يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى - ھىكايە 5- قىسىم

 يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى

ھىكايە 5-قىسىم 

ئاپتورى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت


دادام قايتا ياراشتى، مەن يەنە دادامنىڭ قىشىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم . كۇندە دىگۇدەك تىل ئاڭلاپ كەلدىم دادام قاشتىشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇناتتى. مەكتەپتىن چىقسام ئۇگەي ئاپام قۇلۇمغا بىر خالتا تۇتقۇزاتتى ئۆيدە چوڭ ئاپامدىن قالغان بىر كالا بار ئىدى شۇ بىر كالا7ياشلىق سەيفۇللاغا قاراشلىق ئىدى كۇندە چىقىپ بىر خالتا ئوت چۆپ ئەكىلەتتىم گاھى ئەپ بۇلالماي كەش بوپ كىتەتتى بەك ئۇرۇق بولغاشقا خالتىنى يۇدۇپ بۇلالماي يولدا يىقىلىپ بەك تەستە ئەكىلەتتىم شۇنداق قىلمىسام ئاچ ياتاتتىم گاھىدا ئوت چۆپ ئەكەلسەممۇ ئاچ قالاتتىم قازاننى چۇشۇرۋەتكەن دەپ ئاچچىقلاپ تاماق بەرمەيتتى مەن يەنىلا چىدىدىم ھەم چىدىمايمۇ باشقا ئامالىم يوق ئىدى ،چۇنكى مەن بۇرۇن بارسام ماڭا تاماق بىردىغان دادامنىڭ تۇققانلىرى ئۇيۇمگە كەتكۇزىۋېتىدىغان بوپ قالدى باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىغىمۇ چىقتىم.مەن راستىننى دىسەم شۇ كۇنلەردە ئاچلىقتىن ئۇلۇپ قالمىدىم قالغان ھەممىسى بولدى ئەتتىگىنى بىر يەۋالسام كەشتە تاپسام يەيمەن تاپاممىسام يىمەي يۇرمەي ئاچ ياتىمەن شنداق يۇرۇپ كۇنۇپمۇ قالدىم ئىنسان دىگەن ھەممىگە كۇندىكەن شەمبە يەكشەمبە كۇنلىرى قۇتا كونا كىرەكسىز تۇمۇر سۇڭەك تىرىپ ساتاتتىم باشقىلار شۇنچېلىك ئىيىپلايتتى لىكىن مەن تىڭشىماي ئەخلەتخانىمۇ ئەخلەتخانا بىرىپ تىرىپ ساتاتتىم دادام ئۇقۇشۇمغا قەتتى كۇڭۇل بۆلمەيتتى ساۋاقداشلىرىمنىڭ 15 20تالدىن دەپتىرى بار ئىدى مىنىڭ بولسا بىرتال دەپتەرىملا باتتى سومكاممۇ يوق كىچىك خالتىغا سالاتتىم نەرسىلىرىمنى،شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئاپامنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قىشىغا كەتتىم ھەم چوڭ ئاپام بۇۋامغا يىغلاپ تۇرۇپ مىنى بىقىۋېلىشىنى تىلىدىم ئۇلار ماقۇل دەپ ئاپامنىڭ كىچىك ئىنىسى توختى ئاكام مىنى  دادامغا دەپ بىقىۋېلىشنى سورايدىغان بۇلۇپ باردۇق بارساق دادام مىنى ئىغزىنى بۇزۇپ تىللاپ مەن بىرەي باقاي دىسەڭلا چۇشتە كەلمەي نەگە تىلەمچېلىق قىلغىلى باردىڭ ئۆيدە تاماق ئەتكەن ئۇگەي ئاپىسى مەندىن ئامراق بۇ ھايۋانغا دەپ تىللاپ تۇرشىغا دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى ئابلىز ئاكام كىلىپ يۇزۇمگە بىر تەستەك سېلۋەتتى ،كەت ئىككىنجىلەپ كۆرمەيدىغانغا بىرلى توسكور يىتمەك دەپ تىللاپ ئەتىسى نۇپۇزۇمنى ۆتكەيدىغان بۇلۇپ شۇ يەرگە ئاكام ئەپ كەتتى ئۇيەردە شۇندامۇ خۇشال تۇردۇم ھەممىسى مىنى ئەتىۋارلايتتى بەك كۇينەتتى شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىمۇ ئۇتۇپ كەتتى ئەتە باللار بايرىمى دىگەن كۇنى چوڭ ئاپام كىيىملىرىگىزنى ئەكىلىڭ بالام يۇيۇپ بىرەي بۇ يەردە ئويناڭ بايرامنى دىدى ماقۇل دەپ بارسام دادام ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بۇيۇدىكى كۆۋرۇكتە ئۇگەي ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن بارسام بەك خۇش بوپمۇ كەتمىدى دادام كەپسەنغۇ دىدى كەلدىم كىيمىڭنى ئەپ كەل دىگەنتى دىسەم ئاشۇيەردە تۇرامسەن دىگەنتى ھەئە شۇ يەردە تۇرمەن نۇپۇسنى يۆتكەپ بەرسۇن دەيدڭ دىسەم دادام بىرنى مەن باقىمەن دىسۇن مۇقۇم ئاندىن يۆتكەپ بىرەي دەپ ئۇگەي ئاپامنى موتوغا مىندۇرگۇنىچە ماڭدى قوسقۇم ئاچ دىسەم قوشنىمىز دۇكانچىتى بىرتال نان ئەپ بىرىڭلا دەپ كەتتى ئۆيگە كىرىپ ياتتىم ئەتتىگىنى ئەتتىگەن قۇپۇپ دادام قوپماستا كىيىملىرىمنى ئىلىپ كەتتىم بارسام چوڭ ئاپام ناشتىلىق قىلۋېتىپتىكەن چوڭ ئاپام داداڭ نىم دەيدۇ بالام قال دىنىدىمۇ دىگەنتى مەن ياق بىرسى مەن باقىمەن دەپ ئىگە بولسۇن مەن بىرەي دەيدۇ دىسەم ئاپامنىڭ ھەدىسى مانا ماڭا بەرسۇن مەن ئىگە شۇندا دە مەن باقاي بالام دىدى شۇنداق خۇشال بولدۇم شۇكۇنىسى بايرامدا بەك خۇشال ئوينۇدۇم ئەتىسى ئاپامنىڭ چوڭ ھەدىسى غولجىغا قايتماقچىكەن ئۇ كىيمىڭ بەك كونىراپ كىتىپتۇ بالام مەن كىيىم ئەپ بىرەي دەپ يىزا بازىردىن باشىن ئاياغ كىيىم ئەپ بەردى ئالماشتۇرۇپ كەي دەپ ھەمدە داداڭغا دە نۇرنىسا ئاپام مەن ئىگە بۇلمەن دەيدۇ دەپ بەرسۇن دەپ شۇندا دەپ قۇيۇپ كەتتى ،مەن شۇ كۇنلەردە بەك خۇشال ئىدىم ئەركە ئىدىم ھەممىسى ماڭا بەك كۇينەتتى شۇنداق قىىلىپ بىر ھەپتىمۇ ئۇتۇپ كەتتى دادامنىڭ ئىنىسى،ئەلى ئاكام كەپتۇ ئەپ كىتەي دىگەن ئاپاڭ تۇغۇپتۇ داداڭ ئەكەل دەپ ئەۋەتتى دەپ مەن بولسام قۇشۇلمۇدۇم ئۇ كەتتى يەنە ئىككى كۇن ئۆتكەندە ئابدۇللا ئاكام ئايالىنىڭ ئۇيى شۇ يەرگە يىقىن ئىكەن شۇ يەردە ئىدى كەچ بۇلايدىگەندە داداڭ بىر كىچە قۇنۇپ كەتسۇن دىدى قاندا قىلسەن دىگەنتى مەن كەتمەيمەن دىسەم ئاپا تۇغۇپتۇ ئۇكاڭنى كۇرۇپ كەل ئەتە يەنە ئەكەپ قۇياي دەپ ئەپ كەتتى بىرىپ شۇكۇنى ئابدۇللا ئاكامنىڭ ئۇيۇدە ياتتىم .ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇراي دەپ تۇرسام دادام كىلىپ ئابدۇللا ئاكامغا قىنى يەنە كەگىلى ئۇنمۇدىمۇ ئا سەيفۇللا دىگەن ئوغۇرى دەپ تۇرشى يۇگۇرۇپ ھويلىغا چىقتىم مەن كەلدىم دىسەم دادام ئادەم ئەۋەتسەممۇ كەلمەيسەن تىخى بايرامنى بۇ يەردە ئوينۇسۇن دىسەم قىچىپ مەن نىمە يامانلىق قىلدىم سەڭا باققان گۇناھمۇ سىنى ئۇزۇڭچېلىككە مۇشۇنداق ئادەم بوپ قالدىڭمۇ سەن دەپ قايەردە تۇرسەن دىدى مەن ئىككىلەنمەيلا ئاپامنىڭ ئۇيدە تۇراي دىدىم دادام كىيمىڭ قايەردە دىدى چوڭ ئاپامنىڭكىدە دىسەم بالام مەن ئۇزۇم باقىمەن سىزنى دەپ كىيمىڭىز شۇ ەردە تۇپ تۇرسۇن دەپ مىنى يەنە ئەپ كەتتى 5قىسىم تۇگۇدى داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ 

ئاپتورنىڭ چ چ ئۇندىدارى  2119198349 
     





545 قېتىم كۆرۈلدى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 1:27:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-19 5:25:30 گۈلى
يىتىمنىڭ سەرگۈزەشتىسى 6قىسمى يوققۇ؟ھىكايىنىيازغاندا ئ‍ىملاسى ۋە تىنىچ بەلگىسىنجايىدا قويىۋتسە بوپتىكەن ئ‍ەسەر مەزمۇنىغا بەك تەسىر قىلىدىكەن
2016-11-12 2:47:07 ahmat
ﻤﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ
2016-11-7 1:42:46 نۇرئېلى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاخىرى قاچان يوللىنىدۇ
2016-11-5 10:21:45 akil
ﻳﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ
2016-11-2 11:24:37 ھاجىمەمەت
يىتىمنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىڭ داۋامى نىمىشقا چىقمايدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ