تەغدىرىم دەيمۇ3-قىسىم تەسىرلىك ھىكايە
مەن تاغام بىلەن مومامدىن بەك نەپرەتلەندىم، ئۇلارنىڭ شۇنداق رەززىل ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، دانىيە ئاتا ئانىسنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى ئىدى، ئەسلى ئۇ بەخىتلىك ياشاشقا تامامەن ھەقلىق، لىكىن ئۇنىڭ ياشلىق باھارى، ياق پۈتۈن ھاياتى بىزنىڭ ئائىلىدە ، تاغامنىڭ قولىدا نابۇت بولدى…
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردىلا قۇلىقىمغا دانىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، لىكىن ئەتىراپ جىمجىت ئىدى. ئاخشام تاغام يەنە ئۆيگە كەلمىدى، بىر خىل كۆڭلۈم ئەنسىرەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم ، ئۇلارنىڭ ھۇجرىسى جىمجىت ، ئىشىكنى چەكمەكچى بولدۇم يۇ ، لىكىن ئۇخلاۋاتقان بولسا كېرەك دەپ يەنە پەسكە چۈشۈپ كەتتىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي مومام ئورنىدىن تۇردى كۈندە تەييار ناشتىغا چىقىپ ئۈگۈنۈپ قالغان مومام رەتلىك تۇرغان ئاشخانىغا قاراپ زەردە بىلەن «ئاۋۇ بىرنىمە تېخى ئورنىدىن تۇرماپتىما، كېچىچە يىغلاپ ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ئۇخلىغىلىمۇ قويمىدى، ئەتىدىن باشلاپ مەنمۇ ئاستىنقى قەۋەتتە ياتىمەن، ئۈستىنى بىر ئالىدىكەن ئۇ »دىدى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈگۈرگەن پېتى ئۈستىگە چىقتىم، ئىشىكنى ئىتتىردىم ،لىكىن ئىشىك ئىچىدىن تاقىۋىلىنغان ئىدى. «دانىيە ئىشىكنى ئاچقىن ، ساڭا دەيدىغان گېپىم بار، ئۆتۈنەي يىغلىمىغىن» مەن ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمىدىم، ئاخىر ئىشىكنى بار كۈچۈم بىلەن نەچچىنى تەپتىم ، قۇلۇپ بۇزۇلۇپ ئىشىك ئېچىلدى، قاراپ ھەيران قالدىم ، دانىيە ئاپئاق ،ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ چاچلىرنى قويۇپ كارۋات ئۈستىدە ياتاتتى، يىقىن بېرىپ قارىسام ئۇ تويلۇق زىبۇ زىننەتلىرنىمۇ تاقىۋاپتۇ، تويلۇق سۈرىتىنى باغرىغا چىڭ بېسۋاپتۇ، ئۈستەل ئۈستىدە بولسا ئىككى قۇرۇق دورا بوتۇلكىسى تۇرۇپتۇ، مەن شۇندىلا دانىيەنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغىننى بىلدىم، ئەپسۇس ئۈچ سائەت بۇرۇن كۆرگەن بولسامچۇ… ئۇنى كۆتۈرۈپ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم ، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش ئۇنىڭ كۆڭلەكلىرنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى، دۇختۇر ئۇنى قۇتقۇزالمىدى ، چۈنكى ئۇ ئىككى قۇتا ئۇيقۇ دورىسنى بىراقلا ئىچىۋەتكەن ئىكەن … دۇختۇر ئاخىردا بوش ئاۋازدا «ھامىلىنىمۇ قۇتقۇزالمىدۇق» دىدى، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، شۇ ئارىدا تاغام بىلەن مومام كەلدى ، ئۇلار پەقەت يىغلاشنىلا بىلدى، دانىيەنىڭ ئاتا ئانىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تاغاملار بىلەن جىدەللىشىپ كەتتى، مەن چىدىمىدىم…
مانا بۈگۈن سۆيگۈنۈم دانىيەنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتىمەن، ئۇنىڭغا بارچە دەرتلىرىمنى تۆكۈۋاتىمەن ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئورنىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراۋاتىمەن، لىكىن ھەممىسى جاۋاپسىز… ئەي خۇدا ، مەن يەنە تەغدىرىم دەپ ياشاۋىرەيمۇ…




320 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 17:08:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ