گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 6- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 (پوۋىسىت) 6- قىسىم


  پەرھات ئەركىنگە دېدى :«ئەركىن ئاداش بىز تونۇشقىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى ، نەچچە كۈندىن بۇيان مېنىڭكىنى يېدىڭ، مېنىڭكىنى چەكتىڭ، مېنىڭكىنى ئىچتىڭ ، مەن ئۇنداق ئىچى تار ئوغۇللاردىن ئەمەس دېگىنە، بىراق سەن ماڭا بىر ياردەم قىلىشىڭ كېرەك، بۇ مېنىڭ سەندىن تۇنجى ئۆتۈنۈشۈم »، ئەركىن نېمىش بولغىننى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا دېدى :« ئاداش بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ گېپىڭنى ئوچۇق دېگىنە؟ ساڭا قانداق ياردەم قىلىمەن ؟» دېدى .پەرھات ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ چىڭقىلىپ سۆزلىدى :« ئۆتكەندە تاھىرنىڭ مېنى قانداق ئەيىپلەپ كەتكىنى ئېسىڭدە باردۇ؟ مېنى دادامدەك تەنبىھلەپ كېتىشلىرىنى سەنمۇ ئاڭلىغانغۇ ؟ ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ مەن بۇ ئىشنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن ، ئۇنىڭ مېنى تەنبىھلىگىننىڭ قىساسىنى ئالىمەن ، ئۇنى پۇشايمان قىلدۇرۋېتىمەن » دېدى . ئەركىن پەرھاتقا :« ئاداش بۇ نىيتىڭدىن يان ، تاھىر ئوبدان بالا ، ئۇمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ بۇ گەپلەرنى دېگەن ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ساڭا ناماقۇل بولاي ماقۇلمۇ ؟ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەت » دېدى .پەرھات ئەركىننىڭ ياقىسىدىن سىقتى دە قاتتىق ۋارقىردى « مەن بولدى قىلمايمەن ، ماڭا ئۇنى مەكتەپ سىرىتىدىكى ھېلىقى قاۋاققا چاقىرىپ بەر ، بولمىسا سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن » دېدى ، ئەركىن قورقىقىندىن ئەتە كەچ كەچلىك تەكرارغا كېلىشتىن ئىلگىركى بىر سائەت ۋاقىت ئىچىدە  تاھىرنى دەل ۋاقتىدا قاۋاققا چاقىرىپ بېرىدىغان بولدى .
ئاھ تەغدىر ، دوس دېگەن شۇنداق بولامدۇ ؟ ئەركىن يالغۇز مەكتەپ باغچىسىدا تاھىرغا قانداق يالغان سۆزلەش ، تاھىرنى قاۋاققا قانداق ئاپىرىش توغرىسىدا  پىلان تۈزمەكتە ئىدى . ئۇبىر تەرەپتىن تاھىرنىڭ بارمايمەن دەپ تۇرۇۋېلىشىدىن ئەنسىرسە ، بىر تەرەپتىن پەرھاتنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەسلىكىدىن ئەنسىرمەكتە ئىدى . ئاخىرى بۈگۈنمۇ كەچ بۇلۇپ يەنە تاڭ ئاتتى ، سەھەردە پەرھات ئەركىننىڭ سەمىگە بۇ ئىشنى يەنە تاپلىدى . ئەركىن پەرھاتقا خاتىرجەم بول دېگەن مەنىدە باش لىڭىشتىپ قويدى .
دەرىس باشلاندى ، ئەركىننىڭ كاللىسىغا دەرىس پەقەت كىرمىدى . ئۇنىڭ ئەس يادى بۈگۈن كەچ بولماسلىقىنى تىلەيتى بىراق ئىش ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى ، ۋاقىت ئۆتۈۋەردى ، چۈش بولدى ، چۈشلۈك ئارامدا ئەركىن تاھىر بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ئىشنى ئەينەن دېمەكچى بولغان ئىدى بىراق ئۇ دېيەلمىدى . ئاخىرى ئۇ تاھىرغا «ئاداش كەچتە قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولماقچى ئىدى ،كەچلىك مۇزاكىرگە كىرىش ئالدىدا ئۆتكۈزمەكچى ، قاتنىشىپ بەرگەن بولساڭ » دېدى . تاھىر ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى :« ئەركىن سەن قىز دوست تۇتتۇڭما ؟ ئۇ كىمۇ ؟ » ئەركىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي يىراقتىن تاھىر ئىككىيلەنگە قاراۋاتقان خالنۇرنى كۆرسەتتى «ئاداش ئاۋۇ قىزنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم » دېدى كۆرەڭلىك بىلەن . تاھىر ماقۇل بولدى ۋە ئەركىن بىلەن دەرىس ئاياقلىشىشقىلا ئۇنىڭ بىلەن بارماقچى بۇلۇپ كېلىشتى . يېرىم سائەتتىن كېيىن تاھىرغا بىرەيلەن ئىچىملىك سۇندى .«ئۇسساپمۇ قالغانسىز؟» .تاھىر بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى خالنۇرنى كۆردى ۋە خىجىل بولغان ھالدا دېدى :«رەھمەت ، ھەراس تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !» خالنۇر ھەيران قالدى «نېمە تۇغۇلغان كۈن ؟ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يانۋاردا  بولىدۇ ، ھازىر مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئەمەس ، سىز خاتالىشىپ قاپسىز ،كىم سىزگە شۇنداق دېدى ؟ » تاھىر :«ھېچكىم ، كەچۈرۈڭ ، » دېدى .خالنۇر كەتتى ، تاھىرنىڭ قەلبىنى بىر خىل چۈشەنگۈسىز سو ئاللار قاپلىدى :« ئەركىن نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ ؟ كەچتە مېنى نەگە ئاپىردۇ ؟ خالنۇر راستىنلا ئەركىننىڭ قىز دوستىمۇ ؟» دېگەندەك سوئاللار قاپلىدى .
كۈن كەچ بۇلۇپ دەرىس ئاياقلاشتى ، دەل پەيتىدە ئەركىن تاھىرنى ئېلىپ گەپ سۆز قىلمايلا ئالدىراپ ماڭدى . تاھىر ئۈنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى . بەلكىم تاھىر دوستىنىڭ ئۆزىنى نەگە ئاپىردىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك ، خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك كۆڭلى غەش ئىدى ، ئەركىن بولسا تاھىرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسىياتتا بولىۋاتاتتى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، ئەركىن تاھىرنى راستىنلا قاۋاققا ئاپىرامدۇ ؟ پەرھات تاھىرنى نېمە قىلماقچى ؟ بۇ ئىشلار بىلەن خالنۇرنىڭ قانداق مۇناسۋىتى بار ؟  داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋاملىق ئەسىرىمدە بولسۇن !

ئاپتورى ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





477 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-23 5:42:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ