تۇنجى مۇھاببەت (پوۋىسىت) 2-قىسىم - نۇرئەلىجان نۇرۇم

تۇنجى مۇھاببەت

 (پوۋىسىت) 2-قىسىم 

 نۇرئەلىجان نۇرۇم


    مەن ئامالسىز ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم ، پۇتۇن ئەسيادىم مۇشۇ قىزدىلا ئىدى… شۇنداق شىرىن خىياللارنى قىلىۋاتقىنىمدا، قىرىشقاندەك سىناققا مىنى چاقىردى مەن خىيال قىلىش بىلەن بولۇپ كىتىپ سىناققا تەييارلىق قىلمىغان ئىدىم، ئوقۇتقۇچى سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى مەن ھىچقايسىغا جاۋاب بىرەلمىدىم، پەقەت بىشىمنى قاشلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىدىم… شۇ ۋاقىتتا گۇزەل ئورنىدىن تۇرۇپ سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشكە باشلىدى…مەن تۇرۇپلا قالدىم چۇنىكى ئالدىنىقى سائەتلىك دەرىستە گۇزەل دەرىسخانىدا يوق ئىدى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگىنىنى بىلەلمەيلا قالدىم… شۇ توغراسىدا ئوقۇتقۇچىدىن بىرمۇنچە تىل ئاڭلاپمۇ ئۇلگۇرگەن ئىدىم…ۋە شۇنداقلا بىر سائەت ئۆر تۇرۇپ جازالاندىم بۇمىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدىكى تۇنجى قىتىم جازالىنىشىم ئىدى… كۇنلەر بىرى كەينىدىن بىرى ئۆتىۋەردى… گۇزەل ئادەتتە بەكلا جىمغور ئىدى… ئۇنىڭ كۇلگىنىنىمۇ تۇزۇك كۆرگىلى بولمايتى…ئۇنىڭ ھەرقىتىمقى كۇلۇشىدىن مەنمۇ شۇنداق خۇشال بولاتتىم، ئازاپلانسا مىنىڭمۇ يۇرۇكۇم ئىچىشاتتى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا ئىيتماقچى بولدۇم…
     بىر كۇنى مەن سىنىپىمىزنىڭ ئوقوغۇچىلار ئۇچۇرىنى ئىشلەۋىتىپ ئۇ قىزنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھانىدا ئالغان ئومومىي نۇمۇرىنى كۆرۇپ قالدىم ئۇنىڭ نۇمۇرى سىنىپىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىدى…مەن كۆڭلۇمنى بىلدۇرۇش نىيىتىمدىن ياندىم چۇنكى مىنىڭ نەتىجەم ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ يىرىمىغا توغرا كىلەتتى… ئۆزۇمنى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم بىراق ئۇنىڭغا  بۇ ئەھۋاللارنى بىلدۇرمىدىم … سىنىپىمىزدا ھەممەدىن چىچەن يەنە بىر قىز بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى لالە ئىدى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ھىچقانداق بىرنەرسە قىچىپ قۇتىلالمايتى، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قارچۇغا دەپ  لەقەم قويۇپ قويغان ئىدۇق، مىنىڭ گۇزەلنى ياخشى كۆرۇپ قالغىنىمنىمۇ ئۇ بىلىپ بولغان ئىدى… ئۇ ئادەتتە مىنى ئاكا دەپ چاقىراتتى…
داۋامى بار…
     





504 قېتىم كۆرۈلدى nurum ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-10 22:22:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ