ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ھىققىدە

ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ھىققىدە


1چۈشەنچە 

شېئىر مىسرالىرىدىكى ئۈزۈك، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان(ئۇزۇن، قىسقا) بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېرى سېستىما ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ.

«ئارۇز» سۆزىنىڭ تومۇرى «ئەرۇز»دۇر. بۇ «ئەن»، «كەڭلىك» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە مەنىسى بويىچە شېرىيەت مىزانى (ئۆلچىمى) دىگەنلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇر شېرىيىتى ۋەزىن جەھەتتىن ئارۇز ۋەزنى ۋە باماق ۋەزنى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئارۇز ۋەزىنلىك شىئىرلار كىلاسسىك ئەسەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا پاساھەتكە تويۇنغان غەزەللەر، شېئىرلار، مۇقام ناخشا تېكىتلىرى كىرىدىغان بولۇپ قەدىمدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئوردا ھەرەم شېئىرلىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن.


2تارىخى

ئارۇز ۋەزنلىك شېئىرلار بىزگە ئەرەپ ۋە پارىس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ پېشۋاسى بولمىش ھەزرىتى نەۋائى بىزنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى شېئىرىي ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇزنىڭ ئاساسەن توقلۇغىنى، بولغاندىمۇ ھەقىقىي ۋەزىن تەرتىۋىگە ماسلاشمىغانلىغىنى بايقىغان.

«ئارۇز» شېئىرىيەتنىڭ شاھ تاجى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەخسۇس ئىلم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئارۇز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى خەلىل ئىبن ئەھمەدتۇر. «ئارۇز» سۆزىنىڭ مەنىسىگە قەدىمقى ئارۇزشۇناسلىرىمىزدىن ئەلىشېر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مىزانۇل ئەفزان» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق شەرىھلەيدۇ: «خەلىل ئىبن ئەھمەد بۇ پەننىڭ ئاساسچىسىدۇر، ئۇ ئەرەپلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ياشىغان ۋادىيسىنىڭ نامى «ئارۇز» ئىكەنلەر،ۋە ئول ۋادىيدە ئەرەپلەر ئۆزلىرىنى چىرايلىق چېدىرلىرىنى تىكىپ ھەرخىل بىزەكلەردە بىزەركەنلەر. ئەرەپلەر ئۆينى «بىيىت» دىيىشىدۇ، ئەنە شۇ چىرايلىق بىزەلگەن بىيىتلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرىي ئەسەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بىززىلىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئارۇز دەپ ئاتالغاندۇر.»

  15-ئەسىرنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتشۇناسلىرىدىن بولغان ۋاھىد تەبرىزىي ئۆزىنىڭ «جەمئىئۇل مۇھتەسەر» ناملىق ئەسىرىدە: ئارۇز-ئەرەپلەرنىڭ چېدىر ئۆيىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكنىڭ نامى، ئارۇزچىلار ھەرقايسى بىيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋەزىننى ئارۇز دەپ ئاتايدۇ. مىسرانىڭ شۇ ئاخىرىقى بۆلىكى ئېيتىلغاندا شېئىرنىڭ قايسى ۋەزىندە يېزىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ، ئەرەپلەرنىڭ چېدىرىنى مۇستەھكەملەشتە ئاغامچا، قوزۇق، تۇتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئەڭ مۇھىم بولغاچقا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىمۇ ئەنە شۇ تارماقلار مەۋجۇدتۇر، يەنى-سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلەدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھ بېرىدۇ.

ئارۇز ۋەزنى 11- ئەسىردىن بورۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قوللۇنۇلۇشقا باشلىغان. مەسىلەن:11- ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن شېئىر-قوشاقلار ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسچىسى ئەرەپ ئالىمى خېلىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ «كىتابۇل ئارۇز» ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكى «ئىلىملەر ئاچقۇچى» (مۇفتاھۇل ئۇلۇم)، ئەلشىر ناۋائى«ۋەزىنلەر مىزانى» (مىزانۇل ئەۋزان) ناملىق ئەسەرلەرنى ئارۇز ۋەزنىدە يېزىپ، ئارۇز ۋەزىنى ئىلمىنى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، لۇتفى، ناۋايى، خىرقىتى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى، موللا بىلال قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرى ئەسەرلىرىنى ئارۇز ۋەزنىدە يازغان. بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېرىيىتىمىزدە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئاز، بارماق ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلار نىسپەتەن كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر شېرىيەت تارىخدا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ تۇتقان ئورنى چوڭ بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىش بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىشقا قارىغاندا نىسپەتەن قىيىن. بەلگۈلۈك بىلىم-سەۋىيە، ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ.


3ئارۇز ۋەزنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

1. ئارۇز ۋەزنى تىلىمىزدىكى ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇڭلاشقائارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بارماق ۋەزىنلىك شىرلارغا قارىغاندا تۇراقلىرى رېتىملىق، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەزىدە ئاھاڭلىق شېئىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

2. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىكى سۆزلەر ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەرقايسى بەھىرلىرىنىڭ ۋەزىن تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملار بويىچە مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە مىسرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. 

3. بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار تۇراقلارنى ئاساسى بىرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇراقلىرى بوغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىلىدۇ. ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلاردا بولسا تۇراقلار ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلىدۇ. بۇغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. 

 ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلارنىڭ ئىنتۇناتسىيىسى رېتىمىنىڭ بىرخىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىرىنچى مىسراسى قايسى ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلغان بولسا پۈتۈن شېئىر شۇ ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلىشى شەرت. 

4. ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم ئوچۇق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى( v ) . ۋە + تى + نى ، بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان 

ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم يېپىق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى(-) . بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان، گۈ + زەل 

(ئىزاھ: قىزىل رەڭ قىسقا بوغۇم، يېشىل رەڭ ئۇزۇن بوغۇم.) 

يەنە مەسىلەن:           جاھان رەنا | لىرى ئىچرە | بىلىمدەك بىر | گۈزەل يار يوق 

{v - - -} 

5. ئارۇز ۋەزنىدە بەزى ھاللاردا ئۇچۇق بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: 

1). ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ، سوزۇلۇپراق ئوقۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق ئۇرغۇلۇق ئوچۇق بوغۇملار ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: 

ۋەتەننىڭ باغ | رى پۈركەندى | جۇلا لىق شا | يى ئەتلەسكە 

{v - - -}  

2). ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار ئارۇز ۋەزنىنىڭ قايسى بەھرىدە يېزىلغان بولسا، شۇ بەھىرنىڭ ۋەزىن تەلىۋى بويىچە بەزى ئۇرغۇسىز ئوچۇق بوغۇملارنىمۇ كۆتۈرۈپ، سوزۇپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇم قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا كۆتۈرۈپ، سوزۇپ ئوقۇلغان ئوچۇق بوغۇم ئۇرغۇلۇق بوغۇمبولۇپ ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. 

1). ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئوچۇق بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاىىرىدا قىسقا بوغۇم كەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى سۆزلەرگە ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن بىر بوغۇم قوشۇلۇپ قالىدۇ. 

ۋەتەننىڭ باغ | رى پۈركەندى | جۇلالىق شا | يى ئەتلەسكە 

{v - - -}    

يەنە مەسىلەن: 

بولمىغاي ئەر | دى جامالىڭ | مۇنچە زىبا | كاشى كى 

بولسا ھەم قىل | غاي ئىدىڭ كۆز | لەردىن ئىخپا | كاشىكى 

-   V   -    | -       -   V -   | -    -   V - | -   - V -

4ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى ۋەزىن تۈرلىرى

ۋەزىن دىگىنىمىز شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم، قېلىپ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئارۇز ۋەزنىدە ۋەزىندىن مىسرالار ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىنلەرنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھىرلەر ھاسىل بولۇدۇ. ۋەزىن مىسرا ۋە بەھىرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

  ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى بەھىرلىرى 

ئارۇز ۋەزنىنىڭ 30دىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرى بار بولۇپ، بۇلار ئەرەپچە مەخسۇس نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، بەزى شائىرلىرىمىز ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىنلىرىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ ئۇزۇن بوغۇمنى «ناي» ياكى «لاي»بىلەن، قىسقا بوغۇمنى «نى» ياكى «لى» بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان ۋەزىن سېخىمىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەن.

مەسىلەن:

پائىلاتۇن ۋەزنىنى «ناي نى ناي ناي» ياكى «لاي لى لاي لاي» دەپ، مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنى «ناي ناي نى ناي» ياكى «لاي لاي لى لاي»، مەپئىيلۇن ۋەزنىنى « نى ناي ناي ناي» ياكى «لى لاي لاي لاي» دەپ ئىپادىلىگەن.

تىلىمىزدىكى چەت تىلدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ۋەزىنگە چۈشىدۇ. ھەم ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ۋەزىنداش بولىدۇ. سۆزلەر ئۆز تەركىبىدىكى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ئورنىغا قاراپ ۋەزىن تۈرلىرىگە بۆلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇيغۇر شېرىيىتىدە كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان ۋەزىن تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ سېخمىسىنى سىزىقچە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بەرسەم توردا قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن، شۇڭا «ناي نى» ۋە «لاي لى» شەكلى بىلەن بەردىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

پائىلاتۇن (-V- -) ۋەزنى

1-، 3-، 4- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2-بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلاتۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ.

(ناي نى ناي ناي) ياكى (لاي لى لاي لاي)

مەسىلەن: قاغا- قۇژغۇن، گۈل-گۈلىستان، پەم پاراسەت، ئىتتىپاقلىق، سۇغا سالسام، ئوت يۇرەكلەر، ئىنتىزارلىق، ئاھ ئۇرارمەن، ئوتقا سالسام، دەرد ئەلەملەر، ئاينى ئالسام، يارنى كۆرسەم....

1. ياز كۈنى كۈن | دۈز قىزىق بول | غاي ھاۋا ئىس | سىقتا تار،

ھەر كۈنى ئاخ | شامنى كۆپ جان | خالىغاي بى | ئىختىيار

تەپئىلى:

پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن

ياكى

ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

ياكى

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

سىزىقلىق تەپئىلى

- v - |- - v - |- - v - |- - v -

2. ئاھ ئۇرارمەن | ئاھ ئۇرارمەن | ئاھلىرىم تۇت | قاي سېنى

كۆز يېشىم دەر | يا بولۇپ بې | لىق لىرىم يۇت | قاي سېنى

ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

ئەسكەرتىش: 2- مىسالدىكى 2- مىسرا، 2- تۇراق « يا بولۇپ بې» تا ئوچۇق بوغۇم ئۈچ يەردە، يېپىق بوغۇم بىر يەردە كەلگەن. 

ئۇنداقتا ئوچۇق بوغۇمنى قىسقا بوغۇم دىسەك، يېپىق بوغۇمنى ئوزۇن بوغۇم دىسەك،  بۇ مىسرا پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشمەيدىكەنغۇ؟ 

سىز شۇنداق ئويلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ سىز خاتالىشىپسىز. بۇ پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشىدۇ. چۈنكى بىرىنچى بوغۇمدىكى «يا» بوغۇمىنى ئەسلى سۆز «دەريا» بېلەن بېرىكتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلساق، «يا» بوغۇمى سوزۇلۇپراق، ئۈنلۈكرەك ئېيتىلىدۇ. دىمەك بۇ بوغۇمغا ئۇرغۇ چۈشىدۇ. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. شۇڭا بىز «يا» بوغۇمىنى ئۇزۇن بوغۇم دەيمىز. ئاخىرقى بوغۇم «بې» مۇ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملاردىن باشقا يەنە ئۇرغۇلۇق بوغۇم ۋە ئۇرغۇسىز بوغۇملارغىمۇ ئالاھىدە ئېتبار بېرىلىپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم، ئۇرغۇسىز بوغۇم قىسقا بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ.

پائىلۇن ( - V -) ۋەزنى

1-،3- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2- بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ.

(ناي نى ناي) ياكى (لاي لى لاي)

مەسىلەن: مېھرىبان، ئېھتىرام، مۆھتىرەم،قەھرىمان، كەمبەغەل، كەچقۇرۇن، تاڭسابا، مەرھابا، سىزغۇچۇم، كەپتىرىم، كەمپىرىم....

ئەي ئانا يەر | پاك مۇقەددەس | سەندە بىزنىڭ | جانىمىز،

سۆيگۈ مېھرىڭ | ۋە سۈتۈڭدىن | پۈتتى بىزنىڭ | قانىمىز.

تەپئىلى:

پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن

ياكى

ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

ياكى

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

سىزىقلىق تەپئىلى

- v - |- - v - |- - v - |- - v -

بۇ مىسرالارنڭ ئاخىرقى تۇراق پائىلۇن ۋەزنىدە كەلگەن.

مەپائىيلۇن( V - - -) ۋەزنى

1- بوغۇمى قىسقا، 2-3-4- بوغۇملىرى ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كەلگەن سۆزلەر مەپائىيلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. 

(نى ناي ناي ناي) ياكى (لى لاي لاي لاي)

مەسىلەن:

ۋەتەنداشلار، قەلەمكەشلەر، ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇغۇل قىزلار، تىيانشاندىن، كۆڭۈلچەكتىن، بۇ كۆلچەكتىن، ئۇلۇغلاردىن....

سەھەر سۈبھى | قۇياشىدەك | گۈزەل رۇخسا | رىغا باقسام،

نىمە ئارمان | ۋۇجۇدۇمنى | ئۇنىڭ پاك باغ | رىغا ياقسام. 

تەپئىلى:

مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن| مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن

ياكى

نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي

ياكى

لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي  | لى لاي لاي لاي

سىزىقلىق تەپئىلى

v|- - - v |- - - v |- - - v- - -

مۇستەپئىلۇن (- - V -) ۋەزنى

1-،2-،4-، بوغۇملىرى ئۇزۇن، 3- بوغۇمى  قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر مۇستەپئىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ.

(ناي ناي نى ناي) ياكى (لاي لاي لى لاي)

مەسىلەن: ئىنسانىيەت، ئۇستازىمىز، ھەققانىيەت، ئەستايىدىل، بولغان ئىدىم، كەلگەن ئىدىم، ياتقان يېرىم، بوستانلىرىم، تۇلپارلىرىم، ئۇستازلىرىم، بولغانلىرىم، كەلگەنسىرىم، تۇرغانسىرىم..... 

مەسىلەن:

ئاتقاندا تاڭ | چىقتى قۇياش | كەلدى باھار | كۆكلەم مانا

نۇر ئىلكىدە | كۈلدى زىمىن | نۇر ئىلكىدە | كۈلدى ساما 

تەپئىلى

مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن

ياكى

ناي ناي نى ناي | ناي ناي نى ناي | ناي ناي نى ناي | ناي ناي نى ناي

ياكى

لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي

سىزىقلىق تەپئىلى

- - v - -  |- v - - |- v - - |- v- 

5ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى بەھىرلىرى

ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرى بەھىر دەپ ئاتىلىدۇ. بەھىر ئەرەپچە سۆز بولۇپ، مۇنتىزىم ئاھاڭلار گورۇپپىسىنى كۆرسۈتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا «دەريا»، «ئېقىن»، «غول» دىگەن مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئارۇز»نى دېڭىزغا ئوخشاتساق، بەھىر دەريا-ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. بىرخىل ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مىسرالار گۇرۇپپىسى بىر بەھىرنى تەشكىل قىلىدۇ.

دىمەك، بىرخىل ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مۇنتىزىم ئاھاڭلار گۇرۇپپىسى بەھىر دەپ ئاتىلىدۇ.

ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۇراقلار بويىچە بوغۇملارنى ئۆلچەشتە قوللۇنۇلۇدىغان ئەندىزىسى  تەپئىل (پەدە) دەپ ئاتىلىدۇ.

بەھىر تۈرلىرى

ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھازىرغىچەبىزگە مەلۇم بولغان بەھىرلىرى 19 خىل بولۇپ، ئۇلار:

1) رەمەل بەھرى.  2) تەۋىل بەھرى.  3) مەدىد بەھرى.  4) بەست بەھرى.  5) ۋافىر بەھرى.  6) كامىل بەھرى.  7) رەجەز بەھرى.  8) ھەزەج بەھرى.  9) سەرئى بەھرى.  10) مۇنسەرىھ بەھرى.  11) مۇقتەزەپ بەھرى.  12) مۇجتەس بەھرى.  13) مۇزارى بەھرى.  14) جەدىد بەھرى.  15) مۇشاقىل بەھرى.  16) قەرىپ بەھرى.  17) خەفىف بەھرى.  18) مۇتەقارىپ بەھرى.  19) مۇتىدارىك بەھرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەخسۇس ئەرەپچە ناملار بىلەن ئاتالغان.

كىلاسسىك شېئىرلاردا ھەر بىر بەھىردىن ئۆزىگە خاس يېڭى تۈرلەر يارتىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بەھىرلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ بەھىرلەر ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ؛ بىر تۈركۈمى، «بەھرى تەۋىل» يەنى ئۇزۇن بەھىرلەر (13 بوغۇمدىن 16 بوغۇمغىچە.)؛ يەنە بىر تۈركۈمى، «بەھرى قەسىر» يەنى قىسقا بەھىرلەر ( 7 بوغۇمدىن 12 بوغۇمغىچە) بولىدۇ.

تۆۋەندە بىز كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە بەھىر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

رەمەل بەھرى

«رەمەل» نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئاۋۇن، كۆپ، قۇمدەك تۇلا» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە كۆپ قوللۇنۇلىدىغان، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەڭگىل بەھىرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.

پائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى، ياكى پائىلاتۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەمەل بەھرىگە كىرىدۇ.

بۇنىڭ تەپئىلى:

پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن

پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

مەسىلەن:

ئاھ ئۇرارمەن | ئاھ ئۇرارمەن | ئاھلىرىم تۇت | قاي سېنى

كۆز يېشىم دەر | يا بولۇپ بې | لىقلىرىم يۇت | قاي سېنى

ھەزەج بەھرى

«ھەزەج» نىڭ لۇغەت مەنىسى «نەغمە، كۈي، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى.

مەپائىيلۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار ھەزەج بەھرىەە كىرىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قوللۇنىلىدىغان بىرقانچە تۈرى بولۇپ:

1) «ھەزەج مۇسەممەن سالىم» (مۇكەممەل سەككىزلىك ھەزەج) بولۇپ، بۇ ئىككى بۆلەك، 4 تۇراق، 16 بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ.

تەپئىلى:

مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن

مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن

لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي

لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي

مەسىلەن:

زىمىستان كۆر | مىگەن بۇلبۇل | باھارنىڭ قەد | رىنى بىلمەس

جاپانى چەك | مىگەن ئاشىق | ۋاپانىڭ قەد | رىنى بىلمەس

2) ئىككىنچى خىل شەكلى:

مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن | مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن

مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن | مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن

لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي | لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي

لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي | لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي

مەسىلەن:

باي يەيدۇ | پولو بەتتە | بىزلەر ئاچ | شۇ ھالەتتە

3. رەجەز بەھرى

«رەجەز» نىڭ لۇغەت مەنىسى «شېئىر ئېيتىش، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ قىسقا-قىسقا ئۇلاپ تېز ئوقۇلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى.

مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەپئىلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەجەز بەھرىەە كىرىدۇ.

تەپئىلى:

مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن

مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن

لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي

لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي

مەسىلەن:

ئاتقاندا تاڭ | چىقتى قۇياش | كەلدى باھار | كۆكلەم مانا

نۇر ئىلكىدە | كۈلدى زىمىن | نۇر ئىلكىدە | كۈلدى ساما

ئاچتى قىزىل | كۈلدى زىمىن | قىلدى تەبەس | سۇم لالىلەر

گۈل نەۋ باھار | چاچتى ئىپار | ئالساڭ نەپەس | تەنگە داۋا

6ئالاھىدىلىكى

 ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر قايسى بەھىرلىرىدە يېزىلغان شېئىرلار ئۆزىگە خاس ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، بىر بەھىرنىڭ ئاھاڭى يەنە بىر بەھىرنىڭ ئاھاڭىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ مانا مۇشۇ ئاھاڭدارلىقى شېئىر يېزىقچىلىقىدا ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ يېزىلماسلىقىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ ئاھاڭدارلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ بىر قىسىم شائىرلار ئۈچۈن تەس تۇيۇلۇشى مۇمكىن.

مەسىلەن: ھەرقايسى بەھىرلەرنىڭ تەپئىلىنى زەڭ سېلىپ ئوقۇيدىغان بولساق بۇخىل ئاھاڭدارلىقنى ئاسانلا بايقىۋالالايمىز.

رەمەل بەھرى:

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

ھەزەج بەھرى.

لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي

لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي

رەجەز بەھرى

لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي

لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي

7ۋەزىن-بەھىر سىخىمىسى

 
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھىرلىرى  سىخمىسى
رەتۋەزىن نامىسىزىق بەلگىسىئاھاڭ  ئىپادىسى
1پائىلاتۇن--V-ناي نى ناي  ناي
2پائىلۇن  (پائىلات)-V-ناي نى  ناي
3پەئىلاتۇن--VVنى نى ناي ناي
4پەئىلۇن-VVنى نى  ناي
5مەپائىيلۇن---Vنى ناي ناي  ناي
6مەپائىلۇن-V-Vنى ناي نى ناي
7مەپائىل  (پەئۇلۇن)--Vنى ناي ناي
8پەئۇل-Vنى ناي
9مەپئۇل--ناي ناي
10مەپئۇلۇن---ناي ناي ناي
11مەپئۇلۇV--ناي ناي نى
12مۇستەپئىلاتۇن--V--ناي ناي نى  ناي ناي
13مۇستەپئىلۇن-V--ناي ناي نى  ناي
14مۇپتەئىلۇن-VV-ناي نى نى ناي


8ۋەزىن-بەھىر ھەققىدىكى باشقا بايانلار

ئۆز شېئىرىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق تىلىمىزدىكى ئىستىمالىمىزغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 32ھەرىپ مەۋجۇت. بۇلاردىن سەككىزىنى سوزۇق تاۋۇش، قالغانلىرىنى ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتايمىز. سۆزلىرىمىزدە ئەنە شۇ سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بوغۇملار مەۋجۇت بولۇپ، شېئىرىيەتتە ئەنە شۇ بوغۇملار مەلۇم تەرتىپتە كېلىدۇ. ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشىدىن بوغۇم ھاسىل بولىدۇ ۋە ئارۇزز زۋەزىنلىك شېئىرىيەتتە بۇ بوغۇملار سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلە دەپ ئاتالغان بۆلەكلەرنى تۈزىدۇ.

بىر تولۇق(يېپىق بوغۇم- ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان بوغۇم) ياكى ئىككى قىسقا(ئوچۇق بوغۇم-سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان بوغۇم )بوغۇمنىڭ بىرىكمىسى  ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە سەۋەپ دىيىلىدۇ،يالغۇز تولۇق بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ(سەۋەبى ھەفىف)ياكى يېنىك سەۋەپ دىيىشمۇ مۈمكىن. ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىدە بۇنداق سەۋەپ  _ بەلگىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى قىسقا بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ- تولۇق سەۋەپ(سەۋەبى سەقىل) دىيىلىپ ۋەزىن ئۆلچىمىدە V بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  قىسقا ۋە تولۇق بوغۇملارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋەتەد ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق بىرىكمىدە قىسقا ياكى تولۇق بوغۇملارنىڭ كېلىپ ئورنى ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋەتەدلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ۋەتەدى مەجمۇھ- يەنى قوشما ۋەتەد.

ۋەتەدى مەفرۇق- ئايرىلغان ۋەتەد.

   قوشما بوغۇمدا تولۇق بوغۇم ئالدىدا، قىسقا بوغۇم كەينىدە كېلىپ بىرىككەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەۋ+جى = مەۋجى

                                                                                                                                       V   -

  ئايرىلغان ۋەتەدتە بولسا قىسقا بوغۇمدىن كىيىن تولۇق بوغۇم كېلىدۇ. مەسىلەن: ۋە+تەن= ۋەتەن

                                                                                                                -    V

فاسىلە: ئىككى ياكى ئۈچ قىسقا بوغۇمنىڭ ئۆزىدىن كىيىن كەلگەن تولۇق بوغۇم بىلەن بىرىكىشىدىن تۈزىلىدۇ.ئەگەر ئىككى قىسقا بوغۇم بىلەن تولۇق بوغۇم بىرلەشسە كىچىك فاسىلە(فاسىلەئى سۇغرا) شەكىللىنىدۇ ۋە VV- بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈچ قىسقا بوغۇم بىلەن بىر دانە تولۇق بوغۇمنىڭ بىرىكىشىدىن چوڭ فاسىلە(فاسىلەئى قۇبرا) شەكىللىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىشتە VVV – بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

مانا مۇشۇ تەرىزدە سەۋەپ، ۋەتەد ۋە فاسىلەلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شېئىرىي مىسرالارنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل- ۋەزىن شەكىللىنىدۇ. بىر سەۋەپ بىلەن بىر قوشما ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن فائۇلۇن ۋە فائىلۇن ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ۋەتەدتىن كىيىن سەۋەپ كەلسە فائۇلۇن ۋەنى، ئەكسىچە سەۋەپتىن كىيىن ۋەتەد كەلسە فائىلۇن ۋەزنى تۈزىلىدۇ.  فائۇلۇن ۋەزنى ئىپادىدە V—بەلگىسى بىلەن، فائىلۇن ۋەزنى بولسا -V-بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئىككى سەۋەپ بىلەن بىر ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن تۆت دانە تۆت بوغۇملۇق ۋەزىن تۈزۈلىدۇ بۇلار مەفائىلۇن، فائىلەتۇن، مۇستەفئىلۇن ۋە مەفائۇلاتۇ ۋەزىنلىرىدىن ئىبارەت.

قوشما ۋەتەددىن كىيىن ئىككى سەۋەپ كەلسە مەفائىلۇن ۋەزنى، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلسە فائىلاتۇن، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپتىن كىيىن كەلگىنىدە مۇستەفئىلۇن ۋەزنى،ئىككى سىۋىپتىن كىيىن ئايرىلغان ۋەتەد كەلسە مەفئۇلاتۇ ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ.

ۋەتەد ھەمدە فاسىلەنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە ئىككى ۋەزىن-مۇتەفائىلۇن ۋە مەفائىلاتۇن ۋەزىنلىرى بارلىققا كېلىدۇ. قوشما ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن بۇرۇن كەلگەندە مەفائىلاتۇن ۋەزنى، ھەمدە شۇ ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن كىيىن كەلگىنىدە مۇتەفائىلۇن ۋەزنى شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۇقارقى ۋەزىنلەرنى يىغىپ سىزما ئىپادىسىنى شەكىللەندۈرسەك تۆۋەندىكىدەك ۋەزىن ئۆلچىمى شەكىللىنىدۇ:

فائۇلۇن :  V    —

فائىلۇن:-V-      

مەفائىلۇن:---V   

فائىلاتۇن:--V-      

مۇستەفئىلۇن:-V--   

مەفئۇلاتۇ:V---      

مۇتەفائىلۇن:-V-VV   

مەفائىلاتۇن:-VV-V   

مانا بۇلار ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمىدۇر. بۇلار ئاساسىي ۋەزىن ئۆلچىمى بولۇپ، ھەر بىر ۋەزىننىڭ ئىچىدە يەنە ھەرخىل تارماق ۋەزىنلەر مەۋجۇت.

ئەمدى يۇقارقى ۋەزىنلەرنىڭ شېئىرىي مىسرالاردا بەلگىلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بەھرى ئايرىلىدۇ. بۇنداق بەھىرلەر ئاساسەن يەتتىدۇر. ئۇلار مەفائۇلاتۇ ۋەززنىدىن باشقا ۋەزىنلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

فائۇلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەقارىب بەھرى.

فائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەدارىق بەھرى.

مەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنشىدىن ھەزەج بەھرى.

فائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەمەل بەھرى.

مۇستەفئىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەجەز بەھرى.

مۇتەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كامىل بەھرى.

مەفائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ۋافىر بەھرى قاتارلىق بەھىرلەر شەكىللىنىدۇ.

يەنە بىر بىيىتتە بۇنداق ۋەزىنلەر تۆت قېتىم تەكرارلانسا  ۋەزنى مۇرەببە(تۆتلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئالتە قېتىم تەكرارلانسا –مۇسەددەس،(ئالتىلىك)، سەككىز قېتىم تەكرارلانسا مۇسەممەن(سەككىزلىك) دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەمدى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ھەرخىل ۋەزىنلەرنىڭ بىرىكىشىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ۋەزىنلىك شېئىرلار ئارىلاش ۋەزىنلىك شېئىرلار دىيىلىدۇ مەسىلەن:

مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

بۇ خىل شەكىلدە تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەددەس سالىم بەزنىدىكى شېئىرلار دەپ ئاتىلىدۇ.

مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

بۇ خىل تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەممەن سالىم ۋەزنى دەپ ئاتىلىدۇ.

فائىلاتۇن ۋە مۇستەفئىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن ھەفىف ۋە مۇجتەس بەھىرلىرى تۈزۈلىدۇ. فائىلاتۇن مۇستەفئىلۇندىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا ھەفىفبەھرى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنىدا مۇجتەس بەھرى دەپ ئاتىلىدۇ.مۇستەفئىلۇن ۋە مەفئۇلاتۇ ۋەزىنلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇنسەرىھ ۋە مۇقتەزەب بەھىرلىرى تۈزىلىدۇ. ئەگەر مۇستەفئىلۇن ۋەزنى مەفئۇلاتۇ ۋەزنىدىن بالدۇر كېلىپ تەكرارلانسا مۇنسەرىھ بەھرى شەكىللىنىدۇ، مەفئۇلاتۇ ۋەزنى مۇستەفئىلۇن ۋەزنىدىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا مۇقتەزەب بەھرى شەكىللىنىدۇ.

فائۇلۇن ۋە مەفائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن تەۋىل بەھرى تۈزىلىدۇ.

فائىلاتۇن ۋە فائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ تەكرارلىنىشىدىن بەسىت بەھرى ھاسىل بولىدۇ.

ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ئىككى دانە ئوخشاش ۋەزىن ۋە بىر دانە باشقا ۋەزىندىن تۈزۈلىدىغان شېئىرلارمۇ بار.بۇنداق ۋەزىنلەر ھەر بىر مىسرادا ئۈچ ۋەزىننىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىر خىل، ئۈچىنچىسى باشقا ۋەزىن بولىدۇ  بىر مىسرادا ئۈچ، بىر بىيىتتە ئالتە ۋەزىن بولغانلىقتىن بۇنداق بەھىردىكى شېئىرلار ئالتە ۋەزىنلىك يەنى مۇسەددەس شەكلىدىلا بار بولىدۇ. ئۇلار مۇرەببە ۋە مۇسەممەن باھەرلىرىگە كىرمەيدۇ.

1-         قەرىب بەھرى:

مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن

بۇ قەرىبى مۇسەەدەسى سالىم ۋەزنى.

2-         مۇشاكىل بەھرى:

فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن

فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن

بۇ مۇشاكىل بەھرىنى مۇشاكىلى مۇسەددەس سالىم ۋەزنىدۇر.

3-غېرىپ بەھرى:

فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن

فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن

بۇ خىلدىكىسى غېرىبى مۇسەددەسى سالىم ۋەزنى.

3-         سەرھ بەھرى:

مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ

مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ

بۇ خىل شەكىلدىكىلىرى سەرھ مۇسەددەسى سالىم بەھرىدۇر.






278 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:43:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ