قىممەتلىك سوۋغات (تەرجىمە ئەسەر) - نۇرانى

قىممەتلىك سوۋغات
       
تەرجىمە قىلغۇچى: ئامىنە ئابلەق نۇرانى


    مۇنداق بىر گۈزەل ھېكايە بار.ئامېرىكىلىق تول ئانا زاۋۇتتىكى پارچە پۇرات ئىشلارنى قىلىپ، تاپقان ئازغىنە تۇرمۇش پۇلى بىلەن ئوغلىنى باقاتتى.ئانا بالا ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى بەك غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى.ئوغلىنىڭ ئاسمان پەلەك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپ بېقىش ئارزۇسى بەك كۈچلۈك ئىدى.ئەمما بىلەت باھاسى 10 ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقتىن ئاپىسىنىڭ نەچچە كۈنلۈك ئىش ھەققىگە توغرا كېلەتتى.شۇڭلاشقا ئاپىسىمۇ ئىلاجسىزلىقتىن ئوغۇلنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرالماي كۆڭلى يېرىم بولۇپ يۈرەتتى  .
    بىركۈنى سەھەردە،كېچىلىك ئىسمېنىدىن قايتقان ئانا كوچىدا كېتىۋېتىپ، تونۇش بىرسىنىڭ ئۆرۈپ چۆرۈپ ئەخلەت تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
   -ئۇ ئوغلۇم ئەمەسمۇ؟
  ئەجەبلەنگەن ئانا ئوغلىغا تىكىلگىنىچە قاراپ  تۇراتتى،ئوغلى مەينەتلەشكەن كىچىك قوللىرىنى يوشۇرۇپ: -كەچۈرۈڭ ئاپا.ئەخلەت تېرىپ 10 ئامېرىكا دوللىرى غەملەپ ئاسمان پەلەك ئورۇندىقىغا  ئولتۇرۇش ئىشىك بېلىتى سېتىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم- دېدى چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ.
- ئەخمەق بالام!-غەزەپلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئانا، ئوغلىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆز نۇرلىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى دە ،يانچۇقىدىن پۇلنى چىقىرىپ  ئوغلىغا سۇنۇپ تۇرۇپ :- بۇ ئاپاڭنىڭ يېرىم ئاي ئىسمىنا ئىشلەپ تاپقان 20 ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققى.ئەتە سېنىڭ 10 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنۈڭ، سەن بېرىپ ئاسمان پەلەك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئوينىساڭ بولىدۇ ئوغلۇم، ئەمما ئېسىڭدە بولسۇن ئېشىپ قالغان 10 ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ماڭا تاپشۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن - دېدى.
   ئىككىنچى كۈنى، ئاپىسى شۇنچە ساقلاپمۇ ئوغلى قايتىپ كەلمىدى.پەقەت يېرىم كېچە بولغاندىلا  پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ چۆپ پۇل كەتكەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدى.بەتخەجلىك قىلىپ 20 ئامېرىكا دوللىرىنى خەجلەپ تۈگىتىۋەتتى دەپ ئويلىغان ئانا، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئوغلىنى بىر شاپىلاق ئۇردى.ئويلىمىغان يەردىن ئوغلى كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، بىر تۇتام پارچە پۇللارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ : - ئاپا، بۇ ئېشىپ قالغان 10 ئامېرىكا دوللىرى – دىۋىدى، ئاپىسى شۇندىلا ئوغلىنى خاتا ئەيىبلەپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئوغلى ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇراتتى.ئاپىسى ئوغلىنى قۇچاقلاپ پۇشايمان قىلغان ھالدا : - ئاپاڭ ساڭا يۇز كېلەلمەيدۇ، شۇنچە يىللاردىن بېرى ساڭا ھېچقانداق سوۋغات ئېلىپ بېرەلمىدىم -  دېدى.
    ئوغلى مېھىرلىك كۈلۈپ تۇرۇپ : - ياق ئاپا، مەن 10 ياش ۋاقتىمدا سىز ماڭا بىر تال  سوۋغات بەرگەن ئىدىڭىز – دېگىنىچە،بىر  پارچە سارغىيىپ كەتكەن قەغەز پارچىسىنى چىقاردى.بۇ 20 ئامېرىكا دوللىرىلىق بوياقچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىش ھەققى بېلىتى  ئىدى.ئاپىسىنىڭ ھەر كۈنى ئىسمېنا ئىشلىگەندە بۇيىغان كىيىملەرنىڭ سانى يېزىقلىق تۇراتتى.9-ئاينىڭ 2-كۈنى 95 تال،9- ئاينىڭ 5-كۈنى 102تال،9- ئاينىڭ 8-كۈنى 96تال ......ئاپىسى داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
-ھىلىقى قېتىم سىز ماڭا ئاسمان پەلەك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن 20 ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ.بېلەت سېتىش ئورنىغا بارغان ئىدىم.تۇيۇقسىز بۇ 20 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىش ھەققى بېلىتى ئىكەنلىكىنى،ئۈستىگە نۇرغۇن چۈشىنىكسىز سانلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.ھەمدە بۇ بېلەتنىڭ، سىزنىڭ قان تەرىڭىز بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ خەجلەشكە كۆزۈم قىيمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ كۈنلەردە ئەخلەت تېرىپ يىغقان  10 ئامېرىكا دوللىرىنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەردىم.ماڭا نىسبەتەن بۇ بېلەت ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ھېسابلىنىدۇ- دېدى ئوغلى ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا.
  ئانا بالا ئوتتۇرىسىدىكى مەقسەتسىز يۇز بەرگەن ئىش ئەڭ قىممەتلىك سوۋغاتقا ئايلاندى.مۇنداق  ماقالە بار،مەقسەتسىز قىلىنغان ئىش ئويلىمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشىغان،بۇ تەقدىرنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ھەدىيەسىدۇر.
  دېمەك بۇ ساندىكى تۇنجى ھېكايىمۇ بىزگە قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغات بولسا كېرەك، سۈيۈملۈك ئوقۇرمەن، سىز ھاياتىڭىزدا مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سوۋغاتقا ئېرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟.

故事会2017年2月下
2017 -يىل 28-مارت
 

     





313 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 17:55:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ