خاتىرە ۋە رېئاللىق 5 - قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رىئاللىق

 

 5 - قىسىم ھىكايە

كەترەن

 

 10. رېئاللىق(2)

 

 ئۇ كومپىيۇتىردىكى تىلكامىراغا، ھەم يولدىكى ماشنىىلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرغان كۆرىنىشكە قاراپ ھەممىنى چۈشەندى بولغاي، دەرھال ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

 ـــ پەرى، مىنى كەچۈرۈڭ. ئۇنى بىز قەستلىدۇق.

 گەرچە زىبانىڭ بۇنچىلىك زەھەرخەندە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولساممۇ، لىكىن زىيادە ھەيرانمۇ قالمىدىم. نىمىلا دىگەن بىلەن دۇنيا رەزىللىككە تولغان دە.

ـــ ئەمدى سىلەر قانداق قىلماقچى؟يەنە ئاكامنى قەستلىمەكچىما؟؟

 زىبا بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى تۇتۇپ يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى. كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قويۇلىۋاتاتتى. ئاۋازىمۇ ئۆزگىرىپ چىقىۋاتاتتى:

 ــ مەن خاتا قىلغىنىمنى بىلىمەن. ھەقىقەتەن چوڭ خاتا قىلدىم. لىكىن نىجات ھامىنى ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقىدۇ. ھامىنى خاتىرىسى ئەسلىگە كىلىپ ھەممىنى بىلىدۇ. ئۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۇ مىنى، ۋەلىنى ئەڭ يىقىن كىشىلىرىم دەپ قارايدۇ. مەنمۇ بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمىگەن پېتى سىر بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.. لىكىن ھەقىقەت ھامىنى ھەقىقەت.  ۋەلى ھەرگىز ئۇنداق بولدى قىلىدىغاندەك قىلمايدۇ. نىجاتمۇ بۇ ئىشنى بىلسە بىزنى بوش قويمايدۇ.

 ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇردەك قويىلىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. كەلگىنى ۋەلى ئىدى. زىبا دەرھال بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ۋەلى زىبانىڭ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن نىمىش بولغانلىقنى سورىدى. مەن زىبانىڭ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغىنىنى كۆرۈپ ۋەلىگە دىدىم:

ـــ مەن ھەممە ئىشنى ئۇقۇپ بولدۇم.

 ۋەلى گېپىمنى ئاڭلاپ سەل ئالاقىزادە بولغاندەك بولدى. زىبا دەرھال ۋەلىگە قاراپ:

 ــ ۋەلى، پەرى بۇ ئىشنى ئاكىسىغا دېمەسلىككە ماقۇل بولدى، بىز بۇ ئىشنى سىر تۇتۇپ ئۆتۈپ كىتەيلى، بولامدۇ؟؟

لىكىن ۋەلىنىڭ كۆزىدىن بىرخىل ۋەھىمە چاقناپ تۇراتتى:

ـــ سىر تۇتۇپ؟؟ قاچانغىچە؟؟ نىمىشقا ئاشۇ كۈنى مەن بىلەن نىجاتنىڭ يىنىغا بارغاندا نىجاتقا: « مەن سېنى ئەسلا ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، پەقەت سېنىڭ پۇلۇڭ ئۈچۈنلا سەن بىلەن يۈرگەن، ئەمدى سەنمۇ قەرزگە بوغۇلۇپسەن .. ئۆلىۋالغىلى كەلگەنمىتىڭ، قىنى سەكرىمەمسەن؟ ..» دەپ ئۇنى ئۆلىۋىلىشقا قۇترىتىسەن؟؟ ئۇ خاتىرىسىنى مەڭگۈلۈك يوقاتتىمۇ دەيلى، سەن مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىچۇ؟؟ ئۇنىڭ قىز دوستى بولىۋىرەمسەن؟؟ ياق!! ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئاشۇ كۈنى ئۆلىۋىلىپ بولغان!!! بىز ئۇنى قوبۇل قىلالىغانىدۇق، لىكىن مەن ھازىر ئۇنىڭ ھايات يۈرىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن، پەرىمۇ ھەم شۇنداق!!

 ۋەلىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ زىبا ھەيرانلىقتىن دەرھال ماڭا قارىدى. مەنمۇ ئىش بۇيەرگە يەتكەندە داۋاملىق ھەممە ئىشتىن بىخەۋەر بىگۇناھ سىڭىلنىڭ رولىنى ئالالمايدىغانلىقنى ھېس قىلدىم. ۋەلى بولسا ماڭا قاراپ، ھېچقايسىمىز پاك ئەمەس ، دىگەندەك قاراۋاتاتتى. مىنى تۇيۇقسىزلا يىغا تۇتتى، يىغلىغاندىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم.

-شۇنداق،  ئۇ مىنىڭ ئاكام، نىجات. بۇرۇن ئاتا ئانامنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى بالا، قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە. مىنى ئەڭ قوغدايدىغان، ئاسرايدىغان ئادەم. ئۇنىڭ قوغدىشى، ئاسرىشى مەندەك پارنىكتىكى گۈلنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئاتا ئانام ئايىماي بەرگەن پۇلنى خەجلەپ، ھەشەمەت ھەم ئىسراپچىلىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ شۆھرەت قوغلىشىدىغان نەپسىمنى تويغۇزۇپ كەلگەن. مەن ئۇنى ياقتۇرمايتتىم. لىكىن ھېچكىمگە بۇنى بىلدۈرمەيتتىم، مەن گەرچە ئۆينىڭ كىچىكى بولۇپ ئارزۇلۇق چوڭ بولغان بولساممۇ لىكىن ھەسەت ئوتى قەلبىمدە شۇنچىلىك چوڭ ئىدى. مەن ئاتا ئانامنىڭ ئۇ ياسىغان ئويۇنچۇقلارغا قاراپ ماختىشىنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. كىيىن ئۇ شەھەرلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە نەتىجە ئالغاندا ئۆيدىكىلەر خۇشاللىقدىن ئائىلە پېتىچە چەت ئەلگە چىقىپ ئوينىغانىدۇق . لىكىن مەنچۇ؟؟ مەن ئىزچىل سىنىپتا بىرىنچىلكنى قولدىن بەرمەيتتىم، لكىن ئۇ دەرستە قانچىلىك ناچار بولسۇن مەڭگۈ ئالقىشقا ئېرىشەتتى،،!بۇ نىمە ئۈچۈن؟؟ مەن قىزبالا بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟؟ مەن ھەسەتنى، نەپرىتىمنى ئەزەلدىن ھېچكىمگە ئاشكارىلاپ باقمىدىم. ياۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان سىڭىل بولۇپ كەلدىم. تاكى بىر ھەپتە بۇرۇن، دادامنىڭ شىركەت مالىيەسىدىن چوڭ چاتاق چىقىپ بارلىق ھېساباتى پىچەتلىتىۋىتىلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم.لىكىن ئۇ كارى بولماي يۈرۈۋەردى. تىخى مەكتەپتىن چېكىنىپ پۇل تىپىپ مىنى باقىدىغانلىقنى ئېيتتى. ياق ياق. مۇمكىن ئەمەس. سەن ھەرگىز بۇرۇنقىدەك كۆپلەپ پۇل بېرەلمەيسەن . مىنىڭ شۆھرەت ئارقىلىقلا تەسكىن تاپىدىغان بۇ كۆڭلۈم ئەمدى پۇلدىن ئىبارەت ئاخىرقى تىرىكىنى يوقىتىدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۈمىدۋار، خۇشال يۈرەلىگىنىنى كۆرۈپ ھەسەتلىرىم ئۆچمەنلىككە ئايلاندى. مەن دادامنىڭ ماترىياللىرىنى ئىزدەۋىتىپ دادام ھايات ۋاقتىدا بىزگە ئىلىپ قويغان سۇغۇرتا تالونىنى كۆرۈپ قالدىم. مەخسۇس بايلار قاتنىشىدىغان سۇغۇرتا تۈرى بولۇپ، ئاكام ئىككىمىز تۇغۇلۇپلا رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ ھەر ئايدا زور سوممىلىق ھەق تاپشۇرۇپتىكەن. ئەگەر ئارىمىزدىن قايسى بىرەيلەن كېلىشمەسلىككە ئۇچرىساق قارشى تەرەپ زور سوممىلىق تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم. سوت مەھكىمىسى بۇ ئۆينىمۇ بىر ئايغا قالماي باھالاپ سېتىپ قەرز ھېساباتىغا تۇتىۋالماقچى. ئۇ چاغدا بىز پۈتۈنلەي كوچىدا قالاتتۇق. توغرا ، سەن مىنى باقماقچىغۇ؟؟ كۆڭلۈمدىكى ھەسەت ئىبلىسقا ئايلاندى. شۇ كۈنى ئاكامنى جىددى بىر ئىش بار ئىدى، دەپ كۆۋرۈك يىنىغا كىلىشكە چاقىردىم. مەن كۆۋرۈكنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭ سىلەر ئىككىڭلار بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرغىنىڭلارنى كۆردۈم. يامغۇر بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى. لىكىن ئىككىڭلارنىڭ ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا كۈشكەرتىۋاتقىنىڭلارنى، مەسخىرە قىلىۋاتقىنىڭلارنى ئىنىق ئاڭلىدىم. ئۇ شۇنچىلىك ئۈمىدۋار، ئاقكۆڭۈل ئىدى. ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشاش كەڭ قورساق چاغلايتتى. مەن ئۇنىڭ ئاشۇ مىجەزىگە ھەسەت قىلاتتىم. سىلەر ماڭغاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ شارقىراپ يىغىۋاتقان يامغۇرنى تارىسلدىتىپ يۈزىگە تامچىلاتتۇرۋاتقىنىنى كۆردۈم. بەلكىم ئۇ يىغلىغاندۇ . ئۇ كۆز يېشىنى يامغۇرغا قوشىۋىتىپ قەيسەرلىكنى داۋام قىلماقچى .مەن دەل شۇچاغدا ئۇنىڭغا تىلىفون قىلدىم.

 ـــ ئاكا، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازى ناھايىتى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.

 ــ سىڭلىم، سەن نەدە؟

مەن ئۇنىڭغا دادام سېتىۋالغان سۇغۇرتىنىڭ ئىشىنى دىدىم، ئۇ يەنە ئۈمىدۋارلىق بىلەن:

 ــ سىڭلىم.. سىنى باقىمەن دىدىمغۇ. ماڭا ئىشەن!!

مەن ۋارقىرىدىم:

 ــ سەل ئۆلگىن. بىز ئەمدى نامراتلىقنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىغا قالىمىز، مەن ئەمدى ھەر ھەپتىدە چېچىمنى بويىتالمايمەن، داڭلىق سومكا، كىيىم كېچەكلەرنى ئالالمايمەن. سەنمۇ ئاغىينىلىرىڭنىڭ باي ئاغىنىسى بولالمايسەن، ھەممە ئىشتا ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارنى قوغدىيالمايسەن.بىز مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىشىپ كىتىمىز.

 بۇ قىتىم ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ئاستا چىقتى:

ــ پەرى.. پۇل شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟؟

مەن ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىنى كۆرۈپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقماقچى بولدۇم:

ــ شۇنداق ئاكا. پۇل بەك مۇھىم. بىز ئىككىمىزدىن قايسىمىز ئۆلسەك ھايات قالغان بىرىمىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ياشايمىز. ئەگەر سەن ئۆلمىسەڭ مەن ئۆلىۋالىمەن. مەن ئۆلۈشكە رازىكى ئىككەيلەننىڭ ھايات قىلىپ باشقىلارنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا، كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغان ھالغا قالغۇم يوق... سەن مىنى ئەزەلدىن قوغداپ كەلگەن. بۇ قىتىممۇ قوغدايسەنغۇ ئاكا؟ جىنىڭ سىڭلىڭ ئۈچۈن....

 ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن يىراقتىن ئۇنىڭ ئېگىز بەستىنىڭ قاتتىق يامغۇر ئارىسىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقنى كۆردۈم. يېرىم مىنۇتتىن كىيىن يانفوندىن بىرنەرسىنىڭ سوقۇلغان ئاۋازى ھەم ماشنىنىڭ قاتتىق تورمۇز قىلغان ئاۋازى كەلدى.

ـــ خەير خوش.. ئاكا. مەن دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلدىم. لىكىن ... مەن ۋەلىنىڭ ۋەقە بولغان نەق مەيداندىن نىجاتنىڭ تىلىفونىنى تېپىۋىلىپ، سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ چىقىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن... ...

 زىبا ئۆزى ئويلاپ باقمىغان بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى. ۋەلى يانچۇقىدىن بىر كىچىك دورا قۇتىسىنى چىقاردى ھەم بىزگە قاراپ:

ــ دىمەك، ھېچقايسىمىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئاشۇ كۈنى يۈز بېرىشنى ئارزۇ قىلغان تراگدىيەنى بۈگۈن قايتا ئورۇندايلى. نىجات بىرتەرەپ بولۇپ كەتكەندىن كىيىن مەن سۇغۇرتا پۇلىنىڭ پەقەت يېرىمىنى ئالىمەن، ئۇنداق بولمايدىكەن، ھېلىقى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئاشكارلىۋىتىمەن.

مىنىڭ نېرۋام ئاللىبۇرۇن خىزمەتتىن توختاپ بولغانىدى. دەل شۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.

ـــ نىجات!

ئاكام؟!! دىدۇق ئۈچەيلەن تەڭلا.

ئەڭ ئاخىرقى قىسىمنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاڭ.





1394 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 21:02:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-6 11:36:12 nadir
كەينى قاچان چىقىدۇ ؟
2015-12-20 3:37:11 kurwanjan
bak.esil.yizliptu.dawamlik.tirxig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ