ھىجران ۋە قىساس( پوۋسىت ) 4- قىسىم

ھىجران ۋە قىساس

( پوۋسىت ) 4- قىسىم


   كۈلەي دەپ شۇنداق قىلساممۇ كۈلەممىدىم، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، يەنە بىردەم تۇرسام ئاتا ئانامنىڭ ئالدىدا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلمەن. شۇڭا ئاستا چىقىپ كەتتىم. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ھېچ ئىش قىلىش خوش ياقماي سىرتنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. ھاۋا ئىنتايىن تۇتۇق يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىپ تۇردۇ، مەن شۇلانى ئويلاپ تۇرسام شاقىراپ يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ يامغۇرنى كۆرۈپ ھېلقى كىچە ئىسىمگە كىلىشكە باشلىدى.

مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ھېلقى قىزنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ قىز ھازىرمۇ يىغلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ يامغۇر ئىكەنكىلى بىلدىم، چۈنكى ئۇ كىيىمنى مەن بايا كۆرگەن ئىدىم، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى، قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم، ئۇمۇ مىنىڭ كەلگىنىمنى بىلدى بولغاي، ئاستا بېشىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭغا قاراپ قورقۇپ كەتتىم، يۈزى پۈتۈنلەي قىززىرىپ كەتكەن ئىدى. دەرھال بېشىنى تۇتتۇم. بەلكىم بۇ قىزىتمىسى  قىرىق  چىقىشىدا گەپ يوق، يامغۇرنى كۆتۈرۈپلا ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يامغۇرنىڭ مىنى قويۋىتىڭ ئۆزۈم ماڭالايمەن دىگەن گىپىگىمۇ قۇلاق سالمىدىم. كىتىۋىتىپ يامغۇر پەس ئاۋازدا ئىشلا سىز ئويلىغاندەك ئەمەس خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىز، مەن سىزگە ھەممىنى چۈشەندۈرەي دىدى. مەن ھازىر ھېچنىمە دىمەڭ كىسىلىڭىز مۇھىم دىگىنىمچە يامغۇرنى ماشىنىغا چىقاردىم. ئەزمەتمۇ بىنانىڭ دالدسىدا مىنى ساقلاۋېتىپتىكەن، ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ يېنىمغا كەلدى، مەن دەرھال دوختۇرخانىغا ھەيدە دىدىم، ئەزمەتمۇ يامغۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولسا كىرەك، تىزلا ماشىنىغا چىقتى. ئۆيدىكىلەگە خەۋەر بىرۋەتتىڭمۇ دىدىم. ئەزمەتمۇ ھەئە سىنىڭ كەلگىنىڭنى كۆرۈپلا تىلپۇن قىلۋەتكەن، ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ دوختۇرخانىغا باردىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قويدۇم ئەنسىرمە دىدى. مەن يامغۇرنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇنى تۇتۇپ ئولتۇردۇم، ھازىر ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقۇچىلىكمۇ مادارى قالمىغانىدى. ئۇ توختىماستن  قەھرىمان مەن سىزگە چۈشەندۈرەي سىز خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىز داۋاتاتتى، بولدى سۆزلىمەڭ مەن كىيىن چۈشەندۈرشىڭىزنى ئاڭلايمەن دىدىمدە بېشىنى مۆرەمگە ياتقۇزدۇم. نىمىشقا بۇ ۋاقىتقىچە يامغۇر بۇ يەردە، يامغۇرنىڭ ھالىدىن خەۋرىڭ باكەنۇ نىمىشقا دوختۇرخانىغا ئاپامىدىڭ دىدىم ئۇنى سوراققا تارقاندەك. بۇ ئۆزۈڭدىن سوىساڭ بولا  بۇ ۋاقىتقىچە نەدە يۈدۈڭ بىزنى ئويلىمىدىڭمۇ ئۆمەر ئاكاملا نىم بوپ كەتتى بىلەمسەن، سىنى ۋەقەگە ئۇچۇردىمۇ دەپ ساقچىغا تىلپۇن قىلىپ چىقتى، دوختۇرخانىلاغا بېرىپ ئىزدەيمەن دىگەنتى بىز قويمىدۇق، يامغۇر ئۆيىگە كەتكىلى ئۇنىماي مۇشۇ يەردە يىغلاپ چىقتى، بىچارىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىراي دىسەم مەن قەھرىماننى كۆرمىگۈچە ھېچنەگە بامايمەن دەپ تۇرۋالدى. مەن مۇ ئۇنى يالغۇز قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي سىرتتا تۇردۇم دىدى ماڭا ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ. سائەتكە قارماپتىمەن نىمىش قىلغىنىممۇ ئىسىمدە يوق، ئىشقىلىپ ئۆمرۈمدىكى  ئىككىنجى قېتىم بۇنداق كۈننى كۆرشۈم دىدىم سىرقا قاراپ تۇرۇپ. سەندىن قانچىلىك ئەنسىردۇق بىلەمسەن، بۇرۇنمۇ بىر قېتىم مۇشۇنداق قىلغانىدىڭ، ئەمدى بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلمايمەن دەپ ۋەدە  بەرگەنىدىڭ، لىكىن يەنە شۇنداق قىلدىڭ دىدى ئەزمەت ماڭا مەيۈسلەنگەندەك قىلىپ. مەن گەپ قىممىدىم ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا بۇنچىلىك قىلدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. بۇرۇن مۇھاببەتتىن قاچاتتىم، چۈنكى سۆيۈپ قېلىش قورقاتتىم. پەرۋاسىز سۆيگۈدىن قورقاتتىم. مانا مەن سۆيدۈم، بەلكىم ھازىر ۋىسالسىز ئاشىق بولغاندىمەن، بەلكىم مەن كۆرگەنلىرىمنىڭ ئارقىسىدا باشقا مەخپىيەتلىك باردۇ، ھەممە ئىش مەن كۆرگەندەك بولماسلىقى مۇمكىن.
بىز دوختۇرخانىغا يىتىپ كىلىپلا يامغۇرنى دوختۇر ئېلىپ كىرىپ كەتتى. سائەت كە قاردىم. ئون ئىككى يېرىم بوپتى مەن ئەزمەتكە سەن كىتىۋەرگىن بۇ يەردە مەن بار راس دوللارنى ماڭا بىرىپ كەتكىن مەن رەسمەيەتلەرنى ئۆتىۋىتەي. مەنمۇ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ سەن بىلەن بىللە تۇرمەن بۇ يەدە سىنى تاشلاپ قويۇپ كىتەلمەيمەن دىدى ئەزمەت . بولدى ئەزمەت تەرسالىق قىلما ئۆيدىكىلەنى يالغۇز تاشلاپ قويمايلى بۇ يەرگە مەن يىتىشىمەن، ئۆيدىكىلە ساڭا ئامانەت. ئەزمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەمسە قالايمىقان ئىش قىمما سەن ئەمدى چوڭ بولدۇڭ تەرسالىقنى تاشلاپ ئېغىر بېسىق بول، ھىسيات بىلەن قىلغان  ئىشنىڭ پۇشايمىنى ھامان سىنى تاپىدۇ، ئۆزۈڭگە دىققەت قىل ھە، ئەزمەت ماڭا كۆينۈپ دىگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئاڭلاپ بوپ، بۇلدۇ ماقۇل مەن دىققەت قىلمەن، ئەمدى سەن تىزراق كەتكىن. بۇلدۇ ماقۇل مەن كەتتىم پۇلنى ئالغىن، ماشىنىنى مەن ئېلىپ كەتتىم يەنە بىرە چاتاق چىقىرىپ يۈمە يەنە، مەن ئەتە سەھەر كىلمەن ئەمسە خوش دەپ ماڭا پۇلنى بىرىپ چىقىپ كەتتى. مەن كارىدوردا ساقلاپ تۇردۇم بەشمىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا دوختۇر چىقىپ، ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقى ماڭا ئونمىنۇتتا ئاران چۈشەندۈردى، كىيىن رەسمىيەتنىڭ لازىملىقىنىمۇ سۆزلىدى، بۇلانى سۆزلەپ بولغىچە شۈكۈر دوختۇرمۇ مەنمۇ ھېشنىمە بوممۇدۇم، دوختۇرمۇ تەرلەپ كەتكەنىدى، ھېلمۇ ياخشى بۇ يەردىكى ئادەملە ئىنتايىن مۇلايىمكەن، بىز تەرەپتە بولسا بىر ئىككى قېتىم دەپلا چۈشەنمىسە، ئىشىڭنى قىلە ماڭ مەن بىكا مىتىم ساڭا ئىلىپبە ئۈگەتكىلى دەپ تاشلاپ قوتۇپ چىقىپكىتىدۇ. مەن دوختۇرغا كىتەرلىك پۇلنى ۋە يامغۇرنىڭ كىملىكى بەردىم، مىنىڭ تۈرۈكچە بىلمەيدىغىنىمنى بىلگەن دوختۇر مەندىن ھېشنىمە سورىماي ھەممىنى تۇلۇقلاپ قىپ بەردى. دوختۇر بىردەمدىن كىيىن يامغۇرنىڭ قېشىغا كىرسەم بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەن يامغۇرنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتتى، ئىككى مەڭزى قىززىرىپ كەتسىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق بوپ كەتكەنىدى، بۈگۈنكى  ئىشلانى ئۇنتۇپ ئۇنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇخلىغان ھالىتىنى كۆرۈشكە باشلىدىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن سائەتكە قارسام ئۈچ بوپتۇ. يامغۇر تېخى ئويغانمىغانىدى، يامغۇرغا قاراپ تۇرسام دوختۇر كىرىپ سىز تېخى  ئۇخلىماپسىزغۇ دىدى مەن ھە دەپلا جېق گەپ قىممىدىم، خەپ تۈرۈكچىنى بىر ئۈگەنمىسەم ئەجەپ بىر گاچىدەك تۇرۇپلا قالدىم دىسە. مەن خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر ۋاقىتتا  كۆزۈمنى ئاچسام يامغۇر مىنىڭ چېچىمنى تۈزەۋىتىپتىكەن مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچ قىنىمنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ ئىتتىك قولىنى تارىمەن دەپ ئۈستەلگە قولى تىگىپ كەتتى، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالامماي كۈلۈشكە باشلىدىم، ئۆزۈم پالاكەتمىكىن دىسەم سىز مەندىن ئۆتەكەنسىزغۇ ھۇ ھا ھا ھا. يامغۇر ئاغىزىنى ئۇچلاپ يان تەرەپكە قاراپ يېتىۋالدى. مەن ھە خاپا بومماڭ ئەسلى مىنىڭ گۇنايىمتى نىمىشقىمۇ مىنىڭ چېچىمنى تاراۋاتقان ۋاقىتتا ئويغىنىپ كەتكەن بوغۇيتتۇم، مەن شۇنداق دىگىنىمچە يەنە يامغۇرنى چېقىۋالدىم. بۇ گىپىمنى ئاڭلىغان يامغۇرمۇ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى، ھە مەنمۇ باياتىن ياقىسى شالۇكىڭىزنى ئېيتىپ قويسام ئەمدى مىنى مازاق قىلۋاتىسىزغۇ دىدى. مەن ھوي تېخى ھۇجۇم قىلىش سۈرتىڭىز بەك تىزغۇ تېخى مىنىڭ ئەڭ يامان تەرپىمدىن تۇتىۋالدىڭىز. بوپتۇ مەن سىزگە رەھمەت ئېيتقان بولۇپ تاماققا تەكلىپ قىلسام قانداق، تۆنۈگۈننۈڭ ياقىسى ھېشنىمە يىمەي قورسۇقۇم باك ئېچىپ كەتتى بىكا ،سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن ياتماي يەنە دىدىم مەن ھۇجۇمنى باشقا ياققا بۇراپ. يامغۇر ئۆزىنى پوپوزا قىلغاندەك قىلىپ بۇلدۇ ماقۇل مىنىڭمۇ قوسقۇم بەك ئېچىپ كەتتى دىدى. تۇرڭە  ئەمسە ھە راس ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ، ئەكىلىڭە پىشانىڭىزنى تۇتۇپ باقاي دەپ قولۇمنى ئۇزاتتىم، يامغۇرمۇ دەرھال بېشىنىنى ئېلىپ قاچتى. مەن ياخشى ھە راس يەنە دەپ قوياي بۇندىن كىيىن مىنىڭ قولۇمنىڭ ئۇچچىنىمۇ تۇتىشىڭىزغا رۇخسەت يوق ئاخشام كۈچۈم يەتمەي قالدى بوممىسا كاچىتىڭىزغا بىرنى سالاتتىم دىدى ئەسكەرتكەندەك قىلىپ مىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش ئۈچۈن. مەنمۇ بوش كەممەي ھە راس كوچىدا ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ماشىنامغا سېلىپ ئەكىلىپ قويسام تېخى ئېغىرلىقىڭىز چۇ تېخى كۈندە بىر ئىككى كالنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ئوخشىمامسىز، تېخى دوختۇرنىڭ گىپىنى چۈشۈنەممەي تاس قالدىم تەياق يىگىلى دىدىم ھۇجۇمنىڭ يوغىنىنى قىلىپ، قىزلا ئەڭ ئۆچ ئېغىرلىق مەسىلىسىنى ئېيتىپ. يامغۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قىززىرىپ تۇرۇپ تېخى مەن ئېغىرمىكەنمە ئۇف ئەجەپ قىززىپ كەتتىما دەپ قولى بىلە  يۈزىنى يەلپۇشكە باشلىدى. مەن بولدى چاخچاق قىپ قويدۇم، بىكا پايپىقىڭىزنى سېلىپ بېشىمغا ئاتماڭ دەپ يەنە چېقىۋالدىم. بۇ قېتىم يامغۇر قەيدەپلا كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ. ئەمدى سىز بىلەن تاماققا چىقمايمەن ئۆزىڭىز يەپ كىرىڭ دەپ ئولتۇرۋالدى، ئەمدى بولدى قىلاي بىكا گاچىدەك گەپ قىلىپ تاماقمۇ يەممەي قامماي دەپ. بولدى چاخچاق تۈگۈسۈن نىم يىسڭىز مەندىن بوسۇن جۈرۈڭ مىنىڭ قورسۇقۇم گىتتار چېلۋاتىدۇ.
بۇلدۇ ماقۇل دەپ ماڭدى يامغۇرمۇ. ئۇنىڭمۇ قورسىقى ئوبدانلا ئاشقاندەك قىلاتتى، بوممىسا بىردەم ئادەم يالۋاتىشى ئىنىق ئىدى. بىز سىرقا چىقىۋانقاندا ئاپام دادام ئەزمەتلە كەلدى، بىز ئۇلا بىلەن يولدا ئۇچۇرشۇپ قالدۇق. دادام بىزنى كۆرۈپ نەگە ماڭغانتىڭلا دىدى، مەن كۆزۈمنى قىسىپ تۇرۇپ شەخسى تاماققا دىدى. دادام شەخسى تاماققا دە، كىلە بالام بىز بىر پاراڭلىشايلى قورسۇقۇڭنى ئۆزۈم تويغۇزۇپ قوياي دەپ يېڭىنى تۈرۈپ مىنى ئۇردىغاندەك قىياپەتتە كىلىشكە باشلىدى، مەن دەرھال يامغۇرنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ دادا خاپا بومما ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن راس، دەپ تۇرۋالدىم، نىمىش بولغىننى بىلمىگەن يامغۇر ھودۇقۇپ گەپمۇ قىلاممىدى.
دادام بىز بىر كىچە ئۇخلىمىدۇق سەن گۇينىڭ دەردىدە سەن تېخى شەخسى تاماققا ماڭدىڭما توختە سىنى بى ياساپ قويمىسام ئۆزۈڭنى بىلەممەي قاپسەن. دادام ماڭا پوپوزا قىلىپ  قورقۇتۇشقا باشلىدى. بۇ ئىشلانى راس بىلىپ قالغان يامغۇر تېخىچە ھاڭۋېقىپ تۇراتتى. ئەزمەت بىلەن ئاپام دادام بىلەن بىزنىڭ ئويىنىمىزنى كۆرۈپ تېلقىپ قالاي دىگەنىدى. دادا قىز بالنىڭ ئالدىدىمۇ شۇنداق قىلامسەن ئازراق يۈزۈمنى قىلغىن ئۆتۈنۈپ قالاي بوممىسا سىنى مەن مىھمان قىلاي بولامدۇ ئادانا كاۋپى يەيلى ئاچچىق قىلىپ ھە قانداق دەيسەن. داداممۇ سەل ئاچچىغى يانغان چىراي، ھە بولدى چىقە ئەمدى ئۇرمايمەن يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ قىز بالنىڭ كەينىگە ئۆتىۋىلىپ. دادا راس ئۇرمام سەن دەپ ئاستا يامغۇرنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم، يامغۇر بۇ ئىشلانىڭ ئەسلى بىرچاخچاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇف دەپ كىچىك تىندى، ئۇنى خاتىرجەم قىپ قوياي دەپ، ئەنسىرمەڭ سىنى مەن قوغدايمەن دىدىم.
بۇ گەپنى دەپ بولغىچە ئەزمەت بىلەن ئاپام تېلقىپ قالدى، دادام بولسا تېخى سەن قوغدامسەن دەپ ئالدىغا قەدەم ئېلىش ئۈچۈن تەمشەلدى مەن يەنە ناھايىتى تىزلىك بىلە  يامغۇرنىڭ كىينىگە ئۆتۈۋالدىم، يامغۇرمۇ جىم تۇرسا بولدىغان گەپ. قارغاندا مەن سىزنى قوغدىمىسام موممىغۇدەك دەپ يۈزۈمنى پۈتۈنلەي  چۈشۈرۋەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ داداممۇ كۈلۈپ تاشلىدى، مەن بۇ كۈلكىگە قاراپ ئۆزۈممۇ بىلمەي كۈلۈپ سالدىم. ئاستا يامغۇرنىڭ كەينىدىن چىقىپ بولدى قىلىڭلا مەن سىلەنى مىھمان قىلاي دەپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. ئاپام شەخسى تاماققا چىقىۋال بىز كىتەيلى، لىكىن ئەزمەت يېنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. يەنە تۆنۈگۈن كىدەك ئىش قىلىپ قويما دەپ دادام بىلەن كىتىپ قالدى. مەن رەھمەت ئاپا بۇ ئىلتىپاتىڭغا كەچتە ساڭا سوغا ئالغاچ بارمەن، دەپ ھەييارلىق قىلىپ قويدۇم. دادام ماڭىچۇ دەپ قاپىقىنى تۈردى، ئەلۋەتتە ساڭىمۇ با لىكىن كىچىكرەك قىز بالىنىڭ ئالدىدا يۈزۈمىمۇ قويمۇدۇڭ دىدىم قەيدىگەندەك قىلىپ. مىنىڭ ھەممىدىن چوڭ بوممىسا بۈگۈن سىنى دەرىزىدىن تاشلىۋىتىمەن ئاڭلىدىڭمۇ دەپ پوپوزا قىلدى. مەن دادام دىن قورقۇپ بۇلدۇ ساڭا ئەڭ چوڭىنى ئالمەن دىدىم. دادام ئەمسە بىز كەتتۇق دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى. ئەمدى ئەزمەت مەن يامغۇر ئۈچۈمىز قالغانىدۇق. نىم يەيمىز مىنىڭ بۇ ھالىتىمدە بىرە كالا بولسىمۇ يەيدىغاندەك قىلمەن دىدىم مەن قورسۇقۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ. يامغۇرمۇ مىنىڭ قورسۇقۇممۇ بەك ئاشتى دىدى ئەتراپ قا قاراپ. مەن كىسەل ئادەم ئوماچ ئىچىدۇ جۇما، ھە راس سىز بىر ۋاق تامىقىڭىزغا كالا يەيتتىڭىز ھە،لىكىن ما قېتىم ئوماچ ئىچىڭ مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ يېغىرىغا تەگدىم. يىسەم سىزنىڭ كىنى يەۋامىغاندىكىن چىداڭ ھە دىدى. مەنغۇ چىدايمەن لىكىن كىلە قېتىم يەنە  كىسەل بوپ قالسىڭىز جاپا ماڭا بوپ قالدىكەن، شۇڭا ئالدىنى ئېلۋاتىمەن دىدىم مە  يەنە.
ئۆتەپ بېرڭە بىز تەڭلەشتۈك ئالدىنقى قېتىم سىزنى ئەزمەت ئىككىمىز كۆتۈرگەن بۇ قېتىم سىزمىنى شۇڭا تەڭلەشتۈك يەنە دەۋىردىغان بولسىڭىز تويغىزىۋىتىمەن جۇمۇ يامغۇر شۇنداق دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى. ئەزمەتمۇ ئاداش بولدى قىلە ئۆتكەنكى قېتىمقى ئىش ئىسىڭدە بادۇ  جېنىمىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى، قىزلانىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلدۇ جۇمۇ  دەپ يامغۇرغا قاراپ قويدى. يامغۇر مەغرۇر ھالدا قىزلاغا چاخچاق قىلنماس ھە دىدى تۈرۈكچە. مەن يامغۇرنىڭ بۇ قىلقىغا قاراپ كۈلۈپ سالدىم. مەن بولدى بىر نەرسە يەيلى، يامغۇر سىز تۈرۈك بوغاندىكىن ياخشى يەدىن بىرنى تېپىڭە دىدىم. ھە بۇلدۇ ئەمسە ئىسكەندەر كاۋاپ يەيلى يۈرۈڭلا دەپ يول باشلىدى. بىز بىر ئاشخانىغا كىردۇق، مۇلازىم تۈرۈكچە يامان بىي جېق گەپقىلدى نىم دىگىننىغۇ چۈشەنمىدىم. يامغۇر بىردەم پاراڭلىشىپ بوپ بىزگە نىم ئىچىسىلە دىدى. مەن گالدىن ئۆتىدىغان بىر نەرسە بولسا بولدى دىدىم. يامغۇر ماڭا قاراپ قويۇپ مۇلازىمغا بىر مۇنچە گەپلەنى قىلدى. تاڭجاڭ كەتكەندىن كىيىن، يامغۇر ماڭا مەنىلىك بىرنى قاراپ قويدى. بۇنىڭغا يەنە نىم بولغاندۇ يەنە بىرە يامانلىق ئويلاۋاتمىغاندۇ، ھەي بولدى ئالدىمغا كەگەندە كۆمەمدىم. بىز ئۇزۇن ساقلىمايلا تاماق چىقتى، ئالدىمغا تەخسىدە نىپىز توغرالغان گۆش بىلەن بىرمۇنچە سەي كۆكتات قويدى. يامغۇر مەن قولۇم يۇيۇپ كىلەي دەپ كىتىپ قالدى، يامغۇرنىڭ كىدە سەي ئازراقتەك كۆرنۈپ تىگىشىۋالدىم. يامغۇرمۇ كەلدى بىز تاماقنى يىيىشكە باشلىدۇق، ۋاھ نىماندا مەززىلىك كاۋاببۇ تەممىمۇ شۇندا ياخشى، مەن شۇلانى ئويلاپ يامغۇرغا قارسام چىرايى قىززىرىپ كىتىپتۇ. ئۆزىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بوپ بىزنىڭكىنىمۇ ئىچىۋەتتى. مەن نىم بولدى سۇنىمۇ كارامەت ئىچىدىكەنسىز جۇمۇ دەپ يەنە مازاق قىلىشقا باشلىدىم. يامغۇرماڭا ئالىيىپ تۇرۇپ تامقىمنى تىگۈشتۈرۋالغان ئوخشىمامسىز دىدى. نىم بولدى شۇ سىزنىڭكىدە سەي ئازاراقكەن شۇڭا ئالماشتۇرغان، نىمە بىرە ئىش بولدىما دىدىم ھەيران قېلىپ. يامغۇ ماڭا ئالىيىپ بىرنى قارۋىتىپ ھېشنىمە دەپ مۇلازىمنى چاقىردى. مۇلازىمغا بىرنەرسىلەنى دىيىشىگە مۇلازىم يامغۇرنىڭ تامىقىنى ئېلىپ كەتتى. مەن ئەزمەتكە ئۇنىڭغا نىم بولدى دىگەن مەنادا قاردى، ئەزمەتمۇ بىلمىدىم دىگەندەك بېشىنى لىڭشىيتتى، ھەي نىم بولدىكىنە دەپ ئويلاپ تۇرسام مۇلازىم باشقا تاماق ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاققىچە يامغۇرنىڭ چىرايى نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ بولدى. تۇيۇقسىز نىمىش بولغىنىنى كاللامغا كەلدى. مەن يامغۇرغا قاراپ تۇرۇپ ھە ئاسلى ئۆزىڭىز كولىغان ئورىغا ئۆزىڭىز چۈشۈپسىز دە دىدىم ھىجىيىپ تۇرۇپ يامغۇر ماڭا يەنە بىر ئالىيىپ قويۇپ تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى، مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتۈم، سىزگە تەربىيە بېرىپ قوياي بۇندىن كىيىن باشقىلاغا  ئورا كولىماڭ مۇشۇنداق، بۇلدۇ بوپمۇ ماڭا ئورا كولىماڭ ھە، مەن شۇنداق دىگىنىمچە قارىمايلا خۇرۇچنى ئېلىپ تامىقىمغا سېپىشكە باشلىدىم. يامغۇر ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مەن ئۆزۈمچە ھەھ قىلغان تەربىيەرىم ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ كاۋاپتىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىنغا سالدىم. ئاخخۇدا نىم بۇ شاكىراپ تۇزغۇ يامغۇر ماڭا قاراپ كۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەزمەتمۇ كۈلۈشكە باشلىدى، مەن چاندۇرماي يىيىشكە باشلىدىم، ئۆمرۈمدە تېتىمىغان تەم نىمدىگەن لەززەتلىك مەن شۇنداق ئويلىغىنچە كۆز سۈرتۈشكە باشلىدىم. بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن ئىككىسى تېخىمۇ بەك كۈلۈشكە باشلىدى. مانا ئاشخانىدىنمۇ چىقتۇق لىكىن بەك ئۇسساپ كەتتىم. ئۇف ھېلمۇ ئىككى قۇتا ئىچىپ بولدۇم يەنە ئۇسساۋېرمەنغۇ، نىمىشقىمۇ قۇتىغا قارمىغان بوغۇيتتۇم. يامغۇر قەھرىمان قانداق كاۋاپ تېتىدىمۇ دەپ كۈلۈشكە باشلىدى. بولدىلا سىز  قىز بالغا يول قوياي، ئەمدى قايەرگە بارمىز دىدىم. لىكىن تىزلا يامغۇر سىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىڭىز ئەنسىرمەمدۇ دىدىم مەن. دادام شەھەر سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئۆيدە ھېچكىم يوق دىدى قوپاللا قىلىپ.
مەن ھېچ بوممىسا تىلپۇندا ئىزدەپ قويىشى كىرەكتىغۇ، مەيلى بەلكىم باشقا بىرە سەۋەب بادۇ مەن شۇلانى ئويلاپتۇرسام. ئەزمەت بىرە باغچىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقايلى دىدى، بىز بۇلدۇ ياخشى پىكىر دىگىنىمىزچە يۈرۈپ كەتتۇق. باغچىغا كەپ بوپ مەن يامغۇرغا تۈنۈگۈندىن تارتىپ ئىچىمنى تاتىلاپ كەلگەن ئىشنى سورۇدۇم. يامغۇر تۈنۈگۈنكى ئىشلانى چۈشەندۈرنى خالامسىز دىدىم. يامغۇرمۇ مەنمۇ شۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنى بەكمۇ خالايمەن، ئەمسە باشلىدىم دىدى. ئەزمەت بىلەن ئىككىمىز قىززىققان ئىش بولغىنى ئۈچۈن گەپ قىلماي ئاڭلاشقا باشلىدۇق. تۈنۈگۈنكى بالنىڭ ئىسمى ھولكان ئىنتايىن باي بىر ئادەمنىڭ يالغۇز ئوغلى ئۇ دادىسىنىڭ پۇلغا تايىنىپ ياشايدۇ، ئۇنىڭ قولدىن ھەر بالا كىلدۇ، كۆپ كىشىلە ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەچچە قېتىم ئادەم ئۆلتۈرگەن خەۋرى ھەممە  يەرگە پۈركەتكەن. مەن ئۇنداقتا ساقچىلا تۇتمامدۇ دىدىم. تۇتتى لىكىن ئىسپات يوق ئۇلا ھەرقېتىم  ئىسپاتنى يوق قىلۋىتىدۇ. ئۇ بىر شەھۋەت پەرەس بىرى ئۇنىڭ قولىدا نابۇت بولغان قىزلا ساناقسىز، ئۇ ھەردايىم ئەخلاقلىق قىزلاغىلا چېقىلىدۇ، بەزىدە پۇل بىلەن ئالدايدۇ بەزىدە تۇتقۇن قىلدۇ ئىشقىلىپ ئۇ بىر بالايى ئاپەت. ئالدىنقى ئايدا مەن دوختۇرخانىدا ھولكان بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم، ئۇ شۇ كۈندىن بېرى پېشىمنى قويۇپ بەرمىدى،ئاخىرى چىدىماي ئىشتىن بىر نەچچە ئايلىق رۇخسەت سوردۇم. ئۇ ئۆيۈمگە كىلىپمۇ ئاۋارە قىلدى، نۇرغۇن گەپلەنى قىلدى تەھتىتمۇ سالدى لىكىن مەن بويۇن ئەگمىدىم، كىيىن ئاخىرى بولالماي ھېچكىمگە دىمەي باشقا شەھەرگە چىقىپ كەتتىم. نەچچە ھەپتىدىن كىيىن قايتىپ كەلدىم. قايتىپ كىلىشىمدە سىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم دەپ ماڭا قاراپ قويدى، مەن ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ ھولكان دادامنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ بوپتۇ، دادامغا نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ داداممۇ بۇرۇندىن تارتىپ يەپ ئىچىپ كۈن ئۆتكىزىدىغان ئادەم، ھولكان نىمىش بولدىكىن بۇ قېتىم مەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقى ئېيتتى، مەن ماقۇل  دىسەملا ئۇ ئۆزگۈردىغانلىقىنى  ئېيتتى، مەن يەنە قوشۇلمۇدۇم، مەن پەقەتلا مۇسۇلمان بىلەن توي قىلىمەن دەپ تۇرۋالدىم. ھولكان ئۇنداق بولسا مەن داداڭغا بەرگەن پۇلنى قايتۇر دىدى، مەن چوقۇم قايتۇرمەن دەپ كىتىپ قالدىم. ئۆيگە كىلىپ دادامدىن قانچە پۇل ئالغانلىقىنى سوردۇم دادام بىر مىليون دىدى، مەن دەرھال پۇلنى بەر قايتۇرۇپ بىرمىز دىدىم، دادام مەن ئۇ پۇلنى قىماردا ئۇتتۇرۋەتتىم دىدى. بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، دادامغا گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتىم، ھولكان يەنە تىلپۇن قىلىپ ئەگەر پۇلنى تۆلىمىسەڭ داداڭ ئۆمۈر بويى تۈرمىدە چىرىپ كىتىدۇ،لىكىن سەن ماقۇل دەپ قالساڭ باشقىسىنى سۈرۈشتە قىلمايمەن دىدى. قانداق قىلشىم كېرەك بېشىم قېتىپلا كەتتى. ھازىر ماقۇل بوپ كىيىن ئاجىرشىپ كىتەيمۇ يا دەپمۇ ئويلۇدۇم، ئاخىرى ماقۇل دىيىش قارارىغا كەلدىم، باشقا ئامالىم يوقتى، شۇ كۈنى ھولكانغا تىلپۇن قىلىشنى ئويلاپ تۇراتتىم، لىكىن تۇيۇقسىز چوكا مۇز يىگۈم كەپ كەتتى، كىيىن تاللا بازىردا سىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم، سىز ماڭا يەنە مەدەت بولدىڭىز، دەپ قىززىرىپ ئاستا يەرگە قارۋالدى، ئەزمەتمۇ مىنى ئىتتىرىپ قويدى بۇنىڭ بۇ قىلقى قىزنىڭ ساڭا كۆڭلى با كەن دىگىنى ئىدى. يامغۇر گىپىنى داۋاملاشتۇردى. مەن شۇنىڭ بىلەن ماقۇل دىيىش قارارىمدىن ۋاز كەچتىم، تۈنۈگۈن ھولكان يەنە كەلدى بۇ قېتىم دادام ماڭا شۇنچىلىك يالۋۇردىكى مەنمۇ چىدىيالماي قالدىم، قانداق قىلىش كېرەك. يەنە بېشىم قاتتى، ھولكان ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرشۇمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالدى مەن ئەزەلدىن باشقىلانىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ باقمىغاچقا ئۇنىمىدىم، ئاخىرى ھولكان سەن بۇنداق جاھىللىق قىلۋەرسەڭ داداڭنى ئۆلمىنى كۆزۈڭگە كۆرسۈتىمەن. دەپ تەھتىت سالدى ئامالىم قانچە چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم كىيىن قولۇمنىمۇ تۇتىۋالدى، قارشىلىق قىلسام ماڭا يېنىدىكى قورالىنى كۆرسەتتى، مەنمۇ بىراز قورقتۇم، سىزنىڭ كىلىشىڭىزنى بىلگەن بولسام ئېتىۋەتكەن بولسىمۇ چىقمىغان بولاتتىم دەپ ماڭا كەچرۈم سورىغاندەك قاردى. مەنمۇ تۈنۈگۈن بەكلا ئاشۇرۋەتكىنىمنى ھېس قىلدىم. كەچرۈڭ يامغۇر سىزنى چۈشەنمەپتىمەن مەن بەكلا ئاشۇرۋىتىپتىمەن سىزدىن كەچرۈم سورايمەن دەپ يامغۇرغا قاردىم. يامغۇر مىنى كەچۈرگەن بولسىڭىز بولدى دەپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. مەن پۇلنىڭ ئىشىنى ماڭا قويۇپ بېرىپ مەن ئەتە ئەتتىگەنگىچە تەييارلايمەن دىدىم. يامغۇر ھودۇقۇپ كىتىپ ئۇنداق قىلساق بوممايدۇ ھەرگىز بوممايدۇ دىدى. مەن ئۇنداق بولسا ھولكان بىلەن توي قىلىپ ئۆمرىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىشنى خالامسىز دىدىم. يامغۇر بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى، بۇندىن كىيىن سىزنىڭ دەردىڭىز مىنىڭ دەردىم ھەرقانداق ئىش بولسا ماڭا دەڭ بولامدۇ بۇ گەپنى بۇرۇن سىزگە دىگەن ئىدىم لىكىن ئۇنتۇپ قاپسىز، ئەمدى ئۇنتۇپ قامماڭ ھە دىدىم. يامغۇر ئۇ ئۇنچىلىك ئاز پۇل ئەمەس سىز قانداق تاپىسىز دىدى.  بۇنى ئىككىمىزگە قويۇپ بىرىڭ دەپ ئەزمەتكە قاردىم ئەزمەتمۇ مىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تۇنجى قېتىم باشقىلانىڭ غېمىنى يىگىنىمنى كۆرۈپ خوشال بولغاندەك قىلاتتى. ئەزمەت بىزگە قويۇپ بىرىڭ سىز بېرىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ ئەتە سەھەردە ئۆىىڭىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ تىلپۇن قىلمىز چىقىپ ئېلىپ كەتسىڭىزلا بولدى دىدى. يامغۇرمۇ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشىنەممەي بۇلدۇ ماقۇل ئەمسە دەپ ماڭا رەھمەت سىزگە بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايمەن دىدى. ئەنسىرمەڭ ئۇنۇت قىلى قويمايمەن دەپ كۈلۈپ قويدۇم. يامغۇر بىز بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى. ئۇھ نىمدىگەن گۈزەل ھاۋا بۇ دىدىم مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ. ئەزمەت ئەمدى پۇلنى قايەردىن تاپىمىز ۋەتەندە بولغان بولساققۇ بىر سائەتتە تاپاتتۇق، بۇ يەردە سەل تەس بولامىكى ۋەتەندىن ئەكىلىشكە خېلى ۋاقىت كىتىدۇ دىدى. مەن ئەنسىرمە ئامالىنى تاپىمىز سەن بېرىپ ماڭا سۇ ئەكەلگىن تۈزنى نورمىدىن كۆپ ئىستىمال قىلۋىتىپ ئۇسساپ كەتتىم دىدىم. ئەزمەت بۇ قېتىممۇ چاتاق چىقىرىپ قىزنىڭ كۆڭلىنى زىدە قىلمىساققۇ بولاتتى دىگىنىچە كىتىپ قالدى. مەن ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىنىمچە يامغۇرنىڭ ماڭا كۆڭلى با لىقىنى ئويلاپ ئىنتايىن خۇش بوپكەتتىم. شۈكۈرلەر  بولسۇن ديتتىم ئىچىمدە، ئەزمەتمۇ ئۇزۇنغا قالماي كەلدى، سۇنى ئىچىپ بوپ. ئەزمەت ئەمدى قانداق قىلىمىز دىدى. نىم قىلاتتۇق دادامدىن سورايمىز كىيىن قايتۇرۇپ بىرمىز ئىش ئاسان دىدىم غېمىمدە يوق. ئۆمەر ئاكام سورىسا نىم دەيمىز. نىم دەيتتۇق راسنى سۆزلەيمىز دىدى مەن يەنە ھېچ ئىش بوممىغاندەك. ھەي چاخچاق قىمما سەن ئۆتكەن يىلى زاۋۇت ۋەيران بولدۇ ئۆمەر ئاكامدىن پۇل سوراپ تۇرايلى دىسەم شۇنچە جىددىي ۋاقىتتىمۇ ئۇنىمىغانتىڭغۇ، ئەمدى نىم بولدى ساڭا دىدى ھەيران قېلىپ. يامغۇرنىڭ ھاياتىنىڭ  ئۇ ناكەستە ۋەيران بولىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن. بەرىبىر كىيىن قايتۇرۇپ بىرمىزغۇ.
ئۇغۇشۇ ئەمسە ماڭايلى پۇلنىڭ ئامالىنى قىلمىساق بوممايدۇ دىدى ئەزمەت ئورنىدىن تۇرۇپ. ھەي قېشىڭدا قانچە پۇل با دىدىم مەن ئەزمەتكە قاراپ. يۈز دوللار قانداق قىلاتتىڭ. دادامغا سوغا ئالمىساق بوممايدۇ مەندە ئۈچ يۈز دوللار باكەن جەمئى تۆت يۈز دوللار دادام شۇنچە پۇل سورىغانغا چۇشلۇق ياخشىراق نەرسە ئاپامىساق بولمايدۇ دىدىم مەن پۇللانى ساناپ تۇرۇپ. ھەي بۇرۇن بۇنداق ئىشلانى ماڭا تاشلاپ بىرەتتىڭ ساڭا نىم بولۋاتىدۇ يامغۇر بىلەن  ئۇچۇراشقاندىن بېرى سىنى تونىغىلى بومايدىغۇ دىدى ماڭا باشتىن ئاياق قاراپ. بولدى تىزراق ماڭايلى دىدىم مەن گەپنى بۇراپ.
بىز سودا ساراي ئايلىنىپ يارشىملىق قىلىپ داڭلىق ماركىلىق كەستۇن بۇرۇلكا سېتىۋالدۇق، ئاپامغا چىرايلىق يۈزۈك. بىز بۇلانى ئوراتقۇزۇپ ئۆيگە بالدۇرلا كەلدۇق، دادام ئاپام ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قايدا ئەھۋاللىرى ياخشى تۇدىلىمۇ دەپ ھەييارلىق بىلەن ئۆيگە كىردىم. دادام ئاپام بالام بۈگۈن يىڭىلىققۇ دىدى تەڭلا، مانا  ئاپا ماۋۇ سىزگە. ماۋۇ دادامغا دەپ سومكىلانى ئاپام دادامنىڭ ئالدىغا قويدۇق. ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى پاقىراپكەتتى.
دادا قارا كىيىمنىڭ ياراشقىنىنى ياشىرىپلاكىتىپسەنغۇ، دىدىم مەن دادامنى شىلاپ تۇرۇپ. مەن بۇرۇندىنلا ياشقۇ بىز تېخى قېرىمىدۇق ھە ئاپىسى دەپ ئاپامغا قاراپ قويدى. ئاپام بالام سەندە چوقۇم بىرگەپ با بوممىسا بۇنچىلىك قىلغىنىڭنى كۆرمىگىلى نەچچە يىل بولغانتى. نىمىگە ئېھتىياجىڭ چۈشتى، ياكى قىز سورىغىلى بارامدۇق دەپ دادامغا قاراپ قويدى. مەن تىزلا ياق قىزنى سورىغىلى بالدۇر بۇ قېتىم قەرىز سوراپ كەلدۇق، شۇنداق ئەزمەت سەنمۇ گەپ قىلغىنە دىدىم مەن ئەزمەتكە قاراپ، ھە شۇنداق شۇنداق لىكىن ياخشىسى سەندە مىنىڭ تەرتىم قىستىدى دەپلا قاچتى. خەپ سىنى ھېلى ياسايمەن مۇشۇنداق چاغدىمۇ قاچامسەن دەيمە ھەي.
دادام بالام دە قانچىلىك سورايسە تېخى ساڭا پۇل لازىم بولغىدەك بوممىدىغۇ يا بىرە ئىش چىقىرىپ قويدۇڭمۇ دىدى.  ياق ياق خاتا چۈشۈنۈپ قامماڭلا ئۇنداق ئىش يوق دىدىم مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ. ئاپام تىزراق دىگىنە ئادەمنى ئەنسىرەتمەي دىدى ئاپام.
مەن يامغۇرنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردىن بىر قويماي دەپ بەردىم. دادام قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنداق بولسا مەن دىن بىر مىليون قەرىز ئالماقچىما دىدى. مەن دادامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قېچىش تەييارلىقىدا تۇرۇپ ھەئە دىدىم. دادام ئەگەر قىز يالغان سۆزلىگەن بولسىچۇ بۇنىڭغا قانداق ئىشىنىسەن. دادا مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كۆردۈم كۆز ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ دىدىم يامغۇرغا ئىشەنگەن ھالدا. داداممۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ ئاپامغا قاردى ئاپام ئىختىيارىڭىز بالىڭىز سىزدىن تۇنجى قېتىم پۇل سوراۋاتىدۇ ئۆزىڭىز ئويلىشىپ قارار چىقىرىڭ مەن ئىككىسىگە قوشىلىمەن دىدى. دادام ماڭا قاراپ تۇرۇپ بوپتۇ بىرمەن. لىكىن بىر ئىشنى دەيمەن قىلالامسەن. دىدى ئىنتايىن سۈرلۈك ھالدا. دادام مەندىن نىم سورا غولجىدىكى دۇكانلىرىمنى سورىماس ھە زادى كۆزى شۇنىڭدا ئىدى ھەي بىچارە دۇكانلىرىم دەپ ئىچىمدە ياكى بوممىسا باشق نەرسە سورامۇ ھەي ، بوپتۇ ماقۇل نىمىش بولسا قوشىلىمەن دىدىم. مەن يامغۇر ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدىم. ئەمسە دىدى دادام مەن بايا تاماقنى كۆپ يەۋاپتىكەنمەن ھېچ سىڭمەيۋاتىدۇ چىقىپ بىر قۇتا سودا ئەكىرە دىدى. ئۇف ما دادامنى نىم شەرتتۇ دەپتىمەن جېنىمنى جاڭگالدا قويدى. مەن نىم سورايدىكىن دەپتىمەن تېخى بۇلدۇ ماقۇل ئەكىرەي، دادا راس پۇل بولسا بىرە مەن بايا ھەممە پۇلۇمنى سىلەگە خەجلىۋەتتىم دىدىم قولۇمنى تەڭلەپ تۇرۇپ. مەن ساڭا بىر مىليون بىرمەن دەۋاتسام بىر قۇتا سوداغىمۇ يارمىدىڭغۇ دىدى دادام ئېچىنغان ھالدا. ئالە مانا ئون لىرا  ئاشقىنىنى ئەكەل ھە دەپ قوشۇپ قويدى ماقۇل دەپلا چىقىپ كەتتىم. مەن بەك خۇشال ئىدىم چۈنكى يامغۇرغا ياردەم قىلالايدىغان بولدۇم. مەن ئەكىرگەن سودانى ۋە پۇلنى دادامنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
دادام كاتىپقا تىلپۇن قىلىپ قويدۇم كەچ سائەت ئوندا ئەكىلىپ بىردىغان بولدى دىدى. رەھمەت دادا سەن بەك ياخشى جۇمۇ دەپ دادامنى شىلاپ قويدۇم. دادا ئەنسىرمە بايا ئاكام بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇم. ئىككى مىليون يۈئەن سېلۋىتىدىغان بولدى بىرە ئايدا يىتىپ بارا دەيدۇ دىدىم مەن. بوپتۇ، قىيىن چىلىقىڭلا بولسا كىيىنرەك بەرسەڭلامۇ بولدۇ ھازىر زاپاس مەبلەغ مۇ با دىدى دادام. ياق دادا بىزنىڭمۇ ئەھۋالىمىز ياخشى ئەزمەت ئىككىمىز مايە چىقىشنىڭ ئالدىدا دۇكان زاۋۇت ھەممىسىنى ئۈچۈمىزگە بۆلۈۋەتكەن ئۆزۈمنىڭ پۇلىسى يىتىدۇ دىدىم. ھە بوپتۇ بالام ئەمسە سىلە ئەنسىرمەڭلە پۇلنى ھېلىلا ئەكىلىدۇ دىدى دادام مىنى خاتىرجەم قىلىپ. ماقۇل ئەمسە مەن چىقىپ كەتتىم. مەن چىقىپلا شىرىن خىياللا ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتىم.


بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق بىز سەھەردىلا يامغۇرنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپلا تىلپۇن قىلدۇق، ئەسلى ھېلقى ناتۇنۇش نۇمۇر يامغۇرنىڭكى ئىكەن. يامغۇر تىزلا چىقتى ۋە بىزنىڭ پۇلنى راسلا تەييارلىغىنىمىزنى كۆرۈپ ئىشىنەممىگەندەك قىلىپ، سىلە بۇنچە پۇلنى نەدىن تاپتىڭلا قەرىز ئالمىغانسىلە دىدى. مەن قەرىز ئالدۇق بوممىسا قانداق ھەل قىلاتتۇق بۇ يەرگە چىققىلى ھەپتە بولغا  تۇرسا دىدىم مەن. نەدىن قەرىز ئالدىڭلا قار گوروھتىن ئالمىغانسىلە دىدى بىزدىن ئەنسىرەپ. ياق دادامدىن ئالدۇق دىدىم مەن. مەن سىلەنى تەييارلىياممايدۇ دەپ ئويلاپ قوشۇلغانىدىم. بۇنداق قىلساق ھەرگىز بوممايدۇ مەن بۇ پۇلنى ئالاممايمەن دەپ ئېلىشقا پەقەت ئۇنىمىدى. ئۇنداق دىمەي ئېلىڭ پۇلنى قايتۇرۇشنىمۇ ئويلىماڭ ، راس ما قەھرىمانغا بىر دوختۇر جىددىي لازىمتى. سىز شەخسى دوختۇرى بولسىڭىز بولغۇدەك دەپ ئەزمەت ماڭا كۆز قىسىپ قويدى. يامغۇر قەھرىماننىڭ نىم كىسىلى با دىدى جىددىيلەشكەن ھالدا.ئەزمەت قەھرىمان  تۈركىيەگە كەلگەننىڭ ياقىسى يۈركىگە ئوت تۇتۇشۇپ كىتىپتۇ. نىم قويغان نىم ئالغىنى ئىسىدە يوق ، كىچىسى ئۇيقۇسى قاچىدىغان بوپقاپتۇ دىدى ئىنتايىن ھەييارلىق بىلەن. بۇنى ئاڭلاپ يامغۇر قىززىرىپ كەتتى. ئەتتىگەندە ھاۋا سوغۇقكەن سىز تېخى تۇلۇق ساقىيىپ بولاممىدىڭىز، بىز كىتەيلى بىرە ئىش بولسا تىلپۇن قىلىڭ دەپ خوشلىشىپ كىتىپ قالدۇق.
ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتتى، يامغۇردىن تىلپۇن ساقلاۋېرىپ ھېرىپ كەتتۇق، بىردەمدىن كىيىن تىلپۇننىڭ ئەنسىز جاراڭلىشى بىلەن تىلپۇننى ئالدىم، يامغۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئۇ ئىنتايىن خۇشدەك قىلاتتى، پۇلنى بېرۋەتتىم، پۇلنى كۆرۈپ ھولكان ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەم بوپ كەتتى دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ. شۇنداقمۇ بەك ياخشى بوپتۇ سىز ئۈچۈن خۇشال بولۋاتىمەن دىدىم مەن. يامغۇر بۇ ئىشتىن مىنى سىز قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەممەيۋاتىمەن دىدى پەس ئاۋازدا. بۇ ئاسان مىنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ راس ماڭا ئورەك كولىماستىن ھە دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.  بۇلدۇ ماقۇل بۇ قېتىم ئورەك كولىمايمەن ئالدىن قېتىم ئۆزۈم چۈشۈپ خېلى ساۋاق ئېلۋالدىم دىدى ھەييارلىق قىلىپ. بۇلدۇ ئەمسە چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئالدىغا باراي دىدىم. يامغۇرمۇ بۇلدى ماقۇل ئەمسە كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ، دەپ تىلپۇننى قويدى. مەن دەرھال تەييارلىنىشقا باشلىدىم.

چۈش سائەت  ئون ئىككى
يامغۇرغا تىلپۇن قىلدىم، مەن كەلدىم پەستە ساقلاۋاتىمەن. يامغۇرمۇ بۇلدۇ ماقۇل مانا ھازىرلا دىگىنىچە تىلپۇننى قويدى. ساقلا ساقلا ئون بەش مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇف بۇ قىزلانىزە دەپ غۇداراپ قويدۇم مەن، بىردەمدىن كىيىن يامغۇر چىقتى، ياق بىر پەرى چىقتى توۋا يامغۇر مۇشۇنداق چىرايلىق بولغىيمىتى، مەن ئاغىزىمنى ئېچىپ قاراپلا قاپتىمەن. ھەي نىم بولدى نىمگە بۇنچە ھاڭۋىقىپ قالدىڭىز  دىدى يامغۇر ھەيران بولۇپ. مەن ھەي ئەينەككە قارراپ باكتىڭىزمۇ دىدىم. بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ يامغۇر ھودۇقۇپ دەرھال ئەينەككە قاردى ۋە ھېشنىمە يوققۇ دىدى. مەن كۈلۈپ كىتىپ مەن تېخى بىر نەرسە باكەن دىمىدىمغۇ، مەن بۇنچە چىرايلىق لىقىڭزنى كۆردىڭىزمۇ دىمەكچى ئىدىم،ل. لىكىن ئەقلىمنى ئالدىڭىز جۇمۇ، دىدىم مەن يامغۇرنىڭ كۆزىگە قاراپ بىز بىردەم كۆزمۇ كۆز قاراشتۇق. ھېچ كۆزۈمنى تارتقىم يوق بۇ كۆز مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالغانىدى، قاچانكى بۇ كۆزنى كۆرسەم ھوشۇمنى يوقىتاتتىم. دۇنيا مەندىن شۇنچىلىك يىراق، دەردلىرىم تۇيۇقسىز غايىپ بولغاندەك.  بىردەمدىن كىيىن يامغۇر خىجىل بولدىمۇ كۆزىنى ئېلىپ قاچتى. مەنمۇ يانغا قارۋالدىم. بۈگۈن قايەرگە باشلايسىز دىدىم مەن. نەگە دىسىڭىز دىدى. بىز ئايلىنىپ ئادەتتىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختۇدۇم. يامغۇر ھەي بۇ يەر بەك ئادەتتىكىچە باشقا ئالاھىدىرەك يەرگە بارايلى دىدى. مەن ئادەتتىكى نەرسىلەنى ياخشى كۆرمەن دەپلا ماشىنىدىن چۈشتۈم، يامغۇرمۇ چۈشتى. بىز كىرىپ ئولتۇردۇق بىردەمدە مۇلازىم قېشىمىزغا كەلدى. مەن ئىككى دۈنەر ئىككى ئايران دەپ يامغۇرغا قاراپ سىز باشقا بىر نەرسە خالامسىز دىدىم، يامغۇر ماڭا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ. بولدى تامام دىدى مۇلازىمغا قاراپ. بىز ئۇزۇن تۇرمايلا تاماقلىرىمىز چىقتى. ئىنتايىن مىزلىك جۇمۇ بۇرۇنمۇ بىر ئىككى قېتىم يىگەنىدىم، مەن رازىمەنلىك بىلەن يامغۇرغا قاراپ شۇنداق دىدىم. بىز تاماقنى يەپ بوپ سىرتقا چىقتۇق. يامغۇر سىزنى بىر يەرگە باشلاپ باراي دەپ ماشىنىغا چىقتىم. يامغۇرمۇ چىقىپ نەگە باشلاپ بارسىز دەپ ماڭا گۇمانسىراپ قاردى. مەن ئەنسىرمەڭ مەندىن يامانلىق كەممەيدۇ، ئەگەر يامانلىق كىلىدىغان ئىش بولسا سىز ئاللىقاچان بۇ يەردە يوق ئىدىڭىز دىدىم. يامغۇر يەنىلا ماڭا ئىشىنەممىگەندەك قىلاتتى، توغرا ھەقلىق ھەر قانداق قىز ئويلايدۇدە  ھولكاننىڭمۇ يامغۇرنىڭ دادىسىغا شۇنچە پۇلنى بېرشى يامغۇرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ. مەن ماشىنىنى  تىزراق ھەيدەپ بىر باغچىنىڭ ئالدىدا توختۇدۇم. بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە دەپلا كىرىپ كەتتىم، مىنىڭ بۇرۇنلا تەييارلىقىم بولغاچقا كىرىپلا مىنى ساقلاپ تۇرغان ئەزمەتنىڭ يېنىغا كەلدىم، قانداق ئىشلا تەييارمۇ. ھەئە تەييار ھەممىسى قىپ قويدۇم دىدى ئەزمەت. ھە ياخشى بۇرۇن مەن ساڭا قىلاتتىم ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەن چىراي دەپ كۈلۈپ قويدۇم. ئەزمەتمۇ ساڭا كەلگنىدىن خۇشالمەن دوستۇم سىنىڭ بۇ ھالىتىڭنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپ تىكەن دىدى. مەن سۇس كۈلۈم سىرەپلا  ئەمسە مەن يامغۇنى ئەكىلەي سەن بىزگە قېرىشماي ماشىنىدا ئولتۇرھە دىدىم بۇيرۇق قىلغان تەلەپپۇزدا. «ئەمرەدەرسىنىز » دىدى ئەزمەت تۈرۈكچە، ئەمسە مەن كەتتىم دىدى ئەزمەت. مەن دەرھال ماشىنىغا كەلدىم ۋە ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇپ قېنى مەرھەمەت دىدىم. يامغۇر ھودۇقۇش، ھەيران قېلىش، خىلمۇ خىل تەشۋىشلە ئىدى، باغچىغا يول ئالدى. بۇ خىل باغچا ھەي بىر مەھەللىدە بار ئىدى. مەن يامغۇر يول باشلاپ گۈل بىلەن بىزەلگەن ئۇرۇندۇقنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە گۈلنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ. ئۆتكەنكى قېتىم نىسىپ بومماي قالدى، بۇ قېتىم نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ دىگىنىمچە يامغۇر تەڭلىدىم. يامغۇر بۇ بولغانلارغا ھەيران قېلىپ ئاغىزىنى تۇتۇپلا تۇراتتى، بەلكىم باشقا خىياللارنى كۆپ قىلۋىتىپ بۇنداق بولىشىنى ئويلىمىغان بولسا كىرەك. مەن يەنە چىرايلىق بىزەلگەن قۇتى يامغۇرغا تەڭلىدىم يامغۇر ماڭا قاراپ تۇرۇپ قۇتىنى قولۇمدىن ئالدى. مەن مەن ئىنتايىن نەپىس ياسالغان بىر قەلەمنى ئېلىپ ئورتقان ئىدىم. بەك چىرايلىق كەن رەھمەت سىزگە دىدى يامغۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇلا نىم ئۈچۈن دىدى يامغۇر ماڭا قاراپ، ماڭا بىر تۈرۈكتىلى ئوقۇتقۇچىسى لازىم ئىدى قارسام سىزدىن ياخشىسىنى تاپالمىدىم، سىز بەرىبىر بىكا بوغاندىكىن تۈرۈكچە ئۆگۈتۈپ قويڭە دىدىم. يامغۇر بەك كايىپ كەتتىڭزمۇ قانداق بىر قېتىملا دىسىڭىز مەن ماقۇل بولىمەنغۇ، سىزنىڭ قەرزىڭىزنى قانداق تۆلەشنى بىلەلمەيۋاتسام، دەپ يەرگە قارۋالدى. ئۇنداق دىمەڭ سىز ماڭا قەرىزدار ئەمەس مەن پەقەت مۇھتاجلارغا ياردەم قىلدىم. بۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ قائىدىسى ئۆزىڭىزنى قەرىزدار ئويلىماڭ. يامغۇر گەپ قىلمىدى. ئەمسە ماڭا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا قوشىلدىڭىزمۇ. يامغۇر شۇنداق قوشۇلدۇم دىدى. مەن خۇش بوپ كەتتىم.
ئەنە بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز شۇنىڭدىن باشلاندى، ھازىر بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئىدى. مىنىڭ يامغۇردىن دەرىس ئېلىشىم بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. يامغۇر ئۆتكەن ھەربىر دەرىس مىڭەمدە ئورناپلا قالاتتى، بەزىدە ئۇ قېشىمدا بولسىمۇ سېغىناتتىم
بىركىچىنى ئۆتكۈزۈش ماڭا نىسبەتەن شۇنچىلىك تەس ئىدى. بىز ئاساسى ئادەم يوق يەردە ئۇچۇرۇشمايتتۇق ئىككى ئادەم بولسا ئۈچۈنجىسى شەيتان دەپتىكەن بىز ئىككىنىمىز بۇ ئەھۋالدىن ساقلىناتتۇق . ھولكانمۇ بىر مەزگىل تۇرمۇشۇمىزدىن يۈتتى مەن ئىشلنى تۈگۈگىدى دەپ ئويلىغانىدىم لىكىن كىم بىلسۇن، ماڭا بۇنچىلىك چوڭ سىناق كىلىشىنى بىلگەن بولسام بەلكىم ئۇچىۋالا خۇش بوپ كەتمەس بولغۇيتتۇم، لىكىن ئىنسان كەلگۈسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەستە،

مەن شۇلانى خىيال قىلىپ يامغۇرنىڭ مەھەللىسىگە كىلىپ قالغىنىمنى سەزدىم، بىز بۇرۇن بىللە ماڭغان كۇچا، مەن ھەرۋاقىت يامغۇرنى ساقلايدىغان كوچا دوقمۇشى، ھېشنىمە ئۆزگەرمەپتۇ. ئۆزگەرگىنى پەقەت قېشىمدا يامغۇر يوق ئىدى. تۈركىيەگە كەلگىنىمگىنىمگىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، يامغۇردىن ئايرىلىپ قالغىنىمغىمۇ تۆت ئاي، بەش كۈن بوپتۇ. يامغۇرسىز ئۆتكەن بۇ كۈنلە ماڭا قىشتەكلا بىلىنەتتى. بەزىدە يامغۇرنىڭ رەسىمىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىغلاپ كىتەتتىم. قىسقىسى بۇ مىنىڭ ھاياتىمدا ئىككىنجى قېتىم چوڭ زەربىگە ئۇچۇرشىم ئىدى.
     





298 قېتىم كۆرۈلدى aliy1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 22:12:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ