‏ ئۆلۈمگە تۇتاشقان مۇھەببەت يولى 1_ قىسىم

ئۆلۈمگە تۇتاشقان مۇھەببەت يولى   1_ قىسىم

 

ئويغاق

 

‏ ئەينەكتىن بىر كىلىشكەن يىگىتنىڭ خۇش-تەبەسسۇم بىلەن ئۆزىنى تۈزەشتۈرىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۇ يىگىتنىڭ ئانىسى جەينىمازدا ئولتۇرۇپ تەسۋى سىرىۋاتقان بولۇپ، يىگىت ئىنتايىن خۇشال كۈرنەنتتى. ئۇ قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە قىز دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭماقچى ئىدى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ سىرىتقا چىقماقچى بولۇپ، ئانىسى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئانىسىنى ساقلاپ تۇردى. ئانىسى ئىچكىرىدىكى ئۆيدىن ئاستا چىقىپ ئۇنىڭغا نۇرغۇنگەپلەرنى تاپىلاپ يىگىتنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ، يىگىتنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىپ دۇئا قىلىپ يولغا سالدى. يىگىت ماشىنىغا چىقىپ، قىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ تېلىفۇنى سايراپ قىزدىن تېلىفۇن كەلدى. يىگىت تېلىفۇننى ئېلىشىغا قىز يىگىتنىڭ تىزراق كىلىشىنى، دادىسىنىڭ يەنە ئىش ئورنىغا قايتىدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويسا توي ئىشىغا تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى. يىگىت ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ماشىنىنى تىزراق ھەيدەپ بالدۇر بېرىشنى ئۈمۈد قىلاتتى. چۈنكى قىزنىڭ دادىسى بىر چوڭ ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، ئۆيگە بەك ئاز كىلىدىكەن ھەمدە قىزنىڭ ئېيتىشىچە بەك ئاچچىقى يامان ئىكەن. يىگىت شۇلارنى ئويلاپ سەل جىددىيلەشتى. تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ تېلىفۇنى يەنە سايرىدى. بۇ قېتىم يىگىتنىڭ قوشنىسىدىن كەلگەن ئىدى. يىگىت تېلىفۇننى ئېلىپ ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا دوىتۇرخانىغا ئېلىپ ماڭىدىغانلىكىنى ئېيىتتى. يىگىت ئامالسىز ئارقىغا قايتىپ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. يىگىت دوختۇرخانىغا بارغاندا ئۇنىڭ ئانىسى جىددى ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ بولغان ئىدى. يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش تارام-تارام تۆكۈلۈپ كەتتى. ئانىسى يىگىتنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ، سەل ئاچچىقلانغان قىياپەتتە يىگىتنىڭ نىمىشقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، تىزدىن قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى، ئۆزىگە ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى، يىگىتنىڭ كەلگۈسى بەختىنى ئويلاپ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ يىگىتنى تىزدىن ئۆيىگە بېرىشقا بۇيرىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا يىگىتكە قىزدىن يەنە تېلىفۇن كەلدى. قىز تېلىفۇندا دادىسىنىڭ ئالدىراۋاتقانلىقىنى تىزراق كېلىشىنى ئۆتۈنۈپ قويىۋەتتى. ئانىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:《-بارغىن ئوغلۇم، مىنى رازى بولسۇن دىسەڭ بارغىن كېلىنىمىز ساقلاپ قالمىسۇن》دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتتى. يىگىت ئامالسىز يەنە قىزنىڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. يىگىتنىڭ ئانىسىنى دوختۇرلار جىددى ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكەنىدى. ‏

داۋامى بار………





2286 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-20 21:09:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-15 1:18:04 ئايشەمگۇل
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ لىكىن ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرى ۋاقتى ۋاقتىدا چىقسا بوپتىكەن
2016-1-30 1:14:32 ئىلى بەگ
مازمۇنى ياخشىدەك قىلىدۇ ، ئادەمنى قىزززق تۇردىكەن داۋامىچۇ ، سىزگە قاراپ قالدۇق
2015-8-22 1:39:28 zohragul
nahayti yakxi ham, tacirlik yezipciz likin ipadilax kuqi cal ajiz bop kaptu tehimu tirixkayciz
2015-8-21 18:46:30 مۇنىرە
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ داۋاملىق تىرىشقىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ