قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 2- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
www.yazghuqilar.com

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
2- بۆلۈم 1- قىسىم


  ئۇ ھازىر كۆرگەنلىرىنى چۈش دەپ چۆچۈپ ئۇيغانغىنىدا  قولىدا تۇرغان بۇ نەرسىنى كۆرۈپ ئۇنى تاشلىۋەتكىنىچە قورۇققىنىدىن يۈگۈرۈپ تۇرۇپ كەتتى . ئەتىراپىدا ھېچكىم يوق بىردىن - بىر يورۇق چىقىرىپ تۇرغان نەرسە ئاللىقاچان ھاردۇققا چىققان تىلۋىزور يورىقى ئىدى . ئۇ ئالمان - تالمان دەرىزىلەرگە قارىدى ، سىرىت قاپقاراڭغۇ بولۇپ ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى ، ئۇ شۇنىڭدىمۇ سىرتلارغا ئىنچىكىلەپ قاراپ چىقتى كۆڭلىدە ئۇنىڭغا دەرىزە كەينىدە قانداقتۇ بىر نەرسىلەر قاراۋاتقاندەك بىلىندى ، ئەزەلدىن يالغۇز يېتىپ قورقۇپ باقمىغان تايىرغا بۈگۈن كىچە ئالۋاستى ، ئەرۋاھلارنىڭ قورىشاۋىدا قالغاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى .
 ئۇ ئاستا بېرىپ چىراقنى ياندۇردى ئاندىن يۈرىگى بىر ئاز ئىزىغا چۈشكەندەك بولۇپ بايىلا تاشلىۋەتكەن رەخىت پارچىسىنى ئالدى ھەمدە ئاستا ئاچتى .
 رەخىت پارچىسى قانداق تالادىن توقۇلغانلىغى نەمەلوم بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا بىر نەرسىنىڭ تىرىسىدەك تۇيغۇ بەردى .
 ئۇ ئۇيقۇدىن يېڭىلا ئاچقان كۆزىنى ئۇۋۇلۋېتىپ بۇ نەرسە ئۈستىگە كۆز يۈگىرەتتى . ئۇنىڭغا چۈشەنگىلى بولمايدىغان قانداقتۇ تاغلاردەك ، چۈللۈكلەردەك ، كۆللەردەك ، قۇم بارخانلىرىدەك رەسىملەر ئۇستىلىق بىلەن سىزلغاندىن باشقا ، بىر جايلىرىغا ئادەم ئىسكىلىت بېشى ، ھەم بىر جايلار قىزىل رەڭ بىلەن چىكىتلىك بەلگىلەر ، بىر جايلىرىغا قېلىچلارنىڭ رەسىمى سىزىلغانتى  يەنە بىر يەرلىرىدە كىچىك بىر يۇرتنىڭ  سىخىمىسى ھەم ئەتىراپىدا دەل - دەرەخلەرنىڭ رەسىملىرى ئاندا - ساندا سىزىپ قويۇلغانتى .
 ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن بۇ نەرسىنى كۆرىۋاتقاندا دەرىزىنى سىرتتىن بىرىنىڭ چەككەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
- كى … كىم ؟ كىم سەن ؟- ئۇ تۇيۇقسىز چىكىلگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەچكە دۇدۇقلىغىنىچە سورىدى ، سىرتتىن سادا كەلمىدى . ئۇنىڭ يۈرۈگى باشقىدىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى ،  شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى دۇنيادا يالغۇز ، تەنھا قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى . دەرىزە يەنە چىكىلدى ، بۇ تاپتا چىكىلگىنى ئاۋالقى قېتىمقىدىنمۇ كۈچلۈكىرەك ئاڭلاندى .
 تايىر يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆستەل ئۈستىدە تۇرغان پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ۋاقىردى :
 - كىم سەن دەۋاتىمەن ؟؟؟
 ئۇ ئۆزى ۋاقىرغان ئاۋازدىن ئۆزى قورقۇپ كەتتى ، بىر خىل تۇيغۇ پۈتۈن بەدىنىدە «زىڭڭىدە » مېڭىپ كاللىسىغا چىقتى ، ئۇ سىرلىق رايوندىكى ۋاقتىدىمۇ بۇنچىلىك قورقۇپ باقمىغان ئىدى .
 ئۇ پىچاقنى رۇسلاپ چىڭ تۇتقىنىچە دەرىزە ئالدىغا كەلدى -دە ئەينەكتىن سىرتقا كۆز يۈگىرەتتى ، سىرتتا دەرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق ئالما دەرەخلىرىنىلا كۆرسىتىپ تۇراتتى . « يە سىرتتا شامال بولمىسا ، ياكى بىرەرسى دەرىزە چەكمىسە نەدىن كەلگەن ئاۋاز بۇ؟ » ، ئۇ شۇ ئويلار بىلەن دەرىزە ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ باقتى دەرىزە كەينى جىمجىت ، ئۇ ۋاقىراپ باقماقچى بولدى جۈرئەت قىلالمىدى شۇ تاپتا تۇيۇقسىز دەرىزە كەينىدىن بىرى يۈگۈرەپ چىقىپ ۋاقىرۋەتسە ئۇنىڭ كەينىگە ئۇچۇپ كىتىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغانتى .
 « تاك ، تاك ، تاك …»
ئۇ چۆچۈپ كەتتى ، ئۇ دەرھال كەينىگە ئۆرۈلدى چۈنكى بۇ قېتىم چىكىلگەن ئاۋاز يەنە بىر دەرىزىدىن چىقىۋاتاتتى .
 - كىم سەن ؟ گەپ قىل دەيمەن ؟؟؟
 « بىرەر ئاغىنەم چاقچاق قىلىپ ئوينىشۋاتامدۇ يە؟ » ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق ئويغا كىلىپلا يۈگۈرگىنىچە بېرىپ يەنە بىر دەرىزىدىنمۇ سىرتقا قارىدى يەنىلا ھېچكىم يوق .
- كىم دەيمەن گەپ قىل ئاچچىغىم كىلۋاتىدۇ ھە ! قايسىڭلا بولساڭ زىۋانىڭنى چىقىرشمىساڭ سوقۇشۇپ قالىمەن !
 ئەتىراپتا يەنىلا ھېچقانداق سادا يوق . « دەرىزىنى ئېچىپ كەينىگە قاراپ باقايمۇ يە؟ » ئۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلاپ دەرىزە تۇتقۇچىنى تۇتتى لېكىن بايقى قورقىنىچ ۋۇجۇدىنى قاماللاپ دەرىزىنى ئېچىپ بېشىنى شۇنداق چىقىرىشىغا قانداقتۇ بىر نىمىلەر ئۇنى سۆرەپلا سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلدى -دە دەرھاللا بۇ ئويىدىن ۋاز كەچتى .
 تاك ، تاك ، تاك …
ئۇ يەنە بىر قېتىم چۆچىدى ، بۇ قېتىم چىكىلگىنى ھېچقايسى دەرىزە بولماستىن بەلكى ئىشىك ئىدى .
  ئۇ دەرھال سائەتكە قارىدى ، سائەت ئىستىرلكىسى دەل ئون ئىككىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .
 « قايسى ساراڭ بۇ ؟ كىچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي يا بىر ھايىت دەۋاتماي مەن بىلەن ئوينىشىپ ئۆيگە كەلگەن » ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرگىچە ئىشىك « قىق » قىلىپ ئېچىلدى . ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تايىر بېشىدىن بىر چىلەك مۇزدەك سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى . « ئىشىك تاقاقلىق ئىدىغۇ ، شۇنچىلىك پۇختا تاقاقلىق ئىشىك ئەجەپ…»
 ئىشىك سىرتى قاراڭغۇ يەنىلا ھېچكىم يوق ، يا ئازاراق شامالدىن ئەسەرمۇ يوق .
- كىم ؟- بۇ قېتىم تايىرنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ئاجىز ھەم تىتىرەڭگۈ چىقتى ، ئۇ قولىدىكى پىچاقنى چىڭ سىقىملاپ ئىشىك سىرتىغا كۆزىنى شىپمۇ قىلماي تىكىلمەكتە ئىدى .
 ئۇ قاققان قوزۇقتەك تۇرغىنىدا تۇيۇقسىزلا ئىشىكتىن تۇرغۇن كىرىپ كەلدى .
- ۋۇ ئەبلەخ ،كالۋا!!!  ۋاقىرۋەتتى تايىر ،- سەنمىدىڭ ، بىر مۆ دەپ قويساڭ ئۈلەمتىڭ!
تۇرغۇننىڭ چىرايىدا تايىرنىڭ گەپلىرى ياكى ئۇنىڭ قورقۇپ تۇرغان تۇرقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىپادە يوقلا ھالەتتە ، گەپ - سۆزسىز كىرىپ ئۇددۇل بارغىنىچە تايىرنىڭ كارۋىتىدا ئولتۇردى .
- يالغۇز ياتتىڭما؟ - ئۇ بىپەرۋا سورىدى .
- ساراڭدەكلا سورىمىغىنە ! مەن داۋاملىق يالغۇز ياتىمەنغۇ ! كاللاڭ جايىدىدۇ؟
- ھېلقى تېرە خەرىتە قېنى؟
تايىر تۇرغۇننىڭ چىرايىغا قارىدى ، ئۇنىڭ چىراي شۇنداق سوغوق ، شۇنداق سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.
- سەن قانداق بىلىسەن ئۇ نەرسىنى ؟ - ئەجەپلىنىپ سورىدى تايىر ،- سەن بۈگۈن باشقىچىلىغۇ ، يېرىم كىچىدە تۇيۇقسىز ئۈسۈپلا كىردىڭ ، سالام سائەتمۇ يوق بۇ نەرسىدىن ئېغىز ئاچىسەنغۇ؟
 تۇرغۇن ئورنىدىن شاپپىدە تۇردى ھەم تايىرغا يالىت قىلىپ قاراپ قويدى ، ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن تايىرنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلەشكەندەك بولۇپ كەتتى .
- ئۇ نەرسىنى ماڭا بەر ، يەنە قېلىچلارمۇ بار !
 - سەن نىمىلەرنى جۆيلىۋاتىسەن ؟ نىمە كەچتە قېلىچلارنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈيسەن ئۆزەڭگىمۇ ئوخشىمايلا قەپسەنغۇ !
 تۇرغۇن تايىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆينىڭ ئەتىراپىغا بىر قۇر سەپ سالغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز تايىرنىڭ ئالدىغا قاراپ كەلدى  .
- سەن يالغۇز ياتماسلىغىڭ كىرەك ئىدى ،- ئۇ كىلىۋېتىپ شۇنداق دىدى ،- ئۇ تىرە قېنى ؟
- بۇنى دەمسەن ؟
تايىر قولىدىكى نەرسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدىكى پىچاق چىراق يورىغىدا يالىت قىلىپ شولا چىقاردى تۇرغۇن تۇيۇقسىز شىپپىدە توختىدى .
- خەرىتىدەك قىلىدۇ ، مانا كۆرىمەن دىسەڭ ، لېكىن سەن بۇنى قانداق بىلدىڭ ؟
تۇرغۇن جايىدا قىمىر قىلماي تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزى بولسا تايىرنىڭ قولىدىكى پىچاققا قادىلىپ قالغان ئىدى .
- سەن كىم ؟ سەن تۇرغۇن ئەمەس ؟
تايىر تۇرغۇنغا سەپسىلىپ قارىۋېتىپ سىرلىق رايوندىكى ۋەقەلەر كاللىسىغا كەلدى -دە تىتىرەك ئاۋازدا سورىدى .
- مەن شۇ تۇرغۇن ، پىچاقنى تاشلا !
- سەن تۇرغۇن ئەمەس ،
 تايىرنىڭ كاللىسى بارغانچە سەگەكلىشىپ كىتىۋاتاتتى « بۇ بايىلا چۈشۈمدە بىشارەت بىرىلگەن جىن ، ئالۋاستىمىدۇ ؟» ئۇ شۇ خىيالنى قىلغان ھامان پۇت - قولى ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆزىنى بەك تەستە كونتىرول قىلىۋالدى .
تۇرغۇن  خەرىتىنى ئېلىشتىن ۋاز كىچىپ شاپپىدە كەينىگە بۇرۇلدى :
- قېلىچلار بۇنىڭ ئىچىدىمۇ؟
ئۇ گەپ قىلغاچ ئۇددۇل بېرىپ قېلىچ يوشۇرۇپ قويۇلغان ئىشكاپنىڭ ئالدىغا باردى .
- نىمە قىلىسەن ؟ قېلىچنى سوراپ نىمە قىلىسەن ؟ ئۇنىڭ ئۇ يەردىلىگىنى قانداق بىلىسەن ؟
  ئەمىلىيەتتە تايىرنىڭ قېلىچلارنى ئۇ يەرگە قويۇپ قويغىنىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى . ئۇ سۇئال سورغاچ تۇرغۇنغا قاراپ ماڭدى ، ئۇ بۇ ناتونۇش تۇرغۇنغا يېقىنلاشقۇدەك كۈچنىڭ ئۆزىگە قەيەردىن كەلگىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى .
تۇرغۇن تايىرنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى سىزىپ ئۇنىڭدىن داجىپ ئىشىك تەرەپكە ئۆتتى .
- سەندەكمۇ ئاغىنە بولامدۇ ؟ بەرمىسەڭ بەرمە ، مەن ئەتە يەنە كىلىمەن .
 تۇرغۇن شۇنداق دەپ قويۇپلا شارىتتىدە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى - دە چىقىپ كەتتى ، باياتتىن يۇغان ئوچۇق تۇرغان ئىشىك ئۇ چىقىپ كىتىشى بىلەن ئۆزلىگىدىن يېپىلىپ تاقالدى ھەم بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتتى .
تايىر ھازىر كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى دەماللىققا قوبۇل قىلالماي قېتىپ تۇرۇپلا قالدى ، چۈشۈم دەي دىسە بۇ رىئاللىق ، رىئاللىق دەي دىسە ئىشەنگۈسىز ئىشلار ، ئۇ پۇتلىرى يۇمشاپ سىزىمىنى يوقاتقاندىلا پوككىدە ئولتۇرلۇشۇپ قالدى ، ئىككى قولى پىچاق ھەم خەرىتىنى چىڭ سىقىمدىغان ھالدا شۇنداق قاتتىق تىتىرەۋاتاتتى .
ئۇنىڭ تۇيغۇسى بايقى تۇرغۇن ئەمەس دەپ ئۇنى تېخىمۇ قورقىتىۋاتاتتى «  راسىت ، تىلفۇن قىلاي ، تۇرغۇنغا تىلفۇن قىلاي ، شۇ چاغدىلا بىلىمەنغۇ !»
 ئۇ قەدەملىرىنى مىڭ تەستە باشقۇرۇپ بېرىپ تىلفۇننى ئالدى ھەم تىتىرەپ يۈرۈپ  تىلفۇن قىلدى . تىلفۇندىن بىر پەس قۇڭغىراق مۇزىكىسى ئاڭلانغاندىن كىيىن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى :
- ھەي ساراڭمۇ سەن ، ھازىر سائەت نەچچە بولدى ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي نىمە تىلفۇن قىلىپ يۈرىيسەن ؟
تايىر تىتىرەك ئاۋازدا سورىدى :
- ھازىر ئۈيۈمگە كەلگەن سەنمۇ؟
- جۆيلىۋاتامسەن ؟ مەن  قاچان ئۈيۈڭگە باردىم ، چۈشتە ئۈيۈڭدىن كەلگەندىن بۇيان  ئىسكەندەرنىڭكىدە  ، كىتىش خوشياقماي ئىككىمىز تەڭ ياتتۇق .
تايىر پەرىزىنىڭ توغىرا ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى ،
- تىز ئۆيگە كىلە ئاداش بەك قورقۇپ كىتىۋاتىمەن !
تۇرغۇن تايىرنىڭ چۈشىنىكسىز گەپلىرىدىن گاڭگىراپ سورىدى :
- ھەي ساقتۇ سەن ، ئۈيۈڭدىنمۇ قورقىۋاتامسەن ، يېرىم كىچىدە نىمە چۈشىنىكسىز بىر نىمىلەرنى دەپ يۈرىيسەن ؟
- تىز بولە ئاداش ، كەلسەڭ دەپ بىرەي ، بەكلا قورقىۋاتىمەن ، تىز بول !
تۇرغۇن تايىرنىڭ ئاۋازىدىن بىر ئىش بولغىنىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغاچ :
- ھە ماقۇل ، ھازىرلا يىتىپ بارىمەن ،- دىدى -دە تىلفۇننى قويىۋېتىپ كىيىنىشكە باشلىدى .
تايىر ئۈزۈلگەن تىلفۇننى قۇلىغىغا تۇتقان پېتى روھى چىقىپ كەتكەندەك بىر قولىدا پىچاقنى چىڭ سىقىملاپ ئىشىككە قارىغىنىچە قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ قالدى .
 تۇرغۇن ئىسكەندەرنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالەتتە كۆزىنى ئاران ئېچىپ « نىمە بوپتۇ ،مەنمۇ باراي »دىگەنلىرىگە قارىماي سىرتقا چىقىپ بولۇپ، ماڭغانچە ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلغىنىنى ئىسىگە ئالدى « ھەي ئىسىت سىرتنىڭ بۇنچە قاراڭغۇلىقىنى بىلسەم ئىسكەندەرنىمۇ ئېلىۋالاركەنمەن » ئۇ شۇلارنى ئويلىغىنىچە تۇيۇقسىز   بايىلا كۆرگەن چۈشىنى ئىسىگە ئالدى . چۈشىدە بىر بۇۋاي ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ « ئۇيقۇڭنى ئاچ خەۋەپ ئەتىراپىڭدا ، روھىڭنى قوغدا ،بولمىسا قۇرۇق تېنىڭ مەڭگۈ تۇرالمايدۇ ، ئىنسانلار خەۋەپتىن ئۇيغىنىڭلار ! » دىمەكتە ، بۇۋاي ئەتىراپىدا ھەرخىل ھالەتتىكى غەلىتە جىن - ئەرۋاھلار خىرىس قىلماقتا ، بىر توكۇر جىن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ « قەرىزىڭنى قايتۇر ، نەرسىمىزنى قايتۇرۇپ بەر ، قېلىچلار بىزنىڭ » دەپ توۋلىماقتا ئىدى .
ئاخىرى بار...
     





2380 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-24 2:49:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-10 7:36:47 يىگانە
قۇلىڭىزگادات بەرمىسۇن ئنتايىن ياخشى يىزىپ سىز
2017-2-3 1:47:30 فەراد
ئاپىرىن مىتىرو ئەپەندى
2017-1-29 19:41:28 ھەسەنجان مەمەت
داۋامنى تىزراق چىقارسىڭىز بۇلاتتى ( مىترو ئەپەندى )
2017-1-29 18:19:59 emran
داۋامى قېنى ؟بەك ياخشى چىقىپتىكەن 2-بۆلۈم
2017-1-29 16:35:36 aynur
kayniga kizikip kaldim
2017-1-28 3:06:53 ئەلى
بىرىنجى بۈلۈمى بەك ياخشى چىقىپتىكەن ئىككىنچى بۈلۈمىمۇ ياخشى باشلىنىپتۇ ئاخىرىنى قاچان ئەۋەتىسىلەر ؟
2017-1-27 3:12:13 Gulistan
bu asarnig ahirni tizrak yollisagla bulatti
2017-1-26 2:51:37 ياسىنجان
تالانتىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن بۇرادەر ،ئاخىرى قاچان چىقار،ئاخىرىنى تىزراق چىقىرىڭ بۇرادەر .
2017-1-25 22:28:43 090300
ياخشى يېزلىپتۇ تىرىشىڭ
2017-1-25 19:13:55 ARPATJAN
bu korkunuq luk sirlik rayon ning 2bolum ning awazlik asiri yllansa boptikan rahmat
2017-1-25 14:45:41 ئارزىگۈل
شۇنداق قوقۇنۇش ئىچىدە قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمە ھەتت كىچىسى ئوبۇرنىغىمۇ چىقالماي قوقۇپ ،لېكىن ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تۆت كۈزۈن بىلەن كۈتۈۋاتىمەن
2017-1-25 3:35:02 090300
ئاخىرىنى قاچان يازىسلە
2017-1-24 21:29:48 QAWANDAZ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىترو ئەپەندى سىزنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ 2-بۆلىمىنى يازغىنىڭىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭىز
2017-1-24 19:36:56 شەھلا
مەن قورقۇنۇشلۇق سىرلىق رايۇننى ئ‍ۇقۇۋاتىمەن 2بۇلىمىمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،رەخمەت سىز گە .
2017-1-24 14:58:45 كەرىمە
بەك ئىسىل ئەسەركەن،قورقۇپ تۇرۇپ ئوقىۋاتىمەن،لىكىن ۋەقەلىكىگە تىخىمۇ قىزىقىپ كىتىپارىمەن،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،تىخىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى يىزىپ تۇرارسىز،بولسا بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى تىزراق يوللانغان بولسا،
2017-1-24 14:15:32 ئ‍ەخمەتجان
ئ‍ەسەرنىڭ 1-بۆلىمىمۇشۇنداق بەك ياخشي ئ‍ىدئ ئ‍ەمدئ 2-بۆلىمى باشلىنىشىدىلا شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىپتۇ مەن شۇنداق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ھازىرلا، ئ‍اخىرىدا ئ‍اپتور ئ‍ەپەندىئم دىققەت قىلىڭ جىن ئ‍الۋاستىلار سىزگە ھۇجۇم باشلىمىسۇن ھازىرقى جاھاندا داخان يوق ، چاقچاق جۇما
2017-1-24 12:10:49 رەيھانگۈل
بۇ ئ‍ەسەر بەك ياخشى ،1-بۇلۇمنىمۇ تۇلۇق ئ‍ۇقۇپ چىققان ئ‍ىدىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
2017-1-24 4:12:41 ئېزىزجان
بەك ياخشى يىزىپسىز داۋاملىق تىرشىڭ سىزنىڭ قوللىغۇچىڭىز
2017-1-24 3:51:34 ئابدۇ
بارغانچە ياخشى چىقىۋاتىدۇ جۇما
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ