كىم سايىماخۇن - ھىكايە

كىم «سايىماخۇن»؟

(ھېكايە)

ئابدۇغەنى توختى

بۇ شەھەردە يەتمىش ياشلار چامىسىدىكى زىيالىي سۈپەت بىر كىشى بولۇپ، ئىسمى ئاۋۇت سايىم ئىدى، بەزىلەر ئۇنى ‹‹ئا.سايىم›› دەپ، بەزىلەر ‹‹ئاۋۇت سايىم›› دەپ، يەنە بەزىلەر ‹‹سايىم نوچى›› دەپ چاقىرىشاتتى. كىشلەرنىڭ قانداق چاقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ پەرۋايىغا ئالماي، ھەممە ئادەمگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ ئەپ ئۆتەتتى.

ئاۋۇتكام كىتابخۇمار بولغاندىن سىرت، ئانچە–مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ يازغانلىرىنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ بېرىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغاندىن بۇيان، كۈندە بىر ئەسرارلىشىپ تۇرمىساق كۆڭلىمىز قويمايدىغان ئۇرۇق – تۇغقاندىن چارە بولۇپ كەتكەنىدۇق. شۇ سەۋەبتىنمۇ بەزى تونۇش–بىلىشلەر مېنى سايىمكامنىڭ شاگىرتى دەپ ئىسمىمغا ‹‹سايىم›› نى قوشۇۋاپتۇ. ئاۋۇتكامنىڭ كىشىگە زىيان سالمايدىغان مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكە، بۇنداق گەپلەرنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ كەتمىدىم. كىشلەر بىردەم مېنى، بىردەم ئاۋۇتكامنى ‹‹سايىماخۇن›› دەپ چاقچاق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىزلا مەمەت ئاۋاق دەيدىغان بىرىنىڭمۇ ‹‹سايىماخۇن›› دېيىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى.

ـ كىم ئۇ مەمەت ئاۋاق دېگەن؟ ‹‹مەمەت ئاۋاق›› دېگەن روماندىكى قەھرىمانمۇ يا؟-دەپ سورىدىم بىر كۈنى ئاۋۇتكامدىن.

ـ ياق، ياق، بۇ مەمەت ئاۋاق ئۇ روماندىكى ‹‹مەمەت ئاۋاق››نىڭ دەل ئەكسىچە،-دېدى.

ـ قانداق دەيسىز؟-دېدىم تېخىمۇ قىزىقىپ.

ئۇنىڭ بىر نەچچە يەردە ئۆيى بارمىش، ئۇنىڭ خوتۇنى نەدە تۇرىدۇ، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ھېچكىم بىلمەيدىكەن. قول ئىلكىدىكى ئۆينىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك ئەر – خوتۇن ئىككىسى توي قىلغاندىن بېرى بىر ئۆيدە تۇرۇشقا چولىسى تەگمەيدىكەن، ئارىسىدا بالىمۇ يوقكەن، شۇڭا كىشلەر ئۇنى سايىماخۇننىڭ كىۋادراتى›› دەيدىكەن، بۇ مېنىڭ تېپىۋالغان گېپىم ئەمەس... دېدى.

ـ ئۆيى كۆپ بولسا تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىز، ئەرزان ئۆي بولسا ئىجارىگە ئولتۇرۇپ قالساق بولاتتى،-دېدىم سەمىمىيلىك بىلەن.

ـ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشقا ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇ ئۆزى كىتاب يازالمىسىمۇ، كىتاب ئىگىلىرىنى قاقتى–سوقتى قىلىپ، چىقىرىۋالغان كىتابلىرى خېلى بار، شۇنى پۇل قىلىش ئۈچۈن سىزنى چوقۇم ئىزدەپ كېلىدۇ،-دېدى.

ـ بۇ چاقچاقمۇ، راستمۇ؟-دېدىم ئاۋۇتكامنىڭ كۆزىگە قاراپ.

ـ راست دەۋاتىمەن، مەمەت ئاۋاق كىتاب ئىگىلىرى بىلەن سوتلىشىپ، كىتاب ئىگىلىرىنىڭ نەچچىسىنىڭ يۈرىكىگە ۋاقىتسىز كۆۋرۈك سالدۇرۇپ، نەچچىسىىنى ۋاقىتسىز ئۇ ئالەمگە يولغا سېلىپ قويدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلماق زۆرۈردۇر. ھېلى دېگەن گىپى ھېلى يوق، خەقنى ۋەدە–قەسەم بىلەن شىلىپ يەيدىغان ئاجايىپ قۇۋ ئىنسان ئۇ، گېلىغا ئىچى ئاغرىمىسا سىزنى پۈتۈنلا يۇتۇۋېتىشتىن يانمايدۇ.

ـ ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. ئۇ ئادەم بىلەن بۇلتۇرنىڭياقى ئېلىم–بېرىم قىلىپ تېخى يېقىندا ئۇيان – بۇيان بولۇشتۇق، سىز دېگەندەك بەزىلەر ئۇنى گېپىدە تۇرماس سايىماخۇن، دېسە، بەزىلەر ھارام يېسىمۇ سىڭىدىغان ئاۋاق دېيىشىدىكەن.

ـ مانا، تونۇيدىكەنسىزغۇ؟!-ئاۋۇتكام ئاغزىمنى كوچىلاپ، ئاراڭلاردا نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟

ئىشنىڭ بېشى كىتابتىن باشلاندى، ئۇ ئاۋاق ھېلى ئۇ بالىنى، ھېلى بۇ بالىنى ئەۋەتىپ، ناھايىتى ئېسىل كىتابلىرىمنى ئەپچىقىپ كەتتى، مەنمۇ ئۇنى يېقىن كۆرۈپ بىر نېمە دېمىگەنىدىم، ئاخىر بىر كۈنى ئۆزى كىرىپتىكەن، ھېساب–كىتابنى قىلىشىۋېتەيلى، دېسەم، ‹‹تىزىملىكنى بەرسەڭلار، ئەتە يا ئۆگۈن بېرىۋېتەي›› دەپ يەنە ئۆزى بىلگەننى قىلدى. ئۇنىڭ بۇ خۇيىدىن جاق تويۇپ، ‹‹خەپ›› دەپ تۇرسام، توساتتىن ‹‹بىر يۈرۈش ئۆي بار ئىدى، پۇلمۇ دېمەيمەن، تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ بىكارلىق ئولتۇرۇڭلار، ھېلىمۇ سىلەردىن ئېلىشتا شاش، بېرىشتە لەش بولۇپ، ئادەمگەرچىلىكتىنمۇ چەتنەپ كەتتىم، ئۆينى بولسىمۇ بېرىپ كۆڭلىڭلارنى ئېلىۋالاي، ئەسلىي ئىجارە بەرسەم بولاتتى، ئەمما مېنىڭ خېلى كۆپ يەردە ئىجارە بېرىۋاتقان ئۆيۈم بار، شۇ ئۆيلەرنىڭ پۇلى خىراجىتىمگە يېتىپ ئاشىدۇ›› دېمەسمۇ، بۇ ئىشتىن خۇش بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بىر ئاي ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ‹‹چەت ئەلگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم پۇل بولسا بېرىپ تۇرغان بولساڭلار›› دېدى، ماقۇل دېدۇق، يەنە بىر ئايدىن كېيىن ‹‹خوتۇنۇمنىڭ يېزىدىكى خىزمىتىنى شەھەرگە يۆتكىمەكچى بولۇپ قالدۇق، پۇل بولسا بېرىپ تۇرغان بولساڭلار›› دېدى، ماقۇل دېدۇق، ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەي ‹‹يۇرتتىن قېينئاتام ۋە قېينئاناملار دوختۇرغا چىقىپتكەن، پۇل يوق بولۇپ قالدى، ھەممە ئالغان – بەرگەنگە ھۆججەت يېزىپ بەرسەم، مۇشۇ ئىشتا بىر ياردەم قىلساڭلار›› دېدى، ماقۇل دېدۇق، شۇ ھۆججەتنى يېزىش داۋامىدا ئىلگىرى–كېيىن بەرگەن پۇللارنى ئۆينىڭ بىر يىللىق ئىجارە ھەققىگە سۇندۇردۇق، ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹بىر يۈرۈش دۇكان سېتىۋالغانتىم، پۇل بولسا بەرسەڭلار، ئۆيدە يەنە بىر يىل ئولتۇرۇشقا توختام تۈزۈشسەك، ئىجارىسىنىمۇ ئەرزان قىلسام›› دېدى، بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دېدۇق. بىر كۈنى بىرمۇنچە نەرسە–كېرەكنى ئەكىرىپ قويۇپ ئۇزاققا قالماي ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، بۇنىڭغىمۇ قوشۇلدۇق. لېكىنزە، شۇ نەرسە–كېرەكلەرنى ئەكىرگەن باھانە بىلەن ئۆينى چۇسا قاپلاپ كېتىپ، خاتىرجەم ياتالمىدۇق، ئۇنىڭغا نەرسە–كېرەكلىرىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ دېسەك ‹‹ئۆينى شۇنداق ئەرزان بەرسەم چۇسا قىلىۋەتكىنىڭلار نېمىسى؟›› دەپ جۇۋىسىنى تەتۈر كېيىپ، تۈزۈشكەن توختامنىمۇ يىرتىپ تاشلاپ، ‹‹ئۆيۈمنى بىكارلاپ، نەگە بېرىشساڭ بېرىش›› دەپ نەشتەردەك تەگكىلى تۇردى، بىز ‹‹پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىڭ›› دېسەك، ئۇ ئۆينى سېتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېرىم كېچىدە ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۆينىڭ سودىسىنى قىلىشىپ، بىزنى تەتۈر قىيناشقا باشلىدى. ھەركۈنى يېرىم كېچىدە چېكىلىپ توختىمىغان ئىشكنىڭ دەستىدىن ئەر–خوتۇن ئىككىمىزمۇ تولا سوقۇشىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئاخىرى بولماي، ئۆيىنى بىكارلاپ بەردۇق، لېكىن ئۇ ئادەم يەنە پات–پات ‹‹يوقلاپ چىقاي دەپ كىرگەنتىم›› دەپ كىرىپ–چىقىپ يۈرۈيدۇ.

ـ ئۇنىڭ بۇ شەھەردە شىلىپ يېمىگەن ئادەملىرى ئاز، ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ ئاشۇنداق شىلىپ يېمىگەن بولسا مۇشۇنداق چوڭ شەھەردە تۆت– بەش يۈرۈش ئۆي ئالالامتى؟-دېدى ئاۋۇتكام.

ـ بۇ گەپچە سىزنىمۇ خاپا قىلغان ئوخشىمامدۇ ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

ـ ئۇرۇنۇپ باقتى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىدى، نېمىشقا دېسىڭىز مەندىن نېمە سورىسا، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنۇمغا مەسلىھەت سېلىپ، خەۋرىنى بېرەي دېدىم–دە، ئاخىرىدا خوتۇنۇم ئۇنىمىدى، دېگەن جاۋابنى بەردىم. بۇ گەپ بىلەن ئۇ ئاۋاق مېنىڭ گېپىم بولغانلا يەردە مېنى ئاتا–بوۋىسىدىن تارتىپ خوتۇنىدىن قورقىدىغان خەق، دەپ يۈرۈپتۇ. بۇ گەپلەر بولۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە كىرىپ ‹‹ئاداش سەندىن پۇل سوراي دەپ بىر قانچە ئاغىنىگە مەسلىھەت سالسام، ئۇلار ئاتاڭنىڭ ئىسمىنىڭ <سايىماخۇن> ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئاغزىمنى ئۇپراتماسلىقىمنى ئېيتقان بولسىمۇ، يېنىڭغا كېلىشىم، قانداق، بوپتۇمۇ›› دېدى. ‹‹ئاغىنىلەرنىڭ ئۇنداق دېگىنى بولماپتۇ، ئاتىسىنىڭ ئىسمى سايىم بولسا ئوغلى خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئىش يوق. راست، بەزىلەر مېنى خوتۇنى نېمىنى دېسە شۇنى قىلىدۇ دەپ كەينىمدىن گەپ تېپىۋاپتۇ، مەنچە بۇنىمۇ باتۇر ئەرلەر قىلالايدۇ، چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا قورقۇنچاق كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزى قورققان ئىشلاردا ئەرلىرىنى چاقىرىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن باتۇر ھەم قورقماس ھېس قىلىمەن–دە، خوتۇنۇم ھەرقانداق ئىشقا بۇيرۇسا قورقماستىن قىلىۋېرىمەن، مانا بۇ مېنىڭ باتۇرلۇقۇم›› دېۋىدىم. ئۇ ‹‹بۇ گەپچە ماڭا پۇل بىرىپ تۇرالمايدىكەنسەن–دە›› دېدى. ‹‹يېقىندا خوتۇنۇم چەت ئەلگە چىقىپ، بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ، ئۆينىڭ قەرزىنىمۇ تۆلىيەلمەي، بېشىمىز قېتىۋاتىدۇ›› دېيىشىمگە، ئۇ ‹‹ئۇنداقتا مەن ماڭاي، ئازراق ئىشىم بار ئىدى›› دەپ قانچە تۇتقىنىمغا ئۇنىماي چىقىپ كەتكەنچە ئىككىنچى ئاياغ باسمىدى. شۇندىن بېرى ئۇ ئاۋاق ئۇچرىشىپ قالساقمۇ ئەتەي مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، -دېدى ئاۋۇتكام كۈلۈپ تۇرۇپ.

ـ ئۇنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟

ئەركىشى دېگەننىڭ بىر قارايۈز ئاغىنىسى بوپ قالدىمۇ، بولدى، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشى ئىلگىرى باسمايدىكەن. تۇنجى قېتىم، يېشىم كىچىك توي قىلغاچقىمۇ ئاغىنىلەرنىڭ ‹‹سايىماخۇن›› دېيىشىدىن قورقۇپ، ئاخىرى خوتۇنۇمنى خورلاپ ۋە ھاقارەتلەپ، ئاجراشمايمەن دېگىنىگە ئۇنىماي مەجبۇر ‹‹تالاق›› قىلىپ خېتىنى بەرگەنتىم. ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئوغلۇمنى ماشىنا بېسىۋەتتى. بۇ ئىش خوتۇنۇم ئىككىمىزگە ئېغىر كەلدى، خوتۇنۇممۇ شۇ ئىشتىن كېيىن ساقسىز بولۇپ قېلىپ ئۇزاققا بارماي تۈگەپ كەتتى، شۇندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىغان بولدۇم، ئۇلار مەيلى نېمە دېسە پەرۋايىمغا ئالماي، ئىچىمدە دوست دېگەن ھەرگىز دوستىنى كەمسىتمەيدۇ، دېمەك سەنلەر دۈشمىنىم ئىكەنسەن دەپ، قانداق ئىش بولسا ھازىرقى خوتۇنۇم بىلەن تەڭ كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. مانا شۇنداق قىلغاچقا ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقماي، خۇشال–خۇرام ياشاپ كېلىۋاتىمىز، دېدى ئاۋۇتكام كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئوچۇقلا قىلىپ.

شۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئۈچۈندۇر ئاۋۇتكامنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن نېرى كەتمەيدىغان بولدى. بىراق زادى كىم ‹‹سايىماخۇن››؟ دېگەننى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.

بۇ ھېكايە «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى.





842 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇغەنى توختى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-21 1:57:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-30 22:51:53 رەيھان
ھەقىقەتەن ئ‍ىسىل ئ‍ەسەركەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ