مەھەللەمدىكى قىز ھىكايە 12 قىسىم

         مەھەللەمدىكى قىز  
ھىكايە  
12 قىسىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ …

شۇنچىلىك ئىغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۆيگە كىردىم ،ئۆي ئىچى سوغۇق ئىدى،ھەممە يەرگە قارىسام بىرخىللا سوغۇق مۇئامىلىدە ماڭا قاراۋاتقاندەكلا ئىدى …!
گۇلمىرە توي قىلامدىكىنە مەن ئوقۇشقا كەتسەم ئۇ راستىنلا توي قىلامدۇ…؟ ياق ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ ؟مەن ئوقۇمايمەن مەن ئۇنىڭ بىللەن بىللە ئۆتۇشۇم كىرەك ،ئۇ توي قىلىپ كەتسە مىنىڭ ئوقۇپ خىزمەتكە چىقىپ مال دۇنيا يىغىشىم،ئاناملارغا داداملار ھەم ئۆزۇمنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىمغا ئىشلىتىش  ئىدىغۇ؟
ئاھ خىياللار مىنى بىردەم ئەركىن قويىۋەتسەڭلار نىمە بولىدۇ ؟…
تىلىۋۇزۇرنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى ئىچىۋىتىپ كەيپىياتىمنى تەڭشىۋىلىشنى ئويلىدىم …،
يۇقىرى ئاۋاز قوشنىلارنى بىئارام قىلدىمۇ يا ،شاۋقۇن بولدىمۇ ئىشىكنىڭ قاتتىقراق چىكىلىشى بىلەن  قوشنامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئاۋازنى تۆۋەنلىتىۋىتىپ ئىشىكنى ئاچتىم،بالام ھوي نىمە قىلىۋاتىسەن ،بىزنى ئارام ئالغىلى قويامسە يا…!
بۇ قوشنامنىڭ ئاچچىقى يامان ئىدى …!
بولىدۇ ئاكا ،مەن ئاۋازىنى تۆۋەنراق قىلىپ كۆرەي ،ئۆيگە كىرىپ سوغۇق سۇ ئىچىۋىلىپ چىقمامسىز…؟ دىدىم …!
بولدى ئۇكام سەل جىمىراق ياتقىنە ھە …!
ماقۇل ئاكا خاپا بولماڭ ھە مەندىن ئۆتۇپتۇ…!
ياشلىق ئەمەسمۇ ئۇكام ،ئىشىكنى يىپىۋىتىپ چىقىپ كەتتى……!
گۈلمىرە بىلەن دىيىشكەن گەپلەرنى ئويلىماسلىق ئۇچۇن سوغۇق سۇدا بىشىمنى يۇيۇپ قۇرۇتمايلا ياتتىم ……!
ئابلىمىتجان نىمىشقا ماڭا ئىنىق جاۋاپ بەرمەيسەن؟سەن جىم تۇرىۋالساڭ مەن قانداق قىلىمەن…؟ مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇم يوق ،سەنلا بولساڭ شۇ كۇپايە ماڭا قارىغىنە ،گۈلمىرە سەن نىمە دىگەن چىرايلىق ھە قارىغىنە بۇ زۇلفۇ زىناقلىرىڭنى ،ھەر كۇلىشىڭدە ئۆزىنى ناماتان قىلىدۇ،كۆزلىرىڭنىڭ ماڭا تويماي بىقىشلىرىڭچۇ،دىگىنىمچە ئۇنىڭ يۇزىنى پات پات ئەركىلىتىپ تۇراتتىم …!
گۈلمىرە مەندىن بارا بارا يىراقلىشىۋاتاتتى مەن كەينىدىن يەتمەكچى بولدۇم،غۇۋا سىماسىنى يوقىۋىتىشنى خىيالىمغىمۇ كىرگۇزمىگەنىدىم ……
گۈلمىرە  قويۇق تۇمانلار ئىچىدە  غايىپ بولۇۋاتاتتى،ۋاقىرىدىم كارى بولمىدى قاراپمۇ قويمىدى ئاستا ئاستا غايىپ بولدى   قاتتىق ۋارقىرىغىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم ……!
بەدەنلىرىم سۇ بولۇپ كەتكەنىدى قارا بىسىپ قالغاندەك گاراڭ گۇرۇڭ ئىدىم ،بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىۋىتىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىمغا قاراپ ،ئەينەكتىن ئۆزۇمنى كۆردۇم ،ئەكبەرجاننىڭ سىماسى غۇۋا ئىسىمگە كەلدى ھەي ئەكبەرجان قىنى مەن ئۇنى دوختۇرخانىغا تاشلاپ قويۇپ نەلەردە يۇردۇم ھە …! ھەي كۆڭۇل دىگەن ساراڭنىڭ قىلغان ئىشى بولدىغۇ بۇ؟
ئەكبەرجاننىڭ يىنىغا بىرىپ بىقىشنى ئويلاپ،ياندىكى قوشنا مومايغا دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىمنى بىرەرسى سوراپ قالسا دەپ قويىدىغانلىقىنى تاپىلاپ قويۇپ،پىيادە ماڭسام بىرەر سائەتچە كىتىدىغان يولنى قاراڭغۇ بولسىمۇ شۇ ناچار كەيپىياتىمدا بىردەمدىلا دوختۇرخانىغا يىتىپ باردىم ……
ئەمما ئۇلار بىر بۆگۇن چۇشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىپ بولۇپتۇ……
ئەكبەرجانغا تىلفۇن قىلدىم ،تىلفۇنى ئىتىك ئىدى،نۆۋەتچى سىستىرا دىن ئەكبەرجاننىڭ ئانىسىنىڭ نومۇرىرى تىپىپ بىرىشنى ئىيتىم ،كىسەللەر ئارخىپىنى ئاختۇرۇپ بىردەمدىلا دەپ بەردى …تىلفون قىلدىم ئۇلانمىدى…
ئۆيىگە بىرىشنى قارار قىلدىم ،سىرىتتا بىرەر تاكسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۇنمىدى،يولدا مىڭىۋەردىم ھىچ بىر تاكسىنىڭ كىلىدىغانلىقى ئىنىق ئەمەس ،ئىشتىن چۇشۇپمۇ بولغانىدى…
كىچىك يوللار بىلەن بىرىش ئۇچۇن  كالتە يولدا ماڭدىم ،بۇ جىمجىت قاراڭغۇ كىچىدە ئۆزۇمنىڭ سوقىۋاتقان يۇرۇگىمنىڭ ئاۋازىمۇ ئىنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى…
يىراقتىن نۇر سىزىقى يىقىنلاشقا باشلىدى بارا بارا چوڭىيىپ بىر تاكسى كىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم …!
قول شىلتىپ يۇرۇپ توختاتتىم ،ئۇ شوپۇرنىڭ قوشۇلمىغىنىغا ئۇنماي پۇلنى كۆپرەك بىرىپ ئەكبەرجاننىڭ ئۆيىگە ئاپپرىپ قويۇشىنى ئۆتەنگەندەك ئەكبەرجاننىڭ تىخى ئوڭشالماي تۇرۇپلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۇشەندۇردۇم …
شوپۇرنىڭ ماڭا ھىسداشلىقى كەلدىمۇ يە،پۇلنى كۆپ كۆردىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا چىقە دىدى…!
ئەگىرى بۇگرى يولدا سىلكىنىپ سوقۇلۇپ ئولتۇرۇپ بىرەر ئىغىز ئارتۇق پاراڭلاشماي يىتىپ كەلدۇق…
ئۇستام رەھمەت دەپلا پۇلنى تەڭلىدىم ئىلىپلا گەپ قىلماي ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى ئىيتىپ ئولتۇرۇۋەردى ،ماشىنىدىن چۇشۇپ ئەكبەرجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالىدىغا كەلگەنىمدە ئۆي ئىچىدە ئەكبەرجان بىر ئىشقا ئۆيدىكىللىرىنىڭ زورلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى…!
     





216 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-17 0:00:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ