قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 14- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 14- قىسىم
www.yazghuqilar.com


 بۇ چاغدا تايىرنىڭ قوللىرى تىتىرەشكە ، قېلىچ سىقىمدىغان قولى بوشاشقا باشلىغاندا ، دىلبەر ئۇيغانغاندەك چۆچۈپ ئەسلىگە قايتتى -دە تايىرنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇردى ، بۇ« ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ ، توزاققا دەسسەۋاتىسىز !» دىگەن ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدە ئىدى .تايىرنىڭ دىققىتى « قىز» دا بولغاچ ، دىلبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى بىلەن بىر ئاز سەگىدىگەندەك بولدى -دە قېلىچنى باشقىدىن چىڭ قاماللىدى .
- يوقال ! - دەپ ۋاقىردى ئۇ غەزەپ بىلەن ،-  بۇ يەردىن كەت ! نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت!
 جىننىڭ چىرايى بىردىنلا يەنە يىرتقۇچ ، بەتبەشىرە ھالەتكە قايتتى ، ئۇ تايىر بىلەن دىلبەرگە چاڭ سالماقچى بولاتتىيۇ ئالدىدىكى قېلىچتىن قورقۇپ  بىردە ئالدىغا مېڭىپ ، بىردە كەينىگە چىكىنەتتى ، ئۇ شۇ ھەركەت بىلەن تەڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق چىقىراق ئاۋاز چىقىراتتى ، بۇ ئاۋاز بۇ بىر جۈپ يىگىت - قىزنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇجىيتتى . تايىر بىلەن دىلبەر بۇ نەرسىنىڭ كىتىشىگە كۆزى يەتمىگەندىن كىيىن ئۆزلىرى ئاستا چىكىنمەكچى بولۇشتى ، بۇنى سەزگەن جىن ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تېخىمۇ غالجىرلىشىپ ئۇ ئىككىسىنى ئوتتۇرغا ئالغان ھالدا ئايلىنىپ  يۈگۈرۈپ، چەمبەر چىقاردى .
 - قانداق قىلىمىز؟- دەپ تىتىرەيتتى جىددىيلەشكەن دىلبەر .
- قورۇقماڭ مەن بار !- ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشاتتى تايىر . ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قوغدىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تۇرغۇنلارنىڭ كىلىپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇلار تەرەپكىمۇ بويۇنداپ قويىشاتتى لېكىن قېرىشقاندەك ئۇ تەرەپتە ھېچكىمنىڭ قارىسىمۇ كۆرىنمەيتتى .
 - ئاكا ! … ئاچا … مېنىڭ قۇسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتتى … بەك ئۇسساپ كەتتىم … ھىي ھىي… ھىي…
توساتتىن بۇلارنىڭ ئالدىدا  كىيىلىرى جۇل - جۇل ، چىرايى توپىغا مىلەنگەن ، كەلپۈكلىرى چاك - چاك يېرىلغان بىر كىچىك قىز بالا يىغلىغان پېتى پەيدا بولدى .
 بۇ بالا شۇنچىلىك ئوماق ھەم بىچارە ئىدىكى ئۇنىڭغا قارىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرەتتى ، ئۇ باياتتىن چېپىپ يۈرىگەن جىندىن قورقۇپ تايىرلارغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى ، ئۇ توختىماي نالە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى تىللەۋاتاتتى ، ئۇ شۇنداق سىرلىق نالە قىلاتتىكىن ، ئۇنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى تايىر بىلەن دىلبەرنىڭ سەزگۈسىنى سېھىرلەپ ،غەلىتە تۇيغۇ قاينىمىغا سۆرەۋاتاتتى .
- بۇ بالا كىم ئەمدى ، نەدىن پەيدا بولدى ؟ - دەۋەتتى تايىر .
  بۇنىڭ جاۋابىنى دىلبەر قانداق بىلسۇن ، ئۇ :
- مەنمۇ بىلمىدىم ، قارىڭە ئۇنىڭ بىچارىلىگىنى ، ئاۋۇ مەخلۇق ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈپ قويمىسۇن يەنە ، ئۇنى يېنىمىزغا ئەكىلۋالايلى !
- ياق ! ئالدىرماڭ ، بۇ بالىمۇ چوقۇم جىن ! بۇ چەت جەزىرىدە نەدىكى بالا بولىدۇ؟
 بالا يىغلاپ ئۇلار تەرەپكە سۈرۈلگەندە جىن سەكىرەپلا ئۇنىڭ يېنىغا چۈشۈپ ، ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭ بوينىدىن سىققىنىچە كۆتۈرۋالدى ، بالا قورۇققىنىدىن ھەم جان تالاشقىنىدىن يىغلاشقىمۇ دەرمانى يەتمەي تىپچەكلەپ تۇراتتى ، تايىر ئۆزىنى باسالماي جىنغا ئېسىلدى ، جىن قېلىچتىن قورقۇپ داجىدى ، ئۇ شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ يان تەرپىدىن قېلىچ ئۇرماقچى بولدى ، ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى پەملىگەن جىن بالىنى تاشلاپ ئاسمانغا ئۆرلىدى ، دىلبەر يۈگۈرەپ كىلىپ بالىنى كۆتۈرۋالدى ، تايىر بىلەن گۈزەلنۇر بۇ بالىنى قۇتۇلدۇرۋالغىنىغا خۇش بولۇپ كىتىشتى ، ئۇلار ئەمدى بۇنىڭ ئىنسان بالىسى ئىكەنلىگىگە شەكسىز ئىشەنگەن چاغدا بالا دىلبەرگە قاراپ قورقۇنۇچلۇق كۈلدى ، ئۇنىڭ بۇنداق كۈلىشى دىلبەر بىلەن تايىرنىڭ يۈرۈگىنى « قارت» قىلىپ قويدى .
- تىز ئۇنى تاشلىۋېتىڭ ! - ۋاقىردى تايىر دىلبەرگە .
دىلبەر قورقۇنىدىن ئۇنى يەرگە تاشلىماقچى بولدى ،لېكىن بالا ئۇنىڭغا يىلىمدەك چاپلىشىپ بولغاچقا ئۇنىڭ ھەركىتى قۇرۇق بولۇپ قالدى .
- تىز تاشلاڭ دەيمەن ! - تايىر جىددىيلىشىپ بالىنى يۇلۇپ ئېلىۋەتمەكچى بولدى ، بۇ چاغدا بالا ۋاقىردى :
- يېققىن كەلمە ! بولمىسا بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىمەن ، ئۇ چاغدا ھەرقانداق ئامالىڭ بولسىمۇ ئۇنى قۇتۇلدۇرالمايسەن !
بالىنىڭ ئاۋازى سۆزلىگەنچە چوڭ ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئۆزگۈرۈپ قالدى .
ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىدىن تايىر جايىدا توختىدى ، ئۇ دىلبەرنىڭ بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچىراپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى . دىلبەر بالىنىڭ گېپىدىن چىقىراپ كەتتى ، ئۇ بالىنى تاشلىۋېتىش بىلەن ھەپلىشەتتى ،ئۇ ھەپلەشكەنچە بالا ئۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرگەۋدىدەك بىرىكىپ كىتىۋاتاتتى ، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى ئاجىراتسا ، تۇيۇقسىز يەنە بىر قول پەيدا بولۇپ تۇتىۋالاتتى .ئۇ بۇنىڭدىن ئاجىراپ بولالماي تايىردىن ياردەم تەلەپ قىلاتتى .
- ئۇنى قويىۋەت !!!
ۋاقىردى تايىر دىلبەرنىڭ ئازابىغا چىدىيالماي .
بالا ئۇنىڭغا قاراپ سۈرلۈك ھىجايدى :
- ئەمىسە قولۇڭدىكى قېلىچنى تاشلا!
تايىر ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلمىسا بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلدى ، ئۇ يەنە بىر جىنغا قارىدى ، ئۇمۇ ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى ، « قانداق قىلىش كىرەك ؟  قېلىچنى تاشلىمىسا دىلبەر خەتەرلىك ئەھۋالدا ، تاشلىسا كەينىدىكى جىنمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن » ئۇ شۇ چاغدا تۇرغۇنلارنىڭ كىلىشىنى شۇنچىلىك ئارزو قىلىپ قاراپ باقتى ،يەنىلا ئۇ تەرەپتە ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى .
- تايىر ! تىز بۇنى ئېلىۋېتىڭ ! تايىر !!!
دىلبەرنىڭ ھالسىراپ كەتكەن ھالىتىدىن يۈرۈگى ئېچىشقان تايىر :
- قېلىچنى تاشلىسام ئۇنى قويۋېتىسەن شۇنداقمۇ؟ - دەپ بالىدىن سورىدى .
- قويىۋېتىمەن !
- بىزگە زىيانكەشلىك قىلمايسەن شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق !
  تايىر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قېلىچنى نەچچە مىتىر نېرىغا تاشلىدى ، ئۇ قېلىچنى تاشلىشىغا ئەھۋال ئۆزگەردى ، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن بىردىنلا يۇغانلاپ ۋەھشىيلەشتى ، دىلبەرگە چاپلاشقان جىنمۇ بەتبەشىرە ھالەتكە كىردى ، ئۇ ئىككىسى تايىر بىلەن دىلبەرنى ھالاك قىلشقا تەييارلانغاندەك قىلاتتى ، تايىر بىردىنلا ئۇلارنىڭ توزىقىغا چۈشكىنىنى ھېس قىلىپ قېلىچقا يۈگۈرىۋىدى كەينىدىكى جىن چەبدەسلىك كىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى ، تايىر بۇ قورقۇنۇچلۇق ھۇجۇمدىن ئەمدى تۈگەشتىم دەپ تۇرىشىغا تايىرغا ئېتىنلىپ كەلگەن جىن تايىرغا ئېغىز سالىدىغان ئارلىقتا سەت چىقىراپ توغلاندى -دە « گۈپپىدە» بىر پارچە ئوتقا ئايلىنىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى ، تايىر نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەكچى بولۇپ دىلبەرگە ئىتتىك قارىدى ، بۇ چاغدا قەيەردىن كەلگەنلىگى نامەلوم بىر يا ئوقى دىلبەرنىڭ ئالدىدىكى بالىغا قادالدى ، بالا تىتىرەپ ، بىر چىقىرغىنىچە ئۇمۇ بىر پارچە ئوتقا ئايلىنىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى ، بۇ دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆتۈرەلمىگەن دىلبەر ئارقىغا ئۇچۇپ چۈشتى ، تايىر يا ئوقى ئاتقان نىشانغا قارىدى ، ئۇ تەرەپتىكى قۇم بارخىنىنىڭ چوققىسىدا بىر قىز يەنى ئۇ چۈشىدە كۆرگەن ، بۇۋاينىڭ يېنىغا يول باشلاپ بارغان قىز ھەيۋەت ھالەتتە ياسىنى تۇتقىنىچە قاراپ تۇراتتى .
تايىر قىزغا بىر قارىۋېتىپ دىلبەرگە قاراپ يۈگۈردى ، ئۇ دىلبەرنىڭ قېشىغا بارغاندا دىلبەر ھوشسىز سۇنايلىنىپ ياتاتتى .
  گۈزەلنۇر كۈچۈكنى ئەگەشتۈرۈپ ، جىرانىڭ يەنە بىر يۆلىنىشىنى نىشانلاپ ماڭدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۇ تەرەپكە ماڭغانلىغىنىمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى ، كۆڭلىدە ئۇنى ئۈندەۋاتقان بىردىن - بىر كۈچ سەزگۈسىلا ئىدى .  ئۇ موشۇنداق مېڭىپ دىلبەرلەرگە يىتىشىپ قالىدىغاندەك ، دىلبەرلەر ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى . ئۇ كىتىۋېتىپ پات - پات كۈچۈككە قاراپ قوياتتى ، كۈچۈك ئوماقلىق بىلەن سوكۇلداپ ئۇنىڭغا يېققىن ئەگىشىپ كىلىۋاتاتتى ، ئۇ  تۇيۇقسىز بۇ بىرەر تال چۆمۈلە چاغلىق جانلىق يوق جاڭگالدا بۇ ھەمىراھىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن قورۇقتى ، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇمۇ بىر چوڭ ھەمىراھدە ، ئۇ دەرھال ئايىغىنىڭ بوغقۇچلىرىنى يەشتى ھەمدە ئۇلاپ كۈچۈكنىڭ بوينىدىن چىگىۋالدى ، كۈچۈك  ئۇ بوغقۇچنى ئىگىسى بوينىغا چەككەندەك ئەركىلەپ قوبۇل قىلدى ، گۈزەلنۇر ئۇنى باغلىۋالغاندىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇپ يىتىلگىنىچە يولىغا قاراپ ماڭىۋەردى .
 ئەتىراپ يەنىلا سىرلىق ھالەتتە ، قوياش ئاخىرقى نۇرلىرىنى سىپىپ بولۇپ قىپ - قىزىل دۈگىلەك ھالەتكە كەلگەن ھالەتتە كائىناتقا تىزلا غەرپكە پاتىدىغانلىغىن دىرەك بىرىپ تۇراتتى ،بۇ قىزىل شارچىدىن چىققان بۇ قىزىللىق بۇ تەنھا قىز بار ياردەنلىكتىكى قىزىللىق بىلەن بىرىكىپ ئەتىراپنى قان رەڭگىگە ئېلىپ كىرگەن ئىدى .
 گۈزەلنۇر بۈگۈن كەچ كىرىشتىن شۇنچىلىك قورۇققىنىچە تۈن پەردىسى جاھاننى ئاستا - ئاستا قاپلاپ كىلىۋاتاتتى ، ئۇ بۇنداق مېڭىپ كىچىدە بىرەر پاناھلانغۇدەكمۇ يەر تاپالماسلىغىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى ، ئۇ كىتىۋېتىپ ئەتىراپقا پات - پات قاراپ قوياتتى ، ئىگىز ياردەنلىك قاراڭغۇ كىرگەنچە تېخىمۇ  ،ئاجايىپ - غارايىپ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرىپ قېلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭغا قاراڭغۇ كۆرۈنگەن يېرىق ، قاراڭغۇ كامارلاردىن قانداقتۇ بىر نەرسىلەر ئېتىنلىپ كىلىپ پۇت - قوللىرىغا ئېسىلىپ تەرەپ - تەرەپكە سۆرەپ كىتىدىغاندەك بىلىندى ، ئۇ كۈچۈككە قارىدى ، كۈچۈكمۇ ھارغاندەك سالپىيىپ قالغانتى .
- ئەمدى بىر يەرنى تېپىپ قونايلى ھە؟ - دىدى ئۇ كۈچۈككە ، لېكىن گەپ قىلىپ بولۇپ ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى ، چۈنكى بۇنداق سۈرلۈك جايدا بىرەر شەپىمۇ بىر خىل قورقۇنىچ ئېلىپ كىلەتتى ، ئۇ بىردەم تۇرۇپ ئەتىراپقا تازا زەن سېلىۋالغاندىن كىيىن يېقىنلا يەردىكى كىچىك بىر چوخچىيىپ چىقىپ قالغان چوققا ئاستىدىكى تىيىز كامارنى كۆرۈپ قالدى دە، ئاۋايلاپ دەسسىگىنىچە شۇنىڭ ئىچىگە كىردى ، ھەمدە ئاۋايلاپ ئولتۇرۇپ كامار تېمىغا يۆلەندى كۈچۈكمۇ ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ تۈگۈلۈپكىنە ياتتى . ئۇ بىردىنلا قۇرسۇقىنىڭ ئاچقىنىنى ، ئۇسساپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلىپ قالدى . ئاچلىق ، ئۇسۇزلۇق ، ھارغىنلىق ، تەنھالىق ئۇنىڭ ئەمدىلا توختىغان ياشلىرىنى ئېقىتىپ چىقتى ، ئۇ ياشلىرىنى سۈرىتە - سۈرىتە تېخىمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ، كۈچۈك ئۇنىڭ يىغىسىنى چۈشەنگەندەك ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېققىن سۈرۈلدى ، ئۇ ئۇنىڭ بېشىنى سىلغاچ بۈگۈنكى بولغان ئىشلارنى ، ئۆزىنىڭ قانداقلارچە تاشلىنىپ قالغىنىنى ، بۇ جانىۋارنىڭ قانداقلارچە بۇ يەردە ئۆزىگە ئۇچۇراپ قالغىنىنى ئويلاپ تىگىگە يىتەلمەي ئاستا قىڭغايغىنىچە ئۇخلاپ قالدى .
 تايىر دىلبەرنى يۆلەپ ،ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقاندا ھېلقى قىزمۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇ كىلىپ گەپ - سۆزسىز قولىدىكى تىرە بىلەن ئورۇلۇپ ، قەدىمى ئۇسۇلدا ياسالغان بىر قاچىنى سۇنغاچ:
- مەڭ ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ چېچىڭ !- دىدى ، تايىر قىزغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئۇ قاچىدىكى سۇدىن دىلبەرنىڭ يۈزىگە چاچىراتتى ، دىلبەر چوڭ بىر نەپەس بىلەن سەسكىنىپ ھوشىغا كەلدى .
- سىزگە كۆپ رەھمەت ! سورىسام سىزكىم بولىسىز ؟ ،- سورىدى تايىر قىزغا قاچىسىنى قايتۇرۇپ بىرىۋېتىپ ،
- ئىسمىم مۇبارەك ، سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ ۋەزىيپەم ، مېنى ئاقساقال سىلەرنى باشلاپ كىلىشكە ئەۋەتكەن .
- ئاقساقال ؟ - ھاياجانلاندى تايىر ،- ئاقساقالنى ھەم سىزنى مەن چۈشۈمدە كۆرگەن .
قىز سۇ قاچىسىنى چىڭ بوغۇلغان بىلىگە ئاسقاچ ئەسكەرتىپ قويدى :
- بىلىمەن ، سىلەرنىڭ ھەممە ئەھۋالىڭلارنى ئاقساقال بىلىپ تۇرىدۇ ، ماڭا ئۇ دەپ بەرگەن . قىزنىڭ سۆزى تۈگىشىگە  دىلبەرمۇ بىر ئاز ئىسىنى تېپىپ  تايىرنىڭ ياردىمىدە ئورنىدىن تۇردى.
بۇ چاغدا بارخان تەرەپتىن تۇرغۇنلارنىڭمۇ يۈك - تاقلارنى ئارقىنىچە كىلىۋاتقان قارىسى كۆرۈندى ، ئۇلار تايىرلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھەيرانلىقتا قىزغا قاراپلا قېلىشتى .
- بۇ قىز كىم بولىدۇ ؟ گۈزەلنۇر قېنى ؟

ئاخىرى بار…    





2367 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-9 7:34:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-9 11:50:46 گۈلناز
كۆزۈم تىشىلىپ كىتەي دىدى،داۋامى قاچان چىقار
2017-5-7 0:10:34 مۇساجان
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىز مىترو ئەپەندىم مانا بىر ئاي بولدى بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتقىلى باشتىن ئاياق تولۇق كۆرۋاتقان ئىدىم 15-16.قىسىملىرغا بەكلا تەققەززا بولدۇم قاچان كۆرەلەيمىز ؟
2017-5-5 17:12:11 ياقۇپجان
ئاخىرىنى قاچان يوللاپسىز ؟
2017-5-5 11:43:30 بەخىت
كىيىنكى قىسمىنى كۆرۈشكە بەك تەقەززا بولۇۋاتىمەن ،بولسا تېزرەك ئەۋەتسىڭىز بوپتىكەن ،رەخمەت
2017-5-4 2:00:49 مەمەتجان
ئاخىرى بار مۇ يا
2017-5-2 21:10:58 يۈسۈپجان
مۇشۇ 14 قىسىم بىلەن توختاپ قالماس قېرىندىشىم
2017-5-2 0:36:54 ئايشەم
مىتىرو ئەپەندىم بەك ئالدىراشمۇ ئاخىرنى ھىېچ يازمايسىزغۇ تەقەززار بوپ كەتتىم رەخمەت سىزگە
2017-5-1 21:37:01 ئانار
بەكلا ياقتۇرىدۇم ئاخىرىغا بەكلا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن قاچانمۇ ئاخىرى چىقار.
2017-5-1 21:35:16 ئانار
ئاخىرى قاچانمۇ چىقار.بەكلا تەقەززا بولۇپ كېتىپ بارىمىز.قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز رەھمەت.
2017-4-30 11:41:17 پاتىمە
تاغا بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرنى ئەۋەتمەسلا بوپ كەتتىڭىز ،يازغىلى ۋاقىتڭىز چىقمىدىمۇ ؟
2017-4-29 2:31:15 كارۋان
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺘﺮﻭ ﺋ‍ﻩﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋ‍ﺍﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﺮﺍﻕ ﻳﻮﻟﻼﻳﺴﯩﺰ
2017-4-28 8:55:05 باھارگۈل
داۋامىنى ساقلاپ كۆزلەر تۆت بولدى ،داۋامى قاچان يوللىنار
2017-4-27 22:46:19 ئەلى
ھەرقانچە ياخشى نەرسە بولسىمۇ بەك تەققەززا قىلۋەتسە زىرىكىشلىك بىلىنىپ قالامدۇ قانداق ھە ، ھەجەپ بىر چىقمىدى ما ئەسەرنىڭ ئاخىرى ياكى بىزنىڭ تاقىتىمىزنى سىناۋاتامدۇ بۇ يازغۇچى
2017-4-27 22:43:42 ئەلى
14-قىسىمنىڭ ئاخىرى چىقمىغىدەكما كۇندە بىر قارايمەن
2017-4-27 11:03:04 ئارمان
ئاخىرنى قاچان يوللايسىز
2017-4-26 14:35:49 ياپراق
ئ‍اخىرىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلە ؟؟؟
2017-4-26 4:58:38 رىزۋانگۈل
يائاللايەنەنمەبولغاندۇبۇئ‍ادەم ؟باشقىلانى بەك تەقەززا قىلىپ ئ‍ۇزاق ساقلىتىپ يېلىندۇرۋېتىشمۇ ياخشى ئ‍ىش ئ‍ەمەس …
2017-4-25 23:36:35 مۇھەممەت
ئ‍ەمدى يولىمىسىڭىز بىكار خاپىلاپ قالىمەن جۇمۇ 😂😂😂
2017-4-23 0:56:04 ئايشەمگۇل
بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۋاتمە ئايقى قاچان چىقاكىن دەپ كۆزۈم تۆت بولدى
2017-4-22 14:03:06 زۆھرە
ئاخىرى قاچانمۇ چىقا😒
2017-4-22 7:53:49 بەخىت
داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىزلا بوپتىكەن ،بەك ساقلاپ كەتتىم ،رەخمەت
2017-4-21 1:35:21 رىزۋانىگۇل
ﻣﯩﺘﯩﺮﯗ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﯩمۇ ﺳﯩﺰ, 15.16-......ﻧﭽﻰ ﺑﺎﭖ ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻳﯘﻟﻼﻳﺴﯩﺰ.ﺗﯘﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺗﯘﺕ ﻛﯘﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺧﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ,
2017-4-19 16:19:57 بەخىت
ئاخىرىنى تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن ،رەخمەت
2017-4-19 9:17:24 سۇجۇپ
مانا ساقلىغىلى10كۈنلە بوپ قالدى،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى چىقىرىپ،ئەسەرنىڭ داۋامىنى يىزىۋەتكەن بولسىڭىز،بارلىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتۇق،مۇمكىن بولسا…………………………………………؟
2017-4-18 0:55:41 ئارمانىم
ئاخىرىنى تىزراق يولىسڭلارچو
2017-4-17 14:22:06 ئۈمىد.
ئاخىرىنى.قاچان؟يوللارسىز.مېترو.ئاكا.نەچچە كۈن بولۇپ كەتتى.يوللىمايسىزغۇ؟ساقلاپ كۆزۈم 4 بولۇپ كەتتى.ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.
2017-4-17 3:32:48 پىنخان
مىتىرۇ ئەپەندىم ياخشىم سىز، 15.16-......نچى باپ لىرىنى قاچان يۇللايسىز.تۇرداشلار تۇت كۇزى بىلەن ساخلاۋاتىدۇ ،
2017-4-15 21:23:27 مۇھەممەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مترو ئ‍ەپەندى ئ‍اخىرىنى قاچانراق يوللايسىز
2017-4-14 9:26:30 راھىلە.
گۈزەلنۇرنى ئۇلار تاپالارمۇ؟مەن بەك قىزىقىپ قالدىم.خاپا بولماي ئاخىرىنى تېزرەك يوللىۋەتسەڭلارچۇ.نەچچە كۈن بولدى يوللىمىغىلى.ساقلاپ كېتىپ بارىمەن.كۈندە نەچچە قېتىم قارايمەن يوللىغاندىمۇ دەپ
2017-4-13 1:54:20 پىنخان
ۋاھ بەك قالتىس چىقىۋىتىپ ئەسىرىڭىز مىتىرۇ ئەپەندىم...
2017-4-12 9:12:08 راھىلە.
بەك ياخشى يىزىپسىز مىترو ئاكا ،گۈزەلنۇر قانداق قىلا ئۆزى يالغۇز ئۇ جىرادا ئۇ تايىرلا بىلەن كۆرۈشەلەمۇ ئەمدى ،داۋامىغا بەكرەك قىزقىپ كېتىۋاتىمەن ،داۋامىنى تېزرەك يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ.سادىق ئوقۇرمەنىڭىزدىن.راھىلە.
2017-4-11 20:40:55 سۇجۇپ
ھەي يەنە تۈگەپ قالدىغۇ!!!ئالامەت يىزىۋاتىسىز رەھمەت،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي،سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
2017-4-10 18:19:28 ئارمانىم
بەك ياقتوردوم ،ئاپتورنىڭ قولىرىغا دەت بەرمىسون،مومكىن بولسا ئاخىرىنى تىزراق يولىساڭلار
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ