قاراڭغۇ ئورمان
ۋەھىمىلىك ھىكايە 17- قىسىم
ئابدۇرېقىپ قەييۇم(metro)
بۇ قورقۇنۇچلۇق كۆلەڭگىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق .
- قانداق نەرسە ئۇ ؟
روشەنگۈلنىڭ قورىققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالغانتى، ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىشكە بىزمۇ ئامالسىز ئىدۇق. سايە ئۇياق - بۇياق سۈرۈلۇپ بىز تەرەپكە بۇرۇلدى، بىز كەينىمىزگە چىكىندۇق، ئۇنىڭ بايقى ۋەھشىلىگىدىن بىزگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا بىزمۇ بىردەمدە ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
- قاچايلى ،- دىدىم مەن ،- تىز شىمالغا قاراپ قاچايلى !
سايە سۇغا ئوخشاش يامراپ كەلمەكتە، بىز سۈرئەتنى قانچە ئاشۇرساقمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى - ئۈچ مىتىرلا ئارلىقىمىز قېلىۋاتاتتى. ھەممىسىنى ئالدىمدا ماڭغۇزۇپ، كەينىدە ئۇ نەرسىگە ئوق ئېتىپمۇ باقتىم لېكىن كار قىلىدىغاندەك ئەمەس. شۇ ئارىدا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىنمۇ ،ياكى ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈپ ھېرىپ قالغانلىقتىنمۇ رۇشەنگۈل يىقىلىپ چۈشتى، بۇ قارا سايە يىتىشىۋالاي دىگەندە بۇ كىلىشمەسلىكنىڭ يۈز بىرىشى ھەممىمىزنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى. بىز ئالاقزادىلىكتە روشەنگۈلنى يۆلىدۇق، كۆزۈم قارا كۆلەڭگىدە، ئۇ شىددەت بىلەن كەلدى، بىز ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ قاچقۇچە ئارلىقتا ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز بىر مىتىرغىمۇ يەتمىگۈدەك قالغانتى ، ئۇ كۆلەڭگىگە قاراپ ھەيرانلا قالدىم، ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس توپلاشقان سان - ساناقسىز غەلىتە كىچىك قۇڭغۇزلارنىڭ توپى ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇمشۇقىدا غەلىتە قىسقۇچلۇق ئاغزى ، ھەم يومبىلاق گەۋدىسى بىز كۆرگەن قۇڭغۇزلارغا ئوخشىمايتتى، ئۇلارنىڭ توپلۇنۇپ ھەركەت قىلىشىمۇ خۇددى بىرى باشقۇرۋاتقاندەك بىر يۆلۈنىشلىك ئىدى. بىز ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ يۈگۈرگەن پېتىمىز ئىككىنجى يانتو تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق، سايە ئىز قوغلاپ تەڭلا يىتىپ چىقتى. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، جىددىيلىشىش بىزنى ھالسىراتقان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانتولۇقتا كۈچەپ يۈگۈرگەچكە نىجاتنىڭ جاراھىتىدىن قان چىقىپ تېڭىقنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن، روشەنگۈل ماغدۇرسىزلىنىپ ھەسىرىگىنىچە دەلدەڭشىپ ماڭىدىغان ھالەتكە چۈشكەن، بىزمۇ دېمىمىزنى يىتىشتۈرەلمەي پۇت - قوللىرىمىز بوشاپ، قارا تەرگە چۆمۈلگەن ھالغا يەتكەن ئىدۇق. قۇڭغۇز توپى بىزگە قاراپ يەنىلا يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتاتتى. بىز چىشىمىزنى چىشلەپ ئۇ دەرەخكە سوقۇلۇپ، بۇ دەرەخكە يۆلۈنۈپ جاننى ئېلىپ قېچىۋاتىمىز، ئامال قانچە ئەگەردە يىقىلىپلا چۈشسەك، ۋاقىراشقىمۇ ۋاقىت يوق ئىسكىلىتقا ئايلىنىمىز دىگەن گەپ .
- تىز بولايلى ، يىتىشۋالاي دىدى ، تىز يۈگۈرەڭلار !
مەن جىددىيلەشكىنىمچە باشقىلارنى ئالدىراتتىم .
- يۈگۈرەلمەيۋاتىمەن ، پۇتۇمدا پەقەت ماغدۇر قالمىدى، پەقەت يۈگۈرەلمەيۋاتىمەن ،- دىدى روشەنگۈل ھەسىرەپ تۇرۇپ ئارانلا .
مەن يۈگۈرەپ بېرىپ روشەنگۈلنىڭ قولىدىن تارتتىم، قاھارمۇ دەرھال يەنە بىر قولىدىن تارتتى، لېكىن ھەممىمىزنىڭ مادارى ئاز قالغاچقا يەنە ئەللىك مىتىرچە يۈگۈرەپ ماڭغۇدەك ھالىمىز قالمىدى. ھېلىقى ھاشارەتلەر توپى بىر خىل سۈرئەتتە يىتىپ كەلدى، ئاچچىغىمدا ئۇلارنىڭ ئالدى ئۇچىغا ئوق ئۈزدۈم، ماڭا قاراپ بېقىپ قاھار بىلەن نىجاتمۇ ئوق ئۈزدى. ئوقلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە توپا - تۇمان قاينىتىۋاتاتتى، لېكىن بۇلارنىڭ سانى ھەددى ھېساپسىز كۆپ بولغاچقا بۇ تىرىشچانلىغىمىز سۇ ئىچىگە ئوق ئېتىپ توسۇشقا ئۇرۇنغاندەك ئەخماقانە ئىشقا ئوخشاپ قالغانتى.
بىز ئەمدى قانداقلا قىلساق بۇ جان ئالغۇچى گۆشخور ھاشارەتلەردىن قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلاتتۇق، يەنە قاچساقمۇ ئۇلار بەربىر يىتىشۋالاتتى، ئۈمۈتسىزلىك، ئەجەلنىڭ قىستاپ كىلىشى ئاچچىق بىر ئازاپقا ئايلىنىپ بوغۇزۇمغا كەپلەشتى، كۆزۈمگە ئۆلۈم كۆرىنىۋاتاتتى. ۋاقىردىم :
- يۈگۈرەيلى ، يۈگىرەلمىسەك ئۆمىلەپ بولسىمۇ بۇلاردىن جاننى ساقلايلى. بىز بۇنداقلا ئۆلسەك بولمايدۇ !
ئۇلارغا قارىدىم، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ھېسىياتتا ئىدى، ھەتتا روشەنگۈلنىڭ كۆزى لىق ياش بىلەن تولغانتى.
- ئەمىسە يەنە بىر كۈچەيلى ،ئەجىلىمىز يەتمىگەن بولسا قۇتۇلۇپ قالارمىز ،-دىدى ئۇ.
بارلىق غەيرىتىمنى توپلاپ يۈگۈرۈپ بارغان پېتى روشەنگۈلنىڭ قولىدىن تارتتىم باشقىلارمۇ غەيرەتكە كەلگەنتى. قويۇق دەرەخلەرنىڭ ئىچىدىن يول تېپىپ يەنە يۈز مىتىردەك يۈگۈرگەندە روشەنگۈل بولالماي يىقىلدى، بۇ چاغدا قېرىشقاندەك ھاشارەتلەرمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇنى يۆلەپ باقتۇق، ئۇ ھوشسىز ئىدى. مەن دەرھال كۆتۈرمەكچى بولدۇم، ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە كۆتۈرەلمىدىم، ئىككى ھەمراھىممۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنتى .
- تۇرۇڭلار ، بۇنداقلا ھالاك بولساق، يۈتكەنلەرنى كىم تاپىدۇ ؟- ئاچچىقتىن ۋاقىردىم -دە يېقىنلاپ قالغان ھاشارەتلەردىن بىر قەدەم بولسىمۇ يىراقلاشنى ئۈمۈت قىلىپ روشەنگۈلنىڭ قولتىقىدىن كۆتۈرۈپ سۆرەپ ماڭدىم. قاھار بىلەن نىجات ئىككىسى دەلدەڭشىپ كىلىپ ئۇنىڭ پۇتىدىن كۆتەردى. شۇ تەرەققىدە ئون مىتىردەك مېڭىپ بىر دەرەخ كۆتىگىگە پۇتلاشتۇق - دە ھەممىمىز يىقىلدۇق. ئەمدى ئۈزۈل - كىسىل تۈگەشكەنتۇق، بېشىمنى كۆتەردىم، ھاشارەتلەر سەلدەك يۇپۇرلۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىدىن بىز بىردەمدە ئىسكىلىتقا ئايلىنىشىمىز ئېنىق بولۇپ قالغان ئىدى. ھەمىراھلىرىمغا قارىدىم، ئۇلارمۇ قورقۇچتىن ھاشارەتلەرگە قاراپ ھالاكەتنىڭ بۇنداق تىز كىلىشىدىن ئەس ھوشىنىنى يوقاتقان ئىدى. ھاشارەتلەر شۇ سۈرئەتتە كىلىپ مېنىڭ پۇتۇمغا بىر مىتىر كەلگەندە خۇددى ئەينەك توساققا ئۇرۇلغاندەك ئۇرۇلۇپ توختاشتى ، ھەم ئالدىمىزدا توپلىشىپ قاپقارا يۇغان بىر كاللەك ھاسىل قىلىشتى .
- بۇ نىمە ئىش ،- دەۋەتتىم خوشاللىغىمدا ،- ئۇلار نىمىشقا توختاپ قالىدۇ ؟
ھەمىراھلىرىممۇ بۇ مۆجىزىدىن ھەم تېڭىرقاپ ھەم خۇشلۇقتىن كۆزلىرى پاقىراپ كەتكەنتى. ھاشارەتلەر ئالدىمىزدا بىزگە خىرىس قىلىپ يېنىمىزغا كىلىشكە خېلى تىرىشىپ باقتى، لېكىن بۇ كۆرۈنمەس توساقتىن بىر ئازمۇ ئىلگىرلىيەلمەي، تۇيۇقسىز يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتىپ كەينىگە قايتىشتى. ئۇلار كۆزدىن يۈتىشىگە ئالمان- تالمان روشەنگۈلنى ھوشىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق. يۈزىگە سوغۇق سۇ پۈركەلگەن روشەنگۈل بىر ئەندىكىپ ھوشىغا كەلدى، ھەم تىزدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سورىدى:
- بىز قەيەردە ، بايقى نەرسە قېنى؟
ئۇنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن خۇش بولۇشتۇق .
- ئۇ نەرسىلەر بىزنى قورقۇزىۋېتىپ كەتتى ،- دىدى نىجات ،- قىززىق ئىش بىزگە يېققىن كىلىپ قايتىپ كەتتى دىسە .
- ئۇنداق ئەمەس ،- دىدىم مەن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز بىر نەرسىدىن توسۇلۇپ قالغىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ،- دىققەت قىلدىڭلارمۇ ، ئۇلار شۇنداق شىددەت بىلەن كىلىپ تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قالدى، لېكىن ئۇلارنى توسىۋالغۇدەك ھېچنەرسە يوق، بۇ بەك غەلىتىلىكقۇ؟ بىز بۇ ئىشنىڭ سىرىگە يىتەلمەي بىر ئاز مۇلاھىزە قىلىشقاچ ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ ، يۈك - تاقىلىرىمىزنى رەتلەپ ئالغا قاراپ مېڭىپ كەتتۇق . ئەتراپ ئاستا - ئاستا قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غەرىق بولىۋاتاتتى، بايقى قورقۇنۇچلۇق مەخلوقلار، كۆرۈنۈشلەر ، ئاۋازلار ۋەھىمىسى ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا ئورناپ رىئاللىق بىلەن چۈش ئوتتۇرسىدا قالغاندەك ھېس قىلدۇرۋاتاتتى.
بىز تىڭىرقاش، ۋەھىمە ، قورقۇنىچ ئىچىدە كۆزىمىز ئەتىراپنى كۆرەلمىگۈدەك قاراڭغۇلۇق چۈشكەندىلا دەرەخلەر شالاڭ، يۇلتۇزلار كۆرىنىدىن بىر جايغا يىتىپ باردۇق -دە بۇ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالدۇق، يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ قەلبىمىز ئېيتقۇسىز ھاياجانغا ،نەپسىمىز سىغىپ تۇرغان بىر نەرسىدىن ئازات بولغاندەك ئەركىنلىككە ئىرىشكەندەك بولدۇق .
- ئۇف، -دىدى قاھار ،- دەۋزەختىن چىققاندەك بولدۇم، بۈگۈن كۆرگەن ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.
- بىر قاباھەتلىك چۈش ،- دىدى روشەنگۈلمۇ ئاسمانغا قاراپ ،- يۈرۈگۈم ھازىرمۇ ئىزىغا چۈشمەيۋاتىدۇ ،بۇ ئورماننى شۇنچە كىزىپمۇ يۈتكەنلەرنىڭ ئىزناسى يوق، كىم بىلىدۇ بىز جاننى تىكىپ مەخلوققا ئاللىقاچان يەم بولۇپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ يۈرەمدۇق تېخى.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم «غۇژژىدە» قىلىپ قالدى ، كۆڭلۈمدە « ياق ئۇنداق بولمىغاي ئىلاھىم » دەپ نىدا قىلدىم ،لېكىن سەزگۈيۈم ئۇنى ھايات ، سېنىڭ كىلىپ بۇ دەۋزەختىن ئېلىپ كىتىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ دىگەندەك قىلاتتى.
- ياق ئۇنداق ئەمەس ، ئۇ ھايات ،- دەۋەتتىم ئۆزەممۇ سەزمەي.
ھەممىسى ماڭا قارىدى.
- قانداق بىلىسىز؟- روشەنگۈل ئەجەپلىنىپ سورىدى، ئۇ مېنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق دىيىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانتى، قاھاردىن باشقا ئىككىسى پەرىدە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھىكايىسىنى بىلمەيتتى، مەن يىراققا سوزۇلۇپ قاپقارا كۆرۈنىۋاتقان ئورمانغا قاراپ جاۋاپ بەردىم :
- كۆڭلۈم تۇيۇۋاتىدۇ .
ئۇ ماڭا بىر ھازا قاراپ جىمىلىپ قالدى.
- قۇرساق توقلايلى !
مەن شۇنداق دىگەچ سومكىلارنى مۇۋاپىق جايغا قويۇپ يەشتىم ھەم سۇ، نان ھەم پىشۇرۇلغان تۇخۇم ، مىيۋە - چىيۋە ، يەنە باشقا تاتتىق تۈرەملەرنى ئالدىم. ئەتىراپىمىزدىكى مەخلوقلارغا ئۆزىمىزنى ئاشكارلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قول چىراقلارنى ئىشلىتىشتىن قورقۇپ، قاراڭغۇلۇقتا ئۈن - تىنسىز قۇرساق توقلۇدۇق . تاماقتىن كىيىن قاھار ئېغىز ئاچتى :
- بۈگۈن كىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزارمىزمۇ، ئۇخلاپ قالساق مەخلۇقلار كىلىپ قالسا ئۇيغۇنالمايلا ئۇلارغا يەم بولۇپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن.
ئۇنىڭ دىگىنى توغرا ئىدى، ئۇخلىمايمىز دەپ كىممۇ كىسىپ ئېيتالايدۇ، بۈگۈن ھەممىمىز بەك چارچىدۇق ، ئۇخلاپ قالساق مەخلۇقلارنى كەلمەيدۇ دىگىلى بولامدۇ ، ئۇيغانغىچە يە بېشىمىز ئۈزۈلىشى ، يە ، ئىككى پارچىغا پارچىلىشىمىز ، ياكى ئىسكىلىتقا ئايلىنىشىمىز بار گەپ . ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتىراپقا قاراپ باقتىم ،كاللامدا بەلكىم مەخلۇقلاردىن پاناھلانغۇدەك بىرەر بىخەتەر جاي بار بولىشى مۇمكىن دىگەن ئوي كەچكەنتى . ئەپسوس قاراڭغۇدا ھېچيەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، شۇنچىلىك تىمتاس ئىدى، شۇنداق كۈزىتىۋېتىپ بىزدىن يىراق بولمىغان ئورمان ئىچىدە چىراق يورۇغى كۆرەندى.
- چىراق !- دەۋەتتىم ھاياجاندا ،- دۇربۇن ، دۇربۇن قېنى؟
بىز تىزدىن دۇربۇننى تېپىپ يورۇقلۇققا توغۇرلىدۇق، كۆرگىنىمىز ھەقىقەتەن چىراق ئىدى، چىراق بولغاندىمۇ قول چىراق، ياكى باشقا نەرسىنىڭ چىرىغى بولماي ئالاھىدە يورۇق ، دەرىزىدىن كۆرىنىۋاتقان ئۆينىڭ چىرىغى ئىدى.
- ئۆي باركەن ، توكمۇ باركەن، قانداق ئىش بۇ، بۇ دەۋزەختە ، چەت چۆل - جەزىرىدىكى غەلىتە ئورمانلىقتا ئۆي ، ھەم توك چىراق باركىنا؟ - ھەيرانلىقتا، ھاياجاندا سۆزلەۋاتاتتىم، باشقىلار دۇربۇنغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرىشاتتى .
- راس ئۆيمىكەن ؟- سورىدى قاھار - ئەكىلە مەنمۇ كۆرۈپ باقاي، جۆيلىمەيۋاتقانسەن؟
ئۇلار بىر قېتىمدىن كۆرۈپ چىقىپ سورىدى :
- قانداق قىلىمىز؟
- بارىمىز ،- دىدىم مەن خوشاللىقتا ،- بەلكىم پەرىدەلەرنى تاپقان بولىشىمىز مۇمكىن …
… داۋامى بار…
4347 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-11 21:16:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-7-29 15:18:42 | قەلبىم |
ئەسەر راستىنلا بەك ياخشىكەن بەك ياقتۇردۇم ئەمما 19قىسمى قاچان چىقا؟ |
2016-2-17 14:39:28 | مەردان |
بەك پەيزى ئەسەركەن |
2016-1-12 21:34:14 | nurmamat |
karaggu urman 18-kismi |
2016-1-12 20:05:53 | نازاكەت |
بۇ ئەسەر بەكمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ خۇددى قورقۇنۇشلۇق كىنولاردەكلا ئاپتورنىڭ قەلىمى ھارمىسۇن |
2016-1-12 17:29:07 | murat |
قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايۇن ھەقىقەتەن ئسىل چىقىپتىكەن ھېكايىنى ئوقۇغانسرى ئادەم ئوزىنى شۇ مەيداندا باردەكلا ھېس قىلدۇرغان ئىدى ،قاراڭغۇ ئورمانمۇ ياخشى چىقىپتۇ ئاخىرنىمۇ تىزراق يوللىغان بولسىڭىز . مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت قەلمىىڭىز توختاپ قالمىسۇن تىنىڭىز سالامەتبولسۇن رەخمەتسىزگە. |
2016-1-12 14:16:54 | ناۋا |
18-قىسىم قاچان چىقىدۇ؟ بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىم |
2016-1-12 12:49:31 | nureman |
vyuymdeke,jassat,degan,ekaya,kapan,yezelep,qekedu, |
2016-1-12 10:35:26 | يۈسۈپجان |
بۇ ئەسەرنى شۇنداق بىر ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇۋاتىمەن ، مەزمۇنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مۇمكىن بولسا داۋامىنى تىزراق كۆرۈشكە تەقەززا بولىۋاتىمەن . |
2016-1-12 10:09:49 | patgul |
tizrak yolang,bak kizkip kaldim ahiriga |
2016-1-12 9:44:38 | شەبنەم |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، |
2016-1-12 9:00:58 | ئابدۇسالام |
ئاخىرنى تىزراق يوللاڭلار ئككى كۈندە بىر قىسىم يوللاۋاتىىسىلەر بىر كۈندە ئككى قىسىم يوللاڭلار |
2016-1-12 8:17:20 | rizwangul |
bak yahxikan dawamini tizrak yollicagla |
2016-1-12 7:34:09 | ئادىل |
ئاخىرىنى قاچان يازسىز |
2016-1-12 4:22:14 | arkizat |
tezrak yizing kirindixim bak,takazza bolduk |
2016-1-12 4:07:52 | halida |
bak uzunda bir yulawatisilar adamni takaza kilip ikki kisimdin tiz tiz yulisanglar hux bulgan bulatuk rahma |
2016-1-12 1:20:51 | پىنھان |
بۇ ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ بەك قىززىقىپ ئوقۇدۇم داۋامى تىزراق چىقسا بۇلاتتى دىگەن ئۈمۈتتىمەن |
2016-1-12 1:17:59 | ناۋا |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ كەينىنى ئوقۇشقا بەك ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن |
2016-1-12 1:17:58 | ناۋا |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ كەينىنى ئوقۇشقا بەك ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن |
2016-1-12 0:52:56 | tanha ~148 |
بەك پەيزى يىزۋاتدۇ ، ئىلھامڭىز تۇختاپ قالمسۇن ، ئەپسۇس ،بەك ئاستا چىقۋاتدۇ، مەسلە نەدە ؟ كۈندە بىر قىسىم داۋاملاسا بۇلاتتى ئەسلى |
2016-1-12 0:52:55 | tanha ~148 |
بەك پەيزى يىزۋاتدۇ ، ئىلھامڭىز تۇختاپ قالمسۇن ، ئەپسۇس ،بەك ئاستا چىقۋاتدۇ، مەسلە نەدە ؟ كۈندە بىر قىسىم داۋاملاسا بۇلاتتى ئەسلى |
2016-1-12 0:52:54 | tanha ~148 |
بەك پەيزى يىزۋاتدۇ ، ئىلھامڭىز تۇختاپ قالمسۇن ، ئەپسۇس ،بەك ئاستا چىقۋاتدۇ، مەسلە نەدە ؟ كۈندە بىر قىسىم داۋاملاسا بۇلاتتى ئەسلى |
2016-1-12 0:40:53 | mahira |
man harbir asarni huddi kinoda koriwatkandakla okuwatiman.hakikatan yahxi yeziliptu,harmigaysiz , |
2016-1-12 0:27:09 | دىلكەش |
ئاكا مومكىن بولسا داۋامىنى تىزراق يازغايسىز ئىككى كۈندە بىر يازسىڭىز بەك ساقلاپ كىتىدىكەنمىز |
2016-1-12 0:09:45 | ainur |
Bak yahxi yezliptu , man Bak yakturdum ☺kaini eixtigrak qiksa bolatti |
2016-1-11 23:59:13 | nuriya |
yana tugap katti kaqan qikar ahiri rahmat sizga mitoro aka kolngzga dart barmisun |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|