پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 8- قىسىم

پــــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
8. قىسىم 


ئىشىكنىڭ تۇيۇقسز ئېچلىشى بىلەن ھەر ئىككىلمىز تەڭلا ئىشىك تەرەپكە قارىدۇق ، ئىشىكتىن كىرگەن ئادەم بولسا 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا بولۇپ ئىشىكتىن كىرىپلا تۇرۇپ قالغان ئىدى .مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا قاراپ :
- كەچۈرۈڭ ، بىرە ئىشڭىز بارمىدى ؟  دەپ سورىدىم .
- ياق ، مەن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن . ئۇ قولى بىلەن يېنىمدا ھەيرانلىقتا كۆزلىرى يوغان ئېچلىپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئولتۇرغان سېستىرا قىزنى كۆرسىتىۋاتاتتى .
سېستىرا قىز ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈگىرىگەن پېتى  ياتاقتىن چىقىپ كەتتى . كەينىدىن ئۇ ئوغۇل بالىمۇ :
شەھىدە ....... شەھىدە .......
دەپ توۋلىغىنىچە ياتاقنىڭ ئىشكىنمۇ يېپىشنى ئۇنتۇپ چىقىپ كەتتى .
ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھەيرانلقتا ئاغزىمنى قۇچقاچنىڭ كامردەك ئېچىپ تۇرۇپ قالدىم . كەينىدىن ئەگىشىپ چىقاي دېسەم قولۇمدا ئوكۇل يىڭنىسى . رەسمى جىلە بولغان ئىدىم. ئاچچىقىمدا ئوكۇل بوتۇلكىسغا قارىدىم ، ھېلمۇ ياخشى ئوكۇل تۈگەي دەپ قالغان ئىدى . دېمەك سېستىرا قىز سەل تۇرۇپ ئوكۇلنى ئالماشتۇرغىلى يېنىمغا كىرەتتى .
ئولتۇرۇپ خيال دېڭىزغا چۆكتۈم . بايىقى ئوغۇل بالا زادى كىمدۇ ؟ سېستىرا قىزنى نىمىشقا ئىزدەيدىغاندۇ ؟ ياكى ئۇ بۇ سېستىرا قىزنىڭ لايىقىمىدۇ ؟ ياكى ..............
خىياللىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپ سېستىرا قىز كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزرىپ كەتكەن بولۇپ ، يىغلىغاندەك قىلاتتى . ئۇ يېنىمغا كېلىپ كارۋاتنىڭ قىرىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى . مەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
- دوختۇر ، سىزگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ كەچۈرۈڭ ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراپ باقاي . باياقى كىرگەن سىزنىڭ نىمىڭىز بولىدۇ ؟
- مەن ياخشى رەھمەت . باياتىن كىرگەن ئوغۇل بالىنى دەمسز ، ئۇ ...... ئۇ مېنىڭ ....... ئۇ مېنىڭ .......
گېپىنىڭ ئاخىرغا شۇنداق تەقەززا بولۇپ تۇرغىنىمدا تۇيۇقسز ئىشىك ئېچلىدى ، ئىشىك تەرەپكە قارغان ئىدىم ، يەن بايامقى ئوغۇل بالا ، بۇ  قېتىم ئالتۇن تېپۋالغاندەك سەت ھىجىيىپ ، ئىككىمىزگە قاراپ تۇراتتى . مەن نىمە ئىش بولدى دېگەندەك ئۇنىڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدىم . ئۇ  سېستىرا قىزغا قاراپ :
- ئامان بولۇڭ ئالدامچى قىز ، ئەمدى سىزنى ئۇچرىىتپ قالغۇم يوق ، يەنە سىزنىڭ ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . بەختلىك بولۇڭ شەھىدە . ھەراس ، شەمسىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇڭ . دېدى ۋە ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلگىنچە ياتاق ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى .
باياتىن بېرى ھېچنىمنى چۈشەنمەي ھەيرانلىقىمدا يېشىمغا ماس كەلمىگەن ھالدا غەلىتىلا چىراي ئىپادىسى بىلەن تۇرۇپ قالغان ئىدىم . ( ئەلۋەتتە ئىچىمدە شۇنداق ئويلىدىم ) .
ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن سېستىرا قىزغا قارىدىم ، ئۇ ھازىرغىچە يەرگە قاراپ نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭغا قاراپ :
- دوختۇر ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولىۋاتقان بولسا ، ئىچڭىزدىكى سۆزلەرنى بىرەرسىگە دېگۈڭىز بولسا ماڭا دېسىڭىز بولىدۇ ، كەچۈرۈڭ ، مېنىڭ مۇشۇنداق ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشۋالدىغان مىجەزىم بار ، ئىككى كۈندىن بېرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردىڭىز ، سىز بىلەن تونۇشقۇم بار ئىدى ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ خالاش خالىماسلىقىڭىزغا باغلىق . سىز بىلەن يېقىن سىرداشلاردىن بوپ قالغۇم بار ئىدى . دېدىم .
تۇنجى قېتىم بىر قىزغا سەمىمىيلىك بىلەن كۆملۈمدىكى دەۋاتىمەن ، بۇ گەپلەرنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكنى بىلمەيمەن . سۆزۈمنى تۈگتىپ سېستىرا قىزغا قارىدىم .
سېستىرا قىز ئېغىر بىرنى تىنۋەتكەندىن كېيىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ :
- ئوكۇلىڭىز تۈگەپ قاپتۇ ، ئالماشتۇرۋېتەي دېگنچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
سەككىزىنچى قىسىمى تۈگدى .
بۇ ئىككىسنىڭ تەقدىرىگە قىزىقسىڭىز دېققىتڭىز ئەسەرنى داۋامىدا بولسۇن .
داۋامى بار ......
     





205 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 4:42:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 0:45:30 ئاخىرى يوقما
پەرىشتەمنىڭ ئاخىرى يوققۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ