشقاندەك قىلاتتى .يول بويىدىكى دەل دەرەخلەرمۇ سايە تاشلاپ يەڭگىل شامالدا ئىرغىڭشىپ يوپۇرماقلىرىنى شىلدىرلىتىپ تۇغانلىقىنى كۆرۇپ ئىچىمدىكى تىنجىق ھاۋا ئالماشقاندەك بولۇپ قالدىم،ماشىنىمۇ يولنىڭ ياقىسىدىن بىر ئورۇن تىپىپ توختىدى ماشىنىدىن بىر ئىكىلەپ يولۇچى چۇشتى،يەنە قوزغالدى مىنىڭ مەنزىلىمگە تىخى يىتىپ كەلمىگەنىدى مەندىن باشقا يەنە بىر نەچچە كىشلەرنىڭمۇ مەنزىلى تىخى ئۇزاق ئىدى، ماشىنا ئىچىدىكى كىشلەر ئاز بولغاچقا ماشىنىدا قويۇۋاتقان ناخشىنى ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا ناخشا مىنى ئۆزئىچىگە تارتىۋالغانىدى شوپۇرمۇ مىنى ئاڭلىسۇن دەپلا باشقىلارنى ئويلىمىغاندەكلا ئەكبەر قەھرىمان  گىتتار چىلىپ ئىيتىلغان گۇلمىرە دىگەن ناخشىنى قويۇپ ماڭغانىدى.
ھەي ئىشقى پىراقمۇ يا،بۇ قانداق ھىسىيات بولۇپ كەتتى ئەمدى:
خىيال ئىچىرە يۇرەر ئىدىم مەكتەپلەر ئارا،
گۇلمىرە دەپ كۆيگەچكە يۇرەك قەلبىم يارا.
قالدى يىراقتا،قالدى پىراقتا،يەتمىدى ماڭا،
ئايرىلىشقا چىدالماي،قىلدى  نالە ۋە سادا.
ھەي ئۇكامەي كەلدۇق،باشقىلار چۇشۇپ بولدى سەن نىمىشقا چۇشمەيسەن چۇشىدىغان يەردىن ئۆتۇپ كەتمىگەنسە !بۇ ئاۋاز شوپۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى ئىسىمنى تاپسام ،ماشىنىدا يولۇچىلار قالماپتۇ مەنلا بولغاچقا شوپۇر يولنى داۋاملاشتۇرمايلا بۇ سۇئالنى سورىغانىدى،ھە ھە ئاكا كىلىپتىمىز رەھمەت ھە سىزگە! ماشىنىدىن چۇشتۇم بۇ يوللار ماڭا تونۇش ئىدى،سومكامنى ئالدىم ئۆيۇم بار تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم ماشىنا قويۇق تۇتۇن چىقىرىپ كەلگەن يولنى بويلاپ قايتىپ كەتتى……
مەن ئۆيگە ماڭغاچ دوسلىرىمغا تىلفۇن  قىلىپ مىنىڭ شەھەردىكى ئۆيۇمگە كەلگەنلىكىمنى ئىيتىشنى ئويلاپ تىلفۇنۇمغا قارىدىم ،ماشىنىدىكى ۋاراڭ چۇرۇڭ،ھەم ئاخىرى يوق خىياللارغا چۆكۈپ كېتىپ كەلگەن تىلفۇن ،ئۇچۇرنى كۆرمىگەنىدىم ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇچۇرنى تەپسىلىي ئوقۇشنى ئويلىدىم ،چۇنكى بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى كۆپ ئىدى،دوستۇمغا تىلفۇن قىلدىم،ئۇ خوش بولۇپ ئالدىمغا قاتناش ئىلىپ كەلمەكچى بولدى مەن ساقلىماقچى بولدۇم ……
     





645 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-25 15:45:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-2 12:16:40 kalbinur
yahxi yizipsiz ahiri yohma
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ