قاراڭغۇ ئورمان 25- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 25- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 بىز چەۋەندازنى يۆلەۋاتقاندا ئۇنىڭ بىلىكىدىكى ئىكران ئېچىلىپ ، ئۇچار جىسىمنىڭ ئىچى كۆرۈنىشكە باشلىدى ، كەينىدىنلا يەنە بىر چەۋەندازنىڭ سۆزلىگەن چىرايى پەيدا بولدى :

- تىزدىن ئۇنىڭ قالپىغىدىكى يېشىل كۇنۇپكىنى بېسىڭلار ، ئۇنى تىزدىن داۋالاش كىرەك !

بىز تىزدىن ئۇنىڭ قالپىغىدىكى كونۇپكىنى بېسىشىمىزغا ئۇنىڭ جاراھەتلەنگەن قىسمى ئېچىلىپ جاراھەت كۆرەندى . جاراھەت ئورنىدىن فوسفۇردەك سۇيۇقلۇق يورۇقلۇق تارقىتىپ ئېقىۋاتاتتى ، بىز ھەيران بولغىنىمىزچە قاراپلا قالدۇق .

 - تىزدىن ئۇنىڭ ئوڭ قول بىلىكىدىكى سېرىق كونۇپكىنى بېسىڭلار ! ئىكراندىن ئاۋاز ئاڭلانغاندىلا بىز تىزدىن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلدۇق. كونۇپكا بېسىلىپ شۇ جايدىن بىز ئۇچار جىسىمدا كۆرگەن داۋالاش ئۈسكۈنىسى چىقتى ، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چەۋەندازنىڭ جاراھىتىنى داۋالىغان بولساقمۇ ئۇ ھوشىغا كەلمىدى.

- قانداق قىلىمىز؟- قاھار مەندىن سورىدى ،- بۇ يەر خەتەرلىك ، ئۇلار يەنە ھۇجۇم قىلىپ قالسا قېچىپمۇ قۇتۇلالمايمىز ، ھازىر بىزنىڭ ئوت كۈچىمىزنىڭ يېرىمى ئاجىزلىدى دىسەك بولىدۇ .

 مەنمۇ ئويلۇنۇپ قالدىم ، دىمىسىمۇ بىزنى ئۇ قوغداپ قالغانتى. بىز بولساق ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكتە يوق تېخى ھۇجۇم قىلغانتۇق. ئۇ ھوشسىز ، مەخلوقلارغا بۇ ئاددى قوراللار بىلەن تاقابىل تۇرماق تەس ، ياردارنى كۆتۈرۈپ چىكىنمەك تېخىمۇ تەس ئىدى . بۇ چاغدا چەۋەندازنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇرغان يەنە بىر چەۋەنداز قانداق مەشغۇلات قىلدىكىن،  ياردارنىڭ كىيىملىرى خۇددى ماشىنا ئادەم ئورنىدىن تۇرغاندەك ، ئىچىدىكى بەدەننى ئېلىپلا تۇرۇپ كەتتى -دە بىز ھېلىلا كەلگەن يول بىلەن كەينىگە ياندى . بىز بۇ ئىشقا تېڭىرقاپ بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق، ئەسلىدە ئۇچار تەخسىدىكى چەۋەنداز ھەمىراھىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە كىيىمگە بۇيرۇق بەرگەن ئىدى.  بىزمۇ دەرھال چىكىنمەكچى بولدۇق، لېكىن كىم بىلسۇن مەخلوقلار قورشاۋىدىن قۇتۇلالمىغان ئىكەنمىز . ئۇلار بىزنىڭ چىكىنگىنىمىزنى سىزىپ قالغاچقا ، ئاشكارە ھۇجۇم قىلماي ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش يولىنى تاللىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى دەل - دەرەخلەر ئارسىدىن ھەرخىل شەپىلەر كىلىۋاتاتتى. يانتۇ داۋانغا چىقىش بىزگە تەس توختاۋاتاتتى ، ئالدىمىزدا قارا كىيىم چەۋەندازنىڭ ھوشسىز تېنىنى ئېلىپ كىتىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا مەخلوقتىن بىرى ئالدىمىزغا سەكرەپ چۈشۈپلا يولىمىزنى توسىدى، ئۇنىڭ نىشانى قارا كىيىملىكتەك قىلاتتى .

- ئېتىڭلار ، - دىدىم ئۆزەم ھۇجۇمنى باشلىغاچ ، ئوقلار ئۇنىڭ بەدەلىرىگە تۆشۈك ئېچىپ كىرىۋاتاتتى ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلماي قارا كىيىمگە قول سۇندى. قارا كىيىملىكنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچراش ئالدىدا تۇراتتى .

- باشقا ئېتىڭلار! ۋاقىرغىنىمچە ئېتىلىپ بېرىپ قارا كىيىملىكنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى ئاتتىم ھەم ئۇنى بېسىپ چۈشتۈم ، يىقىلىش ئارلىقىدا دۈمبەمگە بىر نەرسە سۈركەلگەندەك قىلدى -دە ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى ، مەن بىر دۇمىلاپلا ئۇرنىمدىن تۇرغاندا مەخلوق ئوتتۇرىمىزدا ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، قوللىرىنى ئىگىز - پەس پۇلاڭلىتىۋاتقان ئىدى. ئۇ كەينىگە داجىپ يېنىمغا كىلىپ قالدى ، بۇ چاغدا قېرىشقاندەك مېنىڭمۇ ئوقۇم تۈگىدى. ئوقنىڭ تۈگىشىدىن تەمتىرەپلا قالدىم، ئۇ مېنى كۆرۈپلا غەزەپتىن قاتتىق بىر ھۆكۈرگىنىچە كاپلا قىلىپ ئىككى قولى بىلەن تۇتىۋالدى ھەم ئىگىز كۆتۈرۋالدى. ئۇنىڭ كۈچلۈك قوللىرىدىن قوۋۇرغىلىرىم بىر - بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەندەك نەپسىمنى قىسىپلا قويدى، ئۇ بۇ ئەلپازىدىن مېنى چىشلەپلا پارا - پارە قىلۋاتىدىغاندەك ، ھەتتا شۇ يۇغان ئېغىزىغا تىقسا بىلىمنىڭ ئۈستىنى چىشلەپلا ئۈزىۋالىدىغاندەك قىلاتتى. ئەجەل يىقىنلاپ قالغىنى كۆزۈمگە كۆرەندى . تەلىيىمگە بىر قولۇم ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ سىرتىدا ئىدى. تاپانچىنىڭ يېرمى ئۇنىڭ بارمىغىدا بېسىلىپ قالغانتى.  مەن كۈچەپ تولغىنىپ تاپانچىنى ئېلىشقا تىرشتىم، چۈنكى بۇنداق ئوڭايلا، بۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆلسەم بولمايتى ، ئۇ ئۆتكۈر چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ماڭا سەپسىلىپ بىر قارىدى. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن سېسىق بەتبۇي پۇراق دىمىمغا ئۇرۇلدى، مەن يەنە بىر قېتىم كۈچەپ توغلىنىپ تاپانچىنى تارتىپ چىقاردىم . پەستىكىلەر بولسا مېنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغىنىمدىن قورقۇپ كىتىپ ۋاقىرشىۋاتاتتى. مەخلوقنىڭ مېنى چىشلەشكە شۇنداق قولىنى كۆتەردى. مەن قورۇققىنىمدىن ۋاقىرغىنىمچە ئۇنىڭ كۆزىگە قارىتىپ تەپكىنى باستىم، نەچچە پاي ئوق چىققىنىمۇ بىلەلمەيلا ، ئۇنىڭ قولىدىن ئېتىلىپ چىقىپ بىر دەرخكە قاتتىق سوقۇلدۇم. بېشىم زېڭىلداپ ئاغرىپ، ئەتراپنى پەرىق ئىتەلمەيلا قالدىم ، قۇلاقىمغا توختىماي ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى . كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇقتىن ئاستا - ئاستا يورۇپ ئەتراپنى پەرىق ئەتكۈدەك كۆرۈشكە باشلىدى، شۇ چاغدىلا ئۈچ - تۆت مىتىر ئىگىزلىكتە بىر دەرەخ شېخىغا قىسىلىپ قالغىنىمنى بىلدىم. پەستە ھېلقى مەخلوق سوزۇلۇپ ياتاتتى، ھەمراھلىرىم ماڭا قاراپ بىر نەرسىلەر دەپ ۋاقىراۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن ئاغرىۋاتقان تېنىمنى ئوڭشاپ دەرەخ غولىدا مىڭ تەستە تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلدىم -دە چۈشۈشكە تەمشەلدىم ، بۇ چاغدا پەستىكىلەر ماڭا قاراپ ۋاقىرغان پېتى قوراللارنى مەن تەرەپكە توغۇرلاپلا ئوق ئۈزدى. بۇ تاسادىپىلىقتىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئوقلار قۇلاق تۈۋىمدىن «ۋىژ - ۋىژ » قىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى ، ھەم ئۈستى تەرپىمدىن بىر نەرسە يېنىمدىكى شاخلارنى سۇندۇرغان پېتى يەرگە چۈشتى ، ئۇ ئۇزۇن تىرناقلىق مەخلۇق ئىدى، مەن قورۇققىنىمدىن دەرھال ئۈستى تەرەپكە قارىدىم ، ئۈستى تەرپىمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش مەخلۇقتىن يەنە بىرى ماڭا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى . مەن جىددىيلىشىپ قالدىم ، ئاتاي دىسەم تاپانچاممۇ نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتكەنتى، پەستىكىلەرنىڭ ئېتىشىمۇ قۇلايسىز بولۇپ ، ئوق ئېتىلسا ماڭا تىگىپ كىتىش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى. مەخلۇق چىشلىرىنى يۇغان ئېچىپ دەرەخ شاخلىرىدىن يۆتكۈلۈپ، قان شورۇغۇچ تىرناقلىرىنى سوزۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇ تىرناقلىرىنى كۆرۈپ خۇددى مىڭەمدىن تۈشۈك ئېچىلىپ بەدىنىمدىكى قان سۈمۈرلۈپ كىتىۋاتقاندەك سەسكىنىپ كەتتىم - دە، ئۆزەمنى رۇسلاپ پەسەرەكتىكى بىر شاخنى نىشانلاپ ئۆزەمنى ئاتتىم. نىشانلىغان شاخ قولۇمغا ئىلەشتى لېكىن بەدىنىمنىڭ ئېغىرلىغىدىنمۇ ياكى دەرەخنىڭ چۈرۈكلىگىدىنمۇ تۇتۇشىمغا ئۇ سۇنۇپ يەرگىلا چۈشۈپ كەتتىم . ھېلىمۇ تەلىيىم باركەن چۈشكەن يىرىم ئۆلگەن مەخلۇقنىڭ ئۈستى بولغاچ بىر يىرىممۇ زەخىملەنمىدى. لېكىن مەخلۇقنىڭ قېنى ئۈستى - بېشىمنى بويىدى. مېنىڭ سالامەت چۈشكىنىمنى كۆرۈپ ھەمراھلىرىم دەرەخ ئۈستىدىكى مەخلۇقنى ئوققا تۇتتى ئۇ سەت چىقىرغىنىچە دەرەختىن غۇلاپ چۈشتى .

 - قارا كىيىملىك قېنى ؟- دىدىم مەن ئەتراپقا قارىۋېتىپ ، ھەمىراھلىرىممۇ ھەيران قالدى .

 - راس ئۇ يوققۇ ؟ بايا بىز مەخلۇق بىلەنلا بولۇپ كىتىپ دىققەت قىلماپتۇق ،- دىدى روشەنگۈل .

- ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كىتىپتۇ ، ئەمىسە بىزمۇ تىزدىن چىكىنەيلى! - دىدىم يۈزۈمدىكى قانلارنى سۈرتكەچ .

 بىز نەرسە - كىرەكلىرىمنى تىرىشتۈرۈپ دەرھال قايتتۇق ، ئورمان ئىچىدىكى شەپە، ھۆكىرگەن، چىرىلدىغان ئاۋازلاردىن مەخلۇقلارنىڭ پېيىمىزدا يۈرىۋاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان بولۇپ تۇراتتى . بىز ئون بەش مىنۇتتەك يۈگۈرگەندىن كىيىن مۇداپىئە توسىقىدىن ئوتۈپ ئۇچار جىسىمغا قايتىپ كىلىۋالدۇق ، بۇ چاغدا پەرىدە بىلەن مەپتۇنئاي يولىمىزغا تەققەززالىق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرىشاتتى .

- قارا كىيىملىك قايتىپ كەلدىمۇ؟ - سورىدىم ئالدىراش .

- كەلدى، ئىچىدە، بىر يىرىڭىز زەخىملەندىمۇ ، بەك قورقۇپ كەتتىم ، بىز ئۇچار جىسىم ئىكرانىدىن جەڭ قىلغىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغانتۇق ،- دىدى پەرىدە ئەنسىرىگىنىچە يۈز - كۆزىمگە سىنچىلاپ قاراپ ،- سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئەمدى خالىمايمەن.

 - خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ئۇنداق ئاسان ئۆلمەيمەن ،- دىدىم كۈلۈمسىرەپ ،- سىزنى يالغۇز قويارمەنمۇ بۇ ئورماندا . ئۇ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن دىگەن بۇ سۆزلىرىمنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولسىمۇ يەنىلا جىدىيلىشىشتىن ئۆزىنى بېسىپ بولالمىغاندەك قىلاتتى .

 - قارىڭە چاقچاق قىلىۋاتقىنىڭىزنى ، ھېلىمۇ تاس قالدى … ،-ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.

 بىز ئۇچار جىسىمغا چىققاندا قارا كىيىملىك ئالاھىدە ئىقدىدارلىق بىر ئەينەك ساندۇق ئىچىدە ياتاتتى ، ھەمراسى قانداقتۇ مەشغۇلاتلار بىلەن ئۇنى داۋالاۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن يېققىن بېرىپ سورىدىم :

 - قانداقراق ؟

ھەمراسى ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋېتىپ جاۋاپ بەردى :

- ياخشى ، بىردەمدە داۋالىنىپ بولىدۇ ، سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى جەڭ قىلىشىڭلاردىن ئانچە رازى بولمىدىم .

مەن زىيادە گەپ قىلمىدىم ، بەلكىم بىزنىڭ سىھىرلىنىپ قالغىنىمىزنى ئۇ بىلىپ يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، مەن ئادەملىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم .

 - بىز بۇنداق ھۇجۇم قىلىپ تەتقىقات مەركىزىگە كىرەلمىگۈدەكمىز،- دىدىم ھەمراھلىرىمغا بىر قۇر قاراپ ،- ئۇلارنى ھېلقى ئەرۋاھمۇ ، جىنمۇ شۇ كونتۇرول قىلىپ بوپتۇ ، بۇنداق قاراملىق بىلەن ئىش قىلساق ھەممىمىز شۇنىڭ قولىدا ھالاك بولغۇدەكمىز .

- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- دىدى قاھار ،- ئوغۇرلىقچە كىرەمدۇق ؟

 - ئوغۇرلىقچىمۇ كىرگىلى بولمايدۇ ، ئۇلار ھامان سىزىۋالىدىكەن ،- دىدى روشەنگۈل دەرھال .

 - مېنىڭ بىر پىلانىم بار ،- ئۇلار قىزىقىپ ھەممىسى ئېغىزىمغا قاراشتى ،- بىز ئاۋال ھېلقى ئايال جىننى يوقىتايلى .

- مۇمكىنمۇ؟ ئۇكام جىنلار بىلەن تۇتۇشىمەن دەمسىلە ،- دەپلا سۆزۈمنىڭ بىلىگە تەپتى ھامۇتئاخۇن ئاكا بىردىنلا ،- ئۇ دىگەن جىن - ئالۋاستى ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس ئىسمىدىنمۇ ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ ، ئۇ غايىبانە مەخلوق ، گاھ كۆرىنىدۇ ، گاھ يوقايدۇ ، ھۇجۇم قىلسا كۆرەنمەي بوغىدۇ ، بوغالمىسا چاپلىشىپ ساراڭ قىلىپ قويىدۇ ، سىلە شۇنداق بىر غايىپ يۈرىيدىغان مەخلۇقاتنى يوقاتماقچىمۇ؟

 - ھامۇتئاخۇن ئاكا ،- دىدىم مەن تەمكىنلىك بىلەن ،- ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئاجىزلىغى بولىدۇ ، ئۇ نەرسە سىلى دىگەندەك شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ، ئاجايىپ - غارايىپ بولسىمۇ بەلكىم ئۇنىڭمۇ ئاجىزلىغى بادۇ ، شۇ ئاجىزلىغىنى تاپساقلا يوقىتالايمىز ، شۇڭا ئۇ نەرسىدىن قورقۇپ يۈرىمەي ئاجىزلىغىنى تاپايلى .

 ئىچىمىزدە بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى ، بەلكىم بۇ تەكلىپ ئالاھىدە بولغاچقا ئۇلار تېڭىرقاۋاتقاندەك ياكى قورقىۋاتقاندەك قىلاتتى .

 - مېنىڭچە ،- دىدىم جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ،- جىن ئەرۋاھلار كۆپىنچىسى جەسسەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغۇ دەيمەن ؟

- بەزىلىرى شۇنداق بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ،- دىدى ھامۇتاخۇن ئاكا ،- بەزى كۆز قاراشلاردا شۇنداق مىش - مىش پاراڭلار بار ، بولۇپمۇ باشقا بىر دىندىكىلەر شۇنداق قارايدىكەن .

- ئەمىسە بىزمۇ تەكشۈرەپ باقايلى ، ئۇ ئەرۋاھ جىن ئۇ چىركاۋدا نىمە سەۋەپتىن نەچچە يۈز يىل تۇرۇپ قالىدۇ ، ئۇ چىركاۋدا ئۇنى تۇتۇپ تۇرۋاتقان زادى نىمە ؟ ئۇ نىمە سەۋەپتىن مەخلوقلاردىن پايدىلىنىپ بىزنى يوقاتماقچى بولىدۇ ؟

 بۇ مۇلاھىزىدىن ھەممىسىنىڭ ئىدىيسىدە ئازىراق ئۈمۈت پەيدا بولغاندەك قىلدى ، ھەممىسى بەس - بەستە بۇ ئىش توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى .

 - شۇنداق قىلساق بولغۇدەك ، چىركاۋدا ئۇ ئەرۋاھنىڭ تېنى بارمۇ تېخى ، بار بولسا يوقاتماق ئاسان بولىدۇ .

- كىم بىلىدۇ ، ئەرۋاھنىڭ ئاجىزلىغىنى تۇتىۋېلىپ پايدىلىنامدۇق تېخى .

 - ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشساق، قوغدىنىدىغان ئامالنى دەرھال تاپساق بولغۇدەك ئەمىسە .

 - مۇنداق قىلايلى ،- دىدىم مەن ئۇلارنى جىمقتۇرۇپ ،- بىز بۇ يەردە ئىشنى ئاددى ئويلاپ تالاش - تارتىش قىلىشنى قويۇپ ، بىرىنجى قەدەمدە چىركاۋنى ياخشى تەكشۈرۈپ چىقايلى،  بىرەر نەرسە بايقالسا ئىككىنجى قەدەم بويىچە بىر قىسمىمىز چىركاۋغا ئوغۇرلىقچە كىرەيلى ، لېكىن موشۇ ئىش ئۈچۈن ئەتراپلىق، پىلانلىق ئىش قىلىشىمىز كىرەك ، ئەمدى يەنە ئورۇنسىز بەدەل تۆلىسەك بولمايدۇ ، ھە راسىت ، نىجات ، قانچىلىك ئوقىمىز قالدى ؟

 ئۇ ھېساپلاۋاتقاندا :

- ئوقۇڭلار ئۈچيۈز يەتمىش بەش پاي قالدى ،- دىگەن ئاۋاز بىلەن ھەممىمىز كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق ،كەينىمىزدە يارلانغان قارا كىيىملىك چەۋەنداز تۇراتتى .

- سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدۇق ، بۇ پىلانغا بىزمۇ قوشۇلدۇق ، قېنى بىز ئاۋال چىركاۋنىڭ ئىچىنى تەكشۈرەپ باقمايلىمۇ ، يۈرۈڭلار ! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشتا بىرلىككە كىلىپ ئۇچار تەخسە ئىچىگە كىردۇق . …

 داۋامى بار…





3503 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 18:15:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-10 10:37:28 كۆلەڭگە
ياخشى كەن ئالامەت
2016-2-22 16:28:17 يۈسۈف
كىيىنكى قىسىملىرىچۇ ،قاچان چىقىدۇ. يامان ئۇزاق ساخلاتتىڭلار
2016-2-22 11:38:53 Ezizjan
Asar yahxi yizliwatidu , bezmu bak kizikip okuwatimiz ,bolsa ahereni tizrak yollap tursangla , hamminglarga kop rahmat
2016-2-21 21:25:32 rana
kiyinki mazmuniga tolimu kizikiwatiman, mumkin bolsa tizrak yollisigiz boptikan,hilimu bak uzak saklitiwattigiz bizni
2016-2-21 17:20:03 abdulla
kizikipokuwatima
2016-2-21 11:18:33 amchi
bni kaqilagla silarga birnaqqa asar tawsiya kilaytexekkurler bolsun suyundim rahmat.wahimlik asarga amrak dosla 18699096428
2016-2-21 0:45:03 Muhapizat
dawamini tizrak awatsiziz boptikan
2016-2-20 23:27:50 گۈلىستان
ئاخىرىنى تىزراق چىقاساڭلا بوپتىكە بۇ قىتىم بەك كىچىكىپ كەتتى
2016-2-20 20:33:27 مەۋلان
بەك ياخشى كۆرىمەن رەھمەت سىزگە داۋامىنى تىزراق
2016-2-20 20:33:24 مەۋلان
بەك ياخشى كۆرىمەن رەھمەت سىزگە داۋامىنى تىزراق
2016-2-20 0:59:33 zilale
assalam kirindixim ? dadigiznig ahwali kandakerak ? bunqa uzun yokap katsigiz sizden xubdak anserap kalduk .....
2016-2-19 23:21:19 rr
koligizga dat barmisun oxkip tezrak yizixigizni bak umut kilima
2016-2-19 23:15:16 rr
mazmunnig ahiri bir uzlup kammisikan dayma kunda karap herip kaldim bugun karisam qikiptika tas kaldim wakirwatkili
2016-2-19 22:34:47 ئامراق
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،رەھمەت سىزگە
2016-2-19 19:44:16 abdulla
bakkizikipokiwatimanahirikaqanqikarkin
2016-2-19 19:16:42 yaprah
uffff ahiri qihti ,dawamini tezrah yollisigiz boliti
2016-2-19 19:10:03 كىچىك تايىر
metro aka ahireni tez yizingga adamni takazzakilmai
2016-2-19 18:15:26 yusuf
kainini kaqan qikirsilar
2016-2-19 17:28:27 cool boy
سالامەتلىكىڭىڭىز ياخشىمۇ بىرەر ئىش بولمىغاندەك بەك ئۇزۇن ساقلىتۋەتتىڭىزغۇ
2016-2-19 17:00:05 ئامراق
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت سىزگە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ