ۋاقىت ( ھىكايە )- ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ۋاقىت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( ھىكايە )


  بۈگۈن ھەرقانچە قىلىپمۇ دەرىسكە دىققەت قىلالمىدىم.ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئويۇنغا بىرىلىپ كەتكەن كۆڭلۈم ، كۈندە شۇ كىچىك كوچىدىكى تورخانىدا قۇرۋالغان « خانلىق » ئىمنىڭ سۇلتانى بولۇپ قالغان مەن ئۆزۈم مەنسۇپ بولمىغان بۇ « ساراڭلار » دۇنياسىدا ئىچىم سىقىلىپ ئولتۇراتتىم . تۇيۇقسىز سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەسەنجان مۇئەللىم كىرىپ كەلدى ۋە يىنىمغا كېلىپ :

- ئەركىن ! ئاخشام ياتاققا قاتماي قەيەرگە باردىڭ ؟ مەندە بىر مەسئۇلىيەت دەيدىغان نەرسە بارمۇ يوق ؟ مۇشۇنداق يۈرسەڭ ، يىراق سەھرادىكى كۈندە ئوتۇن سىتىپ سېنى ئوقۇتۋاتقان داداڭغا ، باشقىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە تەلمۈرۈپ ، ياماق ، ئىتىز ـ ئىرىق ئىشلىرىنى قىلىپ سەن بىر ئوغلىنى ئوقۇتۋاتقان شۇ ئاناڭغا قانداق يۈز كىلەلەيسەن ؟ ... دىگەندەك تەنقىدىي سۇئاللىرىنى ياغدۇرۋەتتى . مۇئەللىمنڭ ئۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ شۇ مىھرىبان ئاتا ـ ئانام كۆز ئالدىمدا ئايان بولماقتا ئىدى ....

  لېكىن ، مەن مۇئەللىمنىڭ ئۇ سۆزلىرىگە كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم . ھەر قىتىم بىرەر ئىش سادىر قىلساملا مۇئەللىمنىڭ شۇنداق تەنبىھ بىرىشى ئىنىق ، دەسلەپ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ، بولۇپمۇ شۇ مىھرىبان ئاتا ـ ئانامنى تىلغا ئىلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشلىرى يۈرۈكۈمنى ئىچىشتۇرسىمۇ ، بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن تورخانىدىكى شۇ « خانلىق » ئىمنى ، ئۇنىڭدىكى رەڭدار مۇھىتلارنى ئويلىغىنىمدا بىردەمدىلا بايىقى ئازاپلار شۇ « خاندانلىق » ئىمنىڭ زور ئاتلىق قوشۇنى تەرپىدىن گۇمران بولاتتى دە، ئالدىمدىكى بۇ بىچارە، ئەخمەق ئوقۇتقۇچىنىڭ گەپلىرىگە ھە دەپلا قوياتتىم .شۇنداق قىلىپ ، مۇئەللىم ماڭا كايىپ بولۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ ھەرقىتىم مۇشۇنداق كايىشلىرى مېنى بۇ « ساراڭلار » دۇنياسىغا تىخىمۇ ئۆچ قىلۋەتتى .

  تۈنۈگۈن كەچتە كۈندۈلۈك ئادىتىم بويىنچە ئۈندىدارىمدىكى « تىلەمچىلەر » قاتارى ئالاقە چەمبىرىكىمگە قوشۇلغان بارلىق دوسلىرىمغا « ماڭا جىددىي بىر يۈەن قىزىل بولاق لازىم ئىدى ، ئەۋەتىپ بەرسىڭىز خوش بولاتىم ، مېنى يىقىن كۆرسىڭىز بىر يۈەن ، ئامراق بولسىڭىز ئىككى يۈەن ئەۋەتىپ كۆڭلىىزنى ئىپادىلەڭ.... » دىگەندەك تىمىلاردا مۇراجەت نامە ئەۋەتتىم. بۇنداق قىلىش مېنىڭ كۈندىلىك ئادىتىم ئىدى. ئۆيدىكىلەر سىلىپ بەرگەن ھەر ئايلىق « قۇتقۇزۇش » پۇلى ئايلىق تىلفۇن پۇلۇمنىڭ ۋە تور پۇلۇمنىڭ ، شۇنداقلا ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم مەكتەپ ئالدىدىكى داڭلىق بولغان چاچ ياساش سالۇنىدا ئۆزۈم توردىن ئاقتۇرۇپ كۆرگەن باشقا دۆلەتلەردە مودا بولۋاتقان ، دۆلىتىمىزدىكى « خۇراپى » ئىددىيەدىكى  كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ياقمايدىغان چاچ پاسۇنلىرىدا چىچىمىنى ياسىتىش ، قالغان قىسمىنى تاماق پۇلۇمغا ئىشلىتەتتىم . كۆپ ھاللاردا ئايلىق ئۇ « قۇتقۇزۇش » پۇلۇم تاماق ئىلىپ يىيىشكە نۆۋىتى كەلمەيلا تۈگەپ كىتەتتى ، شۇ ۋاقىتلاردا يەنە شۇ ئۈندىدارىمدىكى مىھرىبان دوسلىرىمغا چىرايلىق سۆزلىرىمنى ياغدۇرۇپ « تىلەمچىلىك » تونىمنى كېيەتتىم ، ياكى بولمىسا كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تامىقىمدا « ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى» بولغان تەييارچۆپكە قۇل بولۇپ ياشاتتىم   تۈنۈگۈن تولۇق ئوتتۇردىكى كۆرۈشمىگىلى ئىككى ئاي بولغان ساۋاقدىشىم باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئۈندىدارىمنى قاچىلىغان ئىكەن.قاچىلىغان ۋاقتى دەل مېنىڭ « تىلەمچىلىك مۇراجەت نامەم » نى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتتىمۇ ، ياكى كۆرۈشۈش سوغۇسى بولسۇن ئۈچۈن ئەۋەتىپ بەردىمۇ، بەش يۈەندىن قىزىل بولاق ئەۋەتتى . مەن خوشللىقىمدا ئولارغا جاھاندا يوق رەھمەت سۆزلىرى بىلەن كۆڭلىمنى ئىپادىلەپ ، مەكتەپ ئالدىدىكى تاللا بازىرىغا كېرىپ ئون يۈەن قىزىل بولاقنى پۇلغا ئالماشتۇردۇم دە ، مەكتەپ ئارقىسىدىكى تار كوچىغا جايلاشقان شۇ « خاندانلىق » ئىمغا باردىم دە ، بىر كومپىيۈتىرنىڭ بىر كىچىلىكىنى بەش يۈەن گە ئاچتۇردۇم .بۇ تورخانا شارائىتى سەل ناچار بولغرچقىمۇ ، ياكى سەل چەتكە قايلاشقانلىقى ئۈچۈنمۇ ناھاسى باشقا تورخانىلارغا قارىغاندا سەل ئەرزانراق بولۇپ

مەندەك « تىلەمچىلەر»  يىغىلىپ ئۆز خاندانلىقىمىزنى قۇرغان ئىدۇق . بۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ تىخنىكام ئۈستۈن بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ « خاقانى » ئىدىم . باشقىلارنىڭ تىخنىكا سەۋيەسىگە قارپ ئۇلارغىمۇ ئۆز لايىقىدا دەرىجە ئۇنۋانمۇ بىرىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم .

تۈنۈگۈن شۇنداق قىلىپ بىر كىچىنى شاھ قەسىرىمدە ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنكى دەشناملارنى ئاڭلاشقا مۇششەرەپ بولغان ئىدىم .

  مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۈگۈنكى ئىككى سائەت دەرىسنى مىڭ تەسلىكتە تۈگەتتىم دە ، تۈنۈگۈن دوسلۇرۇم بەرگەن « سەدىقە » پۇلىنىڭ ئىشىپ قالغىننى ئىلىپ يەنە شۇ « شاھ ئودا » مغا قاراپ  يۈگۈردۈم . خىيالىمدا مەۋھۇم دۇنيادىكى پادىشاھلىق تەختىدە مەغرۇر ئولتۇرۇپ شاھلىق ھوقوقۇمنى يۈرگۈزۋاتىمەن . لەشكەرلىرىم مېنىڭ ھوقوق تەمتىكىم بولغان مائۇستا باشقۇرۇشۇم بويىنچە باشقۇرشۇمغا شەرتسىز بوي سۇناتتى ...

  شۇ خىياللار بىلەن « شاھ » ئوردام جايلاشقان كىچىك كوچىغا كىردىم. بۇ كوچا كىچىك بولغىنى بىلەن ، ئىككى يولنى تۇتاشتۇرىدىغان ئورىنغا جايلاشقاچقىمۇ ئادەملەر خىلى كۆپ ئۆتۈپ تۇراتتى . مەن « شاھ ئوردا» تەرەپكە قاراپ كىتىپ بارىمەن . كوچىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىراش ، بىرقىسىم كىشىلەر بولسا پەرۋاسىز ھالدا ئۆز مەنزىللىرىگە يۈرۈشمەكتە  ئالدى تەرەپتە ، ماڭا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر بوۋاي تام تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ ئولتىراتتى . مەن دوسلىرىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن مەۋھۇم دۇنيادىكى « سەركەردەم » ئىلھامغا تىلفۇن قىلدىم . ئۇمۇ ئۆزىنىڭ « تىلەمچىلەر سۇلتانلىقىمىز » غا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، ئون مىنۇتلاردا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى ئىتتى . مەن شۇ يەردە كۆرىشىشكە كىلىشىپ تىلفۇننى قويۋەتتىم دە،قەدەملەرەمنى تىخمۇ تىزلىتىپ كېتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن :

- ئوغلۇم ! – دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى . مەن بۇرۇلۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. كۆزلىرىم بايا مەن كۆرگەن بوۋايغا چۈشۈپ قالدى . كۆز ئالدىمدا چىرايىنى قورۇق باسقان   لېكىن چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان ، ئاقارغان ساقاللىرى ئۆزىگە خۇيمۇ ياراشقان ، بىر بوۋاي تۇراتتى.

- بوۋا ، مېنى چاقىردىلىما ؟ دەپ سورىدىم قوپاللىق بىلەن .

- ھە ، ئوغلۇم سىنى چاقىردىم ، مەندە بىر سائەت بار ئىدى . شۇنى ئىلىپ قالارمىكىن دەپ ....

 بوۋاينىڭ قولىدا كىرلىشىپ كەتكەن بىر ئاتۇن ھەل بىرىلگەن سائەت تۇراتتى،  بوۋاينىڭ گىپى تۈگىمەستىنلا سۆزىنى قوپاللىق بىلەن بۆلدۈم :

ـ قارا بوۋا ، ھازىر قايسى زامان  ، ھازىر دىگەن ئۇچۇر دەۋرى ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇنلار بار . كونىپكىسىنى باسساقلا سائەتنى ئىيتىپ بىرىدۇ. سېنىڭ ئۇ ئەبجەق، كىر بىسىپ كەتكەن ئۇ سائىتىڭغا ھىچ كىم قاراشلىق ئەمەس . دەپ يىنىمدىكى يىڭىدىن توردىن قەرىز ئىلىپ سالدۇرغان « ئالما 7» تىلفۇنىمنى كۆرسىتىپ قويدۇم .

  بوۋاي گىپىمنى ئاڭلاپلا ئورنىدىن چاچراپ تۇردى دە ، كاپلا قىلىپ قولۇمنى تۇتىۋىلىپ غەزەپ بىلەن :

- قارا بالام ! بۇ سېنىڭ دىگىنىڭ بويىنچە ئەبجەق سائەت بولغىنى بىلەن لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىمۇ قىممەتلىك ، بىلسەڭ ئوغلۇم ، مېنىڭ ساڭا ساتىدىغىنىم  يالغۇز سائەتلا ئەمەس ، ئۇ بىر ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ۋاقىت كۆز قارىشى ، بىر مەسئۇلىيەت ئىڭىدىن ئىبارەت … دەسلەپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم پۇشۇپ ، ئۇنىڭ قولىدىن قولۇمنى بوشۇتۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقتىم . لېكىن ئۇنىڭ قوللىرى قايسى بىر كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە سۆزلىگەنسىرى قوللىرى چىڭىپ كىتىۋاتاتتى . مانا ئەمدى ھەرقانچە قىپمۇ بۇ قىرى بوۋاينىڭ قولىدىن قولىمنى بوشىتالمىدىم . ئۇنىڭ سۆزلىرى داۋام قىلماقتا :   ـ قارا بالام ، سائەتكە قاراپ ئەبجەق سائەت دەپ قالدىڭ ، لېكىن مېنىڭ ساڭا ساتماقچى بولغىنىم بۇ ئەبجەق سائەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بىر مۇقەدەس سىھرى كۈچ.سەن بۇ سائەتنى سىتىۋالغاندىن كېيىن قولىغا ئەمەس ، يۈرىكىڭگە تاقا ، شۇ ۋاقىتتا ئاندىن مەن ساڭا دىگەن سۆزلىرىمنىڭ تىگىگە يىتىسەن . شۇ چاغدا سەن ئىيتقان ھازىرقى  ئۇچۇر  دەۋىرىدىكى مەدىنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن . بىلەمسەن بالام ، سىلەر ھازىر بىزدىن مەدەنىيەتلىك ، راس، سىلەر بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان تىلفۇن دەمسىلەر ، ماشىنا دەمسىلەر … ئىشقىلىپ شۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتەلەيسىلەر ، سىلەردە سائەت بار بالام لېكىن ۋاقىتقا رۇئايە قىلىدىغان يۈرەك  يوق سىلەردە قۇرۇق نەزىريە بار بالام . لېكىن بىزدەك مەسئۇلىيەت يوق . بەلكىم بۇ گەپلىرىم سېنىڭ قۇلقىڭغا ياقماسلىقى مومكىن ، شۇنداقتىمۇ ساڭا بىر ئىشنى دەپ بىرەي .

  مېنىڭ باللىرىم دەل سەن دەۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىنىڭ مەدەنىيەتلىك كىشىلىرى بالام ، شۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى مەن ۋە رەھمەتلىك ئاپىسى ئىككىمىز ، شۇ مۇشۇ دەۋىرگە يۈك ھىساپلىنىدىغان بىز بىقىپ چوڭ قىلدۇق . ئۇلار ھازىر بىر ـ بىرىدىن قىلىشمايدىغان باي سودىگەرلەر . بۇندىن تۆت ـ  بەش يىل بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئىغىر كىسەل بىلەن قازا قىلدى ، رەھمەتلىك مومىيىمنى يەرلىكتە قويۇپ  ، نەزىرلىرىنى بىرىۋالدۇق ، مەن بىقىپ چوڭ قىلغان ئۇ « سودىگەرلەر » بولسا « دادا ، خاتىرجەم بولۇڭ ، بىز سىزنى يالغۇز قويمايمىز ، ئەتە سائەت سەككىزدە كېلىپ سېنى ئىلىپ كىتىمىز » دەپ قايتىپ كەتتى مەن ئولار كىلىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ كۈتۈپ تۇردۇم … بوۋاي ئىقىپ مەڭزىگە  چۈشۈپ  كەتكەن ياشلىرىنى چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن ، ئەمما كىر بولۇپ كەتكەن يىڭى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .

ئەتىسى ئۇلار كەلمىدى ، مەن ھە بوپتۇ ، ئۇلارنىڭ ئىشىچىقىپ قاغان چىغى دەپ بۈگۈن كەلمىسە ئەتە كېلەر ، بۇ ھەپتە كەلمىسە كېلەر ھەپتە كېلەر ، بۇ ئايدا كەلمىسە كىلەركى ئايدا كېلەر ، بۇيىلمۇ كەلمىدى ، كېلەر يىلى كىلىپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم . لېكىن ئۇلار كەلمىدى . قاچاندىن باشلاپ بۇنىسى ئىسىمدە قالماپتۇ بۇ سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى سەككىزنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ قاپتۇ . جان تەنگە ئامانەت ئوغلۇم ، قاچان كۆزۈمنىڭ يۇمۇلىشىنى ئۇقمايمەن ، شۇڭا كۆزۈم يورۇق ۋاقىتتا بۇ سائەتنى سىتىۋىتەي دەپ ئىلىپ چىقتىم . بۇ كوچىدا ئولتۇرغىلى خىلى ۋاقت بولدى ،قارىسام سەن  كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىڭ ، شۇڭا ساڭا مۇۋاپىق مىقتاردا ساتاي دەپ سېنى چاقىرشىم . لايىق كۆرسەڭ ئىلىپ قالساڭ ئوغلۇم ؟ ـ بوۋاينىڭ ئاخىرقى « ئىلىپ قالساڭ ئوغلۇم ؟ » دىگەن سۆزلىرى شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق ، يۈرەكنى ئەزگىدەك چىقۋاتاتتى ...

  دەسلەپ بوۋاينىڭ گەپلىرىدىن زىرىكىپ قوللىرىدىن بوشىتىشقا ئۇرۇنغان قوللۇرۇم مانا ئەمدى ھاۋادا لەيلەپلا قالغان ئىدى . خىيالىمدا بوۋاينىڭ بايا ئىيتقان گەپلىرى ....بۇلارنى ئويلاۋىتىپ يەنە شۇ يىراق سەھرادىكى مىھرىبان ئاتا ـ ئانام كۆز ئالدىمغا كىلىپ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتىم ....

ـ بولىدۇ بوۋا ، بۇ سائەتنى مەن سىتىۋالاي . قانچە بىرىمەن ؟ ھازىر قولۇمدا بەش يۈەن نەخپۇللا بار خالىسىڭىز قولۇمدىكى « ئالما 7 » تىلفۇننى بىرەي . دەپ قولۇمدىكى تىلفۇن بىلەن « تىلەمچىلەر سۇلتانلىقىم » نىڭ كىرىش بىلىتى بولغان بەش يۈەننى بوۋايغا ئۇزاتتىم . بوۋاي بولسا ، كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن :

ـ  بالام ، سەن كۆزۈمگە شۇنداق ئىللىق ، ئۆز بالامدەك كۆرۈنۈپ كەتتىڭ ، بولدى ، بۇ تەۋەرۈك سائەتنى ساڭا سوغا قىلاي دەپ سائەتنى قولۇمغا تاقاپ قويدى دە  . سىلەردەك  ياشلارنىڭ ئارىسىدا كەم بولىۋاتقان ۋاقىت  تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى مۇشۇ  كونا، ئەمما مۇقەدەس سائەتكە قاراپ يىتىلدۈرىشىڭنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ قىرىساڭ ئۆزىڭگە ئوخشاش بىرسىگە قالدۇرۇپ ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن .بۇ بىر  كونا سائەت بولغىنى بىلەن ، ئۇ سىنى چوقۇم مۇۋاپىقىيەت يولىغا باشلاپ بارىدۇ . لېكىن شۇ ئىسىڭدە بولسۇن بالام ، بۇ كوبا سائەتنى چوقۇم ياخشى ساقلا . بۇ سۆزۈمنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت ـ: دەپ جەسۇر قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى . دۇئادىن كىيىن بوۋاي كېتىپ قالدى ،  مەن ئۇ جەسۇرانە قەدەم تاشلاپ كىتىۋاتقان بوۋايغا قاراپلا تۇردۇم . ئۇ مىڭىپ ئانچە   يىراققا بارمايلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ :

ـ ئوۈلۇم ئىسىڭدە بولسۇن ، ئۇنى ياخشى ساقلا ، بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ !!! ـ: دەپلا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى ..... 

  مەن داڭ قىتىپ  تۇرۇپ قالدىم . بۇ ئورۇندا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن . خىيال ئەينىكىمدە بولسا تۇغۇلۇپ تا ھازىرقى مىنۇتقىچە بولغان ھاياتىم كىنو لىنتىسىدەك ئۆتىشكە باشلىدى . تۇيۇقسىز قولۇمدىكى تىلفۇنىمنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مىنى خىيال ئىكرانىمنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى . قارىسام مېنىڭ « ۋەزىرىم » تۇرسۇن ، ئىكرانغا قارىدىميۇ قاراپلا قايسى بىر كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۇقمايمەن ، بوۋاي بايا سائەتنى تاقاپ قويغان قولۇم بىلەن جىرىڭلاپ خىيال ئىكرانىمنى ئۆچىرىشكە مەجبۇر قىلغان بۇتىلفۇننى بار كۈچۈم  بىلەن ئۇتۇلىمدىكى تامغا زەردە بىلەن ئاتتىم . زامانىۋىي دۇنيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق

ئالۋاستىسى بولغان بۇ تىلفۇنۇم نەچچە پارچە بولۇپ يەرگە چۈشتى .... تىلفۇنىمغا كۆز قارچۇغۇم بىلەن قاراپ قويۇپ قولۇمدىكى « تىلەمچىلەر سۇلتانلىقىم » نىڭ كىرىش بىلىتى بولغان بەش يۈەننى سىقىمدىغان ھالدا ئۆزۈم بىلىدىغان سائەت رىمىنۇت قىلىش ئورنىغا قاراپ كۈچۈمنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ كەتتىم .......

   مانا ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى . ئەتتىگەندە ئورنىمدىن تۇرۇپ ، ئىككى قەۋەتلىك داچامنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىگە جايلاشقان ھۇجرا ئۆيۈمنىڭ ھاۋالىق باغ تەرىپىگە قارىتىپ ئىچىلغان دەرىزىسىنى ئىچىپ سەھەرنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىدىن  قىنىپ ئوتلىدىم دە ، ئىشلىرىمنى تامام قىلىپ بولۇپ ، كىيىم ئىشكاۋىمدىكى قاتار ئىسىقلىق تۇرغان كاستىيۇم ـ بورىلكىلىرىم ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ كىيدىم . خىزمەتچى تەييارلاپ قويغان ناشتىلىقنى ھۇزۇرلىنىپ يىدىم دە ، بەش يىل بۇرۇن بوۋاي سوغا قىلغان سائەتنى تاقاپ ، كاتىۋىم تەييارلىغان ماشىنىغا چىقتىم.

  ماشىنا قۇيۇندەك كىتىپ بارىدۇ، مەن بولسام ئارقا ئورۇندا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.  خىيال ئىكرانىمدا شۇ جەسۇر بوۋاي بىلەن ئۇچراشقان كۈندىن باشلاپ ئۆزگەرگەن ھايات مۇساپەم ، ھازىرقى نەچچە يۈز كىشلىك ئىلىكتىرۇن سودا مەركىزى گۇرۇھى بولغان ئىگىلىكىم . ..... كاتىۋىم تاپشۇرغىنىم بويىنچە ۋاقىت ئورىنلاشتۇرۇپ بۈگۈن ھىلىقى بەش يىل ئىلگىرى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولغان كوچىغا كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى . مەن خىيالىمنى يىغىپ ئاستا ماشىنىدىن چۈشتۈم.

  ھەممە بۇرۇنقىدەك ، بەزىلەر ئالدىراشلىق ئىلكىدە يولىنى داۋام قىلسا ، بەزىلەر خىيالىغا ئەسىر بولۇپ ئىزلەنگۈلۈك بىلەن يولىنى داۋام قىلاتتى ، بەزىلەر بولسا ، مەندەك ئىسىل زادە بايۋەتچىنىڭ ئۈستىدىكى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرگە  ، ھەم ئاق رەڭلىك ئىمپورت  قىلىنغا ماشىنامغا ئەيمىنىش ۋە زوقلىنىش نەزىرى بىلەن قارىماقتا ئىدى . مەن بولسام بەش يىل بۇرۇن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپچى بولغان بۇ تار ئەمما ، مىھرى ئىللىق كوچىغا قەدەم بىسۋاتىمەن . خىياللىرىم شۇنچە ئىغىر ، كۆزۈم تۇيۇقسىز كوچا ياقىسىدىكى  تامدا قىپ قالغان ئىزغا قادالدى .

ـ قىززىق ، بۇ بەش يىل بۇرۇنقى « ئالما 6» تىلفۇنۇمنى زەردە بىلەن ئىتىپ قالدۇرغان ئىز ئەمەسمۇ ؟ -: دىدىم ئىچىمدە. كۆزۈمنى يىراققا ، بەش يىل بۇرۇنقى مېنىڭ « تىلەمچىلەر پادىشاھلىقىم » بولغان ھىلىق كىچىك ، ئەمما ئەرزان ، تازلىقى سەل ناچار  بولغان ھىلىقى تورخانىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ تورخانا شۇ پىتىچە تۇرۇپتۇ، قىلچە ئۆزگۈرۈش يوق . ھەي ئۇ ئەمدى كىملەرنىڭ « پادىشاھلىقى» غا ئايلىنىپ كەتكەندۇ ھە ! مەن بىرىپ بىقىش مەقسىتىدە ئالدىمغا قەدەم باسماقچى بولىۋىدىم كاتىۋىمنىڭ :

ـ باش مۇدىر ، ۋاقىت توشتى ، چەتئەللىك مىھمانلار ساقلاپ كەتمىسۇن ... ـ: دىگەن ئاۋازى مىنى توختىتىپ قويدى . مەن دەرھال بەش يىل بۇرۇن ھىلىقى بوۋاي مۇشۇ جايدا قولۇمغا تاقاپ قويغان سائەتكە قارىدىم ، سائەت ئىستىرىلكىسى سەككىزنى كۆرسىتىپ تۇراتتى ، مەن كونا « پادىشاھلىقىم » غا قىمىغان ھالدا قارىدىم ، چۈنكى ئۇ نىمىلا بولمىسۇن مەندەك بىر تىلەمچىنى قوينىغا ئالغان ئەمەسمۇ . ھەر قانچە قىيالمىساممۇ مىڭىشقا مەجبۇرمەن ، چۈنكى قولۇمدى كونا ، ئەمما ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەچكە پارقىراپ تۇرىدىغان ، توختاپ قالغان ، ئەمما مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان سەككىزدىن ئىبارەت مۇھىم ۋاقىتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سائەت ئىچىگە يوشۇرىنغان مەسئۇلىيەت تۇيغىسى مىنى مىڭىشقا ئۈندە ۋاتاتتى .

  ماشىنىغا چىقىپ ماشىنا دەرىزىسىدىن ھىلىقى كوچىغا قارىدىم، قارىدىم يۇ تۇرۇپلا قالدىم بەش يىل بۇرۇن مەن « ئالما 7 » تىلفۇنىمنى چىقۋەتكەن ئورۇندا ئالتە ـ يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرىنى تىرىپ يەملەۋاتقان ئىكەن .

مەن دەرھال كاتىپقا ماشىنىنى توختىتىشنى ئىتتىم ، كاتىپ ھۇدۇقۇپ ماشىنىنى جىددىي تۇرمۇزلىدى . مەن ئىشىكنى ئىچىپ ئوقتەك ئۇ بالا تەرەپكە ئوقتەك يۈگۈردۈم .....  

2016- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى





445 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 0:02:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ