ئۇنتۇشقا تېگىشلىك ئەقىدە

         مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك.مەيلى قانچىلىك ئازاب تارتاي، مەيلى قانچىلىك ھىجرانلاردا قالاي، مەن چوقۇم، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك.گەرچە مەن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسەممۇ،چوقۇم ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك.مەن ئۇنىڭغا:«سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن.خەق نېمە دېسۇن، مېنىڭ خەقنىڭ گېپى بىلەن كارىم يوق، مەن مەڭگۈ سىزدىن ئايرىلمايمەن.»دېگەن ئىدىم.لېكىن مەن بۇ ئەقىدەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك.
مەن ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان ئىدىم.ئۇ كۈنى سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. مەن موتسىكلىتتا ئۆيگە ئالدىراپ ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتىم. تۇيۇقسىزلا ئۇ، كۈنلۈكمۇ يوق، يامغۇردا، ناھايىتى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ.مېنى كۆرمەي موتسىكلىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالدى. مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇر مەن دەپ، قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم. ئۇمۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتتى.تەلىيىمگە يارىشا مەن ھېچنېمە بولمىغان ئىدىم. مەن ئۇنى موتسىكلىتقا مىندۈرۈپ، ئۆيگە ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭ ئۇزۇن قارا چاچلىرى. قاپقاراكۆزلىرى.سۈتتەك ئاق يۈزلىرى.ناھايىتىمۇ چىرايلىق ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىسمى نېمە بىلمەيتتىم. مەن ئاخىرى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئىسمى مەكتۇبە ئىكەن. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئۆزى شوخ خۇشخۇي قىز ئىكەن. باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ شۇنچىلىك قىزغىن ئىكەن.  مەن شۇ كۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى كېچىدە ئۇنى، ئويلايدىغان بولدۇم. بەزىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيتتىم. ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتەتتىم ، قەستەن ئۇنى كۆرېۋېلىش ئۈچۈن دەرۋازىسغا قايتا قايتىلاپ قارايتىم ، ئۇنى كۆرەلمەي قالسام كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولاتتى. يەنە باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتىم. ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاتتىم. بەزىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ بولغۇچە يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتەتتى. ناھايىتىمۇ تەمتىرەيتتىم، ئەگەر ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ قالسا نېمە دەيمەن دەپ ئويلايتتىم. بارا بارا مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىدىغان بولدۇم.ئۇ ھەممە ئادەمگە شۇنداق قىزغىن مۇئامىلىدە بولغاچقا ماڭىمۇ سوغۇق تەگمىدى. بارا بارا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز، دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۆتكەلدى. ئۇنىڭ ئەزھەر ئىسىملىك بىر مۇھەببىتى بار بولۇپ، ئۇ دائىم شۇ مۇھەببىتى توغۇرلۇق مەندىن مەسلىھەت سورايتى ، شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم  بولاتتى ، گەرچە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمەيتى ،  شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ مەندىن سوراپ قالدى ، :«ماڭا موتىسكىلىت مىنىشنى ئۆگىتىپ قويامسىز؟» مەن قوشۇلدۇم ، دەسلەپ ئۇ مىنەلمىدى ، بىراق مەن ئۇنىڭ غەيرىتىگە قايىل بولدۇم ، چۈنكى ئورۇق بىر قىز ئەرەنچە موتىسكىلىتنى سۆرەپ يۈرۈپ ،نەچچە قېتىم يىقىلىپ مەشىق قىلىۋاتاتتى ، ئاخىرى ئۇ يامان ئەمەس مىنەلگۈدەك بولدى ، ئۇ ماڭا :«كەينىمگە مىنىڭ »دېدى ، مەن «قورقىمەن »دەپ مىنىشكە ئۇنمىدىم ، مەكتۇبە ئۇنمىغىمغا ئۇنىماي مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ كەينىگە ئولتۇرغۇزدى ، ھەم قولۇمنى ئۆزىگە مەھكەم قۇچاغلىتىپ چىڭ ئولتۇرۇشۇمنى ئېيىتتى . ئۇنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغاندىكى ھېسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ، شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيغۇ ئىچىدە يولغا چىقتۇق . ئۇ باغانسېرى سۈرئەتنى تېزلەتتى ، مەن ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك قۇچاغلىدىم ، ئۇ قولۇمدىن چىقىپ كەتسىلا مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتاتتىم ، ئاخىرى ئۇ توختىدى ، بىراق مېنىڭ قولۇمنى قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ، ئاستا ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم :«سىزنى ياخشى كۆرىمەن مەكتۇبە ، سىزنى سۆيىمەن » ، ئۇ ئاڭلىمغاندەك جىمجىت ئولتۇردى ،ۋە قولۇمنى بوشىتىپ ، :«مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ، »دەپلا كېتىپ قالدى .
شۇ كۈندىن باشلاپ كۆڭلۈم يېرىم يۈردۈم ،  كېيىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇ توغۇرلۇق ئۆسەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، باشقىلارنىڭ دېيىشچە  ، ئۇ ئەزھەر بىلەن چەكلەنگەن مېۋىنى بالدۇر يەپ قويۇپتۇ ، ئۇنىڭ بويىدا باركەن ، ئەزھەر باشقا قىز بىلەن توي قىلىۋاپتۇ ، …بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمىدىم ،  ئۇنى ئىزدەپ باردىم ئۇ ماڭا :«بۇ گەپلەر راست ، مەن سىزگە دېمەكچىدىم بىراق دېيەلمىدىم ، ھېلىقى كۈنى سىز ماڭا تەلەپ قويغاندا ،مەن شۇنچىلىك خوشال بولدۇم ،بىراق مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن ، كەچۈرۈڭ مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ »دېدى-دە كېتىپ قالدى .
ئەتىسى مەن شەھەرگە ئەزھەرنى ئىزدەپ باردىم ، بىراق ئۇ ماڭا :«مېنىڭ نېمەكارىم ، ئۇبالىنى ئالدۇرۋەتسۇن ، مەن ئاشۇ سەھرالىقنى دەپ تۇرمۇشۇمنى بۇزمايمەن ، سەن ئۇنىڭ نېمىسى ؟ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ ؟ ئۇنى ساڭا ئۆتىنىپ بېرەي ، ئۇنىڭ خېلى پەيزى بار ، ئۇ چوقۇم بالىنى ئالدۇرۋېتىدۇ ، كېيىن سەن خالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن ئىچ پۇشۇقىڭنى چىقارساڭ بولىدۇ ، ».ئاچچىقتىن ئۇنى غەزەپ بىلەن بىرمۇش سالدىم ئۇنىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا :«ھامان بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىسەن ، نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟ ».ئۇ قاھ قاھلاپ سەت كۈلگىنىچە :«نېمە بولدۇڭ ؟ ئىچىڭ ئاغىرۋاتامدا ؟ ئۇنى ساڭا بەردىم خالىغانچە …» ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرنى دەپ بولغىچە ئۇنى يەنە بىر مۇش سالدىم ۋە ئۇنىڭغا :«مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان  ئادەمنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن، ھامان بۇنىڭ بەدىلنى تۆلەيسەن  »دېدىم -دە كېتىپ قالدىم . يول بويى ئەزھەرنى ئىچىمدە نەچچىنى تىللاپ كەلدىم ، قايتىپ كېلىپلا مەكتۇبەگە توي تەكلىپى قويدۇم ، ئۇ دەسلەپ قوشۇلمىدى ، مەن ئۇنىڭغا :«بۇ بالىغا مەن ئىگە بولاي ، بىز توي قىلايلى ، مەن مەڭگۈ سىزنى سۆيىمەن ، مەڭگۈ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن ، بۇ ئىشنى مەڭگۈ يۈزىڭىزگە سالمايمەن »دېدىم ، ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ  قوشۇلدى .
مەن قايتىپ كېلىپ ئاپامغا بۇ ئىشنى دېدىم .ئاپام قوشۇلدى ۋە ئەتىلا ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارماقچى بۇلۇشتى ، ئەتىنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم ، مانا كۈتكەن كۈنمۇ كەلدى ، مەنمۇ ئاپاملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق ، ئاپام كېلىش مەقسىدىمىزنى ئېيىتتى ، مەكتۇبەنىڭ ئاپىسى گەپ ئارلىقىدا :«بولسا توينى تېزرەك قىلىۋېتەيلى ، شۇنداق بولسا قوساقتىكى بالىغىمۇ ياخشى »دېدى ، ئاپام ھاڭ تاڭ قالدى ، ۋە ماڭا بۇ نېمىش دېگەندەك قاراپ قويدى .
شۇنداق قىلىپ بىز پات ئارىدا توي خېتى ئېلىشقا ماڭماقچى بۇلۇپ كېلىشىپ قايتىپ كەلدۇق ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتە -ئۆتمەي مېنىڭ ئۇنى ئەمىرىمگە ئېلىش پىلانىم ئەمەلگە ئاشمىدى ، ئاپام ھەممە ئىشلاردىن يەنى ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ئىكەن . ئاپام :« مەن بۇ تويغا قوشۇلمايمەن ، ئۇنىڭدەك ئەخلاقسىز قىزنى كېلىن قىلمايمەن ، گەرچە سېنىڭ داداڭ بالدۇر ئۇ ئالەمگە كەتكەن بولسىمۇ ، ئۆزەم تۇل خوتۇن بولساممۇ ساڭا چوكان ئەمەس ،قىز ئېلىپ بېرىمەن »، دېدى ، مېنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىممۇ كار قىلمىدى ، ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە توي قىلماقچى بولسام ئۆلىۋالدىغىننى ئېيىتتى ، مەن ئاپامنىڭ ئەلپازىدىن قوقۇپ قالدىم ، بىراق ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم سۇسلاپ كەتكىنى يوق ئىدى ، بىراق مۇشۇ مەھەللىدىكى غەيۋەتچى خوتۇنلار ئۇنى مەھەللىدە يۈرگۈسىز قىلىۋەتتى ، تېخى تەپ تارتماي ماڭا يۈزۈمدىن يۈزۈمگە :«ئۇ پاسكىنا سېنى ئوقتۋاپتۇ ،بولمىسا سەن ئۇنى ئالىمەن دەپ يۈرەمتىڭ، يا سېنىڭ بالا تاپالمايدىغان ئەرلەر كېسىلىڭ بارمۇ ؟ بولمىسا خەقنىڭ بالىسنى بالا قىلماقچىمىدىڭ ، ھۇ لاتتا ، ئاپاڭ رىزۋانىخاننىڭ قايسى تەرىپىنى دورىغانسەن ؟» دېيىشلىرى مەندىكى ئەرلىك غۇرۇر دەپسەندە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ، ئاخىرى ئۇ بالىنى ئالدۇرۋەتتى ، بەزى خوتۇنلار قەستەن جېدەل تېپىپ ، ئېرىنى كۈنلەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدلىرىمنى ، ئارزۇ ،ئەقىدىلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك ، چوقۇم ئۇنتۇشقا تېگىشلىك !
ئۇ ئاخىرى يۇرۇتتىن چىقىپ كەتتى ، مەھەللىمۇ بىرەر قۇر تىنجىپ قالدى ، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەبىتىم كۈنسېرى سۇسلاشقا باشلىدى ، مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك ، چۈنكى بۇ سەۋەنلىك مەندە ئەمەس .
     





486 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-19 17:44:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ