خوتۇن مىنى كەچۈرۈڭ - ھىكايە 1 - قىسىم

خوتۇن مىنى كەچۈرۈڭ

 

 ھىكايە  1 - قىسىم

 

ئاپتورى:چەشمە(خانقىز تۇرغۇن)

 

ئىشخانىدا قاچان شۇ گەپ بولۇندى، شۇندىن بۇيان ئايالىمنىڭ تېلفۇنىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىغان بولدۇم . ئۇنىڭ تېلفۇنىغا كەلگەن ئادەتتىكى بىر تال قىسقا ئۇچۇرمۇ مىنى ھەر ئوي ھەر كويلارغا سالاتتى . بۇلۇپمۇ ئاغىنەم دەپ بەرگەن 12يىللىق تۇرمۇشىنى يوققا چىقىرىپ تېلفۇندىكى ئۈندىداردا تۇنۇشقان باشقا ئەر ئۈچۈن ئوماق باللىرىنى يىتىم قىلىپ، ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان شۇ ئايالنىڭ ئىشلىرى ئىسىمگە كەلسلا ، ئايالىمنىڭ سائەت-سائەتلەپ ئۈندىداردىن باش كۆتۈرمەي ھەتتا بەزىدە تاماق ئىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاللىكىملەردۇر بىلەن پاراڭلىشىپ كىتىشى، قايسىبىر توپلاردا ئوپچە پاراڭغا چۈشۈپ قىزىپ سۆزلەشلىرى مىنى قاتتىق گۇمانغا سالاتتى .

ئۆيۈمنىڭ گۈلى ، باللىرىمنىڭ كۈيۈمچان ئانىسى ، مىنىڭ 10 يىللىق ھالال جۈپتۈم بولغان بۇ ھەمراھىمدىن ئارتۇقچە گۇمانلىناتتىم ، بىراق شۇ كۈنى ئىشخاندىكى پاراڭدىن چاپلاشقان بۇ گۇمانخورلۇق كىسلى مىنى پەقەتلا ئاراممىمدا قويمايتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە، ئايالىمنىڭ بىر ئەر كىشى بىلەن ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم .

 -ھە ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ،،ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ بولاممىدىم سەت بولدى.

بۇ ئايالىمنىڭ ئاۋازى ئىدى، توۋا ئادەتتە ماڭىمۇ بۇنداق سىلىق گەپ قىلمايتى، ھەجەپ تۇنۇشقىلى نەچچە كۈن بولغان بۇ كۇسپۇرۇشقا ھەجەپ ئىرىپلا كىتىپتۇ دىسە،《دىڭدوڭ》قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇ ئەردىن جاۋاپ كەلدى. مەن ياتاق ئۆيدىن چىقىپ ئاشخانىغا ماڭغاچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم . قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىلى بولمايتى، ئايالىم يەنە سىپايىلىك بىلەن :

-كۆگۈمىز كەممەمدىغان، بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ، يولىڭىزغا قاراپ كۆزىمىز تۆت بوپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...

 مانا ھە ،،،دەيتىم ئىچىمدە ،،بەزىدە ئۇرۇشۇپ قالساق سىزنى كۆرە كۆزۈم يوق دەيتى ،،مانا ئەمدى يولىڭىزغا قاراپ كۆزۈم تۆت دەيدىغۇ،،،،شۇ ئارىدا ئايالىمىنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ،، مەن خۇددى گېلىغا بېلىق قىلتىرقى كىرىپ قالغان ئادەمدەك قىينالماقتا ئىدىم ،،، ئاخىردا ئايالىمنڭ مۇنۇ سۆزلىرى يەنە دىققىتىمنى تارتتى، -《 كىلەر ھەپتە قايتىپ كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيگە چۇقۇم بىر كىلىڭ، ئوبدان بىر ھەمداستىخان بولۇشايلى 》.

 ئايالىمنىڭ سۆزىدىن كىيىن ئاغىنەم گىپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى ئايالنىڭ ئۈندىداردا تۇنۇشقان ئەركىشىنى ئۆيدە يولدىشى يوق ۋاقىتتا ئۆيگە باشلاپ كەلگەنلىكى توغىرسدىكى سۆزلىرى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتسدەك ئۆتمەكتە ئىدى.

-ئەنە ئىشىكتىن بويى مەندىن بەستلىكرەك، لىكىن چىرايى كۆرۈمسز ، بىر ئەر كىرىپ كەلدى،،ئايالىم بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق ياسىنىپ ئۇنى كۈتىۋالدى، مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان چاينى دەملەپ ، مەن ئەڭ ئامراق تاماقنى ئىتىپ ئالدىغا قويدى.

ئۇ ئىككىسى مىھمانخانا ئۆيدىكى شىرە ئۈستىگە تاماقنى قۇيۇپ ،بىر-بىرنىڭ كۆزىگە قارىشىپ تاماق يىيشمەكتە ، كۈلۈشمەكتە ،،،مەن ئۆزۈمنىڭ خىيالىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرگە چىدىيالماي 《ياق 》دەپ ۋارقىراپ سالدىم . ئاۋازىم بەك ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن چېغى، مىھمانخاندىكى كىرسلودا ئولتۇرغان ئايالىم يۈگۈرگىنچە كىرىپ كەلدى :

 -نىمە بولدى ،،،نىمە ياق …… ئادەمنى ھەجەپ قورقاتتىڭىز دىسە،،،،

شۇتاپ ئايالىم كۆزۈمگە ناتۇنۇشتەك، ئارىمىزدا نىپىز بىر قەۋەت پەردە تارتىلغاندەك بىلىنۋاتاتتى ،مەن:

 -ھېچنىمە بولمىدى ،،، دىگىنىمچە ئايالمىنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويماي ئېسقلىق تۇرغان چاپىنىمنى ئېلىپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىم.

يولدا كىتۋاتىمەن ، قانداق قىلاي ،،زادى قانداق قىلىشىم كېرەك،،،،،،،ئۆيگە كىرىپ ئايالىمدىن ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورامدىم ياكى كىلەر ھەپتە ئاخىردا ئۇ ئەزىز مىھمان بىلەن يۈز تۇرانە كۆرشەيمۇ ،،،ئەگەر ئەھۋال راستىنلا مەن ئەنسىرگەندەك بولۇپ قالسا، ئائىلەم نىمە بۇلۇپ كىتەر، باللىرىم قانداق قىلا ،،،،چوڭىنى مەن ئېلىپ قالاي، كىچىكى قىز بولغاندىكىن ئاپىسى تەربىيلىسۇن. ياق ئۇنداق ئائىلىسنى بۇزغان خائىن خۇتۇنغا بىرىدىغان بالا يوق.  ھەر ئىككى بالىنى ئۆزەم باقىمەن ، جاپا چەكسەممۇ مەيلى ،،،كاللامدا مىڭ خىل ئوي،،،،ئويلىغانسېرى ئۆزەمنى شۇنداق بىچارە ھېس قىلىپ كىتۋاتاتتىم. مانا ئايالىم باشقا بىر ئەرنىڭ بىلىكىگە ئېسىلپ ئۇنىڭغا ئەركىلگىنچە كىتۋاتىدۇ، خۇددى بۇرۇن ماڭا ئەركىلگەندەك ،،،ياق ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ،،،،مەن كەينىدىن ئىككى بالىنىڭ قۇلىنى تۇتقۇنۇمچە بىر جايىمدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك مىدىر قىلماي قاراپ تۇرىمەن قىزىم (ئاپا) دەپ- يىغلاۋاتىدۇ...

مەن نىملەرنى ئويلاپ كەتتىم ،،،مانا مۇشۇنداق نېرۋامنى قالايمىقان قىلىدىغان گادىرماچ خىياللار تىنىچلىقىمنى بۇزماقتا ئىدى. مەن ئۇ بەلكىم خىزمەتدېشىدۇ ۋە ياكى مەن بىلمەيدىغان بىرەر دوستىدۇ دەپ ئۆز -ئۆزەمگە تەسەللىي بەرمەكچى بولدۇم -يۇ ، ئەمما مىنىڭ ئەرلىك سالايھىتىم بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى، خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە كوچىنى ئايلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كىرسەم ،ئوخشىغان پولونىڭ مەزىلىك ھىدى ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئاپتۇ . ئايالىم چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ ، مىنى تاماققا چاقىردى. ھەممىسى ساختا ،،دەيتىم ئىچىمدە ،،،،،تاماق ئۈستىلىگە كىلىپ ،ئالدىمغا قۇيۇلغان قاراشتىنلا ئوخشىغانلىقى چىقىپ تۇردىغان پولوغا قاراپ ھېچبىر ئېغىز تەگكۈزگۈم كەلمەيتى. ئادەتتە ئالدىمغا تاماق قۇيۇلسا،بۇلۇپمۇ پولونى كۆرسەم ئېغىزىمغا شۇررىدە سېرىق سۇ كىلىپ كىتەتتى، لىكىن بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى. ئايالىم چىرايىمنىڭ تۈرلۈپ كەتكىننى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كەچلىك تاماق ناھايتى كۆڭۈلسزلا يىيىلدى. ئايالىممۇ بىرنىمىلەرنى ئويلاپ تاماقنىمۇ تۈزۈك يىمىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ تاماق يىگىم يوق دىگىنگە قويماي زولاپ تاماق يىگۈزەتتم، يىمىسە يىمسۇن، ھەر قاچان ئاشىقىنى ئويلاۋاتىدىغاندۇ ھازىر. مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت كىلەر ھەپتە ئاخىردا ئۆيىمىزدا يۈز بەرمەكچى بولىۋاتقان ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش تەس بولغان بىر مەيدان ۋەقەلا بار ئىدى.

كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى دىگەن بۇ قارار توشقۇچە قۇلۇم ئىشقىمۇ بارمىدى، خىزمەتتىكى ئەستايدىللىقىم، جۇشقۇنلۇقۇم، ئائىلدىكى ئۇچۇق-يۇرۇق قىزغىنلىقىم بىراقلا يوقالغان ئىدى، ھەتتا ئۈچۈنچى قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە چىقىشمۇ شۇنچىلىك قىيىن تۇيۇلدىغان بولدى. مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن بىر ھەپتىدىن كىيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا روھىي ۋە باشقا جەھەتتىن تەييارلىق كۆرىۋاتاتتىم ،،،،مانا ئۈچ كۈن قالدى ،،،،،،،،،،ئىككى كۈن،،،،،،،،،،،،،، قالدى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بىر كۈن،،،،،، قالدى،،،،،،،لىكىن ھەپتە ئاخىردا ئىككى كۈن با تۇرسا قايسى كۈنى كىلە ،،،شەنبە كۈنى كىلەمۇ ياكى يەكشەنبىمۇ،،،، مەن ئايالىمنى چۆچۈتۈپ قويماي دەپ جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىداردىن تۇيۇقسز كاماندۇرۇپكىغا ئۇرۇنلاشتۇردى دەپلا لازىمەتلىكلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ، ئۆيمىزگە يېقىنراق بولغان بىر مېھمانخاندىن ياتاق ئېلىپ ئۇرۇنلاشقاندىن كېيىن ،ئەتىسى ئەتتىگەندە 4-قەۋەتتىكى پەلەمپەيگە چىقىپ ساقلاشقا باشلىدىم ،،،پەستىكى قەۋەتتىن ئاڭلانغان ھەر بىر شەپىگە شۇنچىلىك دىققەت قىلدىم، چۈشتە ئالدىن تەييارلىۋالغان مىنرال سۇ بىلەن ناننى يەپ مەن ئۈچۈن ئىستىھكام ھېسابلانغان بۇ پەلەمپەيدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدىم ،،،مانا چۈشتىن كىيىن بولدى ،،،جىممىدە ،،،،،كەچمۇ بولدى،،،يەنە جىم ،،قانداق قىلىش كېرەك ،،،،ئەگەر ئايالىم جۈمە كۈنى مەن كەتكەندە ئۇنى چاقىرىپ كۆرۈشۈپ بولغان بولسىچۇ ،،،،،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە كاماندوروپكىغا چىقسام كۈندە نەچچە ۋاق تېلفۇن قىلدىغان ئايالىمنىڭ تېلفۇنلرىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى،،،قانداق قىلسام بولا،،قايتىپ ئەتە كىلەيمۇ يا ،، ياق ،ئەگەر كۈندۈزى كەلسە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كىچىدە كەلمەكچى بولغان بولسىچۇ،،،،،مەن ئاخىر بىر نىيەتكە كەلدىم ،كىچىچە قاراپ ئولتۇرماقچى بولدۇم ،،ئىچىمدىكى بىر خىل تۇيغۇ مىنى ئۇيقۇدىن سەگىتىپ تۇرۋاتاتتى ،، تاڭمۇ ئاتتى ،،ئوخشاشلا جىممىدە ،،،بۇ زادى نىمە گەپ ،،،بىر كىچە ئۇخلىماي قادىلىپ تۇرغاچقا خېلىلا ھېرىپ قالغان ئىدىم،بىراق ئۆز-ئۆزەمنى بىخەستەلىك قىلىشقا بوممايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇراتتىم.

 داۋامى بار........





2282 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 11:23:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-5 23:04:01 aygul
مەن بەكلا قىزقىپ قالدىم بۇ ئەسەرگە ئاخىرى تىزراق چىقسا بولاتتى
2016-3-3 11:43:05 muradel
han kiz turuig. hikayee . yahixe . qikiptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ