تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان (ھىكايە) 1 - قىسىم

تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان 

(ھىكايە) 1 - قىسىم

بەختىم


ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سادىرجان بۈگۈن باشقىچىلا خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ بۈگۈن مەكتەپ بويچە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغانتى.بۈگۈنكى بۇ نەتىجە پەقەت ئۇنىڭلا ئەمەس يەنە ئۇنىڭ يىراق يېزىدىكى مومىسى گۈلەمخان ئانانىڭمۇ ئارزۇسى ئىدى، دىمىسىمۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يىتىم قالغان سادىرجاننى گۈلەمخان ئانا مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانتى،ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئېتىز ئېرىق ئىشلىرنى قىلغاندىن سىرىت ئۆيدىكى ئالا ئىنەكنى سېغىپ،سۈت قايماقلارنى ئۇيۇتۇپ ،يېزا بازىرغا ئاچىقىپ سېتىپ،سادىرجاننىڭ ئوقۇش راسخوتىنى غەملەپ كىلۋاتاتتى.مومىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تاتقان جاپاسىنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن سادىرجانمۇ مەكتەپتە ناھايتى ياخشى ئوقۇيتتى،ئوقۇتقۇچىلىرى،ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ئامراق ئىدى.

سادىرجان بۈگۈنكى خۇش خەۋەرنى مومىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېلڧۇن بوتكىسىغا تەرەپكە ماڭدى،توساتتىن كەينىدىن بىرى چاقىردى؛ھوي سادىرجان،نەگە ماڭدۇق؟ 

سادىرجان كەينىگە قارىۋىدى ئۇنىڭ بىلەن بىر ڧاكۇلتىىتا ئوقۇيدىغان دىلشات چايان ئۇنىڭغا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى.دىلشات چايان مەكتەپتىكى ئۇرۇش جىدەلنىڭ باشلامچىسى ،ئەسكى ئىشنىڭ ھەممىسىدە بارئىدى،ئۇ يەنە دىلشات چاياننىڭ جەمىيەتتىكى بىر قارا گوروھنىڭ شايكىلىرى بىلەنمۇ خېلى قۇيۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدى،شۇڭا ئۇ دىلشات چايان بىلەن ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتتى.

شۇنداقتىمۇ ساۋاقداشلىق يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن دىدى؛ئۆيدىكىلەرگە تېلڧۇن قىلغىلى ماڭغان،ئۈزەڭچۇ،

-ھە،مەن تېخى قايسى سەتەڭ بىلەن ئۇچىرشىشقا ماڭغاندۇ دەپتىمە ھې ھې ھې.....

دىدى دىلشات چايان ھىلىگەرلىك بىلەن تۈلكىدەك ھىجىيىپ.

-ياقەي،نەدىكى سەتەڭكەن ئۇ، قانداق مەندە بىرە ئىشىڭ بامىتى؟

-ھە باشقا ئىشمۇ يوق شۇ كەچتە بىزنىڭ ڧاكۇلتىتتىكى باللا سىنىڭ بىرىنجى بولغىنىڭنى تەبىرىكلەپ بىر سورۇن ھازىرلايلى دىگەن ئىدۇق شۇڭا كەچتە ۋاقتىڭ بارمۇ يوقمۇ شۇنى سوراپ باقاي دىگەن ھەراس سورۇن رەڭلىك جۇمۇ

قانداق شاشمۇ يا؟ ھې ھې ھې .....

دىدى دىلشات چايان سادىرجاننىڭ مەيدىسىگە يىنىك مۇشتلاپ مۇغەمبەرلىك بىلەن  ھىجىيىپ.

دىلشات چايان ئۈزى ئۇرۇنلاشتۇرغان سورۇن بولسا سادىرجان ئەلۋەتتە ياق دەيتتى لىكىن پۈتۈن ڧاكۇلتىتتىكىلەرنىڭ ئۈزى ئۈچۈن ھازىرلىغان سورۇنغا بارمىسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەت ؛بۇلىدۇ، كەچتە سائەت نەچچىدە قەيەردە كۈرىشىمىز؟

مانا ئوغۇل بالا سەندەك بولمامدۇ، گەپنى كىسىپلا قىلسەندە، دىدى دىلشات چايان ھىجىيىپ ۋە ئۇلاپلا كەچتە سائەت يەتتىدە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇر سىنى ئالغىلى كىلىمەن.

-ھە بۇلىدۇ ئەمسە كەچتە كۈرىشلى،دىدى سادىرجان.

-بۇلىدۇ ئەمسە شۇنداق بولسۇن كىچىكىپ قالما ھە بوممىسا سەتەڭلە بىزنىڭ بوپ كىتىدۇ ھې ھې ھې ......

دىدى دىلشات چايان ھىجىيىپ قۇيۇپ كەچتە كۈرىشلى دىگىنىچە كەينىگە بۇرلۇپ كىتىپ قالدى.

سادىرجانمۇ تېلڧۇن قىلىش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدى.

نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى تۇرۇپلا بىر قىسما بۇلۇپ قالدى. كەچتىكى سورۇنغا رايى پەقەتلا تاتمىغان ئىدى،

لىكىن لەۋزى قىپ بولغان ئىشتىن يېنىۋالغۇسى كەلمىدى، ئۇ تېلڧۇن بوتكىسىغا كىرىپ قوشنىسى نىياز تاغىنىڭ نۇمۇرنى باستى، دۇۇۇت،،،دۇت،،، 

-ۋەي ئەسسالام ئەلەيكۇم.

-ۋەلەيكۇم ئەسسالام نىياز تاغا قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ مەن سادىرجان.

-ھە سادىرمۇ سەن بالام ئاللاغا شۈكرى بالام مەن ياخشى، ئۈزەڭچۇئ ئوقۇشۇڭ ياخشىمۇ بالام؟

خۇداغا شۈكرى مەنمۇ ياخشى،ئوقۇشۇممۇ ياخشى تاغا يەنە تېخى مەكتەپ بويچە ئېنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولدۇم.

-ۋوي ياخشى بوپتۇغۇ بالام ئوبدان ئوقۇپسە تېخىمۇ تىرىشقىن بالام موماڭنىڭ ئەجرىنى يەردە قويما.

-ماقۇل تاغا ،ھەراس خاپا بولماي مومامنى چاقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن كۈرىشىۋالغان بولسام.

-ھە بۇلىدۇ بالام  ئەمسە تېلڧۇننى قويماي تۇرغىن مەن چىقىپ چاقىرىپ كىرەي.

ماقۇل تاغا رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىپ قويدۇم.

ۋاي ما بالىنى نىمىگە تۈزۈت قىلىسەن بىز يا يات ئادەم بوممىساق ئەمسە جىندەك ساقلاپ تۇر مەن چىقىپ چاقىرىپ كىرەي.

-ئىم ماقۇل.

ھايال ئۆتمەيلا تېلڧۇندىن نىياز تاغىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،

-ۋەي سادىرجان ،

-ۋەي نىياز تاغا ،

-ھە بالام موماڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن چېغى ئۆيدە ئادەم يوقكەن بوممىسا كەچ تەرەپلەردە بىر تېلڧۇن

قىلساڭ قانداق؟

-ھە بۇلىدۇ تاغا ئەمسە مەن كەچتە تېلڧۇن قىلاي مومام كەلگەندە مىنى تېلڧۇن قىپتىكەن دەپ قويسىڭىز.

-بۇلىدۇ بالام مەن دەپ قۇياي،

؛بۇلىدۇ ئەمسە رەھمەت سىزگە تاغا ئۈزىڭىزنى ئاسىراڭ.

-تۈزۈت قىمما بالام سەنمۇ ئۈزەڭنى ئاسىرا،خەقنىڭ يۇرتىدا يۈرمەك تەس، ئەسكى بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قالما بالام.

نىياز تاغىنىڭ

دىلشات چايانننىڭ تۈلكە چىرايى يالىت قىلىپ ئۈتۈپ كەتتى دە تىنى جۇغغىدە قىپ قالدى.

-بۇلىدۇ تاغا خاتىرجەم بۇلۇڭ، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.دىدى سادىرجان قەتئىيلىك بىلەن.

-ھە بۇلىدۇ بالام ئەمسە ئالاقىلشىپ تۇرايلى ئاللاغا ئامانەت.

-ماقۇل تاغا ئاللاغا ئامانەت.

سادىرجان تېلڧۇننى قۇيۇپ سىرتقا چىقتى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانداقتۇر بىر تەشۋەش ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى .

ئۇ مومىسىدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ ياكى كەچتىكى سورۇننىڭ ئىشىمۇ ئەيتاۋۇر ئۈزىمۇ تازا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان بىر ھىسيات ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىپ قويغانتى.

ئۇ سائىتىگە قاراپ كەچلىك تاماق ۋاقتىغا ئاز قالغانلىقىنى پەملەپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

كىتىۋېتىپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ قۇياتتى؛بەلكىم مومامغا بىر ئىش بولمىغاندۇ،كەچتىكى سورۇنمۇ كۆڭۈللۈك بۇلا ھەممە ئىشلار چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بەردى.

ئۇ تاماق يەپ بۇلۇپ ياتاققا كىردى،سائەت ئاللىبۇرۇن ئالتىدىن ئاشقان ئىدى.سادىرجان سۇخانىغا كىرىپ باش كۈزىنى يۇيۇپ،ئۇچىسىغا مومىسى بۇلتۇر قۇربان ھېيتتا ئېلىپ بەرگەن قارا كۆك كاستىيۇمنى كىيىپ باشقىچە سالاپەتلىك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تەييارلىقىنى بىرە قۇر قىلىپ بولغاندىن كىيىن مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

                                                     بىرىنجى قىسىم تامام .

                                                             2016.12.23.ۋۇخەن

 





466 قېتىم كۆرۈلدى بەختىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 18:51:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ