بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 1 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت)  1 - قىسىم


 بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتنى ئەسلىسەم شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىكەنتۇقمەن نىمىشقا دەمسىز ؟ھىكايەمنى ئەمدى باشلىدىم مەزمۇنىنى سەبىرچانلىق بىلەن ئوقۇڭ دوستۇم. 4يىل ئىلگىرى بىر كۈنى مەن بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن يېزا بازىرغا چىقىپ بىر كىچىك قاۋاقخانىدا ئىچكەچ پاراڭلىشىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئىدىم تۇيۇقسىز ۋېيشىنىمغا ئەسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ بىرسى قوشقانلىق ئۇچۇرى كەلدى بىرەر تۇنۇشۇم ئوخشايدۇ دەپ قوشتۇم قايتۇرۇپ ئۇچۇر قايتۇردۇم ۋە ئەلەيكۇم ئەسالام ياخشىمۇسىز ؟ بۇ ئۇچۇرۇمغا تېزلا جاۋاپ كەلدى ياخشى ئۆزىڭىزچۇ ؟سالامەتمۇ؟ بۇ ئۇچۇر مىنى قىزىقتۇردى جاۋاپ قايتۇردۇم ھەر ھالدا ياخشى تۇرۇپتىمەن سىز ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز مىنى تۇنۇمسىز قانداق؟ ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلدى ،ياق سىزنى تۇنىمايمەن شۇ سىردىشاي دەپ قوشىۋالغان ئىدىم قانداق بولمامدۇ؟ ياقەي بولمايدىغان ئىش يوق خۇش كەپسىز قارشى ئالىمەن ئۇنداقتا ئىسمىڭىزنى ؟ دەپ يوللاپ قويدۇم ئاخىرنى يازمايلا ئۇ چۈشەنگەندەك ھە ئىسمىم ئاي پەرى دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ ، مەن بۇ ئىسىمنى ھىكايىلەردە كۆپ ئاڭلىغان بىراق بۇ ئىسىمنى تۇنجى قېتىم ھەقىقەت ئىچىدە ئاڭلىشىم بولغاچقا ھەي بۇ قىز مىنى كولدۇرلىتىۋېتىپتۇ دەپ ئويلىدىم، ھە شۇنداقمۇ دەپ يوللىدىم ئۇ سىزنىڭچۇ ؟ مىنىڭ ئىسمىم يۇلتۇز شاھ دەپ قايتۇردۇم ئۇ ھەي كالۋا سىز نىمە دەۋاتىسىز راس ئىسمىڭىزنى دەۋاتىمەن ، مەن سىز دەپ بەرمىسڭىز مەن دەپ بىرەمدىم ، ئۇ مەن سىزگە راسىت ئىسمىمنى دەپ بەردىم سىزنى ئەخمەق قىلغىنىم يوق دادام ئاپام شۇنداق ئىسىم قۇيۇپتىكەن ماڭا خەپ ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتمىسەم دەپ خاپا بولغان قىياپەتتە،مەن ياقەي ئىسمىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن تۇنجى ئاڭلىشىم بولغاچقا خاتا چۈشۈنۋاپتىمەن كەچۈرۈڭ دىدىم ئۇ ھېچقىسى يوق دىدى شۇنداق قىلىپ بىز سىرداش بۇلۇپ قالدۇق ئۇ ماڭا تەغدىر قىسمەتلىردىن تاتىپ ئارزۇ ئارمانلىرغىچە ھەممىنى تەپسىلى دەپ بەردى مەنمۇ بىرەر قۇر ئۆتمۈشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم ئىككىمىز خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئىدۇق ھەر ۋاقتىم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ئچىدە ئۆتتى ئىككى كۈن ئىچىدىلا شۇنچە يېقىن بۇلۇپ كەتكىنىمزگە ھەيرانمەن بىر كۈنى ئۇ ماڭا بۈگۈن مەھەلىمىزدە توي بۇلۇپتۇ كىلەمسىز شۇ باھانىدە سىزنى كۆرىۋالارمەن ئىككى كۈندىن كىيىن شەھەرگە قايتىمەن دەپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ ماقۇل دەپ قايتۇردۇم.ئەتىسى تويغا تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭ مەھەلىسىگە باردىم قارىسام بالدۇرلا بېرىۋاپتىمەن لىكىن ئۇ كۆرۈنمەيتى . ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلدىم قىنى سىز تويدا كۆرۈنمەيسىزغۇ ؟ ئۇ مەن ھازىر ناھىيە ئىچىدە چوڭ بىكەتكە بىلەت ئالغىلى كەلگەن ئىدۇق ئاپام بىلەن كەچۈرۈڭ سىزنى ساقلىتىپ قۇيدىغان بولدۇم بەك خىجىلمەن، مەن ياقەي ھېچقىسى يوق بۈگۈن سىز ئۈچۈن ۋاقتىم كۆپ تۇرسا دەپ ئۇنى خوش قىلىپ قويدۇم . پۈتۈن بىر كۈن ساقلىدىم ئۇ كەلمىدى ئۇنىڭ بىلەن تور ئارقىلىق پاراڭلىشىپ تۇرۋاتاتتىم بىكەتتە ئادەم كۆپ بولغاچ ئۆچرەت تۇرۇپ كەچ بۇلاي دىگەندە ئاران ئەتىنىڭ بىلتىنى ئېلىپتۇ ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە توينىڭ كەچلىك مەشرىپىمۇ باشلىنىپ بولغان ئىدى ،مەن بىر نەۋرە قېرىندىشىم بىلەن كەلگەن شۇنىڭ بىلەن مەشرەپتە ئانچە مۇنچە ئۇسۇل ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تۇرغان ئىدىم ئۇ ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ كەچۈرۈڭ ئاپام كەچلىك مەشرەپكە بارماڭ دەپ تۇرۋالدى سىز بىلەن كۆرشەلمەيدىغان بولدۇم دەپتۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۇنىڭ شۇنچىلىك تەڭ قىسلىقتا قالغانلىقنى ئويلىدىم ھەمدە ھېچقىسى يوق باشقا چاغدا كۆرشۈش نىسىپ بۇلار دەپ يوللىدىم ئۇ قايتا قايتا كەچۈرۈم سوراپ مەن بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكىسى بارلىقىنى لىكىن ئاپىسنىڭ گىپىنى يىرالمايدىغانلىقنى ئېيىتتى مەنمۇ ھېچقىسى يوق دەپ تەسەللى بەرمەي ئامالىم بولمىدى بىراق مىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكۈم بار ئىدى مەن ئۆيگە قايتىپ كىتەي دەپ موتسىكىلتىمغا مىنىپ ماڭاي دەپ تۇرشۇمغا ئۇچۇر كەلدى ئاپامغا يالۋۇردۇم سىڭلىم بىلەن چىقىشىمغا قۇشۇلدى ئەمما ئۇزۇن تۇرالمايمەن مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ دەپتۇ بۇ ئۇچۇر مىنى بەكمۇ خوش قىلغان ئىدى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىنى سىز كۆرمىدىمغۇ دەپتۇ ئەمىليەتتە مەن مەشرەپ بۇلۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىغا توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان موتسىكىلتىمدا ئولتۇرغان ئىدىم مەن ھە ھازىر كىرەي دەپلا مەشرەپ زالىغا كىردىم كىرىپلا ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى شۇنچە قاراڭغۇلۇقتىمۇ ئۇنى ئېنىق كۆرۋاتقان ئىدىم شۇنچە ئۇماق بىر قىز ئالدىمدا تۇراتتى ئىسمى ئەجەپمۇ ماس كەپتۇ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ئۇ مەندىن تىشلىق سوردى تىشلىق سورشىپ بۇلۇپ قېشىمدا خوشنىلىرىم ۋە سىڭلىم بار ئۇلار كۆرۈپ قالمىسۇن سىزنى كۆرەلىگىنىمدىن بەك خۇش بولدۇم دىدى مەن مەنمۇ شۇ ئاغزىمدىن ئاران چىقاردىم ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئازراق مېڭىپ بىر توپ قىزلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى ئەمما ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزمىگەن ئىدى. ھەتتا مەنمۇ .
     





904 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-4 13:10:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-22 12:25:06 قىزقىۋاتىمەن ئاخىرغا…😍
قىزقىۋاتىمەن ئاخىرغا…😍😍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ