شېئىر توغرىسىدا چۈشەنچە

« شېئىر توغرىسىدا چۈشەنچە »

… رەتلەپ تەييارلىغۇچى دىل ئ‍ىسمايىل .

ئ‍ەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئ‍وقۇرمەنلەر !

ئ‍ەڭ جۇلالىق شېئىرى ئ‍ەسەرلەرنى يېزىش ئ‍ۈچۈن توختىماي ئ‍ىزدىنىۋاتىقان، ئ‍ىزدەنگۈچى، شائ‍ىر ۋە شائ‍ىرەلەر ھارمىغايسىزلەر . مەن بىزنىڭ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ەدىبىياتىمىزدىكى يازغۇچى شائ‍ىرلىرىمىزنىڭ،كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئ‍ەسەرلىرىمىزدىكى بەزىبىر كەمتۈكلۈك ، شۇنداقلا قايناق ھېسىياتلانى تولۇق ئ‍ىپادىلىيەلمەيۋاتىقان ، قەلىمى ئ‍اجىزلىق قىلىۋاتىقان ئ‍وت يۈرەكلىرىمگە سۇندۇم ، پايدىلىنىپ قالغايسلەر …

············································

«شېئىر توغرىسىدا چۈشەنچە » ۋە ئ‍اساسى بىلىملەر .

ئ‍الدى بىلەن شېئىر دىگەن ئ‍ۇقۇمغا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئ‍ۆتسەم .

« شېئىر » كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ھېس تۇيغۇنى بەدىئ‍ي ئ‍وبراز ئ‍ارقىلىق ئ‍ىپادىلەش سەنئتى ياكى ئ‍وبرازلىق تىل ئىجادىيتى دىمەكتۇر . تار مەنىدىن ئ‍ېيتقاندا ، « شېئىر » بىرەر ئ‍وبرازلىق پىكىرنى رىتىم،ۋەزىن ۋە قاپىيە ئ‍ارقىلىق ئ‍ىپادىلەش سەنئ‍تى دېگەنلىك بولىدۇ. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئ‍ېيتقاندا ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باي تەسەۋۇر ، لىرىك ھېسىيات ،ۋەزنىلىك ،قاپىيىلىك،رېتىملىق تىل ياردىمى بىلەن ئ‍ەڭ ئىخچام ،ئ‍ەڭ مەركەزلىك،ئ‍ەڭ تەسىرلىك ئ‍ەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر خىل ئەدەبىي شەكىلدۇر .

شېئىردا ئىككى ئ‍امىل بار . بىرى ئ‍وبرازلىق پىكىر ، تولۇپ تاشقان ھېس تۇيغۇ . يەنە بىرى ،رىتىم ۋەزىن ،قاپىيەدۇر . مانا بولۇلار شېئىرنىڭ جېنىدۇر .

شېئىرنىڭ ئ‍اساسى خۇسۇسىيەتلىرى بولسا -

1-ئ‍ۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ۋە ھېس تۇيغۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ئ‍وموملاشتۇرۇپۋە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئ‍ەتتۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئ‍ىگە.

2- شېئىردا ھېسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك ،تەسەۋۇر تېخىمۇ مول بولىدۇ . ھېسىيات ۋە تەسەۋۇر شېئىرنىڭ بىر جۈپ قانىتى بولسا ، شېئىر شۇ قانات ئ‍ارقىلىق ئ‍ەركىن پەرۋاز قىلىدۇ .

3- شېئىر بولسا -يارقىن ،جانلىق ۋە نەپىس شېئىرىي ئ‍وبرازغا ئ‍ىگە بولىدۇ .

4- شېئىر -ئ‍ىخچام دەل ۋە ئ‍ېنىق تىلغا ، شۇنداقلا مول ئ‍ىپادىلەش كۈچىگە ئىگە .شېئىرنىڭ مەزمۇنى رىئ‍ال ھاياتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئ‍وموملاشتۇرىشى بولغاچقا ، ئ‍ۇنىڭ تىلى دەل ۋە ئىخچام بولۇشى،ھېسىياتنى ئ‍ىپادىلەشتە دەل جايىغا كىلىشى ، ئ‍ېنىق بولىشى ئ‍وشۇق ياكى كەم بولماسلىقنى ئ‍ىپادىلىش كۈچىگە باي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

5- شېئىر -ئ‍اھاڭدارلىققا ۋە مۇزىكىلىققا ئىگە .

مۇزىكىلىق دىگەندە ،بىرىنچىدىن ، شېئىردىكى رېتىم كۆزدە تۇتۇلسا ، ئ‍ىككىنچىدىن ،ئ‍ۇنىڭدىكى قاپىيە ۋە ۋەزىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ .

رېتىم دىگەندە -ھەركەتنىڭ قائ‍ىدىلىك ساداسى ، ھادىسە ۋە تاۋۇشلارنىڭ تەرتىپلىك تەكرارلىنىشىدۇر .

قاپىيە دىگەندە -ھەربىر مېسىرالارنىڭ ئ‍اخىردىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئ‍اھاڭداش بولۇپ كېلىشىدۇر .

قاپىيەنىڭ ئ‍ۈچ خىل رولى بار . بىرىنچى رولى بولسا ، شېئىرى تىلنى تەسىرلىك ،جاراڭلىق، مۇزىكىلىق قىلىپ ، شېئىرى رېتىمنى كۈچەيتىدۇ . ئىككىنچى رولى بولسا ،يادىلاشقا دېكلىماتسىيە قىلىشقا ئ‍اسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ . ئ‍ۈچىنچى رولى بولسا ، شېئىردىكى ھېس- تۇيغۇلارنى تەسىرلىك ئ‍ىپادىلەپ بېرىش ئ‍ىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ .

« شېئىر »لار ، ئ‍ۆزىنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتىرىگە ئاساسەن لىرىك شېئىر ۋە ئ‍ىپىك شېئىردىن ئ‍ىبارەت ئ‍ىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ . ئ‍ىپادىلەش شەكىلى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەزنىلىك شېئىر ، نەسىرىي شېئىر ، چاچما شېئىر قاتارلىق ئ‍ۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .

لىرىك شېئىر - شېئىردا ئىپادىلەنگەن ھېسىيات ۋە پىكىرلەرنىڭ مەزمۇنى ، خارەكتىرىگە قاراپ ، « قەسىدە » يەنى مەدھىيە ، « مەرسىيە » يەنى ئ‍ىلگىيە ، مۇھەببەت لىرىكىللىرى ۋە ھەجىۋىي شېئىر ، سىياسىي لىرىكا ، ئ‍ىنتىم لىرىكا ، تەبىئەت مەنزىرە ( پىزاژ ) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ .

قەسىدە - مەدھىيەلەش ۋە ماختاش خاراكتىردىكى بىر خىل شەكىل .

مەرسىيە - ئاساسەن قايغۇ - ھەسىرەتنى ئ‍ىپادىلەيدىغان بىر خىل شېئىرى شەكىل .

مۇھاببەت لىرىكىسى - كىشىلەرنىڭ مۇھاببەت قارشى ۋە ھېس-تۇيغۇللىرىنى ئ‍ۆزىگە تىما قىلىپ يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ . ئ‍ۇ ئ‍وقۇرمەندە ئ‍ىستىتىك تۇيغۇنى قوزغىتالايدۇ .

ھەجىۋىي شېئىر - ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى سەلىبىي ھادىسىلەرنى پاش قىلىش ، تەنقىد قىلىش ،مەسخىرە قىلىش ئ‍اساسىدا يېزىلىدۇ . ئ‍ۇ « ساتىرا » دەپمۇ ئ‍اتىلىدۇ .

سىياسى لىرىكا - ئ‍اپتۇرنىڭ جەمىيەت ئېھتىياجىغا ئ‍ۇيغۇنلاشقان ھالدا شور سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى تېما قىلىپ ، ئ‍ۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ياكى گوروھنىڭ مەنپەتىنى ئ‍اساس قىلىپ ، ئ‍ۆز كۆز قارىشىنى شېئىرىي شەكىل ئ‍ارقىلىق ئ‍ىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ .

ئ‍ىنتىم لىرىكا - شائ‍ىرنىڭ شەخسى كەچۈرمىشلىرىگە باغلىق بولغان تۈرلۈك ھېس تۇيغۇلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ .

تەبىئەت لىرىكىسى - شائ‍ىرنىڭ تەبىئەتتىن ئ‍الغان ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ .

( ئ‍ىپىك شېئىرلار ) ھەر خىل كونكىرتى ۋەقە ياكى شەخسلەر ئ‍اساسى ئ‍وبىكىتىپ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن شېئىر لارنى كۆرسىتىدۇ.

ئ‍ىپىك شېئىرلارنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئ‍وخشىمىغان شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن . بۇلاردىن مەسىلەن . قەھرىمانلار ھەققىدىكى قوشاق ، قىسسە «ئ‍ىپوس» ، داستان « پوئ‍ېما » ، باللادا ، شېئىرىي داراممىلار ، مەسەللەر ۋە ئ‍ېيتىشىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .

ۋەزنىلىك شېئىرلار ۋە ئ‍ۇلارنىڭ تۈرلىرى - بۇنداق شېئىرلار ئ‍ادەتتە مەلۇم تەرتىپ ۋە قائ‍ىدىگە ئاساسەن يېزىلغان شېئىرلاردۇر .

ئادەتتە ۋەزنىلىك شېئىرلار ۋەزىن ئىتىبارى بىلەن ئ‍ارزۇ ۋەزنىلىك شېئىر ۋە بارماق ۋەزنىلىك شېئىر دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .

ۋەزنىلىك شېئىرلار بولسا تەڭ بوغۇملۇق ۋە ئارلاش بوغۇملۇق دەپ ئ‍ىككىگە بۆلىنىدۇ .

تەڭ بوغۇملۇق شېئىر لار - ھەر قايسى مىسرالاردىكى بوغۇملار سانى تەڭ بولغان شېئىر لاردۇر .

مەسىلەن :

ئ‍ىگىلىدىكەن ئ‍الما شاخلىرى ،

مېۋىسى قانچە ئ‍وخشىغانسېرى .

كەمتەرلىك بىلەن ئ‍ادەم چىرايلىق ، سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى .

(ت . ئ‍ېلىيوف )

ئارلاش بوغۇملۇق شېئىر لار -ئ‍ۇزۇن ھەم قىسقا بوغۇملار ئ‍ارلىشىپ كەلگەن ، يەنى مىسىرالاردىكى بوغۇملار سانى ئ‍از-كۆپلۈكتە پەرىقلىنىدىغان شېئىر لار دۇر .

مەسىلەن :

يەرگە سىڭمەس قانلىق ياشلار ،

يەرگە سىڭمەس يالىلدار .

قانلىق ياشلار ، قىزىل قانلار ،

خۇددى كۈندەك پالىلدار .

( ل . مۇتەللىپ )

ئازغىنە بىلىمدىن ھەمىمىز ئ‍ورتاق بەھىرلىنەيلى قېرىنداشلار . كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇڭلار . تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئ‍الاقىلاشساڭلار . ئ‍ۈندىدار -2508686870

2015-5--08 دىل ئ‍ىسمديىلدىن .





2307 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 13:20:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-19 19:33:31 ئىزچى
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،بىراق بىر خاتالىق بارئىكەن ،ۋەزىن توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەندە «ئارۇز»ۋەزنى «ئارزۇ»ۋەزنى دەپ يېزلىپ قالغان ،قالغان يەرلىرى ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ ،رەھمەت .
2015-12-8 10:53:59 guljamal elyas
بۇ يوللانغان مەزمۇن بەك ياخشى بوپتۇ. بىز ئوقۇتقۇچلاغا نىسبەتەن ماتىريال .ئىزدشمزگە بەك قولايلقكەن. يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرشڭزنى ئۈمۈت قىلمىز.
2015-9-2 10:32:01 يۇمۇرچى
ناھايىتى ياخشى، زادى بىر چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر ئىدى...
2015-8-19 0:50:49 ئېلتەرىش
ناھايتى ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىز……
2015-8-19 0:22:38 mamat eminjan
yahxi yiziliptu
2015-8-7 15:16:33 شادىيە
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،بىزدەك ئ‍ەمدى نوتا چىقىرىش ئ‍الدىدا تۇرغان شائىر، شائ‍ىرەلەرگە تېخىمۇ ئ‍ىنىق چۈشەنچە ھازىرلاپسىز. بىزگە ئ‍اتاپ چىقارغاندەكلا،بەك سۈيۈندۈم.
2015-8-5 14:32:01 ئ‍ابلىتىپ
تولمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈش بىرلىپتۇ ،ھەمدە ناھايتى ئ‍ىخچام .
2015-8-5 0:21:33 باھارگۈل ئىبرايىم ئېھسانى
بۇ يازما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بولۇپمۇ شېئىر يېزىقچىلىقى توغۇرسىدا باك ياخشى چۈشەنچە بىرىلىپتۇ ھارمىغايسىز قېرىندىشىم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن يازمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
2015-7-29 15:55:00 uzak yol
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ