دۇستۇمنىڭ قاتىلى-كىم؟ (4-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
قەبىرستانلىق-بۇ ھەمىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماكانى،بايغىمۇ،نامراتقىمۇ،ئەمەلدارغىمۇ،پۇقراغىمۇ ئۇخشاش مۇئامىلى قىلىدغان ئەڭ ئادىل جاي. 8-ئاينىڭ باشلىرى،ھەممە يەر شۇنداق چىرايلىق،بۇلۇپمۇ يۇرتۇمنىڭ قەبىرستانلىقى بەك گۇزەل بۇك باراقسان ئۇرمانلىق شىلدىرلاپ ئىقىپ تۇرغان تاغ سۇلىرى،چىرايلىق سىرلانغان كۆۋرۇكتىن ئۆتسىڭىز كۆۋرۇكنىڭ ئىككى تەرپى غۇچچىد ئىچىلىپ كەتكەن گۇللەر سىرىق سەبدە،ئەتىرگۇل،بۇغدايگۇل،،،،،يەنە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن گۇللەر ئىچىلىپ كەتكەن گۇللەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدەبۇ قەبىرستانلىقا قارايدىغان بۇۋاينىڭ چىرايلىق سىلىنغان ئىككى ئىغىز ئۆيى بار ئىدى،ئۇيدىن ئۆتكەندەقەبىرستانلىق تەرەپكە ماڭىدغان پەللەمپەي پەللەمپەينىڭ ئىككى تەرىپى يەنىلاچىرايلىق گۇللەر،،،،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، -مەن ئىشك ئالدىدا كىتاب ئۇقۇپ ئۇلتۇرغان بۇۋايغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدىم،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كىلىڭ قىزىم
-بۇۋا بىر نەچچە كۇنىڭ ئالدىدا يەرلىكە قۇيۇلغان مۇھەببەت دىگەن ئايالنىڭ قەبىرسى قايسىكىن؟بۇۋاي ئۇستۋىشىمغا قايتىدىن بىر سەپسىلىپ چىقاندىن كىيىن ئىغىر بىر ئۇھسىنۋىتىپ -سىز ئۇنىڭ نىمسى بۇلسىز؟دىدى مىھرىبانلىق بىلەن -دۇستى يىراقتىن كەلگەن ئىدىم -دىدىم مەن كۆز ياشلىرمنى تەستە يۇشۇرۇپ ئۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي ئۇرنىدىن تۇرۇپ ماڭدى ئۇنىڭ ئۆتمۇش رەھىمسىزلەرچە جىجۋەتكەن چىپەرقۇتەك يۇزلىرىدىن قانداقتۇر بىر ئىچىنىش ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى ،مەن خۇددى كىىچك بالىدەك ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم ئازراق ماڭغاندىن كىيىن بۇۋاي شاپپىدە تۇختىدى ھەم بىر تۆپىلىكنى كۆرسىتپ؛
-ئەنە ئاۋۇ تۆپلىكتكى قەبىرە شۇ يىندكسى ئۇغلىنىڭ ،،،
-ئۇغلىنىڭ،نىمە ئۇنىڭ ئۇغلىمۇ ئۆلۇپ كەتتىمۇ؟بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ۋارقىراپ كىتپتىمەن
-ھە ئۇغلىنىڭ،نىمە سىز بىلمەمسىز؟ھەي ئۇلۇغ ئاللاھ سەكسەن نەچچە يىل ياشاپتىمەن،بۇنداق ئىچىنشلىق ئۆلۇمنى تۇنجى كۆرشمكەن،،،ئۇ مەن بىلەن.ئارتۇقچە پاراڭلىشىشنى خالىمدمۇ قانداق يەنە ئالىنملەرنى دەپ قاخشىغاچ يىراقلاپ كەتتى،ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدىم ئۇنىڭ جۇدىندكى ياپراقتەك ئاجىز تىنى قانداقتۇر بىر ئەلەمدىن تىترەۋاتقاندەك قىلاتتى،نىملا بۇلمىسۇن ئۇنىڭغا شۇنداق ھۇرمۇتۇم قۇزغالدى چۇنكى بۇ يەردە مەن كۆرگەنلەر ئىچىدە بىچارە دۇستۇمغا بىردىنبىر ئىچ ئاغىرتىپ سۇزلىگنى مۇشۇ بۇۋاي ئىدى،
مەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مىڭىپ قەبىرگە يىقىنلاشتىىم،مانا كۆز ئالدىمدا ئىككى يىقىنىمنىڭ قەبىرسى،مەن نەچچە كۇندىن بىرى دۇستۇمغا ئىچىنغان ئىدىم ئەمما ئۇنىڭ سەبىي بىغۇبار ئۇغلىنىڭ ئۆلىمى مىنى تىخمۇ بەكرەكئازاپلىدى
كۆز ياشلىرىم مارجاندەك قەبىرلەرگە تۆكۇلمەكتە دۇنيادا تۇگمەيدىغىنمۇ شۇ كۆز ياشكەن مەن قەبىرە ئالدىدا يۇكۇنۇپ ئۇلتۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلدىم بەلكىم مۇشۇ ئارقىلىق دۇستۇمنى ئىزدىمەي تاشلىۋەتكەن ۋىجدان ئازابىم ئازراق يەڭگىللەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
ئىنسانتەبىتى شۇنداق بارنىڭ قەدىرنى بىلمەيدۇ،كەتكەندە بۇلسا يىغلاپ قاخشايدۇ،مىنى تاشلىۋەتتى دەپ ئۇيلايدۇ ئۆزنىڭ نىملەرنى كەينگە تاشلاپ كىلۋاتقىنى ئىسدە يۇق ،،،،
خىيالىم قانچە قاناتلانغانسىرى يۇركۇم ئۆكۇنىشتىن ئازاپتىن شۇنچە قىسىلاتتى،ئۇلارنى قارا تۇپراق قۇينىغا تارتقىنى زادى قانداق قىسمەت،ئۇلارنىڭ ھاياتىدا قاندا ئىچىنشلىق ھىكايلەر يۇز بەردى،سەبىي بىر ناىسدنىڭ كىچىكىنى يۇركى قانداق ئازاپلاردا مۇجۇلدى،،،،،،نۇرغۇن سۇئاللىرىم جاۋاپسىز بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى مىنى چەكسىز ئازاپلايدىغىنى ئىنىق،ئەمما مەن چۇقۇم جاۋاپ تاپىمەن
خەيىر خۇش دۇستۇم مۇھەببەت بۇ يىگانە قەبىرەڭنى يۇقلىغىلى يەنە كىلشىم مۇمكىن،ئەمما شۇ يۇقلاشلار ماڭا ئازاپتىن باشقا نەرسە بىرەلمەيدۇ،دۇنيادا چىكىنى بىلگىلى بۇلمايدىغىنمۇ شۇ ئازاپ ،سەنمۇ بەلكىم شۇ ئازاپلارغا نۇرغۇن تۇنجۇقانسىەن ،سىنىڭ يالغۇز قانچىلىك ئازاپ تارتقىنىڭنى بىلمەيمەن ئەمماپەقەتتلا بەرداشلىق بىرەلمىگىدەك ھالغا چۇشكىنڭنى سىزىپ تۇرۇپتىمەن،مىنى كەچۈرۈڭ جىنىم، دۇستۇم ئەڭ ئازاپلىق كۇنلەردە يىنڭدا مەن يۇق،، مەن ئاچچىق خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئاستا ئۇرنۇمدىن تۇردۇم ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ،مەن كىتشتىن ئاۋال خۇددى دۇستۇمنىڭ سىماسنى كۇردىغاندەك قەبىرستانلىقنىڭ ھەمىلا يىرگە قارىدىم،بۇ يەردە ئادەمنىڭ ئىچىنى يەيدىغان بىر خىل سۇرلۇك سۇكۇت ھۇكۇم سۇرەتتى،مەن دۇستۇمدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلغىنىمنى تىخمۇ بەكرەك ھىس قىلشقا باشلىدىم ھەم مىنى قىيناۋاتقان نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تىپىش ئۇچۇن ئارقامغا بۇرلۇپ ئۆيگە قاراپ يۇل ئالدىم،،،،،
سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا سىزمۇ قىزقىۋاتامسىز؟ھىكاينىڭ داۋامنى ساخلاڭ
ئۇن دىدار نۇمۇرۇم1211661598
898 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-29 14:01:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-30 21:48:27 | خۇمارىم |
داۋامى قاچان چىقىدۇ ، دوستى نىمە سەۋەبتىن ئۆلىۋالغاندۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|