پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 9- قىسىم

 پـــــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
9. قىسىم 


سېستىرا قىز ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگىننى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئەنسز سوقۇپ كېتۋاتاتتى . ئۇ سۆزلىرىمگە نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرار دېگەنلەرنى ئويلايتتىم . ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئاران ئىككى كۈن بولدىدە ! تونۇشقىلى ئىككى كۈن بولغان ئادەمگە ، ماڭا كۆڭلىڭىزدىكنى ئېيتىپ بېرىڭ دېگنىم ھەقىقەتەن سەل ئېشىپ كەتكەن ئىدى . دېمسەم بوپتىكەن دېگەنلەرنى ئويلىدىم . بىراق نىمە ئامال ، يا دىن چىققان ئوق قايتىپ كەلمىگەندەك ، ئېغىزدىن چىقىپ بولغان سۆزنىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇدە ! بوپتۇلا ، نىمە بولسا مەيلى ، ئىشقىلىپ سۆزۈمنى ئۇ ئاڭلىدى ، ئەمدى ئۇنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرشىغا قاراپ بىر ئىش قىلاي . دېگەنلەرنى ئويلدىم .  ئۇزۇن ئۆتمەي سېستىرا قىز قولىدا ئوكۇل بوتۇلكىسىنى كۆتۈرگىنچە كىرىپ كەلدى ، كۆزلىردىن قايغۇ - ھەسرىتنىڭ ، ئازابىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇلىقىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى . ئۇ ئوكۇل بوتۇلكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قارىشى تەرەپتىكى بىمارلار كارىۋىتدا ئولتۇردى ۋە ماڭا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن :
- سىزنىڭ راسلا مەن بىلەن تونۇشقىڭىز بارمۇ ؟ مېنىڭ ئازابىمنى بىلمەكچىمۇسز ؟ ماقۇل سىزگە دەپ بېرەي بەلكىم ئازابىم يېنىكلەپ قالار ، بەلكىم سىز ماڭا تەسەللىي بېرەسز !
- ئەلۋەتتە تونۇشقۇم بار ! مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزغا تونۇشۇپ قالايلى دەپ باقمىغان ، سىزگە ناھايتى تەسلىكتە دېدىم . شۇڭا تەلىپىمنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز . دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈش نەزىردە قاراپ تۇرۇپ .
- ماقۇل مەن سىزگە قىسقىچە قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ۋە ئاشۇ ياشلىق باھارى ۋاقىتسز توزۇغان دوسلىرىمنىڭ ھېكايىسنى ئېيتىپ بىرەي . دېدى ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ .
زېھنىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ھېكايىسنى ئاڭلاشقا تەق بولۇپ تۇردۇم .
سېستىرا قىزنىڭ ھېكايىسى
مېنىڭ ئىسىم شەھىدە ، ئۆزۈم يىراق بىر سەھرادا چوڭ بولغان ، دادام مەن 12 ياشقا كىرگەن يىلى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى . دادام تۈگەپ كېتىشتىن ئىلگىرى ھال كۈنىمىز خېلى ياخشى ئىدى ، بىراق دادام بىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىمىز ۋەيران بولدى .  چۈنكى بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەر يىقىلسا ئەلۋەتتە ئۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ ئەلۋەتتە . بىز ئۈچ بالا ئىدۇق ، مەن بالىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدىم . دادام تۈگەپ كەتكەندە بولسا مەن 12 ياشتا ، مېنىڭ چوڭ سىڭلىم بولسا 6 ياشتا كىچىك سىڭلىم ئاران 3 ياشتا ئىدى .  مەن بۇ چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى يىللىقدا ئوقۇيتۇم . ئائىلىمىزگە كەلگەن بۇ بەخىتسزلىكلەردىن ھەممىدىن بىچارە ئانامنىڭ ئازابى ئەڭ چوڭ بولدى . ئانام دائىم  بېشمىزنى سىلاپ  يىغلاپ تۇرۇپ ، بىزگە ھەم دادا ھەم ئانا بولدى . ھەم نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ بىزنى مەكتەپتە ئوقۇتتى . مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە تىرشتىم ، ئانامنىڭ كۆزدىن ياش ئاققۇزماسلىقنى ئويلايتتىم . ئۇنىڭ ئازابىنى بىرئاز بولسىمۇ يېنىكلىتىشنى ئويلايتتىم . ھەش پەش دېگۈچە تۆت يىل ئۆتۈپ تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم . تولۇق ئوتتۇر مەكتەپكىمۇ ئۆتتۈم ، بىچارە ئاپام بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ، كېچە كۈندۈز تىنماي ئىشلەيتتى . چارچىدىم ، ھاردىم دېمەي ئۆيىمىزنىڭ بەختى ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ، خوشاللىقمىز ئۈچۈن بارلىقنى ئاتايتتى . مەن تىرىشىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم . ئىمتاھان بېرىپ  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  چاقىرىق قەغىزنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيىمىز شۇنچىلىك خۇشالىققا تولدى . ئانام يىغلاپ تۇرۇپ  پېشانەمگە سۆيدى ، سىڭىللىرىم مېنى ماختاپ ، ماڭا مەدەت بەردى . بىراق بىر خوشاللىقنىڭ ئارقىسدىن بىر قايغۇ ئەلەم بار دېگەندەك  ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالدى . ئانام يېقىننىڭ ياقى قورسىقنى تۇتۇپ ۋايجانلاپ قوياتتى . بىراق بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئانامنىڭ ئەھۋالى پەقەت ياخشى ئەمەس بولۇپ بەزىدە ئاشقازىننىڭ پىچاق سانچىغاندەك ئاغرىيدىغانلىقنى دەيىتتى . يەنە ئانامنىڭ تامىقىمۇ شۇنداق ئازلاپ كەتكەن ئىدى . ئانامنىڭ ئەھۋالىدىن بەكلا ئەنسىرەپ قېلۋاتاتتىم . دېگەندەك بىر بازار كۈنى چوڭ سىڭلىم بىلەن  بازاردىن لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەك  ، ئانام ياتاق ئۆيدە يىغىلىغان پېتى قورسىقنى قاماللاپ ۋايجانلاپ ياتاتتى . كىچىك سىڭلىم ئانامنىڭ يېندا توختىماي يىغلايتتى . سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز قولىمىزدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ تېزلىك بىلەن ئانامنىڭ يېنىغا كىردۇق .
توققۇزىنچى قىسمى تۈگدى .
سېستىرا قىزنىڭ ئانىسغا زادى نىمە بولغاندۇ ؟  ئۇ بىچارە قىزنىڭ ئائىلىسنى يەنە قانداق بەخىتسىزلىكلەر كۈتۋاتقاندۇ ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دېققىتڭىز ئەسەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن ...
داۋامى بار ......
     





260 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 4:43:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ