گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 10- قىسىم
ئەركىن كۈن بويى قاۋاقلاردا مەس يۈردى ، پەرھات ئۇنىڭغا پۇل قەرىز بەردى ، ئەركىن ئالغان قەرىز پۇللىرغا ھاراق ئىچەتتى ، مەس بۇلۇپ قالغان كۈنلىرى ، كوچىلاردا ، باغچىلاردا ئۇخلاپ قالاتتى ، تاھىر ئەركىندىن بەكمۇ ئەنسىردى ، ۋە يۇرۇتقا تېلفون قىلىپ ئەركىننى سۈرۈشتۈردى ، ئەركىننىڭ يۇرۇتقىمۇ بارمىغىننى بىلىپ تاھىرنىڭ ئەندشىسى بارغانسېرى يۇقىرلاپ باردى . ئۇ پەرھاتتىن ئەركىننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى نەچچە قېتىم سورىغان بولسىمۇ پەقەت دەپ بەرمىدى .تاھىر كۈندە كەچلىكى كەچلىك مۇزاكىرگە كىرىش ئالدىدا ۋە مۇزاكىردىن كېيىن ئىزدىمەكچى بولدى . بىر نەچچە كۈن تاھىر ئەركىننى رېستۇران ، دېسكوخانا ، قاۋاقخانا ، تورخانا دېگەندەك جايلاردىن ئىزدىگەن بولسىمۇ پەقەت تاپالمىدى .
پەرھات ئەركىننى ناھايتى تېزلا تاپالايتى ، پەرھات مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۇلارنىڭ دوسلۇق رىشتىسنى تەل تۆكۈس ئۈزىۋېتىشنى ، خالنۇرنى تاھىردىن ئايرېۋېتىشنى ، تاھىرنى مەكتەپ قوينىدىن يوقىتىشنى پىلانلاپ ئەركىننى ئىزدىدى .ئۇ ئەركىننى ھېلىقى قاۋاقخانىدىن تاپتى ۋە تاڭ ئاتقۇچە بىللە ھاراق ئىچتى ، تاڭ ئېتىپ مەسلىگى يېشىلگەندە پەرھات ئەركىنگە دېدى .
-ئەركىن ئاداش ، سەن تاھىرغا ئۆچمۇ ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ ؟
-ياق ئويلىمىدىم ، مەنمۇ تاھىردەك تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنگەن بولسام بۇنداق بولمايتى .
-ئۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ ، سەن بەرىبىر خالنۇرنىڭ نەزىردە ئەسكى بولدۇڭ ، سەن قانچە تىرىشىپ ياخشى ئادەم بولساڭمۇ بەرىبىر ئۇ سېنى ئەسكى دەيدۇ.
- دېگىنىڭمۇ ئورۇنلۇق ئاداش ، مەن قانداقلارچە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ ئەسلى ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم بوپتىكەن ، مەن ئۇنىڭغا چىدىيالمىدىم .
- ئاداش مەندە بىر ئامال بار ، ئۇنى سەندىن ئايرىلماس قىلىۋېتىمىز ، مەن ساڭا ياردەم قىلاي ، ئۇ تاھىردىن ۋاز كېچىپ سېنىڭ كەينىڭدىن ماڭىدۇ ئاداش
- قانداق قىلىمىز ؟
- مۇنداق قىلىمىز ، سەن خالنۇرنىڭ ياتاقدىشى زۆھرەنى چاقىرسەن ، ئۇنى مېھمان قىلىسەن ،ئاندىن بىر ئىككى قۇر كىيىم ئەپ بېرىسەن ، سەنمۇ ئۆزەڭنى تۈزەشتۈرۈسەن ، ئاندىن ئۇنىڭغا 1000يۈەن پۇل بېرىپ ، ئۇنىڭدىن خالنۇرنى كەچلىك كارائوكىغا ئەپ كېلىشكە بۇيرۇيسەن ، ئۇ سېنىڭكى پۇلۇڭنى خەجلىگىنى ئۈچۈن ئۇنى چوقۇم ئېلىپ كېلىدۇ ، ئاندىن سەن خالنۇر كەپ بولغىچە خالنۇر ئىچىدىغان ئىچىملىككە دورا سېلىپ تەييار قىلىسەن ، ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايسەن ، تاھىرغا يۈز كېلەلمەيدىغىنىڭنى ئېيتىپ ئويۇن قويىسەن ، ئۇ ساڭا تەل تۆكۈس ئىشەنگەندە ئۇنىڭغا ھېلىقى ئىچىملىكنى بېرىسەن ، ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىپلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ ، شۇ چاغدا سەن باشقىلارنى كەتكۈزۋېتىپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرىسەن .
-ياق مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن ، مەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان قىزنى نابۇت قىلسام بولمايدۇ .
-ھېي كاللىسىغا خىش چۈپكەتكەن ساراڭ ، سەن ئۇنداق قىلمىساڭ ، ئۇ تاھىر بىلەن توي قىلىدۇ ، سەن شۇنداق قىلساڭ ئۇ غىڭ پىڭ قىلماي سېنىڭ بولىدۇ ، سەن ئەجىبا ئۇنىڭ ساڭا تەۋە بۇلۇشىنى خالىمامسەن ؟
-خالايمەن ، ئۇنداقتا ماڭا پۇل بېرىپ تۇر .
- ھە ما گېپىڭ جايىدا ، ئوغۇل بالىدەك بول ، روھلۇق بول ،كەچكىچە بىر قىز بالىنى دەپ يىغلاپ يۈرمە ، تۇتە ماۋۇ 5000كوي پۇل ، زۆھرەنى قاپقانغا دەسسىتىپ ، خالنۇرنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە يېتىدۇ ، كېيىن قايتۇرسەن جۇمۇ ؟
-ماقۇل ، مەن سەندىن ئالغان پۇللار جەمىئى 10مىڭ بوپتۇ ئاداش چوقۇم قايتۇرمەن .
- ئەمسە گېپىمىز گەپ ، ئەتە كەچ ساڭا زۆھرەنى چاقىرىپ بېرەي
-ماقۇل
ئەركىن قولىدىكى پۇلغا قارىدى ، ئاندىن تاماكىسىغا ئڭت تۇتاشتۇرۇپ ، پەرھاتنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ قالدى ۋە ئەتىگە تەييارلىق قىلش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى .
تاھىرنىڭ كۈندە ئەركىننى ئىزدىشى توختاپ قالمىدى ، خالنۇرمۇ ئەنسىرەپ قالدى ، تاھىر بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئەركىننى پەقەت تاپالمىدى .ئۇ بەزىدە تىت تىت بولاتتى ، بەزىدە ئۆزىنى ئەركىنگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى .
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، خالنۇر قانداق قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ ؟ تاھىر ئەركىننى تاپالامدۇ ؟ پەرھات ئارىدىن قانداق پايدا ئالماقچى ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋامىدا بولسۇن
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
551 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-2 14:38:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-21 0:43:24 | نۇرئەلىx |
ئەسسالام ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئەسىرىڭىزنى ئىككى كۈن بۇرۇن ئوقۇپ 10قىسمىنى تۈگەتتىم داۋامى قاچان چىقىدۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|