قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 28- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 28- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 تايىرنىڭ سەت ۋاقىرىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن تۇرغۇن تام كەينىدىن ئەنسىرگىنىچە يۈگۈرۈپلا چىقتى ، بۇ چاغدا تايىر بىشىنى چاڭگاللىغىنىچە زوڭزۇيۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇ تىزلىكتە ئۇنىڭ يېنىدا يېنىغا بېرىپ زوڭزايغاچ سورىدى :

- نىمە بولدۇڭ ئاداش ، يامان سەت ۋاقىرۋەتتىڭغۇ ؟ تايىر بىر دەم ئولتۇرۋېتىپ چوڭ بىرنەپەس ئالدى -دە ئورنىدىن تۇردى ،بۇ چاغدا تۇرغۇن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئەجەپلەندى ، تايىر بايقى ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى .تۇرغۇن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا قورۇقتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سارايغا ئالدىراش كىرىپ كىتىشتى ،ئۇلار كىرگەندە باشقىلار مۈگۈدەپ ئولتۇرىشقان ئىدى ، ئۇلارنىڭ سالامەت كىرگىنىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولۇشۇپ يەنە يېتىۋېلىشتى . تايىر بىلەن تۇرغۇن بىر - بىرىگە يۆلۈنۈپ قاراۋۇللۇق قىلغاچ ئولتۇرۇشتى .

 - ئاداش ،- دىدى تايىر پەس ئاۋازدا ،- ئەتە ئەتتىگەن مەسچىتكە بىرىپ باقايلىمۇ ؟

- قانداق دەيسەن ،- سورىدى تۇرغۇن .

- بۇ جايدىن ھايات چىقىمىز دىسەك چوقۇم جىن - ئالۋاستىلاردىن سالامەت قۇتۇلىشىمىز كىرەك ، دەپ باقە ئۇلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال نىمە ؟ ئۇلار بىردىن بىر قورقىدىغىنى نىمە ؟ئۇ بولسىمۇ دەل بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز ، مەن ئۇنى مەسچىتتە بارمىكىن دەيمەن ، شۇ بولسىلا ئۆزىمىزنى قوغدىيالايتتۇق .

 - ھە چۈشەندىم ، ماقۇل ، ئەتە ئىككىيلەن بېرىپ كىلەيلى . ئۇلار مۇزاكىرلىشىپ بولۇپلا جىمىلىپ قېلىشتى ، چۈنكى ئۇلارنى ئۇيقۇ بوزەك قىلۋاتاتتى . ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتىۋاتاتتى، تۇرغۇن بىلەن تايىرنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ ئەمدىلا ئۇيقۇغا بارغاندا نۇرغۇن چىرىغان جەسسەتلەر دەلدەڭشىپ ماڭغىنىچە ساراينىڭ ھەممە يىرىنى قاپلاشقا باشلىدى،  ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چاچلىرى چۈشۈپ باشلىرىنىڭ ئىسكىلىتلىرى ئېچىلىپ قالغان، بەزىلىرىنىڭ ئاستىنقى جاۋغىيى يوق ، بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئېقىپ كەتكەن ، يەنە بەزىلىرىنىڭ قۇرساقلىرى قۇرۇپ ، پۇتلىرىنىڭ گۆشى يوق ئۇستىخىنلا ئاپپاق كۆرۈنۈپ قالغانتى. ئۇلار ئەتراپنى ئاختۇرۇپ بولۇپ ئۆيگە كىرىشتى -دە ئۇخلاپ ياتقانلارنى كۆرۈپ قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن قوللىرىنى سۇنۇپ ئۇلارغا يېقىنلاشتى ، بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ تۇرغان تايىر بىلەن تۇرغۇن «دىرىڭڭىدە» چۆچۈپ ئۇيغىنىشتى ، ئۇلار ئەتراپقا قاراپ ھېچنىمە يوقلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئاندىنلا ئۆزلىرىنىڭ چۆش كۆرگەنلىگىنى بىلىشتى .

- مېنى قار بېسىپتۇ ،- دىدى تايىر .

- مېنىمۇ شۇ .

تايىر بايا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بەردى ، بۇنىڭدىن تۇرغۇن ھەيران قالدى :

 - نىمە ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش چۈش كۆردۈم .

 ئۇلار ھەيرانلىقتا بىر - بىرىگە قاراپلا قالدى . ئەتىراپ ئاستا - ئاستا سۈزۈلۈپ تاڭ ئاتتى ، كىچىچە ئۇخلىيالمىغان تايىر بىلەن تۇرغۇننىڭ كۆزلىرى قىزىپ كەتكەنتى ، باشقىلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىر ئاز ھەركەت قىلىشتى،  ئۇزۇن بىر كۈن يەنە باشلاندى. تايىر بىلەن تۇرغۇن پىلانى بويىچە ناشتىدىن كىيىن تاھارەت ئېلىشىپ مەسچىتكە مېڭىشتى، باشقىلار ئۇلارنى سارايدىلا ساقلاپ تۇرماقچى بولۇشۇپ قېلىشتى.

 خارابىلىك بىر خىل سۇس تۇمان ئىچىدە سۈرلۈك كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇلار يۈگۈرۈپ دىگۈدەك مەسچىتكە كىلىشتى ،مەسچىت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى تۇماندىن خالىي شۇنداق سۈزۈك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ مەنزىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالغان ئىككىسى مەسچىتنىڭ ئۇلۇغلىغىدىن سۆيۈنۈپ سالام بىلەن بوسىغىدىن ئاتلاشتى ، مەسچىت ئىچى كىچىكلا بولۇپ ، ئازاراق توپا - چاڭ باسقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا شۇنداق رەتلىك ئىدى ، ئاستىغا سېلىنغان گىلەملەر تۇپا ئاستىدىنمۇ پاقىراپ تۇراتتى ، ئۇلار مىھراپ ئالدىغا كىلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشتى، دۇئادا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىغىغا شۈكىرى قىلىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىغىنى ، دوسىتلىرىنىڭ ئامانلىغىنى تىللەشتى ، ئاندىن مەسچىت تېمىغا يۆلەكلىك سۈپۈرگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئەستايىدىل تازلاشقا باشلىدى ، مەسچىت سۈپۈرلۈپ بولغاندىن كىيىن :

- توپىسىنى ئېلىۋالايلى ،- دىدى تايىر بىردىنلا ،- مەسچىتنىڭ كىسەك ، توپىلىرىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ ، بۇ ئالۋاستىلاردىن بىزنى ساقلايدۇ .

تۇرغۇن ماقۇل بولۇپ قول ياغلىغىنى چىقاردى، ئىككىسى توپىلارنى قول ياغلىققا تۈگۈپ يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن ، سۈرتۈپ قويغۇدەك جايلارنى سۈرتۈپ ئىشلىرىنى تۈگىتىشتى ئاندىن بۇ ئىشلارنى قىلالىغىنىدىن سۆيۈنۈپ ، كۆڭۈللىرى بىردىنلا ئازادە بولۇپ قالغاندەك ھېسىياتتا بىر - بىرگە كۈلۈمسىرەپ قارىشىپمۇ قويۇشتى .

-ھە راس ،- دىدى تۇرغۇن بىردىنلا ،- بايا دىققەت قىلماپتىمىز بىرەر كىتاپمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ ئۇلار شۇنىدىلا مۇقەددەس كىتاپنى ئەسكە ئېلىپ ئىزدەشكە باشلىدى ،لېكىن راستىنلا كىتاپتىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتى ، ئىزدە ، ئىزدە بىر چاغدا مەسچىت مېھراپنىڭ ئۈستىدىكى بىر كىچىك پەننىڭ ئۈستىدە كىتاپتەك بىر نەرسىنى بايقىدى ، ئۇلار ھەپلىشىپ يۈرۈپ ئۇنى ئېلىپ توپا - چاڭلىرىنى سۈرۈتۈپ خوشاللىقتا كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ، بۇ راسلا ئۇلۇغ ، مۇقەددەس كىتاپ ئىدى . - قايتايلى ، تىزدىن قايتايلى ،- دىدى تايىر خۇشلىغىدا . ئۇلار تىزدىن سارايغا قايتىشتى ، ھەمىرالىرى ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يوقاپ كەتكىنىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندا ئىككىسىنىڭلا ساق - سالامەت قايتقىنىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشۇپ كىتىشتى ، ئەمدى بۇ يىگىت -قىزلارنىڭ بىردىن - بىر ۋەزىپىسى غەلىتە ئۆيگە كىرىپ ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇش بولۇپ قالغانتى . - بۈگۈنكى ۋەزىپىگە تەييارلىق قىلايلى ، - دىدى تايىر ،- بۈگۈن دىلبەرنى قۇتقۇزۇشقا ، ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇشقا بارىمىز ،شۇڭا بىز نۇرغۇن ئىشلارغا دۈچ كىلىشىمىز مۇمكىن ،بىزدە ھازىر ئاچقۇچ بولغىنى بىلەن ئۆي ئىچىنىڭ بىخەتەر يول خەرىتىسى يوق شۇڭا ھايات قالماسلىغىمىز مۇ مۇمكىن ، دوسىتلار ئارىمىزدىن كىم ھايات قالسا ئالۋاستى كىتاپقا ھۇجۇمنى توختاتمىسۇن ، كەلدۇق، ئەمدى كەتمەك بولساق ،ئالۋاستىلارنى بىتچىت قىلمىساق كىتەلمىگۈدەكمىز ، شۇڭا بىزگە باشقا تاللاش يوق ، بۈگۈن بىز ئەڭ ئاخىرقى بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كىرەك، چۈنكى ئالۋاستى كىتاپ بۈگۈن ئاخشام ئۇيغۇنىدۇ ، ئۇ ئۇيغۇنۇشتىن بۇرۇن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ ، ئۇنى يوقۇتايلى ، ھايات بىرۈيلەن قالساقمۇ ئۇنى يوقۇتۇشقا ئۆزىمىزنى ئاتايلى، شۇنداق قىلىشقا ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟ ئۇ سۆزلىگەنچە ھاياجاندا كۆچلۈنۈپ كىتىۋاتاتتى ، باشقىلارمۇ ئىدىيە جەھەتتە ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولۇپ ، تايىرنىڭ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋاتاتتى ، شۇڭا ھەممىسىلا قەتئىلىك بىلەن “بار” دەپ ۋاقىراشتى . - ئەمىسە تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ ئاتلىنايلى! ئۇلار بىلىگە نان تېڭىشتى ، قېلىچلاردىن بار بولغانلىرىنى ئېلىشتى ، مۇقەددەس كىتاپنى تايىر قوينىغا پۇختىلاپ سالدى ،تۇرغۇن ئالتۇن ئاچقۇچلارنى ئالدى، پىچاقلارنى ئايىغىنىڭ قونچىلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتى. مەسچىت توپىسىدىن يانچۇقلىرىغا قاچىلاپ تەييارلىقلىرىنى تۈگۈتۈپ مېڭىشتى. ئەتىراپ سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن بولۇپ ، ھەتتا قوياشمۇ قارا بۇلۇت كەينىگە مۈكىۋالغانتى ، ئەتىراپتىكى تاغ باغرىدىكى ياۋا جىگدە ، قاريىغاچ ، ئازغان ، قاتارلىق دەرەخ ،ئۈسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇق ، قاغجىرىغان شاخلىرى بىلەن تاش ، جىرالار قوشۇلشۇپ خارابىلىك ئالۋاستىلار قورىشاۋىدا قالغاندەك تۇيغۇ بىرىپ تۇراتتى . ئۇلار سارايدىن قايىرىلىپ كەينىگە ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ غەلىتە ئۆينى نىشانلاپ مېڭىشقا باشلىدى ، ساراي كەينىدىكى يۇغان قارىيىغاچ ئۈستىدە يۇغان بىر ھۇقۇش كۆزلىرىنى پارقىرتىپ ئولتۇراتتى ، بۇ ھۇقۇشتىن جاق تويغان تۇرغۇن بىلىندۈرمەيلا بىر تاش پارچىسىنى ئېلىۋېلىپ ماڭدى ، ئۇلار دەل قارىيىغاچ ئاستىغا كەلگەندە ھېلقى ھۇقۇش «ھۇيىت » دەپ توۋلىشىغا بۇنى ئالىقاچان پەملەپ تۇرغان تۇرغۇن غەزەپ بىلەن ئۇنىغا قارىتىپ تاشنى ئاتتى ، تاشتىن ئۈركىگەن ھۇقۇش تىزدىن كۆتۈرلۈپ غەلىتە ئۆي تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى ، باشقىلار تۇرغۇننى ياخشى قىلدىڭ دىگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىردى . ئۇلار ماڭغىلى بولىدىغانلىكى يولنى بويلاپ مېڭىۋاتاتتى ،ۋۇجۇدىدا بىر خىل كۆچ مەۋۇج ئۇرۇپ قورقۇش دىگەنلەر ئۇنتۇلغان ئىدى ، گۈزەلنۇرنىڭ پۇتى بىر ئاز ياخشىلانغان بولسىمۇ ئۇ دىلبەرنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىراپ پۈتىنىڭ ئاغرىشنى ئۇنۇتقاندەك مېڭىۋاتاتتى . ئۇلار پىرامىدا ئۆيگە ئاز قالغاندا نۇرغۇن ئاچا يوللار ئۇچۇراشقا باشلىدى ، ئۇلار يول تاللىماي نىشاننى ئۆيگىلا قارىتىپ كىتىۋاتاتقاندا تۇيۇقسىز، سېپىل تاملار ھەركەتكە كىلىشكە باشلىدى ، بىر تام سۈرۈلۈپ چىقىپ ئۇلارنىڭ يولىنى توسىدى ، ئۇلار تىزدىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا يەنە بىر يولغا ئۆتۈشتى ، دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويۇق توپا- چاڭ كۆتۈرلۈپ بىر توپ ئادەم ئىسكىلىتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇلار ئالۋاستىلارنى بۈسۈپ راسلا ئۆيگە كىرەلەرمۇ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن،





1905 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:18:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-21 22:56:22 subinur
bak yahxi yezipsiz koligizga dat barmisu. bundin kiyinki yezikqilik ixlirgizga utuk tilayma
2015-12-10 1:00:53 ياقۇپجان
بەك ئىسىل ئەسەركەن ئاخىرىنى بەكلا ئۇقۇغۇم كەلدى ,تىزراق يللىغان بولسا ھە!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ