بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 12 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 12 - قىسىم


    بۇ ھىكايىنى يازماي دەپ ئويلىغان ئىدىم بىراق قىزىقىپ قالغان ئوقۇرمەنلىرىمگە قەرىزدار بۇلۇپ قالماي شەخسىيەتچى بولماسلىق ئۈچۈن داۋامنى يۇشۇرغۇم كەلمىدى بۇ ھەقىقى بولغان ھەقىقەتتۇر.
ئۇ كۈنى رېستۇراندىن قايتىپ چىقىپ ھېچ يەرگە بارغۇم كەلمىدى دوسلىرىمدىن ئايرىلىپ  ياتاق ئۈيۈمگە كىلىپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم دە قول سائىتىمگە قاردىم سائەت يۆلىنشى 14:16نى كۆرسىتىپ تۇراتتى .
يەنە خىيالغا چۆمدۈم خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن چۈشمۇ كۆرمىدىم بىر ۋاقىتتا تېلفونۇمنىڭ سايرىشى مىنى چۆچۈتۈپ ئويغاتتى تېلفوننى نۇمۇرغا قارىماستىنلا ئالدىم .
ۋەي -《ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز؟ 》ياخشىمۇسىز؟《مەن تۈنۈگۈن سىز كىرگەن رىستۇراندىكى دىيەنجاڭ بۇلىمەن تۈنۈگۈن خىزمەت لازىم ئىدى دىگەن ئىدىڭىز ئالدىراش بولغاچ دىيەلمەي يولغا سالغان ئىدىم بىزگە تۆت ئوغۇل مۇلازىم كېرەك ئىدى خاپا بولماي كەلسىڭىز پاراڭلىشىپ باقساق بوپتىكەن》بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدا بۇلدۇ ھازىرلا باراي لىكىن كىچە بوپ كەتكەندۇ ئەتە بارايمۇ بۇ گەپ كۈلكىلىك بولسا كېرەك ئۇ قىز كۈلۈپ كەتتى 《ھوي نەدە يۈرۋاتىسىز كۈن چۈش بۇلاي دەۋاتسا شۇنداق بولسۇن ۋاقتىڭىز بولسا ھازىر كىلىڭ دوسلىرڭىزنىمۇ بىرگە ئېلىپ كىلىڭ 》 بۇلدۇ دەپ تېلفوننى قۇيۇپ قول سائىتىمگە قارىدىم ھەقىقەتەن 9دىن ئاشقان ئىدى شۇندىلا تۈنۈگۈن ئۇخلىغانچە قاتتىق ئۇخلاپ قېتىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم .
ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇپ كىرىپلا دوسلىرىمغا تېلفون قىلدىم ئۇلارمۇ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئىدى گىپىمنى ئاڭلاپلا خوش بۇلۇپ ماقۇل بولدى ھەمدە دۆڭكۆۋرۈك چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا ئۇچۇرشىدىغان بۇلۇپ تېلفوننى ئۈزۈشتۇق .
مەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ پۇتۇشۇپ قويغان ئورۇنغا باردىم دوسلۇرۇم مەندىن بۇرۇن كىلىپ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن .
بىز كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ رېستۇرانغا كەلدۇق دىيەنجاڭ بىزنى باش دېرىكتۇر ئىشخانىسىغا ئەكىردى دېرىكتۇر بىر قۇر قارىۋېتىپ ئاراڭلاردا بۇ بالىنىڭ بوي بەستىمۇ قاملاشقان ھەيۋىلىك كۆرۈندىكەن قارسام بۇ بالىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغىنىڭلا چىقىپ تۇردۇ لىكىن بۇ بالىنىڭ تۇرقىدىن ياۋاش ئاخكۆڭۈل مۇلايىملىقى چىقىپ تۇردۇ قالغىنىڭلار بىر بىرىڭلاردىن قۇرۇق سۆلەت ئىكەنسىلە بوش ئەمەستەك تۇرسىلە دىدى.
دىمسىمۇ توغرا مەن بولسام بوي بەستىم ئىگىز چېنىقىپ تۇرغاچقا بەدىنىم بىر خىل تۇراتتى لىكىن چىرايىم تولىمۇ ئىللىق باشقىلارغىمۇ تەبەسسۇمنى قاملاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلاتتىم ئانىنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغانلار شۇنداق بۇلدىغان ئوخشايمىز بىر دوستۇم بىلەن كىچىكىمىزدىن تۇنۇش ھەم يېقىن ئىدۇق قالغان يېڭى دوسلار دوستۇم بىلەن يېقىندىلا تۇنۇشۇپ ئاداش بۇلۇپ قالغانلا ئىدى.
بىرسى بوينىغا زەنجىر ئېسىۋالغان بىرسى چىرايىغابەدىنىگە ماسلاشمىغان ھالدا مودا كىينىۋالغان بىرسىنىڭ بوينىدا كىچىلىك ئۇيۇننىڭ ئىزناسى قالغان يېقىن دوستۇمنىڭ بولسا ئاغزىدىن ھاراق بۇسى پۇراپ تۇرغان ئىدى.
دېرىكتۇر ئايال ھەم كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا بىزگە قاراپلا باھا بەرگەن ئىدى بىزمۇ ھەيرانلىقتا قالغان ئىدۇق كۆڭلۈمدە بۇ دېرىكتۇر بوش ئايال ئەمەسكەن دىگەن گۇمان چۈشتى لىكىن كۆڭلۈم ئىشلەپ قېلىشنى تارتىپ تۇراتتى خۇددى بىرى مىنى كۈتىۋاتقاندەك.
دېرىكتۇر ئايدا 2500يۈەن بېرىمەن تاماق توشۇيسىلەن دىدى مەن تېزلا ماقۇل بۇلدىكەن بىز ئىشلەيمىز دەپلا گەپنى ئۈزدۈم دېرىكتۇر جىگەرلىك ئىكەنسەن خاتا تونىماپتىمەن دەپ كۈلۈپ كىتىپ دىيەنجاڭنى چاقىرىپ بۇلا بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يەردە ئىشلەيدۇ كونا باللاغا قوشۇپ قۇيۇڭ بىرگە ئىشلىسۇن دىدى بىزمۇ چىقتۇق كونا باللار بىلەن بىر بىرلەپ تۇنۇشۇپ چىقتۇق.
بۇ يەردە قىزلار ئايرىمخانىغا قارايدىغان بۇلۇپ بىر قىز مەن ئىزدەپ يۈرگەن قىزغا بەكلا ئوخشاپ قالدىكەن.
كۆرۈپ ھەيران قالدىم كۆڭلۈمدە چۈشۈمدىكى بۇ رېستۇران راس بولغان ئىكەن چۇقۇم مۇشۇ قىز مەن ئىزدەۋاتقان قىز شۇ دەپ ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.
ئارلىقتا 3 كۈنگىچە ھېچكىمگە گەپ قىلمىدىم  بىر كۈنى پۇرسەت كەلدى.
ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئايرىمخاننى تازلاپ يىغىشتۇرغان قاچا قۇچىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ ياردەملىشەي دەپ ئېشىپ قالغان قاچىلارنى كۆتۈرۈپ يۇيۇش ئورنىغا قاراپ ئۈنسىز ماڭدىم.
يۇيۇش ئورنىغا كىلىپ قاچىلانى قۇيۇپ يىنىپ ماڭدىم ئۇ قىز رەھمەت سىز گەپ قىلالامسىز يە دەپ سورىدى كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ سۇئالىدىن ھەيرانلىق نەزىردە قارىدىم كۆزى تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئۇقىز ماڭا تىكىلىپ تۇرغان ئىكەن كۆزۈم ئۇچۇرشىپ اققانلىق بىلەن باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم ئىككى مەڭزىم ئوت كەتكۈدەك قىزىپ قىزارغان ئىدى.
ئاخىرى قانداق بولغاندۇ كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ
داۋامى بار…





535 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-14 8:42:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ