ئىككى تاماقخانا مىكىرو ھېكايە

ئىككى تاماقخانا مىكىرو ھېكايە

 

ئا : ئاداش جۇرۇڭلا تاماق يەپ كېلىمىز

ب : بولىدۇ ماڭىلى ئەمسە
ئىككەيلەن تائاملار كوچىسىغا يېتىپ
كەلدى، كوچىنىڭ بېشىدا ئىككى مىللى ئاشخانا تۇراتتى
ئا : قايسىغا كىرىمىز ئاداش ؟
ب : مەنمۇ تازا بىلمىدىم شۈبھىدىن خالى ئاشخانا بولسا بولىۋېرەتتى، ماۋۇ «تەبەسسۇم تاماقخانىسى» كىرەيلىمۇ ؟
ئا : «تەبەسسۇم» دېگەنگە قارىغاندا ئىگىسى ئىشەنچىسىزمۇ نېمە ؟
ب : قانداق قىلىمىز ؟
ئا : ئاۋۇ «مۇتتەقىيلەر تاماقخانىسى»غا كىرەيلى، ئىسمىدىنلا ئىسلامى پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، قارا ئىگىسىمۇ ساقال قويۇۋاپتۇ ئىككى دوست خوشال ھالدا «مۇتتەقىيلەر تاماقخانىسى»غا كىرىپ كەتتى .
ئارىدىن بىر ئاي ۋاقت ئۆتتى ب ئىش بىجىرىش ئۈچۈن شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى سائىتىگە قارىسا چۈش بولۇپ قالغان، ب تاماق يەپ كېتەي دەپ تائاملار كوچىسىغا كىردى، ئۇ قارىسا ئۇيغۇرلار ئاچقان ئىككى ئاشخانىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تاقالغان، ب ھەيران قېلىپ يول بويىدا گازىر سېتىپ ئولتۇرغان بوۋايدىن سورىدى
ب : ئاكا ماۋۇ ئىككى ئاشخانا تەڭلا تاقىلىپ قاپتۇ نېمە بولغاندۇ ؟
بوۋاي :ــــ ھەي بالام نېمىسىنى دەيسىز، «مۇتتەقىيلەر»نىڭ خوجايىنى كۆڭلى قارا ئادەمكەن، ئاشخانىسىغا «يۇندا ياغ» ئىشلىتىپتىكەن سەھىيە ئورگىنى پىچەتلەپ تاقىدى، كېيىن جەرىمانە تۆلەپ ئاچقان بولسىمۇ، كىشىلەر ئەپتى بەشىرىسىنى بىلىپ قالغاچقا خېرىدار كىرمەي زىيان تارتىپ تاقىلىپ قالدى
ب : نىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سورىدى : «تەبەسسۇم تاماقخانىسى» شۇ سەۋەبتىن تاقالدىمۇ ؟
بوۋاي :ـــ ياق «تەبەسسۇم»نىڭ خوجايىنى بەكمۇ ئوبدان ئادەم ئىدى، ئاشخانامغا شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن دەپ كېتەرلىك خۇرۇچلارنىڭ ئىشەنچىلىكىنى تاللاپ ئىشلىتەتتى، ئىشەنچىلىك خۇرۇچلار قىممەت بولغاچقا، تاماق باھاسى باشقا ئاشخانىلاردىكىدىن باھاسى يۇقىرى بولدى، ئەرزانغا ئۆگىنىپ قالغان خەلىق بۇ باھانى قوبۇل قىلمىدى نەتىجىدە كىرىم چىقىمنى قامدىيالمىدى ،
ب : ئىغىر ئۇھسىندى، بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى .

 





675 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 3:09:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-28 16:37:26 TANHA
yahxi.yahxi
2015-8-5 19:34:08 心光
bu asar hakikatan yahxi yezeliptu
2015-8-5 4:32:24 泉水
bu hikaya dal hazirki turmuximizda buliwatkan ixlarni ainAn akis attirup biriptu .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ