قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون -1 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


(ۋەھىمىلىك ھىكايە ) 1-قىسىم


metro


بۇ دۇنيادا ھەر - خىل ، غەلىتە ، سىرلىرى يىشىلمىگەن ھەتتا ئالىملارمۇ تەتقىق قىلىپ ، ئىزدىنىپمۇ جاۋاپ تاپالمايدىغان ئىشلار، ۋەقەلەر كۆپ ، بۇنداق ۋەقەلەردىن بىرەرى بىرەر جايدا يۈز بېرىپ كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئەس ھوشىنى چىقىرىپ داڭقېتىتىپ قويىدۇ. لېكىن بۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغانلار يالغان، توقۇلما دەپ قەتئى ئىشەنمەيدۇ، بەلكىم بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بولىشى نامەلوم…

قورسۇقىنى يېڭىلا توقلاپ بولۇپ تىلۋېزۇر كۆرىۋاتقان تايىر سايراۋاتقان تىلفۇنىنى نومۇرىغا دىققەتمۇ قىلماي ئالدى :

- ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، قارىشى تەرەپتىن بىر تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى.

- ۋەلەيكوم ئاداش، ھې ھې ھې- تايىر ئاغىنىسى تۇرغۇننىڭ ئاۋازىنى تونىدى - ھە ، بولىدۇ بولمىسىما قانداق قىلاي. سېنىڭ ھەممە ئىشىڭ چالا بولغاندىكىن ، نىمە بولدى ئەجەپ كەچتە يادىڭغا كەپ قاپتىمەنغۇ ، خوتۇنۇڭ يامانلاپ كەتمىگەندۇ؟

تۇرغۇن قاقاقلاپ كۈلۈپ :

- ۋوي قانداق بىلىۋالدىڭ ئاداش؟ نامرات بولساڭ ئۆيۈڭدە خوتۇن تۇرمايدىكەن. ھېلقى بىر گەپ بارغۇ ، قۇرۇق ئۆيدىن چاشقانمۇ يامانلاپ چىقىپ كىتىدۇ دەيدىغان.

تايىر تۇرغۇننىڭ گەپلىردىن كۈلدى :

- ھەي نەدە ئۇنداق گەپ با ، ئۇيغۇر خەىق ماقال - تەمسىللىرىنى كاساتلاشتۇرماي ئېنىق گەپنى دىگىنە ئۈيۈمگە كىلەمسەن بارامدىم.

تۇرغۇن تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى :

- بىر يەرلىرىڭ ئەقىللىق سېنىڭ ھە ، شۇ قىزلارلا بىلمەيدۇ شۇ ئەقىللىقلىغىڭنى ، بىر نەچچە ئاغىنىلەر توپلاشقانتۇق ، سېنى سېغىنىپ يوقلاپ كىلەيلى دىيىشىپ ، ئاۋال يوقلىماڭنى قىپ قويغىنىمىز ، ساقلاپ تۇر ، بەك جۇۋاپ كەتمەي -ھە !

تايىر چاقچاققا چاقچاق بىلەن گەپ قايتۇردى:

- ماقۇل مەن بەكلا جۇۋايدىغاندەك تۇرىمەن لېكىن يوقلاپ كەلگەن داستىخان بولمىسا ياكى كىچىك بولۇپ قالسا ئىشىك ئېچىلمايدۇ - ھە ئىككىسى كۈلىشىپ تىلفۇنلىرىنى قويۇشتى .

تايىر ، تۇرغۇنلار كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ «بىر يوتقاندا يېتىپ چوڭ بولغان » دىگەندەك ئاغىنىلەردىن ئىدى. تۇرغۇن يېڭىلا توي قىلغان بولۇپ ئەكسىچە تايىرنىڭ بىرەر لايىقىمۇ يوق ئىدى . ئەمىلىيەتتە تايىر چىراي - تۇرقىمۇ كىلىشكەن ، بوي بەستىمۇ خېلى بار ،ئەدەپ - قائىدىلىك يىگىت بولسىمۇ مۇھەببەت جەھەتتە تەلىۋېگە چۈشكىدەك قىز ئۇچۇرماي ، كۈلۈپ قارىغان قىزلارغا چىراي ئاچماي دىگەندەك بىغەملىك بىلەن ياشاۋاتقان« ئەركىنلىك جەڭچىسى» ئىدى ، ئۇنى بۇنداق تەرىپلىگەندىن كۆرە ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇيغاتقىدەك قىز ئۇچۇرمىدى دەپ تەرىپلەش ئۇنىڭغا تېخىمۇ ماس كىلەتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرغۇن ، سەمەت ، ئىسكەندەر قاتارلىقلار يىتىپ كەلدى ، بۇلار تۆتىسى قوشماق ئاغىنىلەردىن ئىدى ، ئۇلار ئىشىكتىن كىرىپ سالاملىشىپ بولۇپلا چاقچاقنى باشلىۋەتتى ،ئاۋال تۇرغۇن ئېغىز ئاشتى:

- ۋاي - ۋوي دوستۇم ، خېنىملاردەك ئۆيگە سولىنۋېلىپ قايسى قىز ئەلچى ئەۋەتىدىكىن دەپ ساقلاۋاتقانما ؟

ئىسكەندەرمۇ گەپ قوشتى:

- باي خېنىملارنىڭ ئەلچىسى كەلسە ئىشىك ئاچ ، بولمىسا يامانلاپ موشۇنداق يېتىۋال ھە …

ھەممىسى «ۋەتتت» دىگىنىچە ۋاقىرىشىپ كۈلۈشتى ، تايىرمۇ بوش كەلمىدى :

- ئاداشلار ، مەن ئۆيدىن چىقمىغانغا سىلەردەك سەتلەرگە قىز چىقتى ، بولمىسا بويتاق قىلىپ سىلەر يامانلاپ ياتاتتىڭلار …

ھەممىسى كۈلكە- چاقچاق قىلىشىپ بىردەم كۈلىشتى ، تۇرغۇن ، سەمەتلەر تايىرنىڭ ئۈيىنى ئاختۇرۇپ ، قېزىپ دىگۈدەك يەيدىغان نەرسىلىرىنى تېپىپ يەپ قۇرۇقداشتى، ئاخىردا تۇرغۇن گەپنى تەشتى:

- ئاداش بىز بۈگۈن شۇنداق ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلماقچى بولۇپ ، سەن بىلەن مۇزاكىرلەشكىلى كەلدۇق. ئۆزەڭ بىلىسەن پۇل تاپماقنىڭ تەسلىگىدە ئىسكەندەر ، سەمەت توينى كەينىگە سۈرۈپ، يەنە سەن پۇل يوق دەپ قىزلاردىن قېچىپ ياشاۋاتىسىلەر. سەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:

- ۋاي سەنمۇ تايىنلىق ، توي قىلىپ بولدۇم دەپ يۇغىراپ كەتتىڭما ، ئۆزەڭچە بىزنى مازاق قىپ.

باشقىلار كۈلىشتى ، تۇرغۇنمۇ ئۇنىڭ گېپىدىن ھېجىيىپ:

- چاقچاق قىپ قويدۇم ، مەنمۇ شۇ تايىنلىق بىلىسىلەر ئاغىنىلەر مەنمۇ توي قىپ قۇرۇقدۇلۇپ قالدىم شۇڭا پۇل تاپىدىغان بىرەر ئىش قىلايلى دەپ توپلاشتۇق.

تايىر بۇلارنىڭ بىرەر ئىشنى پىلانلاپ بولغىنىنى پەملىدى - دە ئۇدۇللا سورىدى:

- ھە دەپ باقە ئاداش بولىدىغان يىرىنىلا دە، مومامدەك بىر يىللىق يەردىن سۆزلىگىچە ، زادى نىمە ئىش با پۇل تاپىدىغان؟ شۇنىلا دىگىنە. - تايىرنىڭ بۇ گېپىدىن ھەممىسى كۈلۈشتى. تۇرغۇن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ :

- چىداپ تۇرمامسەن ئادەم گېپىنى دەپ بولغۇچە ، سېنىڭ نىكاھىڭنى ئوقۇۋاتمىغاندىكىن…

بۇلار يەنە «ۋەيىتتت» دىيىشىپ بىر ھازا كۈلۈشتى. تۇرغۇن ئالدىرماي پىلانىنى سۆزلەشكە باشلىدى :

- ئاغىنىلەر بىلىسىلەر، بىز ھەممىمىز مەكتەپنىمۇ بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان قارا قۇرساقلار. سەمەت گەپ قوشتى:

- ئالا قۇرساق دىگىنە تولۇققىچە ئوقۇغاندىكىن.

تۇرغۇن ۋاقىردى :

- مېنى گەپ قىلغىلى قويامسىلەر - يوق … ھە ، دىمەكچى بولغىنىم بىز ھەممىمىزلا پۇل تاپىدىغان بىرەر يول تاپالمىدۇق ، ئۇنى قىلساقمۇ قالماشمىغان ، بۇنى قىلساقمۇ قالماشمىغان ،شۇنىڭ بىلەن بىر پۇل تاپىدىغان ياخشى ئىشنى بايقاپ سەمەت ، ئىسكەندەرلەر بىلەن مۇزاكىرلىشىپ ، سېنىڭمۇ پىكىرىڭنى ئېلىپ باقايلى دەپ كەلدۇق. قوشۇلساڭ بىرگە قىلىمىز. تايىر يەنە تىتىلداپ سورىدى :

- بۇزۇكۋار مۇما ، دىمەمسەن ئۇ زادى نىمە ئىش ، دىمىسەڭ مەن قانداق قوشۇلىمەن؟!

تۇرغۇن كۈلدى :

- بۇنداق ئىش، مەن نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ، قەدىمى يادىكارلىق ئالىدىغان بىر ئاغىنىنىڭ شۇنداق نەرسە ئىزدەۋاتقانلىغىنى ، بولسا سېتىۋالدىغانلىغىنى ، ئۇنداق نەرسىنىڭ بەك پۇلغا يارايدىغانلىغىنى ئاڭلاپ ، ئۆينى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم. ئاختۇرۋېتىپ بۇۋام رەھمەتلىكنىڭ توپا بېسىپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىر پېچەتلىك كومزىكىنى تېپىۋالدىم. خوشاللىغىمدا ئىچىدە ئالتۇن - كۆمۈش ، يامبولارنى بارمىكىن دەپ ئاچسام بىر كىچىك خاتىرە چىقتى. خاتىرىنى ئاچسام بىر خەرىتە چىقتى. خەرىتىدە يول يۆلىنىشى، يەنە بىر بىر يۇرتنىڭ سېخىمىسى باركەن ، سېخىمىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بەلگىلەر باركەن. مەن يەنە خاتىرىنى ۋاراقلاپ < بايىلىق ئورنى ، خەتەرلىك ئورۇن ، سىرلىق يول ، ئېزىتقۇ ، توغىرا يۈلىنىش ، ئەڭ خەتەرلىك ئورۇنلار ، كىرىش ، چىقىش ئېغىزى> دەپ شەرتلىك بەلگىلەرگە ئىسىم قويۇلغانلىغىنى ، ھېلقى شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ خەرىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغىنى ، يەنە ئەڭ ئاخىرسىغا < تەۋەككۈل قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ،سىرلىق چاكلەنگەن رايۇن ، بارغانلار كىلەلمەيدۇ، قەتئى مەخپىي> دەپ يېزىلغىنىنى كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن دادامدىن چاندۇرماي موشۇ توغۇرلۇق سورىغانتىم ، دادام چۆچۈپ كەتتى ،ھەم تاس قالدى تاياق كۆتەرگىلى. نەدىن بىلگەنلىگىمنى سورىۋېدى ، بۇۋام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا دىگەنتى دەپ يالغان ئېيتىپ ئاران قۇتۇلدۇم. مېنىڭچە بۇ بايلىق يوشۇرۇپ قويغان بىر ئورۇننىڭ خەرىتىسى ، مۆلچەرلەپ باقسام بىزنىڭ يۇرتنىڭ جەنۇبىدىن بىر يۈز سەكسەن كىلومىتىر يىراقلىقتا بىر چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرسىدىدەك قىلىدۇ ، شۇڭا بىز ئايرىلماس تۆت ئاغىنە بىر تەۋەككۈل قىپ باقايلىمىكىن ، ئەگەردە شۇ بايلىقنى تېپىۋالساق … ھىم … تەسەۋۋۇر قىپ بېقىڭلار … كەلگۈسىمىز قانداق ئۆزگىرىپ كىتىدىكىن ، - تۇرغۇن گېپىنى تۈگىتىپ ئاغىنىلىرگە قاراپ خۇددى بايلىقلارنى قولغا ئېلىپ بولغاندەك مەغرور ھىجىيىپ قانداق دىگەندەك قاراشقا باشلىدى.

تايىر بۇ گەپلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمەي سورىدى :

- راسمۇ يا ، بايلىق بولسا بۇۋاڭ رەھمەتلىك ، ياكى داداڭ ئېلىپ چىقمامتى ؟

تۇرغۇن دەرھاللا چۈشەندۈردى :

- ئويلاپ باقمامسەن ، بۇۋام ياشىغان قانداق زامان ، بايلىقنى ئۈيىڭگە ئەپكىرىپ قويسىمۇ ئالالامسەن ، دادامنى بىلىسەن تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشلارنى خالىمايدىغان يۇۋاش ئادەم ، ئەگەردە خالايدۇ دىسەكمۇ ئۇ بەلكىم بۇ خەرىتىنى بىلمەيدۇ ، ئىشەنمىسەڭ بۇ خەرىتىنى ئۆزەڭ كۆر ، - ئۇ خەرىتىنى ئۈچىسىنىڭ ئالدىغا يايدى . خەرىتە شۇنداق غەلىتىكىن ئۇنىڭدىكى سىزىق ، شەرتىلىك بەلگىلەر بىر توپ ئەرۋاھلارنىڭ <بۇياققا كىلىڭلار> دەپ قول پۇلاڭشىتىۋاتقان ھەركەتلىرىدەكلا كۆرىنەتتى. ئۇلار خەرىتىنى تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدى، راستىنلا يۇرتنىڭ سېخىمىسى بەكلا غەلتە بولۇپ سىرلىق ئوردىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئىچى تەرپى رەت - رەت مەھەلىلەردەك سىزىلغانتى، كىرىش ئېغىزى ، ھەم چىقىش ئېغىزى بىرلا بولۇپ كىرگەن ئادەم يول بىلمىسە چىقالمايدىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانتى، <بايلىق > دەپ بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگە ئۈچ ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانتى .

- قانداقكەن ، مەن سىلەرنى ئالدارمەنمۇ ، قانداق بىر تەۋەككۈل قىپ باقامدۇق ،- بۇلارغا قاراپ ئولتۇرغان تۇرغۇن تاقەتسىزلىنىپ سورىدى .

سەمەت بىلەن ئىسكەندەر بۇ بايلىقلارنى كۆڭلىدە بىرەر قۇر خەجلەپمۇ باققاچقا بارايلى دىيىشتى. تايىر ئۈندىمەي ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. تۇرغۇن ئۇنىڭ ئىككىلىنۋاتقىنىنى بىلىپ چىدىماي ئېغىز ئاچتى:

- ھەي سېنىڭدەكمۇ مىس - مىس بولامدۇ ، تەييار بايلىق تۇرسا بېرىپلا ئەپكىلىۋالىمىز ، شۇنىڭغىمۇ ئىچىڭنى تىڭشاپ ئولتۇرامسەن؟

تايىر ئويلىغىنىنى ئوتتۇرغا قويدى : - كۆرمىدىڭلارمۇ ، خەتەرلىك رايون ، بارغانلار كىلەلمەيدۇ ، دەپ ئەسكەرتكەن يەرلىرىنى ، ئۇ يەر شۇنداق خەتەرلىك ، سىرلىق جاي بولۇپ قالسا بايلىقنى دەپ جېنىمىزنىمۇ سەپ بەرمەيلى يەنە.

سەمەتمۇ تايىرنى ئۈندەپ گەپ قوشتى :

- شۇنداق سىرلىق جاي بولسا بىز سىرلىرىنى ئېچىپ ئۇنى دۇنياغا نامايەن قىلساق ، داڭلىق شەخىس بولۇپ كىتىمىزمۇ تېخى ، ئوغۇلبالا دىگەن تەۋەككۈل قىلىپ بىرەر ئىش تەۋرەتسە ئوغۇلبالا بولىدۇ ، خېنىم مىجەز بولىۋالماي گاچچىدە بىرنىمە دىگىنە؟

تايىرمۇ بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغانتى ، بايلىق كىمنى قىزىقتۇرمايدۇ ، ئۇ ماقۇل دىۋىدى ھەممىسى خوشاللىغىدىن ۋاقىرشىپ كەتتى . …

بۇ تۆت ئاغىنە راستىنلا خەرىتىدىكى شۇ سىرلىق ، قورقۇنۇچلۇق جاينى تېپىپ بارالارمۇ ، ئۇلارنى ئۇ يەردە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتقاندۇ؟ قىزىقسىڭىز كىيىنكى قىسمىغا دىققەت قىلىڭ





2388 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 18:20:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-8 8:57:21 ھۆرگۇل
بەك ياخشى يېزلىپتۇ،داۋامى قېنى،ئ‍اران بىرىنجى قىسمىنىلا ئ‍ۇقيالدىمغۇ
2016-6-16 14:39:42 ئابلىمىت
بەك ياخشى يېزېلېپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ