مىنىڭ ئ‍ەخمەق سۆيگۈنۈم ( ھىكايە ) - مەريەمگۈل تاشمەمەت

 مىنىڭ ئ‍ەخمەق سۆيگۈنۈم

 ھىكايە
مەريەمگۈل تاشمەمەت


ھەربىر ئادەمنىڭ كچىكلىكىدە مەكتەپ ھاياتىدا شۇنداق ئاددى ئەمما شۇنچەساپ.  مۇھەببەت ھېكايىلىرى بولىدۇ. كىيىنكى كۈنلەردە شۇ بەڭباش مۇھەببىتىنى ئەسلىگىنىدە ئادەم ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىدۇ. مېنىڭمۇ مەكتەپ ھاياتىمدا شۇنداق بىر ھىكا يەم بولىدىغان ھازىر شۇ ئىشلارنى ئويلىساملا كۈلگۈم كېلدۇ .
بىزنىڭ ئائىلىدە مەن پەقەت 1 تاللا قىز، 5 ئوغۇل ئىدۇق، كىچىكىمدىن ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينىغاچقىمىكىن، ئاپامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا مەن بىرقىز سىياقى يوق قىز ئىدىم . كېيىن مەكتەپكە كىرگەندىمۇ پەقەت ئوغۇللار بىلەنلا ئوينايتتىم. شۇنداق كەپسىز شوخ ئىدىمكى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىمۇ.
-ئېسىت سىزنىڭ قىز بولۇپ قالغىنىڭىز دەپ قاقشاپ كېتەتتى.
شۇنداق كەپسىزلىك شوخلۇق قىلىپ يۈرۈپ تولۇقسىزغا چىقىپ قالدىم، ئەمدى مەن پۇتبولغا ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. دادامغا يىغلاپ يۈرۈپ ئەڭ ياخشى پۇتبولدىن بىرنى ئالغۇزدۇم، ھە ئىشتاننىڭ بىر پۇشقىقىنى تۈرۈپ بىرنى تۈرمەي شەپكىنى تەتۈر كىيىۋېلىپ دائىملا پۇتبول ئوينايتىم،
ھەممە ئوغۇللار مېنىڭ پۇتبولۇمغا ھەۋەس قىلاتتى، شۇڭا مەن، ئۆزۈمگە ئوخشاش بىرنەچچە قىز بىلەن بىللە، ئوغۇللارنى تەشكىللەپ بىر پۇتبول گۇرۇپپىسى قۇرۇۋالدىم. ھەم يۇقىرى تۆۋەن يىللىقلار بىلەن، مۇسابىقىگە چۈشۈپ يۈردۇم،
ياز ئايلىرى ھاۋا شۇنداق ئىسسىق بىز چۈشتىن كېيىنكى 3 سائەتلىك دەرسنى تۈگىتىپ پۇتبول مەيدانىغا يىغىلدۇق، شۇ چاغدا بىز، مۇھىم  مۇسابىقىگە چۈشمەكچى ئىدۇق. ئەپسۇس، بىزنىڭ ئوڭ تەرەپ بېككىمىز كەلمىگەن ئىدى. مېنىڭ شۇنداق ئىچىم سىقىلدى. دەل شۇ چاغدا كۆزۈم كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغان بىر بالىغا چۈشتى.
-ھەي بۇياققا كېلە!

 ئۇ كىتابنى يېپىپ ئاستا كەلدى.
-پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرەمسەن؟
-ھەئە! ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن بۆلەكچىلا نۇرلىنىپ كەتتى.
-ھە بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ كوماندىغا ئوڭ بېك بولىسەن بولامدۇ؟
-ھە بولىدۇ! بولىدۇ !
-ئىسمىڭ نىمە؟
-ئەلقەم.
-ھە مېنىڭ ئىسمىم ئايقىز ئ‍اي دېسەڭ بولىدۇ.
-مەن تونۇيمەن سىزنى.
-ھە قانداق تونۇيسەن؟
سىزنىڭ پۇتبولغا ئۇستا ئىكەنلىكىڭىزنى دائىم، كۆپ يانچۇقى بار ئىشتان بىلەن تەتۈر شەپكە كىيىپ يۈرىدىغىنىڭىزنى مەكتەپتىكى ھەممىسى بىلىدۇ، مەن قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم . 
ئۇ بەك ئوماق ئىدى، ئۇنىڭغا ئامراقلىقىم كېلىپ شۇنداق ئىچىم كۆيۈپ كەتتى شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇ مېنىڭ كوماندامنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى. شۇنداق پۇتبول ئويناپ يۈرۈپ تولۇقسىز ھاياتىمىز ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئەمدى پۇتبول ئويناشقا ۋاقىت يوق ئىدى. بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ چىڭ تۇتۇپ يۇقىرى ئۆرلەش ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلمىساق بولمايتتى، ئەمما مەن پۇتبولدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتاتتىم، پۇتبول ئەمەس ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئەلقەمدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتاتتىم. ئۇ مەندىن بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇيتتى. شۇڭا پەقەت پۇتبول مەيداندىلا ئۇنى كۆرەلەيتتىم، مەن پۇتبولنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن، بىللە يۈرەتتىم، ئۇ خۇددى قىز بالىلاردەك نازۇك بولۇپ مەندىن شۇنداق قورقاتتى.
-ئاي دېدى ئۇ بىركۈنى يولدا كېتىۋېتىپ.
-ھە !
-مېنى ياخشى كۆرەمسەن، ئۇنىڭ قورقماي شۇ گەپنى قىلالىغىنىدىن ھەيران قالدىم. 
-ماڭا نەدىكى گەپنى قىلماي، مەن پاققىدە ئۇنىڭ گەجگىسىگە بىرنى سالدىم.
- ھەي چاقچاق ئەمەس، مەن راستلا سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن قارىسام سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغاندەك تۇرىسەن.
-بۈگۈن يۈرىكىڭ ئەجەب يوغىناپ كېتىپلا سېنىڭ، قورقماي شۇ گەپلەرنى دەۋاتامسەن ماڭا.دىدىم مەن ئ‍ىچ ئ‍ىچىمدىن خۇشال بۇلۇپ .
-شۇنداق مەكتەپتە سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار ساماندەك، پەقەت سەندىن قورقۇپلا دېيەلمەيدۇ، ئەمما بىلسەڭ مۇھەببەت ئادەمنى ئاجايىپ قورقماس قىلىۋېتىدىكەن، مەن بەك، تەستە دەۋاتىمەن بىلسەڭ، ئارىلىشىپ قالايلى .
-ئارىلاشساق ئارىلاشتۇق. ئۇنىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار ئىدى، دېدىم مەن خۇشاللىقىمنى چاندۇرماي، مۇشۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى ھەم :
-رەھمەت ساڭا دېدى.
-ھەي ئەخمەق شۇنىڭغىمۇ رەھمەت دەمسەن مەڭگۈ ئايرىلمايلى، سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن، دېگەندەك گەپلەرنى دېمەمسەن دېدىم مەن قاقاھلاپ كۈلۇپ. 
-زاڭلىق قىلما ئاي، سەن بەك چىرايلىق جۇمۇ، ساڭا قاراشتىنمۇ ئەيمىنىمەن مەن.
-سېنى ئۇرۇپ تىللىشىمدىن قورقمامسەن .
-قورقىمەن، بىراق شۇ ئارىلاشقاندىن كېيىن ئۇرماسمىكىن دەپ ئويلايمەن. مەن تېخىمۇ قاتتىق كۈلدۇم .
-ۋېي سەن نېمانچىۋالا ئەخمەق ھاھاھا.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئارىلاشقان بولدۇق. ئۇ دەرسلەردە بەك ياخشى ئىدى دائىملا ئۆگىنىش قىلاتتى، بىز پەقەت دەرستىن چۈشۈپ ئۇ مېنى ئۆيگە يەتكۈزۈپ قويغۇچىلا مۇھەببەتلىشەتتۇق، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئۇنى مۇھەببەتلىشىش دەپ كېتىشكىمۇ بولمايتتى، پەقەت مۇڭدىشىپ سوقۇشۇپ قېيدىشىپ ماڭاتتۇق، تولاراق ئۇ رەنجىپ قالاتتى. مېنىڭ قوپال گەپ سۆزلىرىمدىن بەزىدە ئۈمچە رەپ تاس قالاتتى يىغلىغىلى، مەن ئۇنى پەقەتلا، ئەلقەم دەپ چاقىرمايتتىم، ھەي ئەخمەق دەيتتىم، شۇنداق يۈرۈپ. ئۆرلەش ئىمتىھانىمۇ بېرىپ تۈگەتتىم، مەن خېلى ياخشى نومۇر بىلەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىۋالدىم، دادام خۇشال بۇلۇپ
-مۇئەللىمىڭ كاللىسىدىن بەكرەك پۇت قولى ئىشلەيدۇ بۇ ئەتىۋارلىق قىزىڭىزنىڭ دەۋاتاتتى، كاللىسىمۇ خېلى ئىشلەپ قويىدىكەن ھە مېنىڭ ئاي قىزىمنىڭ دەپ ماختاپ كەتتى .
مانا تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم باشلاندى، دەرسلەر خۇددى بىردىنلا قىيىنلىشىپ كەتكەندەك، بەك ئېغىر ئىدى، مانا ئەمدى پۇتبول ئوينايدىغانمۇ ۋاقىت يۇق ھە ئەلقەم باشقا مەكتەپتە بولغاچقا ماڭا، پۇتبول ئويناشمۇ خوش ياقمىدى، ئۇبىريىلدىن كېيىنلا بىزنىڭ مەكتەپكە كېلەتتى، مەن ئەمدى پۈتۈن زېھنىمنى ئۆگىنىشكە قاراتتىم، ئەنقەر ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ مېنى ئالغىلى كېلەتتى، ئىككىمىز بىللە قايتىپ كېتەتتۇق بۇ ئىش مەكتەپكە پۇر كەتتى.
-ئەلقەم، دېدىم مەن بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ، شەنبە كۈنى مەھەللىنىڭ يۇقىرىدىكى دەريا بويىغا بېرىپ كېلەيلى ھە.
-بىراق دادام ئاپاملارغا نېمە دەيمەن .
-ھەي ئەخمەق بىرساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دېسەڭ بولمىدىمۇ.
-ئەمما قايسى ساۋاقدىشىڭ ئۆيى نەدە دەپ سوراپ قالسىچۇ، شۇنداق جىلە بولۇپ كەتتىم .
-ھەي ئەخمەق مۇھەببەتلىشىمەن دېگۈچە ئاپاڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى ئاڭلاپ ئۇخلىغىنە ماڭ ئۆيۈڭگە بېرىپ بولدى ئارلاشمايمەن سەن بىلەن، مەن يامانلاپ كېتىپ قالدىم .
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى مەن يەنە ئۇنى كەچۈرۋەتتىم، بىز شەنبە كۈنى دەريا بويىغا باردۇق، دەرياغا كېچىپ سۇ چېچىپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق ئۇ ماڭا دەريادىن شۇنداق چىرايلىق تاشلارنى تېرىپ، سوۋغا قىلدى، مەن ئالەمچە خۇشال بولدۇم، بىزنىڭ كۈنلىرىمىز ئەنە شۇنداق داۋام ئېتىۋاتاتتى. 
شۇنداق يۈرۈپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، ئەلقەممۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كەلدى، ئۇنىڭ پات پات قىزلاردەك نازلىنىپ چىشىمغا تەگكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى ئىناق ئۆتۈۋاتاتتۇقى، بىركۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ تۇيۇقسىز كاللامغا  ئىش كەلدى. 
-ئ‍ەلقەم !
-ھە .
-ئاي سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ۋارقىرىيالامسەن مۇشۇ كوچىدىلا. ئۇ ئەتراپىغا خۇدۈكسىرەپ قارىۋىتىپ
-ياق !!
-شۇنداق دەپ ۋارقىرايسەن بولمىسا بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ كېتىمەن، ئۇ مەندىن قورقتى بولغاي، ماقۇل دېدى.
-ئاي مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ۋارقىرىيالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇ راستلا ۋارقىرىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ بىمەنە ئىشىمدىن تۇنجى قېتىم خىجىللىق ھېس قىلىپ يۈگۈرۈپ قاچتىم، كەينىمدىن ئۇنىڭغا، ئاي سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن دېگەن ئاۋازى جاراڭلاندى.
ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ ئەلقەم مېنى ئىزدىمىدى، مەن ئىزدەپ سىنىپىغا كىرسەم مۆكۈۋالدى، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ھار كەلدى، ھەم يەنە بىر قېتىم، بۇ ئىشىمىز مەكتەپكە پۇر كەتتى. مەن نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ئەسلى ئۇ مېنى ئەمەس مەن ئۇنى تاشلىۋەتسەم توغرا بولاتتى. ئەڭ بولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ تاشلىنىش سەۋەبىنى بىلسەمچۇ كاشكى.
شۇ ئىشتىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇدۇم. ئىككى يىل جەرياندا ھېچقانداق ئوغۇل بالىغا گەپ قىلمىدىم. ئەلقەممۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈردى. بەلكىم مېنىڭ بوزەك قىلىشىمدىن قورققان بولسا كېرەك، شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم. ھە دەل شۇ چاغدا ئەلقەمنىڭ مېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ بىر ھېسابتا ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ھازىرقى يولدىشىم بىلەن تونۇشتۇم. بىز قىزغىن رومانتىك مۇھەببەتنى بېشىمىزنى كەچۈرۈپ، كېيىن توي قىلدۇق، ھە ھەر ئىككىمىز ناھىيە بازىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇق. 
مەن يولدىشىمنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتىم سۆيەتتىم، ئەمما شۇ بىرمۇھەببەت ھېكايەمنى پەقەتلا ئۇنتالمىىمدىدىم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەلقەمۇ ئىمتىھاندىن شۇنداق يۇقىرى نومۇر بىلەن، تېببىي مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ ھەم كېيىن شەھەردە دوختۇر بولۇپتۇ.
بەزى كۈنلىرى ئۇچۇشلىرىمگە كىرىپ قالاتتى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر بىريەرلىرىدىن، يەنە ئۇنى سېغىنىپمۇ قالاتتم .
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، مەنمۇ بۇرۇنقى مەكتەپتىكى كەپسىز شوخ قىزدىن، شۇنداق مۇلايىم كۆيۈمچان بىر ئايالغا ئايلاندىم.
بىر كۈنى مەلۇم ئىش بىلەن شەھەرگە كىردىم كوچىدا كېتىۋېتىپ كۆزۈم شۇنداق سالاپەتلىك بىرىگە چۈشۈپ قالدىدە يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى، ئەنقەر دەۋەتتىم مەن ئىختىيارسىز، ئۇمۇ ماڭا قاراپ قېتىپلا قالغانىدى.
-ئاي، بۇ سەنمۇ، بىز شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتۇق، ھە بىردەم پاراڭلىشىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن، ئاشخانىغا كىردۇق. ئۇ يەنىلا ئەينى يىللىرىدىكىدەك شۇنداق مۇلايىم تارتىنچاق ئىدى، مەن نەچچە يىل مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان سوئالنى سورىدۇم
-ئەلقەم ئەينى يىلى مېنى نېمىشقا تاشلىۋسەن؟
-دېسەم زاڭلىق قىلما ھە ؟؟
-ھە دېگىنە.
-ئەمەلىيەتتە مېنىڭ دادام يەككە تىجارەتچى، ئۇ بەك ئاچچىق يامان مۇتەئەسسىپ ئادەم ئىدى ئۇ مېنى بەك قاتتىق باشقۇراتتى، شۇ كۈنى كوچىدا سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ۋارقىرغان چىغىمدا دادام كەينىمدىن كېلىپ قالدى. ھە قۇلىقىمنى سوزغان پېتى ئۆيگە ئاپاردى ئۇ مېنى بەك قاتتىق تەنقىدلىدى. مەنغۇ مەيلى ئەمما دادام ئۇ قىز بىلەن يەنە بىللە يۈرگىنىڭنى كۆرسەم، ئىككىڭلارنى قوشۇپ ئۇرىمەن دېدى مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، مەن تاياق يېسەم مەيلى ئەمما سېنى دادامنىڭ ئۇرۇشتىن قورقتۇم. چۈنكى مەن سېنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، شۇ شۇ سېنى قوغداش ئۈچۈن سەندىن يىراق تۇردۇم.
مەن شۇنداققاتىق كۈلدۈمكى كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. 
-تۇۋا، ھەي سەن نېمانچىۋالا قورقۇنچاق، داداڭنىڭ شۇ پوپوزىسىغىمۇ ئىشەندىڭمۇ ئەخمەق.
-شۇ ئىشىنىپ قاپتىمەن بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ئۇ كېكەچلەپ كەتتى.بىز تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق .
-ھازىرقى قىسمەن بىر ئوقۇغۇچىلارغا بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ ئاي، ئالتۇندەك ۋاقتىنى شۇ بىمەنە مۇھەببەتكە ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ.
-شۇنى دېمەمسەن ئەلقەم ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى ئۆگىنىش، پەقەت ياخشى ئۆگەنسىلا ئۇلارنى گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىلىرى ساقلاپ تۇردۇ .
-شۇ شۇ كوچىدا ھاياسىزلارچە كېتىپ بارغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىمدە، ئەينى چاغدىكى دادامدەك قۇلىقىدىن سوزغۇم كېلىپ كېتىدۇ.
-ھا ھاھ ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭدەك ئەخمەق دەپ ئويلامسەن، قۇلىقىنى دادىسى سۇزسلا قىز دوستىنى تاشلىۋېتىدىغان.
-ئەمما ئاي ئەينى چاغدا دادام شۇنداق توغرا قىلىپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. 
-مەنمۇ مۇشۇ ئەلقەم، بىز شۇ چاغدا تىرىشمىغان بولساق، بۇ گۈزەل كۈنلىرىمىز بولمايتتى ھە راست سىەن توي قىلدىڭمۇ؟ ھەئە توي قىلدىم. ئالىي مەكتەپتىكى ىبىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇ بەك ياخشى تۇرمۇشۇم شۇنداق بەختلىك، ھە راست قىزىم بار ئىسمى ئايقىز.
-ھە ،مەن ھەيران قالدىم، ھەم ئۇنىڭ ئەينى يىللىرى، مېنى نەقەدەر ياخشى كۆرگىنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بىز بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ تازا كۈلۈشتۇق، ھەم تاماقلىرىمىزنى يەپ بولۇپ خوشلىشىپ ماڭدۇق. 
ئۇ كەتتى، ئۇ بۇرۇنقى ئوماق بىر بالىدىن ھازىر شۇنداق كېلىشىكەن بىر ئەرگە ئايلىنىپتۇ، مەن ئۆيگە بېرىپلا ئۇزۇندىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەينى يىللىرى ئەلقەم بىلەن ئوينىغان پۇتبولۇمنى تاشلىۋېتىشنى قارار قىلدىم، ھەم كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يولۇمغا ماڭغاچ ئاستا پىچىرلىدىم.(خەير خوش مېنىڭ ئەخمەق سۆيگۈنۇم)
2016-يىلى12ئاينىڭ22-كۇنى يىزىلدى .
ئ‍ۇندىدار نۇمۇرۇم1211661598





785 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 11:01:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-2 5:31:42 شەبنەم
بەك ياخشى مەزمۇن ئىكەن تېخىمۇ تىرشىڭ
2017-1-29 16:04:31 15599883306
خىلى ياخشى چىقىپتۇ ،2يىل بۇرۇن ئوقۇغاندەك قىلمەنيا
2017-1-18 12:09:20 پاتىگۈل ،
بەك ياخشى،يىزىپسىز،تىرىشىڭ،
2016-12-26 22:21:12 metro
بۇ ئەسەر شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ ، ماڭا يارىدى ، ھارمىغايسىز ، كىيىنكى ئەسىرىڭىزنى كۈتىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ