ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن(2)

         ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن

(2)
داۋامى     


تۇلا گەپ قىلماي ماڭا سىياسىي  بۈلۈمگە دىدىدە ماڭا قاراپ  ماڭا  سەنمۇ ،دىدى،
سىياسىي  بۈلۈم دىسە ھەممە ئۇقۇغۇچى قوقاتتى ،ماڭماي نىم ئامال دەيسىلە ،
ئىشخانا  ئالدىدا ئارزىگۈل خانىم تۇراتتى ،
خانىمى :ھە مۇئەللىم  مۇشۇ بالا شۇ دىدى ،مىنى كۆرسىتىپ ،

مۇئەللىم :مۇشۇما   دەپ  كۈلۈپ كەتتى، توۋا دەڭە   بۇ ئۇرۇش  دىسە كىچىك  چوڭ  دىمەيدىغان ،لىڭ تاسما گۇي بۇ،دەپ  يەنە مەسخىرە  ئارلاش كۈلەتتى ،
خانىمى :راس  مۇئەللىم  مۇشۇ بالا  شۇ ،
مۇئەللىم :ھەيران  قالغان قىياپەتتە ،راسما ھەي ؟
دەپ ماڭا قارىدى ،
مەن :ھەئە مۇئەللىم  ئەمما  مەن  بۇنداق  ئۇرۇش  بوپ كىتىشىنى بىلمەيتىم ،ئۇقۇشماسلىق  بولدى ،
مۇئەللىم :تۇلا گەپ  قىلماي مېڭىشە ئۈزۈم ئارىمەن قاغىنىنى،دىدە ئىككىمىز نىڭ گەدىندىن تۇتۇپ  ئىتتىرىپ ،
خانىمى :مۇئەللىم  بولدى  قىلىڭە  بۇلادا نىم گۇنا دىدى تۈۋەن  ئاۋازدا،
مۇئەللىم :بۇنداق  لىڭ تاسما گۇيلا بىزنى ئاراممۇ ئاغىلى قويمايدۇ ،دىگىنىچە ،
يەنە بىر بالىغا  ماڭا جۇگۇ  سىنىپىڭغا دەپ قۇيۋەتتى،
شۇۋاقىتتا  مەن شۇنچىلىك  قوختۇمكى ،بىر ئۈزۈم  بىلەتتىم ،
مۇئەللىم :قادىجون مېڭڭە ئىشخاننىغا دەپ ،گەدىنىمنى قۇيۋەتتى،
بۇ قادىجون دىگىنى تۇلا باللانى شۇنداق  چاقىرتتى،ئەركىلىتىپ شۇنداق  چاقىسا كىرەك ،
ئىشخانىغا قاپىغىم قان كىردىم ،مۇئەللىملە يەڭلىرىنى تۈردى ،مىنى  ئۇرسا كىرەك ،
مۇئەللىم :ھە ئۇكام  مىيەدە ئولتۇرۇپ تۇر مەن ھازىر كىرىمەن  دەپ چىقىپ كەتتى ،
مەن بولسام مۇئەللىم ئۇرۇندۇقىدا ئولتۇردۇم ،مۇئەللىملە نىم بولدى  نىمدەپ كىردىڭ دىدى،
مەن :شۇ شۇ دەپ تىلىمنى چايناپ  ئاران ئۇقۇشماسلىق  دىيەلىدىم  ،
ئۇڭغۇچە مۇئەللىم  كىردى،ھە قادىجان  ئۇكام ما داكا جوبو ،قاپىغىڭنى  تېىۋال دەپ مىنى ھۈلەپ  ،ھە ئەمدى ئۇرۇشما ھە ،دەپ خۇش خۇي كۈلۈپ  سىرىتقا ئېچىقىپ قۇيدى ۋە بۇمۇ مەجبۇرىي  بوپقالدى ئۇكا  توغرا چۈشەن دەپ قۇيۇپ  كىرىپ كەتتى ،مەن قانلانى يۇيۇشۇم كىرەك  ئىدى تۇربا باشلانغۇچ  تەرەپتە ئىدى ،يۈزۈمنى يۇغىلى ماڭدىم،  تۇربا تۈيدە تۇيۇقسىز  سىنىپ  كەينىدىن  كەلگەن  ھىېلىقى  ئۇرۇشقان گۇي بىر توپ باللا كەلدىدە ،مىنى  يەنە ئۇرۇش  ئۈچۈن قول كۈتۈردى ،
بۇ قېتىم  ئاچىغىم كەلدى ،
چۈنكى ئۇنىڭغا بايا  قول  ياندۇرمىغان ئىدىم، يەنىلا  ئۇرۇشقان بولدۇم ،ھازىر مۇ شۇنداق  بۇلاتتى  ،
قۇلىنى تۇتتۇمدە قايرىپ  بىلدىن ئالدىم ،
شۇنداق  ئىتتىرگەنتىم، تۇربا ئالدىدىكى مەينەت سۇغا چۈشۈپ كەتتى ، بىللە كەگەن  دوسلىرى ،مىنى ئۇرۇپ چۈپكەتتى ،باش ،بىقىن،قۇساق ،نەبولسا تىپەتتى مۇشلايتى،
تۇساتتىن  سىڭلىم  نەدىن پەيدا  بولدى ،ئاكامنى ئۇرماڭلا ،
دەپ يىغلاپ كەلدىدە بىرىنى تارىتتى،  ئەسكى لۈكچەك  قۇلۇڭنى تات ،دىگەن  ئىدى ،
ئۇ ئىپلاس ئۇنى بىر شاپىلاق  سالدى،
نەدىن  كەلگەن  كۈچ بىلمەي قالدىم ئورنۇمدىن  دەس تۇرۇپ  يۈزلىرىم قان ،باغانچە بېرىپ  سىڭلىمنى ئۇغان گۇينى،ياقسىدىن تۇتتۇمدە  بۇرنىغا قاپىقىغا ئۇرۇپ چۈپكەتتىم  ،تۇيۇقسىز  بىرى مىنى تاتىپلا يەنە  چاپۇتلاپلا يىقىلدۇرۋەتتى،
مەن يەنە تاياق ئاستىدا قالدىم ، بېشىمغا بىرىنىڭ غىش پارچىسى بىلەن ئۇرغىنىنى بىلىمەن ،كۈزۈمنى ئاچسام
دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن سىڭلىم  يىغلاپ  تۇراتتى ،
ئانام  بولسا  خىيالغا پاتقان ،كۆزلىرى ياش ،
دادام  يوق ئىدى ،
بىز ئىككى بالا بوغاچقا مىنى ئۇغۇل  دەپ بەك ئەنسىرەيتى،ئانام  دادام،
بۇلانى كۈرۈپ بوغان ئىشلانى  ئويلۇدۇم ، شۇ زامان  سىڭلىم  يادىمغا كەلدى ھەم جېنىم سىڭلىم  ياخشى  مۇ سەن  بىر نىم بولمىغانسە ،ئۇلا ئۇردىمۇ  ،دەپ سىڭلىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم ئانام  جېنىم  ئوغلۇم  نىم  ئىشلابۇ زادى،بىزنى شۇنداق مۇ قوقۇتامسە دەپ بىزنى باغرىغا باستى ،ھەي ئانا مىھرى  نىمانچە  ئىللىق  ھە…
سىرىتتىن  ۋاقىراپ-جارقىراپ  دادام كىرىپ كەلدى،
ئاھ ئوغلۇم  يۈرەك  پارەن ھۇشۇڭغا كەلدىڭمۇ دەپ قۇچاقلاپ پىشانەمگە تويماي سۈيەتتى،
مەن :دادا سىرىتتا نىمىش بولدى ،؟
دادام:قۇيە بولدى  بالام  ئەرزىمەس  ئىشلا ئۇ،سەن ساق مەن شۇنىڭغا خوش ،
مەن :كىملە ئۇ دادا سىرىتتىكى؟
دادام:شۇ ساقچىلا بولمامدۇ،
مەن :ۋاي خۇدايىم نىم ئىش بوپكەتتى  بۇ ئىشلا ،دەپ  سىڭلىمغا قارىدىم،
سىڭلىم : ئاكا ئۇلانى ساقچىلار  ئەكەتتى  سىنى مۇئەللىم  خانىمى  مەن  دوختۇرخانىغا  ئەكەلدۇق  دىدى ،يىغلاپ تۇرۇپ ،
ئانام  :بولدى  بالام  بۇلانى قوي ،ياخشى  ئارام ئال ئۇغلۇم يۈرەك  پارەم  دىدىدە يىغلاپ تاشلىدى ،
مەن :مەنبىردەم يالغۇز  قالسام كەچۈرۈڭلا دىدىم  ،
ئۇلامۇ ھېچ ئۈندىمەي چىقىپ  كەتتى ،
كۈنلە شۇنداق تىز ئۈتۈپ كەتتى ، مەن يەنە مەكتەپكە  كەلدىم ،
باللا مىنى كۈرۈپ ئاداش  نىم  بولدۇڭ  يۇقاپ  كەتتىڭغۇ دەيتىتى ،ئۇقۇدىغانلىرى بولسا  ساقايدىڭما ئاداش  ،ھەنىم بوسا ،دەيىتتى ،
ھېلىقى  ئۇرۇش  خۇمار دوسلا ،ھە   ئاداش  سەن يوق  
بىز بەك  زىرىكتۇق ،قاندا ساقايدىڭما ؟ دەيتى ،
مەن :ھە ئە ئاداش ، دىدىم  ،يەنە ھېلىقى گۇي باما مەكتەپتە  دىگەن  ئىدىم  ھۈسۈپ  قۇيە ئاداش ،ئۇ گىپى چوڭ ئۈزى توڭ نىمىكەن ، قايسى كۈنى  ياساپ  قويدۇم دىدى،
مەن :ھېلىقى  دوسلىرى نامەرد  گۇيلا چۇ بىرگە بىر چىقماي  ،قىزۋالىنىڭ ئىشىنى قىلغان لاۋزىلا نى   نىم قىلدىڭلا ؟ يا ھازىر ياسامدۇق  دىدىم  مەن،
ئابدۇسالام ؛بولدى  ئاداش  ئۇلا ساقچىخانىدا جازاسىنى تاتتى دىدى،
مەخمۇت : ھەباللا توپ ئۇينامدۇق  ئەتىگەندە  دىدى دە توپنى  سىنىپنىڭ بۇلۇڭ تەرەپتىكى  بىر شىرە  ئاستىدىن ئېلىپ  بىز شۇنداق  قىلىپ   ئويناپ  ،ئۇرۇشۇپ دىگەندەك   بۇ تۇلۇقسىز ئۇتۇر   مەكتەپ مۇ پۈتتى ،مەن ئۆرلەپ ئۇقىماي ئۆيدىكىلەگە ياردەملىشىدىغان بولدۇم
ئۇقۇي دىسەممۇ مەندە نە بىلىم نە كاللا  بوسۇن ،
ئۇرۇش  ئۇرۇش  دەپلا يۈرگەن  تۇسام ،ئاي يىلا ئۈتۈپ كۈنلە ئۈتۈپ ،سىڭلىم  ئۈرۈمچى  دە  ئۇقۇيدىغان بولدى ،
ئىنتاھاندىن ئەلا نەتىجىبىلەن ئۆتكەن ئىدى ،
ئۆيلەدىن  خۇشاللىق  كۈلكۈللىرى يىغا ئارلاش ئاڭلىنىپ تۇراتتى  ،
بىز  نامراتراق بەك نامراتمۇ ئەمەس ئىدۇق ،سىڭلىمنى، ئۇقۇپ باي بوسا دەپ ئويلايتى دادام  ئاناملا ،بۇكۈنلەمۇ ئۈزۈنغا بارمىدى ، مەكتەپكە  بارىدىغان ۋاقىت پۈتكەن ئىدى، ھەي بۈگۈن  سىڭلىمنى ئۇزۇتۇش  ئۈچۈن بىكەتكە  كەلدۇق ،ھەمىمىز بىرخىل  يىغا ئارلاش  ئامەت  تىلەش ئامانلىق تىلەش بىلەن ئالدىراش ئىدۇق  ئەنە ماشىنا نايىگە قاراپ  كەتتى  
نايىگە بارمىسا بۇ يىزىلادا ،پۇيۇز  بامۇ دەمسىز
ماشىنىدا ماڭ دىسە ياق پويۇزنى بىر كۈرۈپ  باققۇم چىقىپ  باققۇم  با دەپ سىڭلىم  ئۇنىمىدى ،
شۇنداق  قىلىپ ئۇنى ئۇزۇتۇپ  قويدۇق ،
ھەي سەھرا ئىچىدىن باشقا ياقلاغا ئەزەلدىن  بېرىپ  باقمىغا ن  بىر  قىز قانچە  جاپا لانى باشتىن  كەچۈرە ھە….
داۋامى  بار
ئابدۇقادىر  ئىزچى





316 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇقادىر ئىزچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 21:39:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-8 17:49:17 ئادىلجان
بەك پەزىى يىزلىپتۇ داۋامىچۇ ؟
2016-11-3 17:58:54 ئابدۇقادىر
يولۇدۇم
2016-10-27 16:25:49 ئ‍ەسلى ئ‍اكام ياخشى ئ‍اكا ئ‍ىكەن
داۋامىنى يولىمىدىڭلارما؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ