ئۇ كەلدى 5 (ئاخىرقى قىسىم)

ئۇ كەلدى 5 (ئاخىرقى قىسىم)

 

كەترەن

 

ھەقىقەت +ھالاكەت(خاتىمە)

 

 ئۇلار خۇددى مۇرات مۇئەللىمنى قايتىدىن تونۇۋاتقاندەك ئۇنىڭغا سەپسىلىپ قاراشتى. ئۇنىڭ كۆزەينىكى ئاستىدىن مېھىر يىغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئەمدى غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى.

 ــــ سەن؟؟؟ ئارزۇگۈل مۇرات مۇئەللىمگە قاراپ بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ، تىللىرى كالۋالىشىپ گەپكە كەلمەي كەتتى.

 ـــ شۇنداق... ئۇ كۈنى ئەنۋەرگە مەن تىلىفون قىلغان. ئۇ سىرتقا چىققاندىن كىيىن ئۇنى ئۆلتۈردۈم. ئاندىن قولىنى كېسىۋىلىپ كۆلگە تاشلىۋەتتىم. ئابدۇللا مۇرات مۇئەللىمنىڭ قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىگە قاراپ چۈچۈپ كەينىگە نەچچە قەدەم سۈرۈلۈپ كەتتى: ــــ سەن!!! ؟؟ نىمىشقا ئەنۋەرنى ئۆلتۈرىسەن؟؟ ـــ ئۇ ئۈلۈمگە لايىق . ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرمىسەم ئۇ ھامىنى ھەممىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى. كۆپچىلىك ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى ئېچىپلا قىلىشتى.

 ـــ ئابدۇللا ... نەنسەندە ماڭا تىلىفون قىلىپ، ئەگەر بۈگۈن قانداقلىكى ئىشنى كۆرسەڭ كۆرمەسكە سال، سىنىڭ سېدىق لوبەندىن پارا ئالغان كۆرۈنىشىڭنى ئىشىك يوچىقىدىن سۈرەتكە ئىلىۋالغانمەن ... لىكىن مىنىڭ ساڭا پارا بەرگەنلىكىم توغۇرلۇق ھىچقانداق ئىسپاتىڭ يوق، دىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟؟؟ مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سىلەر تىخىمۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭلار!!!!! ئەنۋەر، جۇشقۇن، خالىدە، ئابدۇللا، ئارزۇ.... ھەممىڭنىڭ ئاتا ئانىسى گاھى يۇمشاق گاھى قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن سىلەرگە بۇ پۇرسەتنى كەلتۈرۈپ بېرىشىمگە قىستىدى!!!مەن ئامالسىزمەن!!! ئامالسىز خۇپيانە ھەممىنى قوبۇل قىلدىم ...نەنسەن ساياھىتى كۈنى ئابدۇللا ماڭا تىلىفون قىلىپ پارا ئالغان جىنايىتىمنى ئاشكارلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى! ماڭا ئامال قانچە ... سەن گىپىڭنى تۈگىتىپ تىلىفوننى قويىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ!! مەن تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ سىنىڭ ئۇلارغا ئەركىننى ئۆلتۈرۋىتىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سالغىنىڭنى ئاڭلاپ قورققىنىمدىم ئولتۇرۇشۇپ قالدىم. ــــ ياق!! ياق!! خالىدە قوشۇلمايدۇ، جۇشقۇن قوشۇلمايدۇ... ئۇلار قوشۇلمايدۇ!!! گەرچە ئۇلار ناتوغرا يول بىلەن پۇرسەتنى تالىشىۋاتقان بولسىمۇ ھەرگىز يىقىن دوستىنىڭ ئۈلۈمىگە قاراپ تۇرمايدۇ، دىدىم ئېچىمدە. لىكىن رىئاللىق ئۇنداق بولمىدى ... مەن سىلەرنىڭ ئۈندىمىگەنلىكىڭلاردىن شەيتاننىڭ سايىسىنى كۆردۈم. مەن جىنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم، يۈرەك پارە ئوغلۇمنىڭ باشقىلارنىڭ زەھەر قولىدا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈگۈردۈم ... لىكىن كۆز ئالدىمدىلا ئۇ تىك ياردىن ئىتتىرۋىتىلدى ... مۇرات مۇئەللىم شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى. ئابدۇللا كۆزلىرىنى چەكچەيتتى:

ـــ ئەركىن!! ئۇ؟؟؟ مۇئەللىم جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى: ـــ شۇنداق ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم!!! نامراتلىقىمدىن ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتالماي ئۆيدە ئۆزۈم تەربىيلىگەن... لىكىن جەمىئەت ئۇنۋانى يوق كىشىنى ئىتراپ قىلمايدۇ ، شۇڭا ئۇنى ئوغۇرلۇقچە مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردۇم، سۆز چۆچەكلەردىن قورقۇپ مۇناسىۋىتىمنى يوشۇردۇم... لىكىن، تارتقان جاپالىرىم ئاخىرى يوققا چىقتى... يوققا چىقتى ... مۇرات مۇئەللىم ئىلىشىپ قالغان ئادەمدەك تامنى تاتلاپ قوللىرىنى قانىتىۋەتتى. ئۇلار ئۈچىسى ئالاقىزادە بولۇپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئابدۇللا يىنىدىن پىچاقنى چىقاردى: ـــ دىمەك .. سەن ئاۋۋال توقۇم مەخلۇق ھىكايىسىنى، ئاندىن ئۆلگەن ئەركىننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بىزنى بىردىن بىردىن يوقىتىپ قىساس ئالماقچى بوپكەنسەندە؟؟؟ مۇرات مۇئەللىم تىخىمۇ قورقۇنچلۇق كۈلدى:

ـــ شۇنداق ... شۇنداق ... ھاھاھا.. ئۇنىڭ ئاۋازى كۈلكىگە ئوخشايتتىيۇ كۆزلىرىدىن ياش چىقىۋاتاتتى.

 ـــ ھۇ قاتىل.!!! ئارزۇ ۋارقىرىدى !!! ــــ قاتىل؟؟؟ قاتىللىقنى سىلەر باشلاپ بولغان .. مەن پەقەت داۋامىنى يىزىۋاتىمەن.. ئەنۋەرنىڭ دادىسى، جۇشقۇننىڭ دادىلىرى ماڭا بارمىقىمنى كېسىۋىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالغانىدى... مەن ئۇلارنىڭ بارمىقىنى كېسىۋالدىم. مەن پەقەت سىلەرگە ۋەھىمىنى ھېس قىلدۇرماقچى!!! قىلغان ھەربىر يامانلىقىڭلار نى ۋەھىمە ئارقىلىق يۇيىۋەتمەكچى ... ياق!! ياق!!! سەن ئەپتىبەشىرەڭنى ئاشكارلىدىڭ، ئەمدى بىزنى ئۆلتۈرەلمەيسەن، ـــ ئابدۇللا قولىدا پىچاق كۆتۈرۈپ ۋارقىراپ گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ قوللىرى تىترەۋاتاتتى. ــــ ھاھاھا... سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەيسىلەر ... شۇ چاغدا ئارزۇ بىلەن خالىدە دەرھال ئىشىكتىن ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىپ كەتتى. لىكىن سىرتتا بوران شۇنچىلىك دەھشەتلىك چىقىۋاتاتتىكى قۇم يۈزگە چارسلداپ تىگىپ بەدەنگە يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىيتتى. ئۇلار ئون نەچچە مىتىر ماڭمايلا ئالاھىدە كۈچلۈك قۇم بوران قوينىدا يىقىلىپ بىردەمنىڭ ئېچىدە يوقاپ كەتتى...... ئەتىسى بوران توختاپ ھاۋا ئېچىلدى. خارابە ئۆيدىن بىر ئىگىز گەۋدە چىقىپ كەلدى. ئۇ ھارغىن قەدەملىرى بىلەن كۆل يىنىغا كەلدى... ئاندىن قان يۇقى پىچاقنى كۆلگە تاشلىۋىتىپ كۆل ياقىسىدىلا ئاسمانغا قاراپ ياتتى. ئاسمان كۆپكۆك... ھەممە ئۇنىڭغا شۇ قەدەر گۈزەل كۆرۈندى. مەن كېتىمەن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن، بۇ ئىشلارنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، ھەممە ئىشلار ئاشۇ مەخلۇققا دۆڭگەپ قويىلىدۇ.... ئۇشۇلارنى خىيال قىلغاچ كۆل بويىدا ئۇخلاپ قالدى... ئابدۇللا تىلىفون قىلىپ قويغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى كەچتە يىتىپ كەلدى. لىكىن ئۇلار تاشلاندۇق ئۆيدىكى مۇرات مۇئەللىمنڭ جەسىدىدىن باشقا ھىچنىمىنى بايمىقىدى ... پەقەت توختىماي سۈرلۈك چايقىلىپ تۇرغان كۆل سۈيى، كۆل ياقىسىدىكى قان ئىزلىرى ئۇلارغا سەل غەلىتە تۇيۇلدى.

 تامام....





1343 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 19:09:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-3 12:45:56 guljawar
bak yahxikan ham surluk ham ebratlik
2016-8-3 0:44:44 مەن كەلدىم
دەششەت ئاز بولسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ
2016-3-23 17:08:52 قەلبىنۇر
نىمانداق ۋەششى بۇ ھېكايە ، ھاىرقى بى قىسىم ،پۇلغا ئ‍امراق ئ‍ادەملەگىلا يېزلغاندەك
2015-10-14 15:13:04 مەخمۇتجان
ۋاھ! ھەقىقەتەن پەيزى يېزىپسىز .سىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىڭىز بەكلا ئۆزگىچە ئكەن . قورقۇنۇچلۇق فىلىملارنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىپ سىناپ بېقىڭ .
2015-9-22 0:55:54 afifa
bak yahxi yezepsez ajregiz yarda kalimusun bunden keyen tehimu yahxi asarlarni yezexigezga telakdaxman
2015-8-19 5:49:30 نۇربىيە
ئايگۈل بىلەن خالىدە ئۈلدىما
2015-8-18 18:53:47 arzu
czga rahmaT Tolmo yahxi yezpcz" kaTran kyNki ixlRgzga uTah Tilayman!!::
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ