قاراڭغۇ ئورمان 27- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 27- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

قىسقىغىنە قۇرساق توقلاشتىن كىيىن ھەركەتكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق، ئوقلارنى قوراللارغا لىقلاپ بېسىپ ، يانچۇقلارغا زاپاس سالدۇق ، ئىسكىلىتلەرنى كۆيدۈرۈشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن قارا كىيىملىك بىزگە سەرەڭگىچە چوڭلۇقتىكى بىر نەرسىنى بەرگەچ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئۈسكىنە بىلەن پۈتۈن چىركاۋنى كۆيدۈرۋېتىش مۇمكىن ئىكەن . ئۇ يەنە ئالاقىلىشىش ، ھەم بىر - بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن ھەر بىرىمىزنىڭ بىلىكىگە سائەتتەك بىر خىل ئاپراتنى تاقاپ قويدى، ھەم ئۇنى تەڭشەپ توغۇرلىدى.

 شۇنداق قىلىپ پۇختا تەييارلىق ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھەركەتكە ئاتلاندۇق، پەرىدەلەر ئەنسىرەش بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى . نىجاتلارنىڭ گۇرۇپپىسى غەرىپ تەرەپكە، بىز شەرىق تەرەپكە بۆلۈندۇق ھەمدە قولىمىزدىكى ئاپىراتنىڭ يول باشلاش سېستىمىسى ئارقىلىق ئىلگىرلەپ مۇداپىئە توسىقى يېنىغا بارغاندا نىجاتلارنىڭ ھەركەت باشلىشىنى كۈتۈپ مۈكۈندۇق.

ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك قىلاتتى، چۈنكى نىجاتلار ئورماننىڭ نېرقى چېتىدە ھەركەت قوزغىمىسا ، بىزنىڭ ھەركىتىمىز چېنىپلا قالسا مەخلۇقلارنىڭ قورشاۋىغا قىسقا ۋاقىتتا چۈشۈپ قېلىشىمىز چوقۇم ئىدى. بىز توغىرلىۋالغان ۋاقىتتىن قىرىق مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئاپىراتتىن نىجاتنىڭ باش سۈرىتى كۆرەندى .

- ئەركىن ، ئەركىن بىز بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىتىپ كەلدۇق، ئەمدى ھەركەتنى باشلايمىز !!!

مەن جاۋاپ قايتۇردۇم :

- بىز بەلگىلەنگەن جايدا ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارنى كۈتىۋاتىمىز !!!

 ھەممىمىز ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى كۈزۈتۈپ ئىكرانغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق . ئۇلار مۇداپىئە توسىقىدىن ئۆتۈپ ، ئاسمانغا قارىتىپ نەچچە پاي ئوق ئۈزدى ھەمدە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ پاراڭلاشقاچ ۋاقىرىشىپ قويدى. بۇ چاغدا قول ئىكرانىدا پۈتۈن ئورماننىڭ سېخىمىسى كۆرەندى، بۇ كۆرۈنىشنى ئۇچار تەخسە تەرەپتىن ئەۋەتكەندەك قىلاتتى ، ئورمان ئىچىدە مەخلوقلار بەزىلىرى بىر - بىرىنى ئولجا قىلىپ يىيىشۋاتقان ، بەزىلىرى ئۇرۇشۋاتقان، بەزىلىرى ئۇخلاۋاتقان ، بەزىلىرى ئولجا كۈتىۋاتقان ھالەتلەردە بولۇپ، ئۇلار نىجاتلار بەرگەن شەپىدىن چۆچۈشۈپ دىقىتتىنى شۇ تەرەپكە تىكىشتى . ئۇلار دىققەت قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئورمان ئىچىنى يارغۇدەك چىقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇلار خۇددى بىرى بۇيرۇق بەرگەندەك پۈتۈن ھەركىتىنى توختۇتۇپ بىر يۆلۈنىشكە ھەم شۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۇپۇرلۇپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى .

- ياخشى ،- دىدىم مەن خۇش بولۇپ ،- ئۇلار توزاققا دەسسىدى .

- ھەركەت قىلامدۇق ؟- ھامۇتئاخۇن ئاكا ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى .

 - ياق تېخى بالدۇر ،- دىدىم مەن ئۇنى گەپ قىلماسلىققا بەلگە بەرگەچ .

 ئىكراندا مەخلۇقلار يۈگۈرۈشۈپ تەتقىقات بازىسىنىڭ يېنىدىكى ئوچۇقچىلىققا چىققاندا ئاق كىيىملىك ئايال جىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەڭ چوڭ مەخلۇقنىڭ بوينىدا ئولتۇرغان پېتى قوشۇنىنىڭ توپلىنىشىنى كۈتىۋاتاتتى، ھەرخىل ، ھەر شەكىلدىكى غەلىتە يىرتقۇچلار ، غەلىتە ئۆمۈلگۈچى، يىلانغا ئوخشايدىغان، مايمۇنغا ئوخشايدىغان ،بۆرە سىياق ھەممىسى توپلاشقاندىن كىيىن ئۇلار نىجاتلار تەرەپكە قاراپ ئاتلاندى.

 - نىجات دىققەت قىلىڭلار ! مەخلۇقلار سىلەر تەرەپكە ماڭدى ،- دىدىم ئىكىرانغا قاراپ، ئىكراندا نىجاتنىڭ سۈرىتى كۆرەندى .

- خاتىرجەم بولۇڭلار ، بىزمۇ دىققەت قىلۋاتىمىز !

- روشەنگۈلگە دىققەت قىلىڭلار ، ھەممىڭلار ئۆزەڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار !

 كۆڭلۈمدىكى بىر خىل ئەنسىزلىك مېنى دەككە - دۈككىگە سېلىۋاتاتتى ، سەۋەبى بەلكىم مەخلوقلارنىڭ كۆپلىگى ، قورقۇنۇچلۇق ، يىرتقۇچلىغى بولسا كىرەك نەچچە دەپ بولغان سۆزۈمنى يەنە تەكرارلىدىم .

- مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ !- روشەنگۈلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،- سىزمۇ دىققەت قىلىڭ !

مەخلوقلار بىردەمدە نىجاتلارنىڭ يېنىغا يىتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىدى ، ھەتتا ياي شەكىلدە قورشاپمۇ ئۈلگۈردى.

 - ماڭايلى !- دىدىم ھەمىرالىرىمغا شېۋىرلاپ بۇيرۇق بەرگەچ ئورنىمدىن تۇرۇپ ،- قىلچە شەپە چىقارمايلى !

بۇ چاغدا قارا كىيىملىك چەۋەنداز قورالىدىن ئوق ئۈزدى، نىجاتلارمۇ تەڭلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاپتۇماتلىرىنى سايرىتىشقا باشلىدى. بىز مېڭىشىمىزغا بىلىكىمىزدىكى ئاپىرات چىركاۋ يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەلگە بەردى، بىز شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدۇق.  بىز ئۈچۈن ۋاقىت ھەقىقەتەن قىس ئىدى، ئەگەردە سەللا بىخەستىلىك قىلساق نىجاتلار مەخلۇقلار بىلەن تىركىشىپ بولالمايتتى -دە يا چىكىنەتتى، ياكى قۇربانلىق بىرەتتى.  بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ھەركىتىمىزمۇ ئاشكارلىنىپ بىزمۇ خەۋەپ ئىچىدە قېلىشىمىز ھەتتا ئۇلارغا ئوزۇق بولۇپ كىتىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى. بىز شۇنداق تىز ئىلگىرلەۋاتقاندا ھامۇتئاخۇن ئاكا دەرەخ شېخىغا مۈدۈرلۈپ يىقىلىپ چۈشتى - دە نەچچە يۇمىلاندى ، بىز دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇق، بۇ چاغدا ئىكراندا پەرىدەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

 - دىققەت قىلىڭلار ، ئۇلار سىزىپ قالمىسۇن ! مەن ئىكرانغا قارىدىم، ئىكراندا ئايال جىن جىمجىت ھالدا ئەتراپقا دىققەت قىلۋاتاتتى ، ئۇنىڭ چىرايلىرىدىن بىرەر شەپىنى سىزىپ قالغاندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى. بىز شەپىمىزنى سىزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ دېمىمىزنى قىسىپ مىدىرلماي تۇردۇق، كۆزىمىز بولسا ئىكراندا ئايال جىندا ئىدى، نىجاتلار ئۇنىڭ سىزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىمىكىن ھۇجۇمنى ئۇنىڭغا قارىتىپ دىققىتىنى چاچتى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە يۈگەردۇق، چىركاۋغا ئىگىزدىن پەسكە قاراپ يۈگۈرگەچكە سەللا دىققەت قىلمىساق موللاق ئېتىپ يىقىلىپ چۈشىشىمىز ئېنىق ئىدى. شۇڭا يۈگۈرىشىمىز ئىتىكلەپ كەتسە ئۆزىمىزنى دەرەخلەرگە سوقۇپ دىگۈدەك ئاستىلتاتتۇق. شۇ تەرەققىدە ئونبەش مىنۇت يۈگۈرگەندىن كىيىن چىركاۋنىڭ كەينى تەرپىگىلا كىلىپ قالدۇق. كۆڭلۈم جەڭ مەيدانىدىلا بولغاچقا توختاپلا ئىكرانغا قارىدىم. بۇ چاغدا نىجاتلار مەخلۇقلاردىن بەشنى ئۆلتۈرۈپ بەرداشلىق بىرەلمەي مۇداپىئە توسىقىنىڭ ئىچىگە كىرۋالغان بولۇپ، مەخلۇقلار غەزەپتە ھۆكۈرەپ ، چىرقىراپ توساقنى بۇزۇش ئۈچۈن مۇشلاپ تاتىلاۋاتاتتى .

- تىز ئىچىگە كىرەيلى ،- دىدىم ھەمراھلىرىمنى ئالدىرتىپ.

 چىركاۋنىڭ ئەتراپىغا پاكار تاش تام بىلەن ھويلا پاسىلى چىقارغان بولۇپ ، ھويلا ئىچى قاپ - قاراڭغۇ بولۇپ ، ئەتىراپقا تىكىلگەن دەل - دەرەخلەر پۈتۈنلەي قۇرۇپ قاخشال بولغان، ئۇلارنىڭ ئۇچىغىچە بىزمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل يېپىنچە ئۆسۈملۈك قورشاپ قاپلاپ كەتكەن، ھەتتا ئۇ ئۆسۈملۈك بىر دەرەختىن ، يەنە بىر دەرەخكە تۇتۇشۇپ قارىماققىلا يېشىل رەخىت بىلەن ئەتراپنى پۈركىۋەتكەندەك كۆرىنەتتى، بۇ مەنزىرىدىن بىر خىل سۈر ، بىر خىل ۋەھىمە ئادەمنىڭ يۈرىگىنى جىغىلدىداتتى، بىز ئوت - چۆپلەر ئىچىدىن ئۆمۈلەپ ، تارتىشىپ دىگۈدەك ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق، كىتىۋېتىپ ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقلارنى چارلايتتى، قاراڭغۇلۇقلارغا قانداقتۇ مەخلۇقلار يۆشۈرنۇپ تۇرغاندەك ، ھۆكىرەپلا چىقىپ بىزنى چىشلەيدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ كۆڭلىمىزگە قورقۇنىچ سالاتتى .

بىز شۇ تەرەققىدە بىر مۇنچە ھەپلىشىپ چىركاۋنىڭ يۇغان قوش قاناتلىق ئىشىكىگە كەلدۇق ھەمدە ئۇزۇندىن يېپىق تۇرغان ئىشىك قانىتىنى كۈچەپ ئاچتۇق ، ئىشىك ئېچىلىشىغا قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان چىركاۋ ئىچى يورىشىغا « پۇرر» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئاللاقانداقتۇ ئۇچار قانات بىر نەرسىلەر يورۇقلىقتىن قېچىپ ئۇدۇل كەلگەن جايلارغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى - دە ناھايتى تىزلىك بىلەن يەنە قاراڭغۇ جايلارغا كىرىپ غايىپ بولدى. چىركاۋنىڭ ئىچىنى ئۇچار تەخسىدە كۆرگەچكە بىزگە ئانچە ناتونۇش بىلىنمىدى.  شۇڭا ئىكراننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىزلا يەر ئاستى ئۈيىگە چۈشتۇق، يەر ئاستى ئۈيى قاراڭغۇ بولۇپ ، بىر خىل نەم ، قاڭسىق پۇراق دىماققا ئۇرۇلاتتى .

- بەك قاراڭغۇغۇ ، قول چىراق ئالماپتۇق ،- دىدى قاھار پەس ئاۋازدا ،- پۇتۇم ئارسىدا بىر نەرسىلەر ماڭغاندەكلا قىلۋاتىدۇ .

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە قولىمىزدىكى سائەتتەك ئاپراتنىڭ ئىكرانى ئۆزگىرەپ قول چىراقتەك يورۇقلۇق چىقاردى، بۇ يورۇقلۇق يەر ئاستى ئۆيىنى كۈندۈزدەك يورىتىۋەتتى .

- يىلان !- جايىدىن سەكرىۋەتتى ھامۇتئاخۇن ئاكا ،- يىلان ، نىمە كۆپ يىلان بۇ ، يىلان ئۇۋۇسىغا كىرىپتۇق .

 مەن ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئەتتىم ھەم ئاۋاز چىقارماسلىقنى ئەسكەرتتىم -دە ئاندىن ئاستا يەرگە قارىدىم. يەر يۈزى مىڭلىغان يىلانلار بىلەن چىپپىدە توشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىگى بىز بىلىدىغان يىلانلاردىن پەرىقلەنمەيتتى، بىزنىڭ پەيدا بولىشىمىز ئۇلارنى چۆچۈتكەن بولسا كىرەك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك لۆمۈلدىشىپ بىز تەرەپكە قاراپ باشلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈشۈپ سۈرىلىشكە باشلىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ زەھەرلىك ساھىپخانلارغا ئۇچۇرشىپ قېلىش بىزنى تەمتىرتىپ قويدى، كەينىمىزگە چىكىنمەكچى بولدۇق لېكىن كەينىمىزمۇ بىردەمدە يىلانغا توشقان ئىدى. بۇنىڭغا قاراپ بۇ جايغا كىرگىچە يىلانلارنى دەسسەپ سالمىغىنىمىزغا ھەيران قالدىم. قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇلار ھەدەپ قىستاپ كەلمەكتە ئىدى، قولىمىزدا بولسا ئاپتۇمات ، يە بۇلارغا ئوق چىقارغىلى بولمىسا ؟ بىز قورشاپ كىلىۋاتقان يىلانلاردىن قورقۇپ چىكىنگەچ ئوتتۇرغا توپلىنىپ قالدۇق ، يىلانلار بولسا ئېغىزىنى يۇغان ئاچقىنىچە بېشىنى ھە دەپ سىلكەپ « كىش … كىش» ئاۋاز چىقارغىنىچە قەدەممۇ - قەدەم قىستاپ كەلمەكتە ئىدى . چىكىنىشكە يول قالمىغاندا ئوق ئېتىشقا تەييارلاندۇق، بۇ بىر ئەخمىقانە تاللاش بولسىمۇ ئوق چىقارمىساق يىلانلارنىڭ ئېغىزىدا زەھەرلىنىپ ھالاك بولىشىم مۇقۇملىشىپ قالغانتى ، ئوق چىقارساق ئايال جىن سىزىپ پەيدا بولسىچۇ ؟ مەخلوقلار بۇ تەرەپكە يۇپۇرلۇپ كەلسىچۇ؟ شۇڭا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا يەنە بولمايتتى . يىلانلاردىن بىرى ئېتىلدى ، مەن چاققانلىق بىلەن ئاپتۇماتنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرۇپلا ئۇچۇرۋەتتىم، يەنە ئېتىلدى يەنە ئۇردۇم، يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىلدى قاھار ئۇرۇپ ئۇچۇرۋەتتى . يەنە بىر تەرەپتە ھامۇتئاخۇن ئاكىنىڭ قولىدىكى بىز قوغدىنىشقا بەرگەن توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇۋاتقىنى كۆزۈمگە چېلىقتى ، ئۇ توك كالتىگىنىڭ توكنى ئاچمىغان ئىدى. مەن ھۇجۇم قىلغان يىلانلارنى ئۇرغاچ ئۇنىڭدىن توك كالتىگنى ئالدىم - دە توكنى ئېچىپلا يىلانلارغا يېقىن ئېلىپ كىلىپ كونۇپكىسىنى باستىم ، يىلانلار ئۇنىڭ پاراسلاپ چىقىۋاتقان توك ئېقىمىدىن زەربىگە ئۇچۇراپ توغلانغىنىچە قېچىشقا باشلىدى . ئامالسىز قالغاندا بۇ ئامالنىڭ ئەسقاتقىنىدىن خۇش بولدۇق ھەم شۇ ئۇسۇلدا بۇلۇڭ تەرەپكە قويۇلغان ئىشكاپنى سۈرۈپ يەر ئاستى ئىشىكىنى تاپتۇق .

 - تىز بولايلى ،- دەپ بىزنى ئالدىراتتى ھامۇتئاخۇن ئاكا ھاياجانلىنىپ ،- ئاخىرى تاپتۇق.

 ئۇنىڭ ھاياجانلىنىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. بىز چۈشۈشكە تەمشەلگۈچە ئۇ ئالدىراپلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى ، بىزمۇ ئىز بېسىپ چۈشتۇق ، ئەتراپىمىزدا چاشقانلار ھامۇتئاخۇن ئاكىدەك ئەتراپتا تىمىسقىلاپ يۈرىشەتتى . قاھار بىلەن ئىككىيلەن سولاقخانىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق،  سولاقخانىدا پۇت - قوللىرى كىشەنلەنگەن ئىسكىلىتلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكىنى بىر قاراشقىلا چىقىپ تۇراتتى .

- ھا ھا ھا … مانا ئالتۇن دىگەن ،مانا بايلىق دىگەن … ھا ھا ھا…

 تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ھامۇتئاخۇن ئاكىغا قارىدۇق ، ئۇ يىغاچ ساندۇقلارنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئالتۇنلارنى كۆتۈرگىنىچە ساراڭلاردەك كۈلۈپ سەكىرەۋاتاتتى .

… ئاخىرى بار…





3134 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-23 22:19:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-27 22:49:29 ناز
ت
2016-2-27 21:43:42 ئ‍ۈلپەت
ئاخىرى تىزراق چىقسا بۇلاتتى
2016-2-27 12:34:14 k....sir
karag hu ormannig ahiri kaqan qikidu tizrak yollisagla bolatti
2016-2-27 0:27:17 gulnur
ahirini yollimamsilar amdi? tizrak bolsaglarqu
2016-2-26 14:16:10 xugkar
bugun wahti kaldi amdi yollarsila dawamini
2016-2-26 0:12:43 زۇلقەمەر
مەن بۇ تېمىنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلۋاتىمەن ،ئاخىرى تىزراق يېزىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
2016-2-25 13:40:00 يالقۇن
ئ‍اخىرنى تىزرەك يوللىساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
2016-2-25 0:21:57 مېھمان
ئاخىرىغا تەشنا بىز!
2016-2-24 17:38:14 پەزىلىيە
بەك ياقشى يېزىلىپتۇ داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز بولاتتى.
2016-2-24 13:54:48 arafat
man buasarni baxtin baxlap tuloh ukup kiliwatiman buasar adamni uziga bakla kizikturdikan amal bulsa yazhuqinig buasar tukkanda sinariyalaxturup kop kisimlih kino kip yazsa biznig muxu kinosahasidiki buxluhni tulduedu dap uylayman ham kururmanlanig yahturxiha erixidu yazhuqinig ixliriha uguxluh tiniga salamatlik tilayman kollirgizdin gol unsun
2016-2-24 0:49:48 kiqik tayer
assalamu alaikum metro aka yana buhikayining jidde yerega kipla tugaydu kandah bupkatte aka uzun uzun kip yingga
2016-2-24 0:00:42 yaprah
ahirlixay dedihu dayma ....wakalikni nahayiti yahxi dawam laxtur watisiz,夺宝奇兵 degan kinoni tapsili koruptikan siz ha...asirigiz bak yahxi qikiwatidu...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ