گۇناھكار قەلىپ
پوۋىست 1-قىسىم
قىزىل تۇمان
ئىنسان نۇرغۇن جەۋىرى جاپالارنى باشتىن ئۆتكۈزىدىكەن ، بەزىلەر بۇ جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئۆزىنى تاشلىۋەتسە يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىپ ياشىيالايدىكەن .ئەركىنمۇ ئۆزىنى تا بۈگۈنگە قەدەر كەچۈرەلمەي كەلدى ، ئۇ ئۆزىنى تاھىرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ، خالنۇرنىڭ بەختىگە توسقۇنلۇق قىلغاندەك ، تاھىرنى ئۆزقولى بىلەن ئۆلتۈرگەندەك ،تاھىرنىڭ دادىسى ھەمدۇللا ئاكىنىڭ ئەقىلىدىن ئادىشىپ قېلىشىغا ئەركىن سەۋەپچى بولغاندەك ھېسىياتتا بولىۋاتاتتى .
ئۇ بۈگۈنمۇ تاھىرنىڭ قەبرىسنى يوقلىدى ، ئۇنىڭ پۇشايمان ياشلىرى توختىماي تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى ، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ،بەرىبىر تاھىر تىرىلىپ قالمايدۇ دە !ئۇ ھەرقېتىم مۇشۇ قەبرىنى يوقلىغاندا ئىچىنى ئاچچىق بىر سېزىم قاپلايدۇ ، پۇشايمىنى ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ ، ئاچچىق بىر يىغا ئۇنى قىينايدۇ.ئۇ قەبرىدىن ئۇزاپ مەھەللە بېشىدىكى قېرى سۆگەتنڭ سايىسى ئاستىغا كەلدى ، ۋە ئېرىقتا ئېقىۋاتقان لاي سۇغا قارىدى ، مەيدە يانچۇقىدىن مۇخۇركا خالتىسنى ئېلىپ تاماكا يۆگىدى ۋە ئوت تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شورىدى ، ئۇنىڭ خىيالى باللىق دەۋىرگە يۈرۈپ كەتتى .
ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تاھىر بىلەن يېقىن دوسلاردىن ئىدى ، ئۇلار ھەرگىز ئايرىلمايتى ، ئۇلار بىر مەكتەپتە، بىر سىنىپتا ،بىر پارتىدا ئولتۇراتتى ، ئەركىن تاھىرغا قارىغاندا نامرات ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدە پۇلغا يارىغۇدەك ھېچنەرسە يوق دېيەرلىك ئىدى ، بىراق ئەركىننىڭ ئاتا ئانىسى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل كۆيۈمچان ئىدى ، ئۇلارمۇ تاھىرغا ئۆز ئوغلىدەكلا ئامراق ئىدى .بىراق تاھىرنىڭ دادىسى ھەمدۇللا كەنىت باشلىقى ئىدى ، ئۇ ئايالىدىن ئاجىرشىپ كەتكەن بۇلۇپ سوتتىن تاھىرنىڭ سىڭلىسىنى ئانىسىغا ،تاھىرنى دادىسىغا بۇيرۇپ بەرگەن ئىدى .تاھىرنىڭ دادىسى كۈندە ئۆيگە مەس كېلەتتى ، بەزىدە ناتونۇش ئاياللارنى باشلاپ كېلەتتى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تاھىر دادىسىغا ئۆچمەنلىكى قوزغىلاتتى ، ئۇئەركىننىڭ ئائىلىسىگە بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتى .ئەركىننىڭ ئاپىسى ھەرۋاق تاماقتا تاھىرنى ئۇنتۇپ قالمايتى ، كۈندە ئەركىننىڭ سومكىسىغا ئىككى تال نان ئېلىپ بېرىپ «بىر ناننى تاھىرغا بەر » دەپ ئەركىنگە جېكىلەشنى ئۇنتۇپ قالمايتى ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەركىن ئىچى تارلىق قىلىپ تاھىرغا ئۆچلىگى كېلەتتى .كۈندە كەچلىگى ئەركىن بىلەن تاھىر ئەركىننىڭ ئۆيىگە كېلەتتى ، ئەركىن كۈندە دېگۈدەك تاھىرنىڭ چاپىنىنى كىيۋالاتتى بۇنداق ۋاقىتتا ئەركىننىڭ ئاپىسى ئەركىننى ئەيىپلەيتى ۋە چاپاننى تاھىرغا قايتۇرۇپ بېرەتتى ، تاھىر گۈلسۈمخاننىڭ بۇ ئىشىدىن سۆيۈنسە ، ئەركىن ئاپىسىغا نەچچە كۈنگىچە باتناپ گەپمۇ قىلمايتى .بەزىدە بۇلار ئۇرۇشۇپ قالسا تاھىر ئاۋال كەچۈرۈم سورايتى ، گەرچە ىاتالىق ئەركىندە بولسىمۇ تاھىر كەچۈرۈم سورايتى ، تاھىر ئەركىنگە ھەر جەھەتتىن يول قوياتتى . تاھىر ئاي يىللاپ ئاپىسنى كۆرەلمەيتى ، سىڭلىسنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولاتتى ، بەزى كېچىسى يىغلاپ چىقاتتى .
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، خالنۇر دېگەن كىم ؟ تاھىر نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016-يىل 29-دېكابىر
| 1358 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-29 14:30:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|