قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 25- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 25- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


ئۇلار مەسچىت ئالدىدا توختاپ ئىچىگە كىرىپ باقماقچى بولۇشتى، لېكىن تاھارەتسىز مۇقەددەس ئۆيگە دەسسەشتىن ئۇيۇلدى .

- ئاۋال ،- دىدى تايىر خەرىتىنى تاپايلى ، ئاندىن سارايغا بېرىپ تاھارەت بىلەن كەلسەكمۇ كىچىكمەسمىز.

باشقىلارمۇ تايىرنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىدى، ئۇلار يەنە بىر كىلومىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن بىر سارايغا كەلدى، بۇ ساراي ئىلگىرىكى ئىككى سارايدەك چوڭ بولمىسىمۇ خېلى ھەشەمەتلىك ئىدى. ئۇلار تىزدىن ساراي ئىچىگە كىرىشتى، ساراي ئىچى شۇنداق قالايماقان بولۇپ ئۇرۇپ چېقىلغان، بۇزۇلغان ئۆي - جاھازىلىرى، فار - فۇر بويۇم سۇنۇقلىرى بىلەن توشقان ئىدى .

- خەرىتە ئاشۇ تورۇستىكى لىم ئىچىگە يوشۇرۇنغان ،- دىدى ئەرۋاھ ئايال چوڭ ساراي ئۆينىڭ لىمىنى كۆرسىتىپ .

- ئەمىسە تىزدىن ئالايلى ، ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى قويۇپ ئالساق قولىمىز يىتەر ، تىز بولايلى ،- تايىر باشقىلارنى ئالدىراتقاچ ساق قالغان ئۈستەللەرنى سۈرۈپ ئېلىپ كەلدى.

باشقىلارمۇ ئورۇندۇقلارنى ئۈستەل ئۈستىگە قاتلاپ قويۇشقا باشلىدى .

- مەن چىقاي ،- تۇرغۇن شۇنداق دىگىنىچە ئۈستەلگە چىقىپ، ئەمدىلا ئورۇندۇققا دەسسىشىگە خۇددى بىرى ئۆرىۋەتكەندەك ئۈستەل - ئورۇندۇقلار ئۇچۇپ چۈشتى ، تۇرغۇن چەبدەسلىك بىلەن سەكرەپ چۈشىۋالدى. ئۇلار ھەيران بولۇپ ئۈستەللەرنى يەنە تىزىشتى ، بۇ قېتىم ھەممىسى ئۈستەللەرنى قاتتىق تۇتۇپ تۇرۇشتى ، تۇرغۇن ئۈستىگە چىقىپ لىمنى تۇتاي دىيىشىگە بىر خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە ئۈستەللەر يەنە ئۆرۈلدى. بۇلار بىلەن تەڭ تۇرغۇنمۇ قاتتىق يىقىلىپ چۈشتى - دە ۋاقىردى :

- نىمىشقا چىڭ تۇتمىدىڭلار ؟

ئەرۋاھ ئايال قورۇققىنىدىن ئەتراپنى كۆرسەتتى :

- كۆرمىدىڭلارمۇ ، ئۇلار كەلدى؟

تايىرلار ئەتراپقا تەپسىلى چىقىپ سورىدى :

- نىمىنى دەيسىز ، بىز ھېچنىمىنى كۆرمىدىققۇ ؟

- ئالۋاستى قاپلاپ كەتتى، ئۇلار ئۈرىۋەتتى ئۈستەلنى، تىز بولۇڭلار لىمغا يېپىشىپ بولدى .

تايىر ھېچنىمىنى كۆرمىسىمۇ ، ئەرۋاھ ئايال كۆرسەتكەن جايغا قارىتىپ شەمشەرنى ئاتتى، لېكىن پايدىسى بولمىدى، دەل شۇ چاغدا يەر تەۋرىگەندەك ساراي تەۋرەپ كەتتى، تورۇستىن توپا - چاڭلار توزۇپ ، ئۆرە تۇرغان نەرسە كىرەكلەر ئۆرۈلۈشكە باشلىدى.

- تىز سىرتقا چىقىۋالايلى،- تۇرغۇن شۇنداق دىگىنىچە گۈزەلنۇرنىڭ قولىدىن تارتىپلا يۈگەردى.

باشقىلارمۇ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى، سىرىت جىمجىت، ساراي خۇددى غايەت زور بىر جىسىم بسىۋاتقاندەك تاملىرىدا دەز پەيدا بولۇپ تۆۋرۈكلىرى غۇلاشقا باشلىدى ، ئەتىراپنى چاڭ - تۇزاڭ قاپلاپ كەتتى .

- نىمە ئىش بۇ ؟

- مەنمۇ بىلمىدىم ،- دىدى ئەرۋاھ ئايال ،- ئالۋاستى خەرىتە يوشۇرۇلغان جاينى تۇتىشىغا شۇنداق بولدى.

بىردەملىك قاتتىق تەۋرەش نەتىجىسىدە بايىلا شۇنداق چىرايلىق تۇرغان ساراي ئۆرۈلۈپ بىر دۆۋە كىرەكسىز يىغاچ ، كىسەك ، تاش دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى .

- ئەمدى قانداق قىلىمىز ، خەرىتىمۇ خارابە ئاستىدا قالدى ،- دىدى تۇرغۇن ئاچچىقلاپ .

- قايتايلى ، خەرىتە بولمىسىمۇ ئاچقۇچلار بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خو خانىممۇ ياردەم قىلسا ئۇ ئۆيگە تەۋەككۈل دەپ كىرەيلى ،- دىدى تايىر تۇرغۇنغا تەسەللىي بىرىپ .

- شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالمۇ قالمىدى ،- دىدى سەمەتمۇ تايىرنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ.

ئۇلار كەينىگە قايتىشتى ، بۇ چاغدا كۈنمۇ تاغ كەينىگە ئۆتۈپ بولغان ئىدى.

- قۇرسۇقۇم ئەجەپ ئاچتى،- دىدى تۇرغۇن كىتىۋېتىپ.

- مېنىڭمۇ ئاچتى، ئەتىگەندىن ھازىرغىچە تۈزۈك بىر نەرسىمۇ يىمىدۇق، يە ئىچكۈدەك نەرسە ئالماپتۇق ،- ئىسكەندەر شۇنداق دىگەچ كالپۈكلىرىنى يالاپ قويدى.

دىمىسىمۇ ئۇلار ئەتتىگەندە ناشتا قىلغان پېتى ھەر خىل قىسمەت ، خەتەرلەر بۇلارغا نەرسە يىگۈدەكمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى .

- مېنىڭ گىلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمەيدۇ ،- دىدى گۈزەلنۇر كۆڭلى يېرىم ھالدا ،- دىلبەر نىمە بولۇپ كەتكەندۇ؟

ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مەڭزىگە ئېقىپ چۈشكەن يېشىنى سۈرتىۋەتتى، بۇ گەپتىن ھەممىسىنىڭ غەشلىككە تولدى. ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە ئەتراپقا قاراپ باقتى، يول ئىككى تەرىپى ئىگىز سېپىل تام بولۇپ تام ئىگىز بولغاچقا ھېچقانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئۇلار كىتىۋېتىپ ئۈچ ئاچا يولغا كەلگەندە يىراقتىن شۇنداق ئاچچىق قاۋىغان ئىتلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

- ئىت ، نەدىن كەلگەن ئىت بۇ؟- ئۇلار شۇنداق دىگىنىچە ئەتىراپقا نەزەر سېلىشتى، لېكىن ھېچقانداق بىر ئىتنىڭ ئۆزى تۇرماق سايىسىمۇ كۆرىنمەيتتى .

- قەيەردە بۇ ئىتلار ، ئاۋازى يېقىنلاپ كىلىۋاتامدۇ نىمە ؟- دىدى سەمەت تېڭىرقاپ .

راس سەمەت دىگەندەك ئىتلارنىڭ دەھشەت قاۋىغان ئاۋازلىرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى، ئۇلار قورقۇپ ئەتراپىغا، يوللارغا قاراشقا باشلىدى يەنىلا ھېچنىمە كۆرىنمەيتتى.

- كەينىڭلارغا قاراڭلار ،- دەپ ۋاقىردى ئەرۋاھ ئايال.

ئۇلار دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇشتى ، يولدا توپا- چاڭ كۆتۈرلىۋاتقان بولۇپ ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى يېقىنلاپ كەلگەندىن باشقا يەنە ھېچنىمە يوق ئىدى .

-ئاۋۇ جايدىنمۇ كىلىۋاتىدۇ،- ئەرۋاھ ئايال قورقۇپ يەنە بىر يول بۆلىگىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يولدىنمۇ توپا كۆتىرلەتتى باشقا نەرسە كۆرىنمەيتتى، ئەمدى خەتەردىن خالىي بىردىن بىر يول بۆلىكى ئۇلار قايتىدىغان يوللا قالغان ئىدى .

- تىز قاچايلى ،- تايىر ۋاقىردى.

ئۇلار بۇرۇلۇپلا يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، ئىتلارنىڭ غەزەپلىك قاۋىغان ئاۋازلىرى ئۇلارغا يىتىشىپ بولغان ئىدى.

- ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم ،- دىدى سەمەت قورقۇپ ،- قېنى ئىتلار ؟

- بىزمۇ كۆرمىدۇق ، تىزدىن ئولتۇرۋېلىپ توپا سىپەيلى ،- دىدى ئىسكەندەر ۋاقىراپ .

ھەممىسى تىزلىكتە ئولتۇرۇپ قاۋىغان ئاۋاز چىققان جايغا تاش ، چالما ئاتقاچ توپا سىپىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئەتىراپىنى چاپچىغاندەك ئېتىلىنغان توپا- چاڭ بىلەن ، بۇلار ئۆزىنى قوغداپ سەپكەن توپىلار قاپلىدى، شەمشىرى بارلار ئەتراپقا قارغولارچە شەمشىرىنى شىلتىشقا باشلىدى. ئىتلار ھازىرلا ئېغىز سالدىغاندەك يېقىندا بىلىنىۋاتاتتى. تايىرلار شۇنداق تەمتىرەپ كەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭغا قورقۇش قوشۇلۇپ ئۇلارنى قارا تەرگە چۈمدۈرۋەتكەن ئىدى .

- تىز مەسچىتتىن دالدىلىنايلى، يېقىنلاپ قاپتىمىز، ئاۋال گۈزەلنۇرنى ئېلىپ سەمەت سەن ماڭ،- تايىر ۋاقىرغىنىچە ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى نىشانلاپ شەمشەر بىلەن توساپ تۇرىۋالدى.

تۇرغۇن، بىلەن ئىسكەندەرمۇ تايرىنىڭ سۆزىنى چۈشۈنۈپ دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. قورقۇپ ئالدىراپ كەتكەن گۈزەلنۇر يۈگۈرىمەن دەپ پۇتى قايرىلىپ يىقىلىپ چۈشتى ، ئۇ «ۋايجان» دىگىنىچە پۇتىنى تۇتۇپ تۈگۈلۈپلا قالدى، سەمەت ئۇنى يۈلەپمۇ يۆلىيەلمەي ئامالسىز قالغان ئىدى .

- تىز چىكىنەيلى ،- تايىر شۇنداق دىگىنچە گۈزەلنۇرغا قاراپ يۈگۈردى ،- مېنى قوغداڭلار !

تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر نەچچە يۈز ئىت كىلىۋاتقاندەك قاۋاشلارنىڭ ئالدىدا جان - جەھلى بىلەن بىر تەررەپتىن تاش ئاتسا ، بىر تەرەپتىن شەمشەر شىلىتىپ ئاستا چىكىنىشكە باشلىدى. تايىر يۈگەرگىنىچە بېرىپلا گۈزەلنۇرنى لىككىدە كۆتۈرۈپلا ئېلگىرلەپ يۈگۈردى، ئۇنىڭ كەينىدىن باشقىلار قوغدىغاچ يۈگۈردى، لېكىن جىددىيچىلىكتە تايىرمۇ گۈزەلنۇرنى كۆتەرگەن پېتى پۇتلۇشۇپ يىقالدى ، غايىپ ئىتلار ئۇلارنى قورشىۋالدى ، ئەھۋال شۇنداق جىددىيلەشتى. بۇلارغا قاراپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتقان ئەرۋاھ ئايال تىزلىك بىلەن بىر قارارغا كىلىپ ئىتتىك گۈزەلنۇرنىڭ يېنىغا باردى - دە بوينىدىكى تۇمارنى ئېلىپ :

- تىز … تىزدىن بۇنى بوينىڭىزغا سېلىڭ، ئۇلار سىزگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، ئوغۇللار تىزدىن مەسچىتكە بېرىڭلار ، ئالۋاستىلار غالجىرلاشتى … تىز ،- دەپ بۇيرۇق قىلدى .

- بولمايدۇ ، - دىدى گۈزەلنۇر ،- ئۇ سىزنى قوغداۋاتقان ئەنگۈشتىرىڭىز ، مەن ئالسام بولمايدۇ ؟

- گەپنى ئاڭلاڭ ، تىز بولۇڭ ، مەن نىمە بولسام مەيلى ، كىتاپنى يوقاتساڭلار ئارمىنىم يوق، تىز ئېسىڭ.

ئۇ شۇنداق دىگىنىچە گۈزەلنۇرنىڭ بوينىغا تۇمارنى ئېسىپلا ھاۋادا لەيلەپ تۇرىۋالدى ، يىگىتلەر تىزدىن مەسچىتكە قاراپ يۈگۈرۈشتى ، گۈزەلنۇر قورۇققىنىدىن كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ بېشىنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇرۋالدى، راس دىگەندەك ئىتلار ئۇنى بىلمىگەندەك ئۇنى تاشلاپ يىگىتلەر تەرەپكە يۇپۇرۇلدى .

- يىتىشەي دىدى ،تىز بولۇڭلار ،- ئەرۋاھ ئايال گۈزەلنۇرنىڭ ئۈستى تەرپىدە لەيلەپ تۇرۇپ ۋاقىراشقا باشلىدى ،- تىز … تىز بولۇڭلار !

ئۇلار ھاسىراپ - ھۈمۈدەپ مەسچىت ئالدىغا كىلىپلا يىقىلىشتى، يۇپۇرلۇپ كەلگەن ئىتلار كەلگەن پېتى خۇددى باشلىرىنى قاتتىق بىر نەرسىگە ئۇرغاندەك غىڭشىغان ، بىچارىلارچە قاۋىغان ئاۋازلىرى چىقىپلا جىمىپ قېلىشتى.

- ئۇلار قېنى؟ - دىدى تۇرغۇن ،- جىمىپ قالدىغۇ ؟

- بىز قۇتۇلۇپتۇق ،- دەپ ۋاقىرۋەتتى خوشاللىقتا تايىر ئەتىراپقا زەن سېلىپ بولۇپ ، - بىز قۇتۇلۇپتۇق .

بۇ چاغداگۈزەلنۇرمۇ يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن ئاسقاقلاپ ماڭغىنىچە يىتىپ كەلگەن ئىدى . ئۇلار خۇش بولۇشۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز بىر پارچە ئىس كۆتۈرلۈپلا ئەرۋاھ ئايالنى قورشىۋالدى ، ئەرۋاھ ئايال قورقۇپ ۋاقىردى . نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قالغان تايىرلار شۇنداق قاراپ ئىككى قارا كىپەنگە ئورالغان جەسسەتنىڭ ئەرۋاھ ئايالنى تۇتۇۋالغىنىنى كۆردى - دە قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپ ئەمدىلا مېڭىشىغا ئالدىدا ئىتلار نامايەن بولۇشقا باشلىدى .

- نىمانداق قورقۇنۇچلۇق ،- دىدى تۇرغۇن تايىرغا پەس ئاۋازدا ، بۇنداقمۇ يۇغان ئىت بولامدۇ؟

- ئالۋاستى ، جىن ،- دىدى تايىر ، -بىز مەسچىت دائىرسىدىن چىقساقلا يە ئۈلىمىز ، يە تۇتقۇن بولىمىز . ئۇلار ئىتلارنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىپ ، كەلپۇگى يوق ئېغىزىدىن ئۇزۇن چىقىپ تۇرغان چىشلىرىنى كىرشتۈرۈپ غالجىرلىق بىلەن ھۈرپۈيۈپ يۈرىشەتتى . ئىككى جەسسەت ئەرۋاھ ئايالنى تارتىپ يەرگە چۈشەردى ، ئۇ ئالۋاستىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن بولسىمۇ ، مەردانە قىياپەتتە تۇراتتى . …

بۇلار ئالۋاستى كىتاپ تەرپىدىن موشۇنداقلا تۈگۈشۈپ كىتەرمۇ ؟ جەريانى كىيىكى قىسملىرىدا.





1656 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:50:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-1 16:51:26 musajan
rahmat yahxikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ