ئانا بۇ دەم بولاي ئوغلىڭىز ​ (ھېكايە) 1-قىسىم

 ئانا بۇ دەم بولاي ئوغلىڭىز
  ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى  
 (ھېكايە) 1-قىسىم


  شاۋقۇنلار ئىچىدە ئۆز ھاياتىم ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. ھاياتىمنىڭ 18-يىلىنى تومۇز يازدا تۈگەتمەكچى بولىۋاتىمەن. خاتىرەمگە نەزەر سالسام، بۇ18 يىل ناھايىتى غۇۋا ھەم ئىنىق. بالا ۋاقىتتىكى چاغلىرىم ئەسلىمەمدە ئانچە ئىنىق بولمىغاچ،  ئارانلا ئۆزۈمنىڭ يالغۇزچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلىيەلىدىم. ئويلاپ باقسام، يالغۇزلۇق ماڭا بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىكەن. شائىرنىڭ «يالغۇزلۇقتا كۆڭۈل شۇنچە ساپ، ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى گۈزەل نەقەدەر» دىگەن مىسرالىرىنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، لېكىن، يالۈۇز ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ئۆزۈمنىڭ شۇ گۈزەل دۇنيارىمنى ئەسلا ھېس قىلىغان ئەمەسمەن. يالغۇزلۇق مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك سوغۇق، شۇنچىلىك قاراڭغۇ. يالغۇزلۇقتا مەن خۇددى سوغۇقتا تىترىگەن ياپراقتەك، ئاجىز نۇرى بىلەن يىلىنجاپ قالغان شامدەك ھارارەتكە- مىھىر-مۇھەببەتكە تەشنا بولۇپ كىتىمەن خالاس. بۇ ھارارەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ يول ئىزدەندىم. بىراق ئاخىرىدا بايقىدىمكى، ھەقىقىي چىن ۋە ساپ مۇھەببەت ــ ئاتا-ئانا مېھرى ئىكەن. 


   بىلمەي دەپتىمەن جانا چىرايلىق،
   ماڭا ئوخشايدۇ بالام چىرايلىق.
  ئايرىلغان چاغدا بىلدىم كېچىكىپ،
  ئىكەن ھەممىدىن ئانام چىرايلىق. 


    كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى ئىدىم. بىچارە ئانام ئوغۇل پەرزەنتى كۆرۈش ئۈچۈن ئۈچ قىز تۇغۇپ، يۈرەك پارىسى بولغان بىر قىزىدىن ئايرىلىپ، ئاخىرىدا تۆتىنجى تۇغۇتىدا مېنى دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغان ئىكەن. كىچىكىمدىن كېسەلچان بولغاچقا ئاتا-ئانامنىڭ تېخىمۇ ئاسرىشىغا ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشتىم. ھەر دائىم ئانامنىڭ چېھرىدىن خۇددى تولۇن ئايدەك پارلاپ تۇرغان مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرگەندەك بولاتتىم،ھەتتا ئانام ئىككى ھەدەمدىن يوشۇرۇن ماڭا پۇل، قەنت-گىزەكلەرنى بېرىپ تۇراتتى. 18يىلدىن بېرى، يول-يول قورۇقلار ئانامنىڭ يۈزىگە يىللارنىڭ ئىزىنى بىسىپ ئۆتتى،بىراق ئانامنىڭ چېھرىدە پارلاپ تۇرغان ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ يىللارغا بىقىپ ئازلاپ قالمىدى، مېھىر-مۇھەببەت بۇ 18يىلدا مەندىن ئايلاندىمۇ؟ ياق،ياق! ئادەم ھەرگىز قانائەت قىلمايدىكەن. مەنمۇ سەۋىرسىزلارچە مېھىر-مۇھەببەت ئىزدەش يولىدا ئۆزۈمنى قىيناپ يۈردۈم.


 سىنى ئەسلى ۋاپالىق قىز دەپ،
  ماڭا يالغان قىلمايدۇ سۆز دەپ.
 خۇددى لەيلى مەجنۇندەك بىز دەپ،
 شېرىن خىيال سۈرگەنلىكىمدە.


 بەزىدە خىيالچان بولۇپ قالىمەن. ئۆز ھاياتىم، كەلگۈسۈم ئۈستىدە ئويلىنىمەن. بىر چاغلاردا كاللام ئارزۇ ئۈچۈن ئىشلىمەس بولدى. خىيال قۇشلىرىم ئەمدى يىراق كەلگۈسى ئاسمىنىدا ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنىڭ گۈلزارلىقىدا ئەركىن قانات قاقىدىغان بولغانىدى. خىيالىمدا پەقەت ۋە پەقەت شۇ گۈزەل رەنا...
     ياشلىق تولىمۇ گۈزەل،رەڭگارەڭ. بۇ گۈزەل پەسىلدە قىز-ئوغۇللار مۇھەببەت قاينىمىغا شۇڭغۇپ، ھەتتا بىر-بىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىشىدۇ. بىلىپ-بىلمەي مەنمۇ شۇ قاينامغا شۇڭغۇدۇم، لېكىن باشقىلارغا ئوخشاش بۇ قاينامدا ئۆركەشلەپ، دولقۇن چىقىرالمىغاندەك قىلاتتىم. چۈنكى مەن ياخشى كۆرگەن،،قەلب ھۇجرامغا ھېچقانداق رۇخسەتسىز، يالاڭئاياقلا مېڭىپ كىرگەن بۇ گۈزەل قىز مېنى ياخشى كۆرمەيتتى. ھەر قىتىم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مۇھەببەتنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى ئىزلىگىنىمدە، ئۈمىدلىك كۆزلىرىم جاۋابسىز قالاتتى. مەن بىر يوشۇرۇن ياخشى كۆرگۈچىگە، مەشۇقسىز ئاشىققا ئايلانغانىدىم.
    ئۇنىڭ تال-تال چاچلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان يۇمىلاق يۈزى، سۇس قىزىل مەڭزى، بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇرغان كىچىككىنە زىنىقى، بۇلاقتەك قارا كۆزلىرى قوشۇلۇپ كىشىگە باشقىچە ئىستىتك زوق بېرەتتى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتسام،ئۇ كۆڭلۈمدىكى بىر پەرىزات. ناخشىدىكى «ئايدىن يورۇق يۈزىڭىز، تۈندىن قارا كۆزىڭىز» دىگەن مىسرالار خۇددى ئۇنىڭغا قارىتىپلا ئېيتىلغاندەك.
     خىيالىمدا يەنىلا ئۇ. قاينامغا تىخىمۇ چوڭقۇر چۆكتۈم. گەرچە ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنىللا ئۇنى ساقلاشنى تاللىدىم. لېكىن ئادەم ناھايىتى ئىچى تار كېلىدىكەن، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن كۈلۈپ چاقچا قىلىشقانلىرىغا قاراپ ئىچىم ئەلەمگە تولدى، غەزەپ ۋو چوڭقۇر ئازاب بېرلىشىپ يۈرىكىمنى قاتتىق مۇجۇدى. ئاخىرى مەن چىداپ تۇرالمىدىم، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى، ئۆزۈمنىڭ يولىغا مىڭىشنى تاللىدىم. 


ئازار بەردىڭ دىلىمغا يىلىنمايمەن بىلىپ قال،
 پىراقىڭدا كۆيسەممۇ سىغىنمايمەن بىلىپ قال.
كېتەر بولساڭ كېتىۋەر، يار بەختىڭنى تېپىۋال،
قىينالساممۇ قولۇڭغا ئېسىلمايمەن بىلىپ قال. 


    لېكىن ئادەملەر ھەمىشە ئېرىشەلمىگىنى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، ئېرىشەلمىگەن نەرسىنىڭ كويىدا بولۇپ، تەشنا بولۇپ يۈرىدىكەن. مەن كۈنلەر ئۆتكەنسىرى يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. خىيالىم يەنىلا شۇ قىزدا، بارغانسىرى ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىشقا ئايلاندى. ئانامنىڭ «ئوغلۇم، ئۈچ بالىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقى سەن،سەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ يۈزىنى يورۇتقۇچىسى» دىگەنلىرى ئاللىقاچان ئېسىمدىن كۆتۈرۈلگەن، كاللامدا پەقەتلا شۇ پەرىزات، شۇ پەرىشتە. 


  خىيالىمدا ياشاپ يۈردۈڭ يىگانە،
 سېنى دەپ مەن ئەقلى ھوشتىن بىگانە.
  ساڭا مەپتۇن ھەتتا كۆكتە ھىلالە،
  زىلالە، زىلالە، لىلالە...


 يالغۈزلۇق ئادەمنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. ئادەملەر يالۈۇزلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرىشىدۇ. كۈنلەر پىغان ئىچىدە ئۆتمەكتە.«ۋاقىت ھەممىنىڭ دورىسى» دەپ راسىت دەپتىكەن. مەنمۇ تەنھالىقنى تاشلاپ، ئۆز دۇنيارىمدا ئەركىن ياشاشنى تاللىدىم. بولۇشىغا دوسىت تۇتىۋاتىمەن. يالغۇزلۇق ئادەمنى زەئىپلەشتۈرىدۇ،ئادەملەر يالغۇزلۇقتىن  ئۆزىنى قاچۇرىشىدۇ، كۈنلەر پىغان ئىچىدە ئۆتمەكتە.«ۋاقىت ھەممىنىڭ دورىسى » دەپ راسىت دەپتىكەن، مەنمۇ تەنھالىقنى تاشلاپ، ئۆز دۇنيارىمدا ئەركىن ياشاشنى تاللىدىم. بولۇشىغا دوست تۇتىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ دوسىتلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى قىزلار ئىدى. مەن ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتىم. بىراق ھەر نېمە قىلغىنىم بىلەن قەلبىمدىكى لاۋىلداپ يېنىپ تۇرغان مۇھەببەت يالقۇنى ئەسلا ئۆچۈپ قالغىنى يوق. ئۇنىڭدىكى شۇ گۈزەل خۇلۇقلارنى، تاتلىق تەبەسسۇمنى باشقىلاردىن ئىزدەپ كۆردۈم، لېكىن ئەسلا تاپالمىدىم. تەلۋىلەرچە دوست تۇتۇش، ئويناش مەندىكى ئازابنى يەڭگىللەتكەنمۇ بولدى. كۈنلەر ئۆتمەكتە،«پەرىشتە»،«پەرىزات» يوق كۈنلەر ئوخشاش بىر رېتىمدا ئۆتىۋەرمەكتە. مۇھەببەتنىڭ دەشىت-باياۋانلىرى مېنى تۇرمۇشتىن، يېنىمدىكى خۇشاللىقلاردىن ئايرىپ تاشلاپ، مېنى يالغۇزلۇق بوسوغۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا. ئاسماندىكى ئاي ۋە يۇلتۇز مېنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇمغا ئايلانغانىدى. ئۇلار مېنىڭ خارۇ-زارىمغا جىم ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالاتتى. بەزىدە خۇددى ماڭا ئىچ ئاغرىتىقاندەك ۋە ياكى ئاللىقانداق نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى جىمىرلاتقىنىچە بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراپ قوياتتى. مەن بولسام يەنىلا ئۆزۈمنى ناخشا بىلەن گوللايتىم. 


 ئەپسۇس دەيمەن باغرىم ئەلەم
  زېرىكىمەن يالغۇزلۇقتىن
  ساڭا يېتەلمەگەنلىكىمدىن
 ياكى سەن ھەم كۈلەرسەنمۇ

 داۋامى بار...


    ( ئەسەردىكى شېئىرلار ناخشا تېكىستىدىن كۆچۈرۈپ   ئېلىندى. )  

     





358 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 0:22:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ