جاۋاپ
ئابابەكرى ئىزگۈ
دەل - دەرەخلەر ئەمدىلا بىخ سۈرۈپ باشلىرىنى كۆتۈرۋاتقان باش ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ، قۇياش ئەتتىگەندىلا سېخى نۇرلرىنى زىمىنغا ئايىماي چېچىپ شەرىقتىن كۆتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ ئىزغىرىن ئەتىياز شامالى تېخىچە غۇيۇلداپ ھۇشقارتماقتا ئىدى ،
---- قۇربان ،ھەي قۇربان …!
ئەتتىگەندىلا ھاشىم بۇۋاي چاڭگالغا كىرىپ ئۆيدىكى ئەڭ مۇھىم ،ھەم ئەڭ جاپاكەش سۈر ئېشكى ئۈچۈن يانتاق ،قۇمۇشلارنى ئورۇپ بىر ھارۋا قىلىپ ئېلىپ كەلگەنئىدى ، تېقىمىغا ئوت كەتكۈدەك قىززىپ بولغان قۇياشنىڭ تەپتىگىمۇ پەرۋا قىلماي ھورۇنلۇق بىلەن ئەسكى كىگىزنى يۆگىنىپ ياتقان قۇربان دادسىنىڭ چاقىرشىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن كىگىزنى ئاستا قايرىپ :
----- ۋاي ، دادا ئەتتىگەندە نىمە ئادەمنىڭ شىرىن چۈشىنى بۇزۇپ چاقىردىغانسەن ……
ئۇ شۇنداق دەپ غۇدراپ قويدى ، كۆزىدىكى چاپلىشىپ قالغان چاپىقىنى ئاجراتقاچ ،
----- خۇدايىم توۋا ! نىمە دەيدىغاندۇ ما بەغەرەز … يەنە بىر دەم ياتقان بولساڭ ئەسكى كىگىز بىلەن بىراقلا ئوت كىتەتتى ساڭا ، ھېي ئا قۇياشنى كۆرمىدىڭما ؟؟؟ مۇشۇ ۋاخقىچە ئۇخلىغانمۇ بارمۇ ؟؟؟ ھۇ ئادەم بولمايدىغان قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرۈيسەن ؟؟؟؟؟؟؟
ئۇنىڭغا دادىسنىڭ چالۋاقاشلىرى بىكاردەك قىلاتتى ، بۇ تاپا تەنە ئارلاشقان تىللارنى ئاڭلاپ تاقىتى تۈگىگەن قۇربان ، كەينىگىمۇ قارىماستىن ،ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان كونا ئەگۈننى غىچىرلىتىپ ئېچىپ چىقىپ كەتتى ،
گەپلىرىنىڭ ، نەسىھەتلىرىنىڭ بىكار بولغىننى كۆرگەن ھاشىم بوۋاي ئېغىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ، ھارۋىدىكى يانتاق قۇمۇشلارنى چۈشۈرۈپ قوتاننىڭ ئۆگىزىسگە مىڭ جاپادا سۆرەپ يۈرۈپ ئاران ئېلىپ چىقىپ بولدى ، بۇ نەرسىلەر ئازراق شامالدىغاندا ئىشىكىگە سېلىپ بىرەتتى ………
شۇ ئىشلارنى تۈگەتكۈچە ئاللىقاچان كۈن تىكلىنىپ قالغانئىدى ، ئەتتىگەننىڭ ياقى تېخى ناشتا قىلمىغىنى يادىغا يەتكەن بۇۋاي ،ئۆيىگە كىرىپ قېتىپ تارشىدەك بوپ كەتكەن ، بىر نەچچە زاغىرىنى ئېلىپ چىقىپ ھويلىسىدىكى ئەسكى كىگىز سېلىنغان سۇپىغا كىچىك داستىخاننى سالدى ، ئاندىن بىر چىنە سۇغۇق سۇ ئېلىپ كەلدى ، قارىماققا ئۇنىڭ بۈگۈنكى ناشتلىق ۋە چۈشلۈك تامىقىغا سۇغۇق سۇغا ئەزەل زاتىدا يۇمشىمايدىغان زاغرىنى چىلاپ يەيدىغاندەك قىلاتتى ، ئۇ چىنىدىكى سۇغا چاغىرىنى نەچچە پارچە قىلىپ چىلاپ قۇيۇپ قورۇق باسقان ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن بۇ ھويلىنىڭ نەلىرىگىدۇر قاراۋاتاتتى ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقىننى بىلۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى ، تۇيۇقسز ئۇنىڭ خىيال ئىكرانى لاپپىدە يۇرۇپ كەتتى ، ھەيۋەتلىك بىزەلگەن ئايۋاندا ئۇ قات قات كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە پەي ياستۇققا يانتۇ يۆلىنىپ يېنىدىكى چاكارلىرىنىڭ يەلپۈشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ مەغرۇر ئولتۇراتتى ،
---- بىگىم ! غىزايى تائاملار تەييار بولدى ، قېنى يۈرسىلە !!!
ئارىدا بىر ئۇۇق كەلگەن چاكار كىرىپ قولباغلاپ تۇرۇپ چاقىردى ، سەمىرىپ تومپىيىپ كەتكەن قورسىقىنى ئىرىنچەكلىك ۋە چاكارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى ، ھويلىدىكى پەشنىڭ ئاستىغا سېلىنغان دەستىخاندا مول نازۇ نىممەتلەر ھاشىمنىڭ يىيىشىنى ساقلاپ تۇراتتى ، ئۇ ئىشتاھا بىلەن تازا يىدى ، ئادىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئايالى يەيتتى ، چۈنكى بۇ باي ئائىلىلىرىدە ئەرلەر ئاۋۋال يەيتى ، ئاياللارنىڭ قۇرسىقى ھەرقانچە ئېچىپ كەتسىمۇ ئاۋۋال ئەرلەر يەپ بولغاندا يەيتتى ، ئەگەر تاماق ئېشىپ قالمىسا يا تۈگەپ كەتسە قۇرۇق نان يىمەي ئامالى يوق ئىدى ، بۇ بايلارنىڭ كاللىسدا پەقەت « ئاياللار مەڭگۈ ئەرلەرنىڭ قۇلى » دەپلا ئويلاييتى ، ئايالىنى بەكلا خارلاييتى ، بۇ قېتىممۇ ھاشىم تاماقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى يالماپلا يۇتۋەتتى ، ئامالسز ئاياللار ئېشىپ قالغان ئازراق بىر قىسمى بىلەن قۇرۇق نان يىدى ، ئۆزى تاماق ئىتىپ تۇرۇپ يىيەلمىسە بۇ قانداق بولغىنى ؟؟؟ شۇڭلاشقىمىكىن شۇ چاغدىكى ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى ئاشقازان كىىسىلى بىلەن داۋا تاپامماي ئۆلۈپ كىتەتتىكەن ،
ھاشىم نىڭ ئايالىىنىڭ بۇرۇندىنلا ئاشقازىنى ياخشى بولمىغاچ ، دائىم تىۋىپتىن دورا دەيدىكەن ، تىۋىپ ئۇنىڭغا تاماقنى ۋاقتىدا يىيىش توغۇرلۇق نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى تەكلىپلەرنى بەرگەنئىدى ، بىراق بىر قېتىم ھاشىم دوستىنىڭكىگە بېرىپ ناھايتى كەچ قايتىپ كەپتۇ ، ئۇنىڭ قورسىقى توق ئىكەن، بۇ ئۆيدىكىلەر ئىشىك ئالدىدا بىگىسىنى كۈتۈپ ھەممىسى ئاچ ئولتۇرغانئىكەن ، ھاشىم قورسۇقۇم توق ، دەپ تائام يىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ بىراق ، ئايالى ۋە چاكارلار تاماق يىيىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىغاندا :--- مەن ئەتە يەيمەن ، بىر كىچە تاماق يىمىگەنگە ھېچكىم ئۆلۈپ قالمايدۇ ، سىلەرمۇ يىمەيسىلەر …؟؟؟ دەپ قۇيۇپ كىرىپ كىتىپتۇ ، شۇ كىچە ھاشىمنىڭ ئايالىنىڭ ئاشقازىنى بەكلا ئاغرىپ ئارام بەرمەپتۇ ، ھاشىمدىن ئۆتۈنگەن بولسىمۇ ئۇ خوتۇنننىڭ قىينىلىپ يىغلاشلىرىغا پىسەنىتمۇ قىلماي تېخى چاكارلاررغا ھەرگىز تائام بەرمەسلىكنى تاپىلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ خوتۇنى شۇ كىچە توختىماي ھۆ قىلىپ چىقىپتۇ ، تاڭ ئاتارغا يېقىن بىر جاۋۇر قان ياندۇرۇپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، ،،،،،،، ئەمما بۇ ئائىلىدە شۇنىڭدىن ئىتبارەن ھېچ بىر ئوڭلۇق بولمىدى ، ھاشىمنىڭ بايلىقى بارا - بارا خاراللىششقا باشلىدى ، بىر كىچسى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوت كىتىدۇ ، شۇ ئوتتدىن ئۇنى سادىق غوجىدار قوتقۇزۋالىدۇ ، ھەم نەدىندۇر ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بەگزادىسى قۇرباننىمۇ قۇتقۇزۋالىدۇ ، ھاشىم شۇ چاغدىلا ھۇشۇنى تاپىدۇ ، بىراق ھەممىگە كىچىككەندەك قىلاتتى ، ھەممىسى يوق بولدى.،، »
ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا شۇ كۆرۈنۈشلەر چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭ بىچچارىلىق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزىدىن نەچچە تامچە ياش ، ئېغىزىنى بويلاپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى ،
ئۇنىڭ خىياللىرىڭ داۋامىنى قۇرسىقىنىڭ ناغرا سۇناي چىلىپ قىلغان نەغمىلىرى ئۈزۈپ قويدى ، ئۇ قاچىدىكى ئەمدىلا سۇ سۈمۈرۈپ ئۈلگۈرگەن زاغىرىنى ئېغىزىغا سېلىپ چاينىماقچى بۇلىۋىدى ، تېخى يۇمشىمىغاچ ئۇنىڭ ئېغىزنى قانىتىۋەتتى ، ئاغرىقتىنمۇ ياكى بۇ تەقدىرنىڭ بەرگەن جاۋابىدىنمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن مۇنچاقتەك ياش سىرغىپ چۈشتى ………
ئۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن تىگىلىش جاۋاپقا ئىرىشكەندەك قىلاتتى ، كارغا كەلمەس ئوغلىنىڭ ھازىر نەلەردە نىمىش قىلۋاتىقىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قاراڭغۇ ئىدى ، مۇشۇنداق ئېغىز كۈنلەردە ئۇنىڭ كاللىسدا پەقەت «جاۋاپ » دىگەن بىرلا سۆز چاقنايتتى ، ئۇنى قىينايتتى …
(تۈگىدى )
352 قېتىم كۆرۈلدى | uygur017 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-28 19:20:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-11 2:16:14 | خاتىر |
ماۋۇ ئىش بولماپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|