مەھەللەمدىكى قىز - 2 -قىسىم ھىكايە

         مەھەللەمدىكى قىز 2

ئابلىمىتجان ۋاھاپ  (تەنھا تۇرنا )


باشقا گەپ قىلمايلا ياقەي ئامراق مەن قابداق تاماق بولسا تاماق تاللىمايمەن ،بوپتۇ بوگۇن سىزمىنى مىھمان قىلغان بولۇڭ مەن سىزنى كىيىن مىھمان قىلاي،كىم مىنى لايپاسلىق قىلسۇن دىگەنىدى.
كۇلۇشمەك بولۇشتى تامىقىمىزنى يەپ بولۇپ ئاشخانىدىن چىقتۇق،سىنىپقا تەنھەرىكەت مەيدانى بىلەن ئالدىرىماي قىزىقارلىق پاراڭلار قىلىشىپ كىردۇق ،سىنىپتا دەرىستە ئولتۇرۇپ ،ئۆزۇمگە ئۆزۇم قىزلار بىلەن پاراڭلاشسا نىمە دىگەن كۆڭۇللۇك ھە !نىمىشقىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدىلا ياشىغاندىمەن مەنمۇ بىر ھىسىياتچان ئادەم بولغاندىكىن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆتسەم بولىدۇغۇ مەن نىمىشقا ئۆزۇمنى قاچۇرىمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم !چۇشتىن بۇرۇنقى دەرىسىممۇ تىزلا تۇگدى چۇشلۇك تاماققا سىنىپتىكى قىزلارنىڭ يىنىغا بىرىپ بىللە تاماق يىيىشنى ئىتتىم ئۇلارمۇ رەت قىلمىدى،تاماق ۋاقتىمىز ئىنتايىن كۆڭۇللۇك كۇلكە چاخچاق بىلەن بولدى،تاماقنىمۇ قىزلار بىلەن ئالدىرىماي كىيىنمۇ قالماي يىدىم،كەيپىياتتىممۇ ياخشى ئىدى ھەپتىدەك باللار بىلەن يىقىن يۇرىدىغان بولدۇم،قىزلار بىلەن يىقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشلار ئاستا ئاستا كۆپ بولدى،ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دىگىنىدەك ئاستا ئاستا بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتقانىدىم ،بۇلاربىلەن يىقىنلىشىپ كەتتىم دەرىسلىرىممۇ ئەمدى دەرىستەك كىتىۋاتىدۇ،ئەس ھوشۇم جايىدا كىتابقا كىرىپلا كەتسەم قورۇسىقىم ئاچمىسا سىرىتقا چىقققۇدەك ۋاقىت يوق،بار دىيىلسىمۇ چىقىشقا خوش ياقمايدىغان ،خوش ياقمايدىغان ئەمەس بەلكى كىتاپتىن چىقىپ بولالماي،كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ كۆزلۇرۇم ئىچىشىپ ئاغرىشقا باشلىغاندا ئاندىن تاشلاپ قوياتتىم،كىتاپنى قولۇمغا ئالسام ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار بولسىمۇ ئۇگۇنىشىمنى قىلىۋىرەتتىم،كىتاب كۆرۇشكە خوش ياقمىسا مۇئەللىم قاراپ تۇرسىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئىشىنى قىلىپ سىنىپتا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆز ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولاتتىم،مۇئەللىممۇ ماڭا ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيتى.
ئوقتقۇچۇممۇ ساۋاقداشلىرىممۇ ھەيران قالغانىدى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ نەتىجەم ئاخىرىدا چىقاتتى ،بۇ قىتىم ئالدىنقى قاراردىكى  بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەنىدىم،بۇ ماڭا  بەك چوڭ ئىلھام  بولغانىدى،كاللامدىلا ئوقۇش غايە ئىگىزراق تىكلەندى،كۇندىن كۇنگە كەيپىياتتىممۇ ياخشى چىرايىمدىمۇ كۇلكە يۇگۇرىدىغان بولدى،كىم بولسا تارتىنماي پاراڭلىشىدىغان بولۇپ كەتكەنىدىم،بۇ جەريانلاردا ھىلىقى بىر مەھەلىدىكى قىزمۇ ئىسىمدىن چىقىپ كەتكەنىدى،خىلىلا ئەركىن بولۇپ قالغانىدىم،ئىمتىھانلارنىمۇ بىرىپ بۇ مەۋسۇممۇ تۇگدى،تەتىلىك دەمئىلىش ۋاقتىمۇ  ئۇزۇن بولغاچقا يىزىدىكى ئۆيگە ئويناپ ئارام ئىلىش ئۇچۇن ماڭدىم.
بۇ يىزىدىكى ئۆيگە قايتىپ چىقمىغىلى ئۇچ ئاي بولاي دىگەنىدى،يىزىنىڭ يوللىرىدا ماشىننىڭ تەۋرىنىشى جىمجىتلىقتا ئاران كەلگەن ئۇيقۇمنى ئارامغۇدا ئۇخلىغىلى قويماي ئىچىمنى پۇشۇرۋەتكەنىدى،تەسلىكتە كەلدىم بۇ مىنىڭ كىندىك قىنىم تۆكۇلگەن يۇرتقا،ماشىنىدىن چۇشتۇم چۇشۇپ كەچ كىلىپ قالغاچقا يالغۇز كىچىنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۇچۇن مۇھەببەتلىك كونا كۇيلەردىن غىڭىشىپ كتىۋاتاتتىم تۇيۇقسىزلا تۇرۇپلا قالدىم ،ئالدىمغا  گۇلمىھرە بىشىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا كىلىۋاتاتتى.
قىقىپ قويغان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم،ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تىشلىقمۇ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ئاڭلىسام ھازىر نەتىجىڭىز بەكلا ياخشىكەن مەن داۋاملىق ئوقۇيالىغان بولسام سىزدىن ئىشىپ كىتەتتىم دەپ كۇلۇپلا قويدى،مەن خۇددى ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغاندەكلا تۇرۇپ قالدىم ،نىمە بولدى سىزگە ھىچ ماڭا گەپ قىلمايسىزغۇ ،ھىچنىمە بولمىدى گۇلمىھرە !ھەئە دەرىسلىرىمىز تۇگدى تەتىل قىلىپ كەلدىم ئۆزۇڭ قانداق تۇراۋاتىسز؟ئاتا ئانىڭىز سالامەتمۇ؟ھەئە راس مىنىڭ نۇرغۇن دوسىت بۇرادەرلىرىم بار،دىيىشىمگە يىغلامسىراپ ئىغىز ئاچتى، بىلەمسىز ئابلىمىتجان مەن سىزنى ياخشى كۆرەتتىم،ھىلىمۇ ئىسىمدە مەن قايتىپ كىلىش ۋاقتىدا سىز بىلەنلا كۆرۇشۇپ كۆڭلۇمدىكىنى سىزگە ئىيتىۋىلىپ ئاندىن قايتىپ كىلىشنى ئويلىغان لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم،
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئانىسىنىڭ گۇلمىھرەنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ئۇ كەيپىياتىنى تەڭشىۋىلىپ كەينىگە قارىمايلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى،مەن بولسام بىشىمدىن سوغۇق بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ھىچنىمىنى ئاڭقىرالماي تۇراپ قالدىم،بىردەم ۋاقىتتىن كىيىن باياتتىنقى كەيپىياتمۇ مۇھەببەتلىلك كۇيلەرمۇ يوق ئىغىر باسقان ئاياغ تىۋىشىلا بار،چىگىش خىياللارغا غەرىق بوپ ماڭدىم .
توساتتىن چىقىپ ئىيتىلغان بۇ سۆز كونا ئوتنى تۇتاشتۇرغاندەك قالدۇرۇپ كەتكەن
سۆيگۇ مىنى يەنە قىيناشقا باشلىدى،ئەتراپىم تىغىمۇ  قاراڭغۇلىشىپ كىتىۋاتاتتى،ئاينىڭ  مەن بىلەن تەڭ يۆنىلىشتە مىڭىشى،مەندىن تىز بىلىنىپ ئاي مۇكۇنسە  ھەممە جاي  قاراڭغۇلۇققا چۆكۇپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى،بۇرۇقتۇرمىلىقتا چىگىش خىياللار مىنى ئۆزقوينىغا تارتىۋالغانىدى!
ھەي نىمىشقىمۇ قايتىپ كەلگەن ئىدىم، بۇ كۇنلەردە كەلمىگەن بولسام بۇ مۇھەببەت ئوتى ھازىرقىدەك مىنى قىينامتى دەپ سوئال قويۇپ ئۆز ئۆزۇمگە ئاچچىقلىنىپ ، ئەجىبا سەن سىنى ئوتقا تاشلاپ يالغۇز قايتىپ كەلگەن ئاشۇ قىزنىڭ ئوتىدا يەنە كۆيمەكچىمۇ،ئۇ ساڭا نىمە قىلىپ بەردى،ياق مەن ئۇ قىز بىلەن كۆرۇشكىلى كەلمىگەن مەن ئاتا ئانامنى كۆرگىلى كەلدىمغۇ نىمىشقا ئۇ قىزنى كۆرۇپ قالىمەن،ھەي بىشەم قىز نىمىشقا مىنىڭ ئالدىمغا يۇگۇرۇپ چىقىسەن سىنىڭ شۇ چاغدا ماڭا قىلغان قىلىقلىرىڭ مانا ئەمدى مىنى كىچە قوينغا  ئۆگەي بالىسىنى ئىتتىرىپ بىشىنى نەپەسمۇ ئالالمايدىغان ئەدىيالغا يۆگىگەندەك بۇرۇقتۇرمىلىققا باشلاپ ئەركىنلىكىمنى يوق قىلدىڭغۇ!
ئاستا خىيالار ئىچىدە مىڭىپ ئۆيگە كىرىپ سالام سائەتنىمۇ تىزلا تۇگۇتۇپ ئايرىم ئۆيگە كىرىپ چارچاپ قاپتىمەن دەپ بالدۇر ئارام ئالماقچى بولدۇم.
     





825 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 18:22:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ