قىساس - تۆتىنجى باب ئامانەت
4.باب ئامانەت
ئارىدىن توققۇز كۈن ئۆتۈپ تېز يەتكۈزۈش خادىمى لالەگە پوسولكىسى بارلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلغىنىدا لالە تام تورۇسلىرى،كىرلىكلىرى…ھەممىسى ئاپئاق كېسەلخانىدا ئىدى،ھەتتا لالەنىڭ كاللىسىمۇ…
يېرىم كېچىمۇ،تاڭ سەھەرمۇ،ياكى…ئەيتاۋۇر لالە قاتتىق مۇزلىغانلىقتىن جاقىلداپ تىترەپ تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرگىنىدە ئۆزىنى ئىلگىركىدەك كارىۋاتتا ياكى ئۈستەلگە بېشىنى قويغان ھالەتتە ئەمەس،كارۋات بىلەن گىرىم ئۈستىلى ئارسىدىكى تار بوشلۇقتا پولغا سوزۇلغان پېتى ياتقان ھالىتىدە كۆردى.لوقۇلداپ ئاغىرىۋاتقان بېشىغا قوشۇلۇپ ئاغىرىۋاتقان بەدىنى،بۇلۇپمۇ قايسىدۇر بىر يېرىدىن ھېلى بىرى قىززىتلغان تۆمۈر زىقنى يېقىپ داغلاۋاتقاندەك،ھېلى ئىچىدىن بىر نېمە ئىچىگە پاتماي قوۋۇرغىلىرىنى تېشىپلا چىقىپ كېتىدىغاندەك بىر ئاغىرىق لالەگە ئارتۇق ئويلاش ئىمكانىيىتىنى—ئۆزىنىڭ قانداق بۇلۇپ پولدا يېتىپ قالغىنىنى،نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى،ھەتتا قايسى يېرىنىڭ ئاغىرۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاشقا ئىمكان بېرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن پەقەت ئاشۇ جان ئالغۇچى ئاغرىقتىن باشقىسىنى ئۇنۇتقان لالە يەنە شۇ ھالەتتە قىمىر قىلماي بىردەم ياتتى،چۈنكى بەزىدە قارا باسقان چاغلاردا مانا مۇشۇنداق بىر ئاغرىق لالە ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىن باشلاپ بارا بارا ئاجىزلاپ بىردەمدە يوقاپ كېتەتتى،ئەمما خېلىغىچە ھەتتا نەپەسمۇ ئالماي دېگۈدەك لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ باققاندىن كېيىن ئۇ بۇنىڭ ئۇ ئاغىرىققا ئوخشىمايۋاتقىنىنى ھېس قىلدى،بۇ ئاغرىق بارغانسېرى ئاجىزلىماي ئەكسىچە كۈچىيىپ ھەتتا ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ھەر بىر سوقۇشىدىمۇ خۇددى چۆچۈگەن مەخلۇقتەك قاتتىق تۇتۇپ ئۇنى تىن ئالغۇزمايۋاتاتتى.لالە ئاستا كۆزلىرى بىلەن ئۆي ئىچىنى ئىلغا قىلدى،ئۆي ئىچىدە ئۈستەل چىرىقى ياكى ياتاق ئۆينىڭ چوڭ چىرىقى يېقىلمىغان،ئەمما سۈتتەك ئاپئاق ئايدىڭ ئۆي ئىچىدىكى ھەممىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى،بۇنى سەزگەن لالە بار كۈچىنى يىغىپ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ ھاۋانى كۈچەپ سۈمۈرۈپ بىر تىن ئالماقچى بولدى،چۈنكى بۇ ئۈچ يىل مابەينىدە ئۇ ئەزەلدىن ئۇچراتمىغان ئاي يورۇقى ئىدى،شۇنچە ئوچۇق ھاۋادىمۇ بىرەر تال يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ شەھەردە ئاينىڭ بۇنچىلىك يورۇشىنى ئۇ ھېچقاچان خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان،شۇ تۇرقىدا ھېلىقى جان ئالغۇر ئاغرىق بولمىغان بولسا ھە…شۇنى ئويلاپ ھاۋانى كۈچەپ سۈمۈرۈپ ئاغرىققا چىداپ بىر تىن ئالماقچى بولغان لالەنىڭ ئېغىزى ئازراق ئېچىلغان پېتىلا تېخى ھاۋانى سۈمۈرمەي تۇرۇپ بەدىنىدىن تاراپ چىقىپ ئۇدۇل مېڭىسىگە تەپكەن ئاغرىقتىن ئۇ ھاۋانى سۈمرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ دەرھال قەيېرىنىڭ ئاغىرۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك،خۇددى قوللىرى بىلەن تۇتىۋالسا ئاغرىق قويىۋېتىدىغاندەك قوللىرىنى يىغىپ كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلدى،ئەمما تىترەپ تۇرغان ئىنچىكە بارماقلىرىغا كۆزلىرىنى تىككىنىچە چىشلىرى ئارسىدىن غۇچۇرلىغان ئاۋازلارنى چىقىرىپلا توختاپ قالدى،چۈنكى ئۇ قەيېرى ئاغىرىۋاتقىنىنى تېىخى بىلمەيتتى،قەيېرىنى تۇتىۋېلىشنى تېخىمۇ بىلمەيتى.ئاخىرى تۇيۇقسىز كەلگەن ئەقلىدىن سەل ئۆزىنى قويىۋەتكەن لالە قايتىدىن ئەتراپىغا سەپ سالدى،ئويلىغىنىدەك ئالدى تەرەپتە—بىرەر مېتىر ئارىلىقتا چوققا تەرىپىدىن تۇرۇپ تۇرۇپ يېشىل نۇر چاقنىتىۋاتقان يانفونى كۆزىگە چېلىقتى،بەلكىم بىرلىرى تېلفۇن قىلدى ياكى ئۇچۇر يوللىدى بولغاي،بۇ يېشىل نۇرنىڭ چاقنىشى ئېلىنمىغان تېلفۇن ياكى ئېچىپ كۆرمىگەن ئۇچۇرنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.نېمىسىنى دەيسىز،شۇ تۇرقىدا جان قايغۇسىدا قالغان لالەدە ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگۈدەك ماغدۇر نېمە ئىش قىلسۇن،مىڭ تەسلىكتە تېلفۇننى بارماقلىرى ئارسىغا قىستۇرۇپ ئالدىغا تارتقان لالە يانفوننى قولى ئىختىيارى يەتكۈدەك جايغا تارتىپ ئېلىپ كېلىپلا ئادىتى بويىچە ئېكراننىڭ قۇلۇپىنى ئاچتى،ئاندىن باشقىسىنى تاشلاپ يەنە شۇ ئادەت بويىچە ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردىكى بىر قاتار نومۇرلارغا بارمىقىنى يېنىك تەگكۈزدى،ئۇزۇنغا قالمايلا قارشى تەرەپنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانمىغان ھالەتتىكى غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،گەرچە ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىغان بولسىمۇ ئادەتتە ئاۋازى تولىمۇ جاراڭلىق ھەم كەسكىن بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئەسنەك ئارىلاش ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغىنالمايۋاتقانلىقىنى لالە ھېس قىلالايتى;ئەمما يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلىۋاتاتتىكى ،لالەنىڭ ئېغىزىدىن ھەتتا چوڭراق بىر تىنىقمۇ چىقمايۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئاچچىق ئاغرىقتا تولغىنىپ تۇرۇپ ياردەم سورىشىنى ئكچىدىن چىقمايۋاتقان ئاۋازىدا ئۆزىدىن باشقا بىرىنىڭ ئاڭلىيالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.دەل لالە قانداق قىلىشنى بىلمەي تىتىلداپ تۇرغاندا بىر قانچە قېتىملىق “ۋەي”گە جاۋاپ ئالالمىغان قارشى تەرەپ غۇدۇرىغانچە تېلفۇننى قويىۋەتتى…ئاھ ئۈمىدسىزلىك،شۇ تاپتا تېلفۇندىن كېلىۋاتقان دىت دىت دىت …ئاۋازنىڭ قانچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتقىنىنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلەتتى.ئۇ چىشىنى چىشلەپ تېلفۇننى قايتا ئۇردى،يەنىلا ئۇيقۇدىن ئويغىنالمىغان غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋاز…تېلفۇن ئۈزۈلۈشكە يۈزلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئىگىسىنىڭ مەدىتىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ غەيرىتىمۇ ئۇ ئاخىرى بوشراق ئىڭرىدى…تېلفۇننىڭ ئۇ بېشەدا قويۇشقا تەمشىلىپ تۇرغان بۆلۈم باشلىقىنىڭ گازىردەك قىسىق كۆزلىرى شاپپىدە ئېچىلىپ ئېكرانغا تىكىلدى،تىكىلدىيۇ،ئەسلىدىكى گازىردەك كۆزلىرى يوغىناپ بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىشكە باشلاۋاتاتتى،چۈنكى ئېكراندىكى شىركەتتىكى“تۆمۈر خوتۇن”نىڭ نومۇرى ئىدى،لېكىن ئەمەليەتتە ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى بۆلۈم مۇدىرى بىلەتتى،شۇڭا دەرھاللا لالەدىن ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىدى،ئۇ تەرەپتىن ھېچ سادا كېلىدىغاندەك تۇرمايتتى.ئەمدى بارغانسېرى سەگەكلەشكەن مۇدىر دەرھال تېخى ئۇيقۇسىنى ئاچالمايۋاتقان ئايالىنى بىر قولى بىلەن ئىرغىتقاچ بىر قولى بىلە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىۋېتىپ ئايالىغا ئەھۋالنى ئېيتتى.بۇ يەردە يالغۇز بولغىنىغا قارىماي شۇنچە غەيرەتلىك لالەگە ئۇمۇ ئامراق ئىدى ئەلۋەتتە،شۇڭا دەرھال كىيىنىپ ماشىنىنى قوزغاشقا تەييار بۇلۇپ تۇرغان ئېرىنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا چىقتى…
* * * * * * *
لالە بۇ قېتىم ئىلىگىركىدەك نەچچە قۇتا ئوكۇل سالدۇرۇپلا قايتىپ كېتەلمىدى،ئەكسىچە دوختۇر ئۇنۇڭغا بۇ قېتىم چوقۇم ئوپراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىدى...نېمە چارە،دېمىسىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ كۆپلىكى،كەينى كەينىدىن كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەر ئۇنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋاتاتتى،ئاخىرى دوختۇر ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياۋاشلىق بىلەن دوختۇرغا بويسۇنۇشقا توغرا كەلدى…تېخى ئوپراتسىيە قىلىنماي تۇرۇپ توققىزىچى كۈنى تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇ ئارتۇق ئويلانمايلا خىزمەتدىشى يې زى غا كەچتە ئاشۇ پوسولكىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلدى.ئويلىغىنىدەك يې زى يەتكۈزگەن پوسولكا دەل شەپقەت سالغان بەختنۇرنىڭ خاتىرسى ئىدى…
لالە خاتىرىنىڭ تۇنجى بېتىنى ئېچىشىغىلا ئاپئاق كانۋېرت ئىچىگە سېلىنغان يۇلغۇن گۈلىنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلدى.ئۇ كانۋېرتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىدىكى قۇرۇتۇلغان بىر شاخچە يۇلغۇن چېچىكىدىن باشقا يەنە بىر پارچە خەتمۇ بار ئىدى……
كاكتۇس داۋامى بار




760 قېتىم كۆرۈلدى kaktus128 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-20 16:05:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-17 23:14:59 ئاسانەت
ھېكايە ياخشى يېزلپتۇ رەھمەت سىزگە ، بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ئەسەرلىرىڭزنى ساق پۇتۇرۇپ ئاندىن تور بەتكە يوللسىڭز ، بۇنداق ئاخىرى چىقمغان ئەسەر يازسىڭز ئناۋتىڭزگمۇ ياخشى ئەمەس
2016-11-24 18:53:01 تۇرسۇنئاي
ئاخىرى پۈتمىگەن ئەسەرلەر يوللانمىسىكەن دەيمەن,نىمىدىگەن بىمەنە ئىش بۇ
2016-11-24 18:51:05 تۇرسۇنئاي
ئەسەرھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ,لېكىن ئاخىرىچۇ?نىمىشقا يوللانمايدۇ?
2016-10-27 22:29:44 ayxam
dawami. qikmidigu
2016-10-6 22:19:05 ayxam
dawami. qikmidigu
2016-10-2 15:30:55 زىلالە
قىساسنىڭ ئ‍اخىرى قاچان چىقىدۇ
2016-9-28 18:50:46 ayxam
dawami. qikmidigu
2016-9-3 0:53:10 ھالاك بولغان قوشۇن
قوشۇن تۈگەشتى
2016-9-2 11:12:58 arzu
dawamini kaqan kurmz ?
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ