مۇھەببەت - ھىكايە
رازىيە
بىر يىگىت بىر نەۋرە ئاچىسىنىڭ دوستىنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ ، ئۇ قىز بۇرۇن ھىچكىم بىلەن ئارلىشىپ باقمىغان ئىكەن ، لىكىن يىگىتنىڭ قىز دوسىتلىرى كۆپ بولغاچقا قىز ئۆزىنى ئەخمەق قىلدۇ دەپ ئويلاپ تەلپىنى رەت قىپتۇ ، لىكىن يىگىتنىڭ ئۇ قىزنى ئەخمەق قىلىش نىيتى بولمىغاچقا توختاپ قالماپتۇ ، قىزدىن ئالاقىسىنى ئۈزمەپتۇ ، كۈنلەر ئۈتۈپ قىزنىڭ كۈڭلى بارا- بارا يىگىتكە چۈشۈپ قاپتۇ ، قىز يىگىتنىڭى تەلپىگە ئاخىر قۇشۇلۇپتۇ شۇندىن كىيىن ئۇلانىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرى باشلىنىپتۇ، يىگىت قىزغا بەك كۈيۈندىكەن كۈندە ئەھۋال سوراشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن ، كۈنلەر ئۈتۈپ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بارغانچە مۇستەككەملىنىپتۇ ، ئۇلار دائىم تاكاللىشىپ تۇردىكەن لىكىن زادىلا ئايرىلىشنى ئويلىمايدىكەن ، شۇ كۈنلەدە قىزنىڭ ئۇقۇشى پۈتۈپ باشقا يەرگە ئۈچ ئايلىق پىراكتىكىغا باردىغان بۇلۇپ قاپتۇ ئۇ قىز يولغا چىققان كۈنى بىر نامەلۈم تىلفوننى تاپشۇرۋاپتۇ قارشى تەرەپ بىر قىز بۇلۇپ ئۆزىنىڭ بۇرۇن بىر بالىنى ئالدۇرۋەتكەنلىكى بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ دەل ھازىر ئۆزى يۈرۋاتقان يىگىت ئىكەنلىكىنى دەپتۇ ، ئۇ قىز يىگىتنى مىنى سىناۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ كارى بولماپتۇ ، ئش يوغىناشقا باشلاپتۇ ئۇ يىگىت بولماستىن باشقا بىر قىز ئىدى قىزنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەپتۇ ، ئۇ يىگىتنى بۇنداق قىلدۇ دەپ ئەسلا ئويلىمغان ئىدى ، بۇ ئىشنى دۇستىغا دەپتۇ دۇستىمۇ پەقەت ئىشەنمەي بۇ ئشنى ئنىقلاش ئۈچۈن يىگىتنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئاتا - ئانىسىغا دەپتۇ ئاتا - ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىپتۇ ، ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەپتۇ قىز ئاخىر بولماي يىگىتكە ئايرىلىش تەكلىپنى بېرىپ ، بولغان ئشلانى سۆزلەپ بېرىپتۇ ، يىگىت ئۇ ئشلادىن بىخەۋەر بولغاشقا زادىلا ئشەنمەپتۇ قىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۈتۈنۈپتۇ قىز ئاخىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتكە بىر قىتىم پۇرسەت بېرىپتۇ ، سىر ئاشكارلىنىپ ئۇنىڭ بىر قىتىملىق يالغانچىلىق ئىكەنلىكى ئاشكارلىنىپتۇ ئۇلا يەنە مۇھەببەتىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ، بۇ قىتىم قىز يىگىتكە تىخىمۇ ئىشىندىغان بۇپتۇ مەيلى قانداق ئىش بولسۇن يىگىتكە مەسلىھەت سالدىغان بۇپتۇ ، ئۇيۇنچى يىگىت قىزنىڭ تەسىرىدە چوڭ ئۆزگىرىپتۇ ئۆيدىن قاشمايدىغان ھاراق ئىچمەيدىغان بۇپتۇ نىملا ئش بولسا قىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردىغان بۇپتۇ ، ئۇلارغىمۇ بىر يىلدىن ئىشىپتۇ قىز ئۆزگۈرۈشكە باشلاپتۇ ، يىگىتنى مەندىن باشقىغا قارمىسىكەن دىگەن ئىدىيە قىزدا شەكىللىنىپتۇ ، ئۇلار تۇلا ئۇرشۇپ قالدىكەن قىز ئاچچىقى كەلسىلا ئايرىلىشنى ئۇتتۇرغا قۇيدىكەن لىكىن يىگىت ئەزەلدىن ئۇنداق دەپپاقمايدىكەن ، قىز ئۇنداق دىگىنى بىلەن كۈڭلىدە ئۇنداق ئويلاپ باقماپتۇ ، كۈەلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتۈپتۇ ئۇلار توي قىلىشقا ئاز قالغاندا قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى قۇشۇلماپتۇ ، بۇ قىزغا بەك ئەلەم بۇپتۇ لىكىن قىزمۇ توختاپ قالماپتۇ، ئۆيدىكىلىرگە خىزمەت ئشلەپ ئۇنىڭدىن باشقىغا ياتلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ قىزمۇ چىڭ تۇرۇپتۇ، قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇلانىڭ تۇيىغا قۇشۇلۇپتۇ لىكىن يىگىتنىڭ يەنە بىر يىل ساقلشىنى ئېيتىپۇ يىگىت پەقەت قۇشۇلدىغانلا ئش بولسا ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ يىگىت قىزنىڭ كۈڭلىنىڭ ئازار يىيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بەك ئايايدىغان بۇپتۇ ئۇلار دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرسىمۇ لىكىن ھەر ئككىسى بىر بىردىن ئايرىلالمايدىكەن ، ئۇلار ئاخىرى توي قىلىپ مۇرادىغا يىتىپتۇ يىگىت ئىشقا مىڭىش ئالدىدا قىزنى سۈيۈپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمايدىكەن ، قىزمۇ يىگىت ئىشتىن كەلگۈچە يىگىتكە ئسسىق تاماق تەييار قىلدىكەن پۇتىنى يۇيۇپ قۇيدىكەن يىگىت قىزنىڭ ئۆيدە يالغۇزسىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەم ئالغان كۈنلىرى قىزنى ئايلاندۇرۇپ ئەكىلدىكەن ، قىزنىڭ بۇيىدا قاپتۇ بۇ خەۋەر يىگىتنى قەۋەتلا خوش قىلۋىتىپتۇ ئيىگىت قىزنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئايايدىغان بۇپتۇ كۈندە قۇرساقتىكى بالا بىلەن قىزنى سۈيشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن ھەر ئاخشىمى قۇرساقتىكى بالىغا ھېكايە ئېيتىپ بېردىكەن بالىنىڭ مىدىرلىغىننى ئاڭلاپ ھارمايدىكەن قىز ناھايتى بەخىتلىك چۈنكى ئۇنىڭ مانا شۇنداق كۈيمچان يولدىشى بار ، قىز ناھايتى غەمسىز چۈنكى ئۇنى يۆلەپ تۇردىغان تاغ بار ، قىز ناھايتى بەخىتلىك چۈنكى ئۇنىڭ تۈگىمەس بايلىقى بار ئۇ بولسىمۇ مۇھاببەت ، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن ،،،،،،،،
529 قېتىم كۆرۈلدى | رازىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-23 23:06:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|